tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-25 15:34:40

(تىلمىش)ئاقسۇنىڭ توپىسى ياپونىيەدە

تۇرمۇش، ئوقۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇزۇن بولدى قولغا قەلەم ئېلىپ( ياق كومپىيوتۇرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا ئېسىلىپ دەيمىزما )بىر نەرسە يېزىپ باقمىغىلى. ئالدىنقى كۈنى بىر خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشقان، يىغىننىڭمەزمۇن چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان بۇ يىغىندا ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى دوكلاتلار بېرىلىپ تۇردى. تۈنۈگۈن ئەتىگەن بېرىپ ئاڭلىغان دوكلات بىئو-فىزىكا ساھەسىگە كىرىپ قالدىكەن، ئاقسىلنىڭ تۈزىلىشى دىگەندەك گەپلەر بىلەن تولا مۈگدەك بېسىپ كەتتى. شۇ ئەسنادا ئولتۇرسام دوكلات تۈگىگەندە يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق، پاراڭ ئارلىقىدا نەدىن كەلگەنلىكىمنى سوراپ قالدى. جوڭگودىن دىسەم تازا ئىشەنمەيدۇ، يۈرتۇمنى دەپ بەرسەم تېخىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ھازىرئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئىزدىنىشلىقبالىلارسىرتلاردا تولا ئۇچرايدىغان گاڭگىراشنىڭ بىرسى مۇشۇ بولسا كىرەك.شۇ ئەسنادا دوكلات باشلىنىپ قالدى. بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ تىمىسىغا قارىسام بەزى تۇنىمايدىغان ئاتالغۇلار بار ئىكەن. دوكلات بەرگۈچى ياپونلوق پىروفىسور ئازراق سۆزلىگەندىن كىيىن مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بىردەم ئاڭلاپلا يەنە مۈگدەك باساي دەپتى، تۇرۇپلا «ئاقسۇ»(Aksu) دەپ سۆزلەۋاتمامدۇ. دەرھاللا دىققىتىمنى يىغدىم. دوكلات بەرگۈچى ئىكرانغا تۆۋەندىكى خەرىتىنى چىقىرىپ قويۇپ سۆزلەۋاتاتتى.






شۇنىڭ بىلەن مۈگدەكمۇ بىر ياقلارغا كەتتى ۋە يېنىمدىكى بۇرادرگە ئۆزەمنىڭ ئىكراندىكى خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن يەردىن كەلگەنلىكىمنى دەپ قويدۇم.


مۇشۇ يەر جاي ناملىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى بەك قىزىق. بېيجىڭنى تۇرۇپ (Peking) دەپ يېزىۋاتقان، تۇرۇپ (Beijing) دەۋاتقان.ئارىمىزدا بەزى بالىلار ماقالە ئېلان قىلسا ئىنگىلىزچە ئسىمىنىپنيىنچە يېزىۋاتقان يا بولمسا لاتىن ھەرىپى بويىچە ئۇيغۇرچە يېزىۋاتقان. بۇنىڭغا مىسال ئېلىپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ، مەسىلەن( Alimu)، (Alim) دىگەندەك. ئەسلى ماھىيىتىدىن ۋە كىملىك بويىچە ئالغاندا توغرىسى كىملىكتىكى ئىسىمنىڭ پىنيىنچىسى بولىشى كىرەك. ئەمما بۇنىڭدا چوڭ چاتاق يوق، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئالسا بولىۋېرىدۇ، مىنىڭچە بۇ بەزى ئىشلارغا جىق پۇتلۇشۇپ كەتمەيدۇ، ماقالىدىكى ئىسىمنى پاسپورت ۋە كىملىكتىكى ئىسىمگە ئوخشىمىسا ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ قويسا بولىۋېرىدۇ. ئەمما يەر-جاي ناملىرىنى خالىغانچە ئىشلەتسە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. يېقىندا تېخى ئاقسۇدىن لەنجۇغغا كەلگەندە ئالغان بېلىتىمدە(Akesu) دەپ يېزىقلىق. لېكىن ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغىچە بولغان بېلەتتە بولسا (Wulumuqi) دەپ ئەمەس (Urumqi) دەپ يېزىقلىق. نىمىشقا بۇندا ئىككى خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ؟ ناۋادا مۇشۇنداق دەۋەرسە ئىككى خىل قالايمىقانچىلىك كىلىپ چىقمامدۇ؟ ناۋادا بۇ پىروفىسور بۈگۈنكى دوكلاتتا Aksu ئەمەس Akesu دىگەن بولسا يەنە مۈگدەپ ئولتۇراركەنمەن.


