كارتۇن: سىندىباد
بۇمۇ بىر ناھايىتى نادىر CG كىنولارنىڭ بىرى، دىمەكچى بولغىنىم، گەرچە 2003- يىلى، يەنى بۇنىڭدىن 9 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن بولسىمۇ، Deam Works تا شۇچاغدىمۇ مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە تالانتلىق كىشىلەر بار ئىكەن. بىزدە، سىندىباد نامىدىكى ھېكايىلەر بالىلىقىمىزغا ھەمراھ بولغان. بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن كىتاپ دىگەن كىتاپ، كىنو دىگەن كىنو-دە، بالىلىرىمىز ۋە ئۇكىلىرىمىز ھېكايە كىتاپتىنمۇ، كىنودىنمۇ قۇرۇق يۈرسە بولمايدۇ.
ئېنگىلىزچە Sinbad دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ كىنودا، غەرب ھېكايە ئېلېمېنتلىرى سىڭدۈرۈلگەن، 2D شەكلىدە رەڭلەنگەن، سەنئەتلىك ئىشلەنگەن بۇ كىنو چىرايلىق ئوبراز، يېقىملىق مۇزىكا، قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەرگە ئىگە، مۇنەۋۋەر ۋە ئۇنتۇلماس كارتۇن ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى. كارتۇن سىندبادنىڭ دېڭىزدىكى قاراقچىلىقىدىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا، بۇ كارتۇنمۇ ئۆزىڭىز ئۆگەنگەن ئېنگىلىزچە سۆزلەملەرنى ئاڭلاپ مەشىق قىلىشنىڭ ئوبدان ماتىرىيالى.
كىنو ئىسمى: سىنباد Sinbad 辛巴达七海传奇
دۆلىتى: ئامېرىكا
ئىشلىگەن شىركەت: چۈش زاۋۇتى (Deam Works)
ئىشلەنگەن ۋاقىت: 2003- يىل
كۆرۈش: سىن دېسكا دۇكانلىرى ياكى تور، تەۋسىيە ئادرىس: www.pipi.cn نىڭ پىپى قويغۇچىنىڭ ئىزدەش رامكىسىدىن ئىزدەڭ.


5- قەۋەتتىكى rohqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندە بۇ كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار. چىنتۆمۈر بلوگى تەرجىمە قىلغان ئىكەن
ئادرىسىنى ئىۋەتىڭە خاپۇمماي
4- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت، ھى..ھى..، قېنى دوپپام.
تۇيۇقسىز دوپپا مەسلىسى پەيدا بولاپ قاپتىيا ،چۈشەنمەي قالدىم ،ھى ھى ھى ھى


6- قەۋەتتىكى crazy_for_uنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى rohqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندە بۇ كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار. چىنتۆمۈر بلوگى تەرجىمە قىلغان ئىكەن
ئادرىسىنى ئىۋەتىڭە خاپۇمماي
چىنتۆمۈر بلوگى باقىيلىق بۇلۇپ كەتكىلىمۇ بىرە يىلدىن ئاشتىمىكى. بۇ كىنونى تەرجىمە قىلغىلىمۇ نەچچە يىل بۇلۇپ قالدى چەتئەلنىڭ كارتونلىرىغا كارامەت ئامراقتىم ، ئۇرۇش مۇشلاش دىگەنگە قارىغاندا ماندا كىنونى تازا قىزىقىپ كۈرىمە ~~
8- قەۋەتتىكى rohqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى crazy_for_uنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى rohqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندە بۇ كارتوننىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار. چىنتۆمۈر بلوگى تەرجىمە قىلغان ئىكەن
ئادرىسىنى ئىۋەتىڭە خاپۇمماي
چىنتۆمۈر بلوگى باقىيلىق بۇلۇپ كەتكىلىمۇ بىرە يىلدىن ئاشتىمىكى. بۇ كىنونى تەرجىمە قىلغىلىمۇ نەچچە يىل بۇلۇپ قالدى
ۋوي شۇندامۇ ،زاماننىڭ ئاقىدا قاپتىمەندە،،،ھى ھى ھى
مەنمۇ كۆرگەن بۇ كارتۇننى ھەم ياختۇرغان.
ئامېركىنىڭ كارتۇن فىلىملىرىدە مەيلى ھايۋانلارنىڭ ئوبرازى بولسۇن، مۇز دەۋرىگە ئوخشاش، مەيلى ئادەملەرنىڭ ئوبرازى بولسۇن، يۇقارقىدەك ئامېركىلىقلارنىڭ خاراكتېرى ۋە گەپ سۆز قىلىش ئادەتلىرى كۈچلۈك ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئادەتتىكى كىنولىرىدىمۇ شۇ، كىنو ياكى كارتۇن سىنارىيسى ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ خاسلىقى بىلەن كارى يوق، يەرلىك پۇراق يوق. r ھەرپى چۈشۈپ قاپتۇ {:90:}
بۇ ناملىق كالتە كىتابلارمۇ بەك پەيزىتى ئۇل زامانىدا
7- قەۋەتتىكى crazy_for_uنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت، ھى..ھى..، قېنى دوپپام.
تۇيۇقسىز دوپپا مەسلىسى پەيدا بولاپ قاپتىيا ،چۈشەنمەي قالدىم ،ھى ھى ھى ھى![]()
بىرسى ماختىسا دوپپىمىز ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەيدىغان گېپىمىز بار ئىدى، دوپپامنى بېسىپ قوياي دەپ..
