yoltap يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 10:45:08

ئىبراي تىلىنىڭ تىرىلىشى[كۆچۈرۈلمە]

ئىبراي تىلىنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشى تىلشۇناسلىق تارىخىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ بىرى. چۈنكى بۇ ئىش 2000 يىلدەك  ئىشلىتىلمەي كەلگەن تىلنى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قايتۇرۇپ كەلدى.


   ئىبراي تىلى يەھۇدىي مىللىتىنىڭ  تىلى بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى. ئۇ، سېمىت تىلى ئائىلىسىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1200- يىللاردا ئىسرائىلىيىكلەرنىڭ ئالاھىدە تىلىغا ئايلانغان. كۆپلىگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر، يازما يادىكارلىقلار مۇشۇ تىلدا يارىتىلغان. بۈگۈنكى  كۈندە بۇ ماتىرىياللار  ئاساسلىقى « ئىنجىل »  ۋە زور مىقداردىكى يەھۇدىي دىنىي دەستۇرلىرى  ھەم يازما ھۆججەتلەردە ساقلىنىپ قالغان. مىلادى 70- يىلى رىملىقلار يەھۇدىيلارنىڭ  مەركىزىي شەھىرى  ئېرۇسالىمنى ۋەيرام قىلغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلار ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قېچىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان.  كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تىلىنى سۆزلىگەچكە  ئىبراي تىلىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم بولغان. مىلادى 200- يىلىغا كەلگەندە  بۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان  ئادەم قالمىغان.  گەرچە  ئىبراي تىلى جانلىق  ئېغىز تىلىلىق سالاھىيىتىدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ  ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان يەھۇدىيلارنىڭ  دىنىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغاچ ۋە تەتقىق قىلغان چاغدا، كۈنىگە  ئۈچ ۋاق قىلىدىغان ئىبادەتلىرىدە يەنىلا ئىبراي تىلىنى ئىشلەتكەن. ئەلىزبىن يەھۇدا دېگەن كىشى  ۋىېنادا چىقىدىغان  ئىبراي تىلىدىكى ژورنال  « تاڭ نۇرى » دا  « چوڭ ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك  مەسىلە » ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ  ھازىرقى دەھرىي  دۇنيادىكى  ئىسمىلاتسىيىنىڭ  بېسىمى ئاستىدا يەھۇدىيلارنىڭ  مۇستەقىل مىللەت سۈپىتىدە  مەۋجۇت  بولۇپ تۇرۇشتەك چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئورتاق تىل ۋە ئورتاق ئائىلىنىڭ يەھۇدىي مىللىتىنىڭ  مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشدىكى  مۇقەررەر شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  بۇ ئورتاق تىل ئىبراي تىلى، ئورتاق ئائىلە بولسا  ئىسرائىلىيە ئىدى.  شۇ چاغدىكى ئەھۋالدا يەھۇديىلار  ئىبراي تىلىدا سۆزلىمەيتتى ھەمدە  زور كۆپ ساندىكى يەھۇدىيلار  ئىسرائىلىيىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى. مىللەتنىڭ دداۋاملىشىشى ۋە قايتا گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئىبراي تىلىدا قايتىدىن سۆزلىشى كېرەك ئىدى.


