سىزنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىرىڭىز بارمۇ؟
مەن كىتاب ئوقۇش جەريانىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەي قالدىم. بىلىدىغانلارنىڭ چۈشەنچە بىرىشىنى, باشقىلارنىڭمۇ بىلمىگەنلىرى بولسا مۇنبەردە ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىپ:
ئستىھزا يۇتقۇنۇش
زاھىرەن ئابائى
باتىن تەھلىكىسى
سەتىھ خۇنزىر
قامان تەرياق
ئزتىراپ ئەسكەن
زېرىپ رەغدى
ئېرا ھەملە قىلىش
مۇرەتتەپ مۇخالىپلىرى
ھەملە قىلىش، بۇنى ھۇجۇم ئالدىدىكى خىرىس قىلىش دەپ بىلىمەن؛ تەھلىكىسى، تەھدىتى بىلەن بىرغۇ دەيمەن؛ ئېرا، دەۋىر؛ يۇتقۇنۇش دىگەن سۆز يولقۇنۇش دىگەندەك مەنىسى باردەك. ئىستېھزا - مەسخىرەزاھىرەن ئاشكارا
باتىن يوشۇرۇن
...
بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى خاتادەك قىلىدۇ... ئىستىھزا- مەسخىرە قىلىش؛
زاھىرەن-تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن؛
باتىنەن- ئىچكى ماھىيىتى جەھەتتىن؛
سەتىھ- يۈز، يۈزى، زېمىن سەتھى بولسا، زېمىن يۈزى بولىدۇ؛
ئىزتىراپ- داۋالغۇش؛ ئىككىلىنىش، دىلىغۇل بولۇش؛
زېرىپ- زېرەك، ئەقىللىق؛
خۇنزېر- خېنزىر بولسا، چوشقا مەنسىدە؛
ھەملە قىلىش- ھۇجۇم قىلىش؛
مۇخالىپلىرى- قارشى مەيداندىكىلىرى. خۇنزېر دىگەننى قانخور دىگەن مەنىدە چۈشەنگەن ئىدىم كىتاپتىكى مەنىسىگە ئاساسەن . بىرەر تارىخى كىتاپنى ئۇقۇغان ئوخشىىمامسىز؟تىمىڭىزنىڭ باھانىسىدا بىزمۇ بىلىۋالدۇق مانا، كۆپنچىسى مەن بىلمەيدىغان سۆزلەر ئىكەن... تەرياق- زەھەر قايتۇرغۇچى دىگەن مەنىدىغۇ دەيمەن. سۇ بويىدا رومانىدا جىق ئۇچرايتتى. بىھوش دورىسى سېلىپ مەس قىلۋەتكەنلەرنى تەرياق بېرىپ ئېسىگە كەلتۈرىدىغان.
6- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىرەر تارىخى كىتاپنى ئۇقۇغان ئوخشىىمامسىز؟تىمىڭىزنىڭ باھانىسىدا بىزمۇ بىلىۋالدۇق مانا،
=========
<< باھادىرنامە >> نى ئوقۇۋاتقان چېغى...
<< باھادىرنامە ۋە >> ۋە << ھايات زەنجىرى>> نى ئوقۇۋاتقان ئا بايى-مۇسۇلمان ئاياللار كىيىدىغان ئۇزۇن كىيىم.11- قەۋەتتىكى arman78نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئا بايى-مۇسۇلمان ئاياللار كىيىدىغان ئۇزۇن كىيىم.
مەن ئوقۇغاندا ئابائى ئىكەن. ئابائى ---ئەجداد دېگەن گەپمىكىن.
تەھلىكىسى---- تەھدىتى، شەكىللەندۈرگەن قورقۇنچى دېگەندەك گەپمىكىن.
ئىزتىراپ----ئەندىشە قىلىش بولسا كېرەك.
ئەسكەن----يادىدىن كەچكەن بولسا كېرەك.
رەغدى----رىغبىتى، ئاساسەن بولۇشسىز شەكلىدە كەلسە كېرەك.
ئېرا----دەۋر ،مىڭ يىل.
ھەملە قىلىش---مەنچە بۇ ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، خىرىس قىلىش بولسا كېرەك، ھۇجۇم ئالدىدىكى دېمەكچى، شەخسىي قارىشىم لېكىن.
مۇتەررەپ بولسا كېرەك، مۇشۇنداق بولسا ئەفىفىي ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.
قالغان مەن بىلىدىغانلىرىنى بالىلار ئاساسەن دەپ بوپتۇ.