شۇنداق قىلىپ نەگە كەلدۇق.دوكلاتنى قىزىقىپ ئاڭلاشقا باشلىدىم. تاكاھاشى (توغرىمۇ؟) (Takahashi) دىگەن بۇ پىروفىسور دوكلاتىدا شەرقى ئاسىيا چاڭ-توزاڭلىرىنىڭ تەركىبىدىكى مىنرال ئېلىمىنتلارنىڭ (بولۇپمۇ تۆمۈرنىڭ ) شىمالي ئاتلانتىك ئوكياندىكى سۇ يۈزى ئۆسۈملۈكى (phytoplankton) نىڭ ئۆسۈشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپتۇ. ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاقسۇ(تەكىماكان گىرۋەكلىرى)، چىڭداۋ ۋە ياپونىيەدىكى تۇسۇكۇبا(توغرىمۇ)(Tsukuba)دىن ئالغان توپىنىڭ ئۈلگە نۇسخۇسىنى ئېلىپ X نۇر دىفىراكسىيەسى(XRD) بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق بەزى تەركىبلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى بايقاپتۇ.




يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئاقسۇنىڭ چاڭ توزىنى تۇسۇكۇباغا بارغىچە ئارلىقتا بەزى تەركىبلەردە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن. ئەمما XRD بولسا پەقەت كىرىستاللىق تۈزىلىشكە ئىگە بولغان ماددىلارنىلا تەكشۈرەلەيدۇ. بەلگىلىك كىرىستاللىق تۈزىلىشكە ئىگە بولمىغان ماددىلاردا ھېچقانداق دىفراكسىيە ھاسىل بولماي كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئاقسۇدىن ئېلىنغان نۇسخا توپنىڭ تەركىبىدەئاساسلىقى ئىللىت(illite) (ئاساسلىق تەركىبى KAl2[(OH)2/(Si,Al)4O10 ،يەنە باشقا تۆمۈر قاتارلىق مېنرال ئېلىمىنتلار بار)، خىلوراتلىق تۇز(Chlorite) ۋە تۆمۈر سۈيى (Ferrihydrite)(ئاساسلىق خېمىيلىك فورمۇلاسىFe5HO8.4H2O) بار بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدەئىللىت ۋە خىلوراتلىق تۇز (ئۈستىدىكى رەسىمدە Iۋە C ) بەلگىكىك كىرىستاللىق تۈزىلىشكە ئىگە بولۇپ XRD نەتىجىسى ئارقىلىق مىقدارلىق ھىساپلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەمما تۆمۈر سۈيى (Ferrihydrite)كىرىستاللىق تۈزىلىشكە ئىگە بولمىغاچقا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولغىلى بولمايدۇ.بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئېلىمىتلارنىڭ X نۇر سۈمۈرۈش سىپىكتىرى(XAFS) ئارقىلىق ئۈچ جايدىن ئېلىنغان نۇسخا توپىنىڭ تەركىبدىكىئىللىت ۋە خىلوراتلىق تۇزۋەتۆمۈر سۈيىسۈينىڭ نىسپىتىنى تېپىپ چىققان. بۇ ئۈچ جايدىن ئېلىنغان نۇسخا توپىنىڭ XAFSسىپىكتىرى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن.



