قان تىپى توغرىسىدا [تەرجىمە]
مەن يېقىندا بالىلىق بولغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مىنىڭ قان تىپىم ب ، ئايالىمنىڭمۇ ب . لىكىن بالامنىڭ قان تىپى o چىقىپ قاپتۇ دەپ ئەپسۇسلانغانلىغىنى كۆردۈم . شۇڭا بەيدۇدىن ئىزدەپ باقسام مۇشۇنداق نەتىجە چىقتى .
بالىنىڭ قان تىپىنىڭ يۇقىرى چىقىش مۇمكىنچىلىكى
بالىنىڭ ئاتا- ئانا
A×A A、O
A×B A、B、O、AB
A×AB A、B、AB
A×O A、O
B×B B、O
B×AB A、B、AB
B×O B、O
AB×AB A、B、AB
AB×O A、B
O×O O
كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
35- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
29- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
O تىپلىقلار بىلەن AB تىپلىقلار مەيلى ئەر-خوتۇن بولسۇن ياكى ساۋاقداش خىزمەتداش بولسۇن ئۆز-ئارا قەتئى چىقىشالمايدىكەن.
ماۋۇ جىڭ شەرقى ئاسىيالىقلارنىڭ تىپىك ئەپسانىسى بوپتۇ،كورىيە،ياپون،خەنلەرنىڭلا رىۋايەتلىرى بۇ.....
غەرپلىكلەر ئوسۇرۇپمۇ قويمايدۇ بۇنداق گەپلەرگە،مەنمۇ قەتئى ئىشەنمەيمەن،ئاساسى يوق....
ھەممىسى ئەتراپىمدىكى ئىشلار، ياپۇن بىلەن ئالاقىسى يوق. گۇمانخور ئاداشمۇ ئۇ ،قالايمىقان گۇمان قىلماي ئايالىغىمۇ بىلدۈرمىگەن ئاساستا د ن ئا سىىنى تەكشۈرتۈپ باقسىلا ئىش ئېنىق بولىدىغۇ ھازىر .قان تىپى مەلۇم قانداشلىقنىڭ ئىپادىسىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرىش ئىمكانىيتىنىڭ ئۇنچە تولۇق ئەمەسلكىنى ھەمملا ئادەم بىلىدۇ ھازىر. مەن، ئۆزۈمنىڭ ئامراق قان تىپىمنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نىشاننىڭ قان تىپىغا يۇشۇرۇن ئۆلچەم قويۇپ، سوراپ- شاللاپ- تاللاپ، ئائىلەمدە قان تىپىنىڭ بىردىنبىر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. تولۇقسىزنىڭ بىئولوگىيە دەرىسىنى ياخشى ئوقۇمىغاننىڭ ئىشى. ئاۋۇ ئەپسۇسلانغان دوستىڭىز دۆتلىكىدىن ئەپسۇسلانسا بولغۇدەك... بىر ساۋاقدىشىم توي قىلغىلى 3يىلچە بولۇپ قالدى . ئەسلىدە شۇنداق ئىناق ئەر خوتۇنلار ئىدى . ھازىر ئۇششاق گەپ تۈگىمەس بولۇپ قاپتۇ . كىيىن ئۇقسام سەۋەبى ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرايى ئاڭ ، بۇغداي ئۆڭ دەپ قويامدۇق . لىكىن بالىسى قارا تۇغۇلۇپتۇ . شۇڭا ئەر بولغان ئاداش يا ئوچۇق گەپ قىلالماي ،ئويلاپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي ، ئىچى پۇشۇپ جىدەل ئوينايدىكەن . مىنىڭ تاغامنىڭ قان تىپى ئاب ئايالى بولسا ئو قوشكىزەك ئوغلىنىڭ بىرنىڭ قانتىپى ئا بىرنىڭ قان تىپى ب ،ئاز تولا بىې نەسە ئۈگەنمىسە شۇنداق ئۇقۇشماسلىق بولىدۇ. ۋاي باللا،ئۇنىڭدىن كۆرە بالىنى قېلىپتا قۇيۇپ چىقارساڭلار بولمامدۇ؟ ئۆز پۇشتىنى يۈرەك تونۇيدۇ ئىنسانلار! زامانىۋىي تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ھاجەت ئەمەس. مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا ياشقا چوڭراق بالىلاردىن «بالىسىنىڭ قان تىپى ئاتا-ئانىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ» دەپ ئاڭلىۋېلىپ ھەم ئىشىنىپ، ئاپامنىڭ قاتتىق يىغلىشىغا سەۋەپ بوپتىكەنمەن
2- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن، ئۆزۈمنىڭ ئامراق قان تىپىمنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نىشاننىڭ قان تىپىغا يۇشۇرۇن ئۆلچەم قويۇپ، سوراپ- شاللاپ- تاللاپ، ئائىلەمدە قان تىپىنىڭ بىردىنبىر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.