‹‹ئەسكەن››دېگەن سۆزنىڭ ‹‹سوققان››دېگەن مەنىسىمۇ بولىدىغان.بۇ يەردىكىسى شۇ ‹‹ئەسكەن››مۇ بىلمىدىم؟ زېرىپ- ماۋۇ سۆزنى خوتەندە ئانچەمۇنچە ئىشلىتىپ قويىدۇ، مەنىسى ھەر قانداق نەرسە ياكى پۇلنى ھەددىدىن زىيادە تىجەيدىغان، يەنى پىخسىق دىگەن سۆزگە يىقىن كىلىدۇ.(مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن).
ئستىھزا(سوغۇق ، مەسخىرلىك)
زاھىرەن(يۈزە)
باتىن(مۆجىزىلىك)
خۇنزىر(قانخور)
ئزتىراپ(غەم-ئەندىشە،ئازاپ)
ھەملە قىلىش(يۇتۇش، ھۇجۇم قىلىش)
جاللات خېنىمنى ئوقۇغان ئوخشىمامسىز
ﺋﺴﺘﯩﮭﺰﺍ - ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﯜﺵ؛ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ؛ ﻣﺎﺯﺍﻕ؛ ﻛﯩﻨﺎﻳﻪ.
ﺯﺍﮬﯩﺮﻩﻥ - ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ؛ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﭽﻪ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ،
ﺑﺎﺗﯩﻦ - ﺋﯩﭻ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﻛﯚﯕﯜﻝ
ﺳﻪﺗﯩﮫ - ﻳﯜﺯﻯ، ﻳﯜﺯﻩ، ﺗﯧﺸﻰ، ﺋﯜﺳﺘﻰ: ﺳﻪﺗﯩﮫ ﺋﻪﺭﺯ - ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﻯ؛
ﻗﺎﻣﺎﻥ - دىن، ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﻡ، ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ
ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭖ - ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺏ، ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﯧﺰﯨﻠﯩﺶ، ﮬﻪﺳﯩﺮﻩﺕ، ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻟﻪﻡ.
ﺯﯦﺮﯨﭗ - ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﯩﺶ ( ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺋﯩﺸﻰ ) ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺗﯩﻜﯜﭼﻰ.
ﺋﯧﺮﺍ - ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ.
ﮬﻪﻣﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ - ﻗﯩﺴﻘﺎ ﮬﯘﺟﯘﻡ، ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ.
ﻣﯘﺭﻩﺗﺘﻪﭖ - ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ؛ ﻛﺎﻣﯩﻞ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ:
ﺋﺎﺑﺎﺋﻰ - ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ: ﺋﻪﺏ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺑﻮﯞﯨﻼﺭ، ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ، ﺋﺎﺑﺮﯗﻱ، ﻗﻪﺩﯨﺮ- ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ؛ ﻏﯘﺭﯗﺭ
ﺗﻪﮬﻠﯩﻜﯩﺴﻰ - ﮬﺎﻻﻛﻪﺕ، ﺧﻪﯞﭖ - ﺧﻪﺗﻪﺭ، ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ؛ ﺗﻪﺷﯟﯨﺶ.
ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻠﯩﺮﻯ - ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺯﯨﺘﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻘﻼﺭ.
ﺗﻪﺭﻳﺎﻕ - ﺯﻩﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ.
ﺧﯘﻧﺰﯨﺮ - ( ﻗﯧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﺪﻯ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ)
ﺋﻪﺳﻜﻪﻥ - ﺳﻮﻗﻘﺎﻥ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ
ﺭﻩﻏﺪﻯ - ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ، رايى...
ﻳﯘﺗﻘﯘﻧﯘﺵ - (كۈچىمەك ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ)
ئاخسا دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە باللا؟ مەن ئاتايىن 2000-يىللىىرى نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتىگە قاراپ باقتىم.ئۇنىڭدا «قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئەمما ھالىغا باقماي چوڭ سۆزلەيدىغان»دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ.بۇنى دىسەم بەزى باللا بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى ئۆزگەردى .بۇ ئىجابى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ دەيدۇ. ئابائى_ ئەجدادلىرى
زېرىپ_ ئىنچىكە،ئەستايىدىل،ئېدىتلىق ئىش قىلىدىغان ( خوتەندىكى مەنىسى )
قامان_ شامان دىنىنىڭ باخشىلىرى
رەغدى_ مىجەزى،كۆڭلى
خۇنزىر _ قانخور