رەسىمدىكى ئۈچ توم سىزىق ئۈچ جايدىن ئېلىنغان نۇسخىنىڭ سىپىكتىرى، ئۈزۈك سىزىغلار بولسا ساپ ئىللىت ۋە خىلوراتلىق تۇزۋەتۆمۈر سۈيىنىڭ سىپىكتىرى. ئۈچ جايدىن ئېلىنغان نۇسخىنىڭ سىپىكتىرى بۇ ئۈچ خىل ساپ ماددىنىڭ سىپىكتىرىنىڭ ھېچقايسىغابەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ(ئىنىچكە تەتقىق قىلغاندا ئازراق پەرق باركەن). ناۋادا بىرەرسىگە ئوخشىىسا بۇ نۇسخىنىڭ ھەممىسى شۇ خىل ماددىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما رەسىمدە ئۈچ جايدىن ئېلىنغان نۇسخىنىڭ سىپىكتىرى ساپ ماددىنىڭ ھېچقايدىغا ئوخشىمايلا قالماستىن بەلكى ئۆز-ئارامۇ ئوخشۇشۇپ كەتمەيدۇ.بۇنداق بولغاندا توم سىپىكتىرنى ئۈچ ساپ ماددىنىڭ ئۈزۈك سىزىق ئارقىلىق كۆرسۈتۈلگەن سىپىكتىرى ئارقىلىق سىزىقلىق تەقلىدى بىرلەشتۈرۈپ(linear combination

fit) ھەر قايسى ماددىنىڭ نۇسخا ئىچىدە قانچە پىرسەنتى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن.


ئۇ يۇقارقى ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇچ جايدىن ئېلىنغان نۇسخىنىڭ تەركىبىدىكى ئۈچ خىل ماددىنىڭ نىسپىتىنى ئېنىقلاپ چىققان. نەتىجىدە ئاقسۇدىن ئالغان نۇسخىدا(illite: chlorite : ferrihydrite = 70 : 25 : 5)، چىڭداۋ دا (illite : chlorite : ferrihydrite = 65 : 15 : 20)، تۇسۇكۇبادا (illite : chlorite : ferrihydrite = 65 : 5 : 25) بولغان. دىمەك ئاقسۇنىڭ نۇسخىسىنىڭ تەركىبىدىكى خىلورات تۇزى(تەركىبىدە تۆمۈر قاتارلىق مىنرال ئىلىمىنتلار بار)يىراق مۇساپە ئارقىلىق تۇسۇكۇباغا بېرىش جەريانىدا ئاتموسفۇرادىكى ماددىلارنىڭ رىئاكسىيىسى بىلەن تۆمۈر تۇزىغا ئايلانغان. تۆمۈر تۇزىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ دېڭىز ۋە ياغغۇر سۈيىدە ئىرىشچانلىقى خىلورت تۇزىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ ئىرىشچانلىقىدنى 6 ھەسسە يۇقىر بولۇپ، ئاقسۇنىڭ توپىسى تۇكۇساباغا بارغىچە تۆمۈر تۈز سۈيى تەركىبىنىڭ كۆپىيىشى تۆمۈرنىڭ يامغۇر ۋە دېڭىز سۈيىدە ئىرىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن پايدىلىق مېنرال ئېلىمىتلار بىلەن تەمىنلىگەن. دىمەك ئاقسۇنىڭ توپىسىنىڭ تەركىبىدىكى خىلورت تۇزىنىڭ ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا تۆمۈر تۇزىغا ئايلىنشى چاڭ توزان تەركىبىدىكى تۆمۈر ئېلىمىنتىنىڭ دېڭىز سۈيىدە ئىرىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن.


يۇقارقى دوكلاتنى ئاڭلاپ مۇمكىن بولسا مۇھىت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار يۇرتىمىزدىمۇ شىمالنىڭ كىلىماتنىڭ جەنۇپقا بولغان تەسىرى، جەنۇپنىڭ توپىسىنىڭ شىمغالغا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇر تۈزلەڭلىككە ۋە شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان ئىككى جايدىكى ماددىلار ئوتتۇرىسدىكى پەرقنىڭ سەۋەبى توغۇرلۇق تەتقىقاتتا ئىزدىنىپ باقسا بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم



شۇنداق قىلىپ يازمىمىز نەگە كەلدى:


ھە شۇنداق قىلىپ ئاقسۇنىڭ توپىسى ياپوندى تەتقىق قىلىندى. زىيالى يۇرتقا كەلمەي تۇرۇپمۇ يۇرتىمىزنىڭ ھىدىنى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق ھېس قىلدى دەيمىزمۇ؟ يۇرتىمىزنىڭ چاڭ توزىڭىنىڭ پايدىسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما ياپونغا بېرىپ قالساق چاپانلاردىكى توپا-چاڭلارنى ئانچە قېقىپ كەتمىسەكمۇ بولغىدەك.