   يەھۇدا توي قىلغاندىن كېيىن 1881- يىلى ئىسرائىلىيىگە قايتىپ كېلىپ ئېرۇسالىمدا ئولتۇراقلىشىشىدۇ ھەمدە  باشقا يەھۇدىيلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا  ئىبراي تىلىدا سۆزلەشكە بەل باغلايدۇ. 1882- يىلى ئۇنىڭ  تۇنجى بالىسى تۇغۇلىدۇ. بۇ بالا ئاز كەم 2000 يىلدىن كېيىن ئىبراي تىلىنى ئانا تىلى سۈپىتىدە  سۆزلىگەن  تۇنجى يەھۇدىي بالا بولۇپ قالىدۇ. يەھۇدا مۇشۇنداق جانلىق ئۈلگە تىكلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىل ئىديىسى ۋە مىللىي ئىدىيىسىنى تارقىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. 1884- يىلى ئۇ، بىر ھەپتىلىك گېزىتنى چىقىرىشنى باشلاپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆز ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى تىلنىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شۇ دەۋر جەمئىيىتىنىڭ  ئىھتىياجىنى تەمىنلەيدىغان بىر لۇغەت تۈزۈش ئىشىغا تۇتۇش قىلىدۇ.  بەزى يېڭى ئىدىيىلەرنى  ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كونا سۆزلەر تېپىلمىغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەستىن ئەسلىدە بار بولغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىدۇ ياكى يېڭى سۆزلەرنى ياسايدۇ. نۇرغۇنلىغان  زامانىۋى سۆزلەرنى  كىرگۈزۈپ زامان تەلىپىگە ماسلاشتۇرىدۇ. ئۇ، بۇ ئىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن  1890- يىلى 12- ئايدا يەنە بىر ئىبراي تىلى كومىتېتى ( كېيىن  ئىبراي تىلى تەتقىقات  يۇرتى بولۇپ كېڭەيگەن ) نى قۇرغان. يەھۇدا ئىسرائىلىيىگە  كېلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن  يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان  چوڭ قىرغىنچىلىق  شەرقىي ياۋرۇپانى قاپلىغاندا  نۇرغۇنلىغان يەھۇدىيلار يۇرتىنى تەرك ئېتىپ كۆپىنچىسى غەربىي ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا قاچقان. يەنە بىر نەچچە مىڭ كىشى  ( ئاساسلىقى خىيالپەرەس ياش ئوقۇغۇچىلار ) مۇقەددەس زىمىنغا قايتىپ  كېلىش  چاقىرىقىغا  ئاۋاز قوشقان. ئۇ،  بۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ تىل ئىدىيىسىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى  خالايدىغان مەسلەكداشلىرىنى تاپقان. ئۇلار ئىبراي تىلىنى پىششىق بىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مۇقەددەس كىتابلارنى ئوقۇش ياكى ھەر كۈنلۈك ئىبادەتتىلا پايدىلىناتتى. يەھۇدا  ئۇلاردىن ئىبراي تىلىنى  ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ بالىلىرىنى بۇ تىلنى ئانا تىل سۈپىتىدە  دەرھال ئۆگىنىش كېرەكلىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.  ئۆز ۋاقتىدا پەلەستىن رايونىدىكى  يەھۇدىي مەكتەپلىرىدە  ئىبراي تىلىدا دەرس ئۆتۈلسىمۇ، لېكىن بۇ تىل دىنىي كىتابلار  تىلى ھېسابلانغان قەدىمكى  ئىبراي تىلى ئىدى، دەرىسخانىدىكى يېتەكچىلىك  ۋە ئالاقىدە  بولسا ئەرەب تىلى ھەمدە فرانسۇز، نېمىس، ئېنگىلىزتىلى قاتارلىق تىللار ئىشلىتىلەتتى. يەھۇدانىڭ تەلىپى  ئورۇنسىز ھەمدە  ئىمكانىيىتى يوقتەك كۆرۈنەتتى، چۈنكى ئىبراي تىلىنى بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەزەلدىن  بۇ تىلنى جانلىق تىل سۈپىتىدە  ئاكتىپ ئىشلەتمىگەن ئىدى. 22 ھەرپلىك ئىبراي تىلىدا سوزۇق تاۋۇش ھەرىپى يوق ئىدى ھەمدە خەنزۇ  ۋە غەرب يېزىقلىرىغا ئوخشاش سولدىن – ئوڭغا يېزىلاتتى.


يەھۇدانىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئىبراي تىلى مەكتىپى  بىر مەزگىللىك تېڭىرقاش، ئىزدىنىش  ئارقىلىق كىچىكلىكتىن تەرەققىي قىلىپ5-،6- يىللىقلارغىچە كېڭەيدى.  1903- يىلى ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. دەرس تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى. يېڭى سۆزلەر مۇقىملاشتى. زۆرۈر دەرسىلىك  كىتابلارمۇ پەيدىن – پەي بارلىققا كەلدى.  1- دۇنيا ئۇرۇشى  مەزگىلىگە كەلگەندە  ئىسرائىلىيىدە تولۇق  ئىبراي تىلى  ئىشلتىدىغان  64- تەلىم – تەربىيە ئورگىنى بارلىققا كەلدى.  يەنى 22 بالىلار باغچىسى، 34 باشلانغۇچ مەكتەپ  ( بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمى سەككىز يىللىق  ) ، ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر قىزلار ئىنىستىتۇتى، بىر يەسلى سىفەن مەكتىپى، ئىككى سودا مەكتەپ، بىر سەنئەت مەكتىپى ۋە بىر يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بارلىققا كەلدى.  ئۇ چاغلاردا مەكتەپكە  كىرگەن بالىلار  ئاخىرقى ھېسابتا  ئىبراي تىلىنىڭ  قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندى.  1902- يىلىدىكى  بىر گېزىتتە « بىراۋ  بىر قىزچاقنىڭ  قولىدىكى قونچاقنى  ئېلىپ قاچقاندا  مەكتەپكە كىرگىنىگە ئەمدىلا بىر ئاي بولغان  بۇ قىزچاق ھېلىقى ئادەمنىڭ قولىغا ئېسىلىپ ئىبراي تىلىدا، قايتۇرۇپ بەر، قايتۇرۇپ بەر، دەپ توۋلىغان. بىراق ھېلىقى كىشى زەھەرخەندىلىك بىلەن نېمىنى قايتۇرۇپ بېرىمەن ؟ سەن يددىش تىلىدا سۆزلىسەڭ ئالتۇن تەڭگە بېرىمەن، دېگەن  ھەمدە يالتىراپ تۇرغان  ئالتۇن تەڭگىنى چىقىرىپ ھېلىقى قىزچاققا تەڭلىگەن. بىراق، قىزچاق بۇنى رەت قىلىپ، داۋاملىق ئىبراي تىلىدا سۆزلىگەن.»