ئامراق قان تىپىڭىز نىمە باچكا؟ ئو تىپ، crazy تىپ.
ئاتا- ئانامنىڭ O، ھەممىمىزنىڭ O، مەنمۇ بۇنىڭغا ئاساس سېلىۋالدىم.
6- قەۋەتتىكى bilig2010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىنىڭ تاغامنىڭ قان تىپى ئاب ئايالى بولسا ئو قوشكىزەك ئوغلىنىڭ بىرنىڭ قانتىپى ئا بىرنىڭ قان تىپى ب ،ئاز تولا بىې نەسە ئۈگەنمىسە شۇنداق ئۇقۇشماسلىق بولىدۇ.
بۇنداق بولسا قانداق بولغىنى ئا بىلەن ئو قان تىپىدىن پەقەت ئا ياكى ئو قان تىپىدىكى بالا تۇغۇلىدۇ ،ب قان تىپىنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئاغىنىڭىزنىڭ سوقۇشماقچى بولسا ئايالىنىڭ ئا ياكى ئا ب تىپلىق بالىنى تۇغۇشىنى كۈتسۇن.....
يا شەك كەلتۈرمىسۇن
شەك كەلتۈرسە ئۆينى تۇتمىسۇن
نىمانداق ئەقلى يوق ئادەملەردۇ
2- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن، ئۆزۈمنىڭ ئامراق قان تىپىمنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، نىشاننىڭ قان تىپىغا يۇشۇرۇن ئۆلچەم قويۇپ، سوراپ- شاللاپ- تاللاپ، ئائىلەمدە قان تىپىنىڭ بىردىنبىر بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.
ما گەپنى بەزىلەر ئاڭلاپ قالسا ئىش ئوخشايدىغان بولدىدە!!خاخا ....
13- قەۋەتتىكى facebooksنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى bilig2010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىنىڭ تاغامنىڭ قان تىپى ئاب ئايالى بولسا ئو قوشكىزەك ئوغلىنىڭ بىرنىڭ قانتىپى ئا بىرنىڭ قان تىپى ب ،ئاز تولا بىې نەسە ئۈگەنمىسە شۇنداق ئۇقۇشماسلىق بولىدۇ.
بۇنداق بولسا قانداق بولغىنى ئا بىلەن ئو قان تىپىدىن پەقەت ئا ياكى ئو قان تىپىدىكى بالا تۇغۇلىدۇ ،ب قان تىپىنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس .
كۆزڭىزنى يوغان ئىچىپ قاراڭ، تاغامنىڭ قان تىپى ئا ب دەۋاتىدۇ، شۇڭا تامامەن مۇمىكىن
ئەگەر ئىككى ئا قان تىپىلىق ئەر خوتۇن توي قىلىسا، ئەگەر ئىككىسىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ ئاشكارە Aتىپىلىق بولسا بالىسى مۇقۇم چۇقۇم ئا قان تىپىلىق بۇلۇدۇ، ئەگەر ئىككىلىسى يۇشۇرن ئا قان تىپىلىق يەنى ھەر ئىككىلىسىنىڭ قان تىپى ai, ai بولسا ئۇچاغدا بالىسى ئا قان تىپىلىق بۇلۇشىمۇ مۇمىكىن ئو قان تىپىلىق بۇلۇشىمۇ مۇمىكىن لىكىن ھەرگىزمۇ ب ياكى ئاب بولمايدۇ،
فۇرمىلاسى تۆۋەندىكىچە
ئەر خوتۇن ھەر ئىككىلىسى ئاشكارە ئا قان تىپىلىق بولسا
aa * aa = aa يەنى بالىسى ئاشكارە ئا تىپىلىق
ئەگەر بىرسى ئاشكار بىرسى يۇشۇرۇن ئا تىپىلىق بولسا
aa * ai = aa ياكى aa * ai = ai يەنى بالىسى ئا تىپىلىق ئاشكار ئا تىپلىق بۇلىشىمۇ ياكى يۇشۇرۇن ئا تىپىلىق بۇلۇشمۇ مۇمىكىن
ئەگەر ھەر ئىككىلىسى يۇشۇرۇن ئا تىپىلىق بولسا
ai * ai= aa ياكى ai * ai= ai ياكى ai * ai=ii يەنى بالىسى ئاشكارە ياكى يۇشۇرۇن ئا تىپىلىق، ياكى ئو تىپىلىق بۇلۇشىمۇ مۇمىكىن
ئەگەر يۇقارقى تىمىدىكى ئەھۋالدا ئەر خوتۇن ھەر ئىككىلىسى يۇشۇرۇن ئا تىپىلىق دىگەن گەپ شۇڭا بالىسى ئو قان تىپىلىق بۇلۇشى تامامەن مۇمىكىن