ئەمدى زىيالى ۋە فونون ۋە باشقىلار يامغۇر ياغسا كۈنلۈك ئالماي تالاغا يۈگرەپ چىقىۋالارمۇ



مەن مۇھىت كەسپىدە بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى ئاتالغۇلاردا خاتالىق بولسا تۈزىتىپ كىتەرسىلەر.



مەن چىقاي................................................

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 15:36:47

7- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

tilmixنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


شۇنداق قىلىپ يازمىمىز نەگە كەلدى:


ھە شۇنداق قىلىپ ئاقسۇنىڭ توپىسى ياپوندى تەتقىق قىلىندى. زىيالى يۇرتقا كەلمەي تۇرۇپمۇ يۇرتىمىزنىڭ ھىدىنى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق ھېس قىلدى دەيمىزمۇ\"\"؟ يۇرتىمىزنىڭ چاڭ توزىڭىنىڭ پايدىسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما ياپونغا بېرىپ قالساق چاپانلاردىكى توپا-چاڭلارنى ئانچە قېقىپ كەتمىسەكمۇ بولغىدەك.


ئەمدى زىيالى ۋە فونون ۋە باشقىلار يامغۇر ياغسا كۈنلۈك ئالماي تالاغا يۈگرەپ چىقىۋالارمۇ\"\"




ما گەپنى ماۋۇلار ھەرگىز ئاڭلاپ قالمىسۇن! ھېلىمۇ بىر دىن تۇغۇپمۇ چىۋىندىن پەرقى يوق خەقتى، ئەمدىن ئىككىدىن تۇغسا سارىسنىڭ تارقىلىشىدىنمۇ تىز تارقاپ چىۋىندىن ئېشىپ كېتىشى ئېنىق. ناۋادا ئاڭلاپ قالسا بىر بولسا چاڭ توزاندا تۇنجۇقۇپ قالىمىز، بىر بولسا يۇرتىمىزنىڭ يەر يۈزى دېڭىز يۈزىدىن پەسلەپ كېتەرمىكى.





ھا،ھا،ھا،،،،،،،،بەك توغرا دەيسىز.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 11:54:48

1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان تىخنىكىلارغۇ ماۋۇ\"\"\"\" . ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئائىت پاراڭلارنى كۆپرەك كۆرسەك بولاتتى.



ئاۋۇ ئۈستىدىكى گىرافىكقا قارىسام چاڭ توزانلارنى تاكى ياۋروپادىن تەكلىماكانغىچە مىڭىپ ياپونيەگە بارغاندەك سىخىما باركەن، بۇنىڭ ئىلمى ئاساسى نىمىكەن؟ياپونيىگە بارغان چاڭ توزانلارنىڭ مەنبەسى تەكلىماكان دەپ قاراش ئۈچۈنئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈپ ياپونيىدىكى چاڭ توزان تەركىبىنىڭ تەكلىماكان بىلەن ئاقسۇنىڭ توپىسىنىڭ تەركىبىگە ئەڭ يىقىن كىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىش كىرەك. شۇنداق سىپىكتىرلارنى كۆرسەتتىمۇ؟


قارىغاندا ئوخشاش ئۇسۇلنى ئوخشىمىغان كەسىپكە ئىشلىتىدىكەنمىز\"\"


ئاۋۇ خەرىتىدىكى سىزىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاتمىسفۇرا ئېقىم يۆلىنىشى دىگەندەك قىلغان. كىيىن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز بىلەن بەزى سوئاللارنى سوراي دىسەم ئاۋۇ ئادەم دوكلاتنى بېرىپ بولۇپلا كەتكەن ئوخشايدۇ. يا جىق ئادەمنىڭ ئارىسدا ئۇچرىتالمىدىم.


ئۈھ، بەزى نەرسىلەرنى چۈشۈنۈپ چۈشەنمەي بۇ يىغىنمۇ بۈگۈن تۈگدى.