   ئىبراي تىلىنى داۋاملىق ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش  1- دۇنيا  ئۇرۇشى ھارپىسىدىكى  «تىل ئۇرۇشى »دا ئىپادىلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ خەيرى – ئېھسان  ئورگىنى مەبلەغ چىقىرىپ بىر تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قۇردى. پىلانلىغۇچى : « نېمىس تىلى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىدىغان تىل بولغاچقا  ئىنىستىتۇتتا دەرىسلىكلەر نېمىس تىلىدا ئۆتۈلۈشى كېرەك » دەپ قارىدى.  بۇ خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى  يەھۇدىي ئاتا – ئانىلار قارشى تۇرغانلىقتىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى كەينىگە سۈرۈلگەن.  تېخىمۇ ئەھمىيەتلىكى شۇكى خەيرى – ئېھسان  ئورگىنى باشقۇرۇۋاتقان ئېرۇسالىم  ئىنىستىتۇتىدىكى  بارلىق ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار  مەكتەپنى تاشلاپ، مەبلەغ يوق ئەھۋال ئاستىدا  بىر شەخسىينىڭ تۇرالغۇسىدا پۈتۈنلەي  ئىبراي تىلىدا سۆزلەيدىغان  ئىنىستىتۇت ئاچقان. شۇنىڭغا  ئوخشاش مەملىكەتتىكى  باشقا مەكتەپ  ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرىمۇ  بارلىق دەرىسلەرنى  ئىبراي تىلىدا ئۆتۈشكە  باشلىغان.  1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ  ئاخىرقى  مەزگىلىگە كەلگەندە  تېخنىكا ئىنىستىتۇتى  ئىبراي تىلىنى دەرس ئۆتۈلىدىغان  بىردىنبىر  تىل قىلغان ھەمدە ئىبراي تىلى ئۈنىۋېرسىتېتى قۇرۇشنى پىلانلىغان. 1925- يىلى ئىبراي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ  ئېچىلىشى پۈتكۈل مىللەتنىڭ  چوڭ ئىشىغا ئايلانغان.  ئانا تىل سەۋىيىسىنىڭ  قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر  ئىبرايچە مەكتەپلەردە بىر نەچچە يىل ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار  تەبىئىي ھالدا  ئىبراي تىلىدا سۆزلىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئوقۇغۇچىلار  ئۆز – ئارا توي قىلىپ بالا – چاقىلىق بولغان. ئۇلار تۇتقان ئائىلىدىمۇ  ئىبراي تىلىدا  سۆزلىشىش ئۇمۇملاشقان. شۇنداق قىلىپ  مۇشۇ  ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا تۇنجى ئەۋلاد ئىبرايچە سۆزلىشىدىغان ئائىلىلەر بارلىققا كەلگەن.



يازما نامى : ئىبراي تىلىنىڭ تىرىلىشى


يازمىدا : خې دامىڭ


تەرجىمىدە : ئابلىز ئورخۇن


« ئاسىيا كىندىكى » گېزىتى 1997- يىلى 2- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى سانىدىن



مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=10834

uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 14:43:07

ئەينى ۋاقىتتا ئىسرائىليەمۇ يوق ئىدى

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 15:49:08

مەن ئويلاپ قالدىم،بىزمۇ كېيىنچە شۇنداق كۈنلەرگە قالارمىزمۇ دەپ .......

ب اشقىلار بىلەن توي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ،مەيلى ئۇ مەيلى مۇسۇلمان مەيلى ئۇ ئەرەپ بولسۇن قېنىمىزنىڭ ساپلىقىنى ،ئانا تىلنى جان تىكىپ قوغداش كېرەك

-ataman- يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 01:20:52

ئىبراي تىلىنىڭ خەتلىرى ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ.
بەت: [1]
: ئىبراي تىلىنىڭ تىرىلىشى[كۆچۈرۈلمە]