ئەمدى قىلىدىغان ئىش جىق ئوخشايدۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 13:12:40

XRD دا بىز كاربوننىڭ تۈزۈلىشىنى كۆرىدىغانغا ئىشلىتىمىز{:90:}



ئاۋۇ سىزىقلىق ئانالىز ئۇسۇلىنى Backward trajectory analysisدەيدۇ.مەلۇم بوشلۇقتا تۇرغان ھاۋانىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن نەدە بولغانلىقىنى ھاۋا بېسىمى،شامال يۈلىنىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرەز قىلىپ چىقارغان سىزىق.ھاۋانىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولسا،شۇ ھاۋا بىلەن كەلگەن ھەر خىل ماددىلارنىمۇ شۇ يەردىن كەلگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.بىزنىڭ ئىشخانىدىمۇ ئاتمىسفىرا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئانالىز قىلغاندىن كىيىن،نەتىجىسىنى مۇشۇ سىزىقتىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرىدىغانلاردىن بىر نەچچسى بار.ئادەتتە ئەتىياز پەسلىدىكى(تېمىدىكى سانلىق قىممەتنىڭ ۋاقتىمۇ 3-ئاينىڭ 20 كۈنى ئەتراپىدا) ئاتمىسفىرادىكى ماددىلار ئۆزگىرىشىنى سىبىرىيەدىن چىققان شامال ۋە شامال بېسىپ ئۆتكەن رايۇنلارنىڭ ئاتمىسفىرا ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەيدىغان قاراش ئاساسەن ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.3-ئايدىن باشقا ۋاقىتلاردا بۇ خىل شامال چىقمايدۇ.3-ئايدا ئۇچۇپ كىلىدىغان قۇمنىڭ كىلىش مەنبەسىنىبىرىگە تەكلىماكان قۇملىقى،يەنە بىرىگە مۇڭغۇلدىكى گوبى قۇملۇقى،يەنە سېرىق تۇپىلىق ئىگىزلىك دەپ ئاساسەن مۇقۇملىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.........



ھىم

بۇ ئادەم ئىنتايىن ھىلىگەرلىك بىلەن ياخشى تەرىپىنى دەپتۇ.{:136:}

بىلىشىمىز كېرەككى،ئاتمىسفىرادىكى ماددىلارنىڭ ياخشىسى بولسا يامىنىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشسە،ئاقىۋەتنى پەرەز قىلماق سەل مۈشكۈل نەرسىگە ئايلىنىدۇ



شۇڭا

مەن بۇ توغۇرلۇق بەك جىق پاراڭمۇ قىلماي

ئەسلى ئاۋۇ يۇمۇرمۇ تۇيۇقسىز كاللامغا كەپ قېلىپ يېزىپ قويغان يۇمۇرمۇ ئەمەستى \"\"

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 01:18:17

مەن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان تىخنىكىلارغۇ ماۋۇ   {:92:}   \"\" . ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئائىت پاراڭلارنى كۆپرەك كۆرسەك بولاتتى.



ئاۋۇ ئۈستىدىكى گىرافىكقا قارىسام چاڭ توزانلارنى تاكى ياۋروپادىن تەكلىماكانغىچە مىڭىپ ياپونيەگە بارغاندەك سىخىما باركەن، بۇنىڭ ئىلمى ئاساسى نىمىكەن؟ياپونيىگە بارغان چاڭ توزانلارنىڭ مەنبەسى تەكلىماكان دەپ قاراش ئۈچۈنئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈپ ياپونيىدىكى چاڭ توزان تەركىبىنىڭ تەكلىماكان بىلەن ئاقسۇنىڭ توپىسىنىڭ تەركىبىگە ئەڭ يىقىن كىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىش كىرەك. شۇنداق سىپىكتىرلارنى كۆرسەتتىمۇ؟

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 08:17:38

توپىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنىڭمۇ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.{:106:}

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 10:49:36

بەلكىم ئاقسۇ توپىلىرى ۋە دەريا، كۆللەردىكى سۇلاردا شۇ تۆمۈر تۇزى ۋە خىلورىد تۇزلىرى ئېرىش جەريانىدا ئۈسۈملۈك، يېمەك-ئىچمەكلەر تەسىردە بەدەنگە سۈمۈرۈلگەن بولسا ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىرقىسىم ئادەملەرنىڭ چىشلىرىنى قارىداتقان ۋە چىرىتىپ، سارغايتقانمۇ بولۇشى مۇمكىن. دىققەت قىلىپ باقساڭلارتېگى ئاقسۇلۇق كىشىلەرنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ( ئېھتىمال يۇقىرىقى دېيىلگەن ماددىلار تۇپراق، سۇ تەركىبىدە نىسبەتەن كۆپ بولۇشى مۇمكىن) چىشلىرى قارا، چىرىگەن ياكى سېرىقراق كېلىدۇ.


يەنە بىر پەرەز، توپىسىدا شۇ خىل تۆمۈر تۇزىغا ئوخشاش ماددىلار مول بولغاچقا ئېھتىال ئاقسۇنىڭ قىزىل گۈرۈچى، تۇزلۇقراق ئالمىلىرى بەكرەكئوخشامدىكىن؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 14:15:34

تېمىسىغا قاراپلا مۇشۇنداقراق مەزمونمىكىن دىگەن.



بۈگۈن بىر قىزىق ئىش ئاڭلىدىم

بىر ئاداش ھاراقنى جىق ئىچىۋېلىپ،ماشىنىسىنى قويغان يېرىنى تاپالماي،ئامالسىزلىقتىن ساقچىغا ماشىنام يۈتۈپ كەتتى دەپ دىلو مەلۇم قىلغىلى بېرىپتۇ.ساقچى بۇ ئاداش بىلەن چىقىپ ماشىنىنى ئىزدەپ تېپىشىپ بېرىپتۇ.

ئاندىن ...............

ماشىنىنى ھەيدەپ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىپ بولغىچە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىك بىلەن قولغا ئېلىنىپتۇ \"\"\"\"\"\"

يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 16:13:08

قايسى كۇنى بىر مەكتەپداش ماستېر بالا مۇشۇ توغۇرلۇق سۆزلىگىلى تۇرۇپتىكەن.ئۇلار چۆچەك،قەشقەر،سانجىدىن توپا ئېلىپ تەكشۇرگىلى تۇرۇپتۇ...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 16:22:42

غۇلجىنىڭ داڭگىلىنى تەجىربە قىلىپ باقسا نىمىلەر چىقار تەركىۋىدىن ،،،{:92:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 20:40:50

tilmixنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

تاكاھاشى (توغرىمۇ؟) (Takahashi) دىگەن بۇ پىروفىسور ..



ياپۇنچىدا ھ تاۋۇشى يوق، تاكاخاشى، دەپ ئېلىۋىرىڭ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 05:43:29

tilmixنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


شۇنداق قىلىپ يازمىمىز نەگە كەلدى:


ھە شۇنداق قىلىپ ئاقسۇنىڭ توپىسى ياپوندى تەتقىق قىلىندى. زىيالى يۇرتقا كەلمەي تۇرۇپمۇ يۇرتىمىزنىڭ ھىدىنى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق ھېس قىلدى دەيمىزمۇ\"\"؟ يۇرتىمىزنىڭ چاڭ توزىڭىنىڭ پايدىسىمۇ بولىدىكەن. ئەمما ياپونغا بېرىپ قالساق چاپانلاردىكى توپا-چاڭلارنى ئانچە قېقىپ كەتمىسەكمۇ بولغىدەك.


ئەمدى زىيالى ۋە فونون ۋە باشقىلار يامغۇر ياغسا كۈنلۈك ئالماي تالاغا يۈگرەپ چىقىۋالارمۇ\"\"




ما گەپنى ماۋۇلار ھەرگىز ئاڭلاپ قالمىسۇن! ھېلىمۇ بىر دىن تۇغۇپمۇ چىۋىندىن پەرقى يوق خەقتى، ئەمدىن ئىككىدىن تۇغسا سارىسنىڭ تارقىلىشىدىنمۇ تىز تارقاپ چىۋىندىن ئېشىپ كېتىشى ئېنىق. ناۋادا ئاڭلاپ قالسا بىر بولسا چاڭ توزاندا تۇنجۇقۇپ قالىمىز، بىر بولسا يۇرتىمىزنىڭ يەر يۈزى دېڭىز يۈزىدىن پەسلەپ كېتەرمىكى.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 14:17:36

1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان تىخنىكىلارغۇ ماۋۇ\"\"\"\" . ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئائىت پاراڭلارنى كۆپرەك كۆرسەك بولاتتى.




ئاۋۇ ئۈستىدىكى گىرافىكقا قارىسام چاڭ توزانلارنى تاكى ياۋروپادىن تەكلىماكانغىچە مىڭىپ ياپونيەگە بارغاندەك سىخىما باركەن، بۇنىڭ ئىلمى ئاساسى نىمىكەن؟ياپونيىگە بارغان چاڭ توزانلارنىڭ مەنبەسى تەكلىماكان دەپ قاراش ئۈچۈنئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈپ ياپونيىدىكى چاڭ توزان تەركىبىنىڭ تەكلىماكان بىلەن ئاقسۇنىڭ توپىسىنىڭ تەركىبىگە ئەڭ يىقىن كىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىش كىرەك. شۇنداق سىپىكتىرلارنى كۆرسەتتىمۇ؟



mawu yarda Uyghurqe yaghili bolmidighu


ozamning kompuyutiri bolmighanning qatiki boldimu amdi


awu Prof. ekki kun boldi yighingha kalmidi\"\"


man kiyin yana inkas yazay




kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 22:11:21

راستمۇ يالغانمۇ ئۇقمىدىم. بىر چاغدا ياپۇنلۇقلار پىچان قۇمتاغدىكى قۇمدىن بىر نەچچە توننا سېتىۋالماقچى بوپتىكەن. ھۆكىمىتىز رەت قىپتۇدەك...

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 05:22:30

11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

XRD دا بىز كاربوننىڭ تۈزۈلىشىنى كۆرىدىغانغا ئىشلىتىمىز \"\"



ئاۋۇ سىزىقلىق ئانالىز ئۇسۇلىنى Backward trajectory analysisدەيدۇ.مەلۇم بوشلۇقتا تۇرغان ھاۋانىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن نەدە بولغانلىقىنى ھاۋا بېسىمى،شامال يۈلىنىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرەز قىلىپ چىقارغان سىزىق.ھاۋانىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولسا،شۇ ھاۋا بىلەن كەلگەن ھەر خىل ماددىلارنىمۇ شۇ يەردىن كەلگەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.بىزنىڭ ئىشخانىدىمۇ ئاتمىسفىرا ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئانالىز قىلغاندىن كىيىن،نەتىجىسىنى مۇشۇ سىزىقتىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرىدىغانلاردىن بىر نەچچسى بار.ئادەتتە ئەتىياز پەسلىدىكى(تېمىدىكى سانلىق قىممەتنىڭ ۋاقتىمۇ 3-ئاينىڭ 20 كۈنى ئەتراپىدا) ئاتمىسفىرادىكى ماددىلار ئۆزگىرىشىنى سىبىرىيەدىن چىققان شامال ۋە شامال بېسىپ ئۆتكەن رايۇنلارنىڭ ئاتمىسفىرا ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەيدىغان قاراش ئاساسەن ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.3-ئايدىن باشقا ۋاقىتلاردا بۇ خىل شامال چىقمايدۇ.3-ئايدا ئۇچۇپ كىلىدىغان قۇمنىڭ كىلىش مەنبەسىنىبىرىگە تەكلىماكان قۇملىقى،يەنە بىرىگە مۇڭغۇلدىكى گوبى قۇملۇقى،يەنە سېرىق تۇپىلىق ئىگىزلىك دەپ ئاساسەن مۇقۇملىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.........



ھىم

بۇ ئادەم ئىنتايىن ھىلىگەرلىك بىلەن ياخشى تەرىپىنى دەپتۇ. \"\"

بىلىشىمىز كېرەككى،ئاتمىسفىرادىكى ماددىلارنىڭ ياخشىسى بولسا يامىنىمۇ بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشسە،ئاقىۋەتنى پەرەز قىلماق سەل مۈشكۈل نەرسىگە ئايلىنىدۇ



شۇڭا

مەن بۇ توغۇرلۇق بەك جىق پاراڭمۇ قىلماي

ئەسلى ئاۋۇ يۇمۇرمۇ تۇيۇقسىز كاللامغا كەپ قېلىپ يېزىپ قويغان يۇمۇرمۇ ئەمەستى \"\"


مىنىڭچە بولسا شۇ دانچىلارغا رادىئاكتىپلىق ئانالىزى قىلىپ باققان بولسابۇ توپىلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئاسانلا بىلگىنى بولاتتى ھە \"\"، مۇشۇنى دىمەكچىمۇ سەن؟



سىنىڭ تەتقىقاتىڭ كاربون بىلەن قانداق مۇناسىۋەتلىك؟ XRDدا نىمىنى تەكشۈرىسەن؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 05:38:48

10- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان تىخنىكىلارغۇ ماۋۇ\"\"\"\" . ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق ئىلمى تەتقىقاتلارغا ئائىت پاراڭلارنى كۆپرەك كۆرسەك بولاتتى.



ئاۋۇ ئۈستىدىكى گىرافىكقا قارىسام چاڭ توزانلارنى تاكى ياۋروپادىن تەكلىماكانغىچە مىڭىپ ياپونيەگە بارغاندەك سىخىما باركەن، بۇنىڭ ئىلمى ئاساسى نىمىكەن؟ياپونيىگە بارغان چاڭ توزانلارنىڭ مەنبەسى تەكلىماكان دەپ قاراش ئۈچۈنئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈپ ياپونيىدىكى چاڭ توزان تەركىبىنىڭ تەكلىماكان بىلەن ئاقسۇنىڭ توپىسىنىڭ تەركىبىگە ئەڭ يىقىن كىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىش كىرەك. شۇنداق سىپىكتىرلارنى كۆرسەتتىمۇ؟


قارىغاندا ئوخشاش ئۇسۇلنى ئوخشىمىغان كەسىپكە ئىشلىتىدىكەنمىز\"\"


ئاۋۇ خەرىتىدىكى سىزىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئاتمىسفۇرا ئېقىم يۆلىنىشى دىگەندەك قىلغان. كىيىن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز بىلەن بەزى سوئاللارنى سوراي دىسەم ئاۋۇ ئادەم دوكلاتنى بېرىپ بولۇپلا كەتكەن ئوخشايدۇ. يا جىق ئادەمنىڭ ئارىسدا ئۇچرىتالمىدىم.


ئۈھ، بەزى نەرسىلەرنى چۈشۈنۈپ چۈشەنمەي بۇ يىغىنمۇ بۈگۈن تۈگدى.


ئەمدى قىلىدىغان ئىش جىق ئوخشايدۇ.




سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىز قايسى يۆنىلىشتە؟ كەسىپداش چىقىپ قالامدۇق نىمە؟ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 11:02:28

@tepekkurchiكۈمۈرنىڭ گرافايىت قۇرلىشى ۋە خىمىيەلىك رىئاكسىيە ئاكتىپچانلىقى دىگەندەكلەرنى.

FTIRنى ئىشلىتىدىغىنىمىز كۆپرەك.بۇنىڭدا چىقمىسا ئېكىس ئار د دا .

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 16:37:27

15- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@tepekkurchiكۈمۈرنىڭ گرافايىت قۇرلىشى ۋە خىمىيەلىك رىئاكسىيە ئاكتىپچانلىقى دىگەندەكلەرنى.

FTIRنى ئىشلىتىدىغىنىمىز كۆپرەك.بۇنىڭدا چىقمىسا ئېكىس ئار د دا .





ئىم، مەن بىلمەيدىغان ئىشلار جىق ئىكەن دە...........

يۇمۇر ۋەھشى يۇمۇركەن، ئەمما چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەسكەن، دۆتلۈك دەيمىزما.

كىيىن سوراپ بىلىۋالدىغانغا ئاللاھ خالىسا پۇرسەت چىقىپ قالار.

بىرەر نەرسىنى ئاڭلاپلا بەك ھاياجانلىنىپ كىتىشمۇ توغرا ئەمەسكەن.

زىيالى FTIR جىق ئوينايدىكەندە، لازىم بولسا ئۆلچەپ قويىمىز، خەققە يالۋۇرۇپ.......\"\"


بەت: [1]
: (تىلمىش)ئاقسۇنىڭ توپىسى ياپونىيەدە