matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 14:37:56

[چاپلانما]راك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيسىز

ياشتىن يۇقۇرى شەھەر ئاھالىلىرى راك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى ھەقسىز تاللاپ تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى راك كېسىلىنىڭ ئۇنۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىناق نۇقتىسى تۈرى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. جۇڭگو مىللەتلەر ساقلىقنى ساقلاش ئىلمىي جەمئىيىتى بۇ تۈرگە 6 مىليون يۈەنلىك داۋالاش ئۈسكۈنىسىنى ئىئانە قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن 20 مىڭ ئادەم راك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، راك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى خەلق ئىشلىرى مېنىستىرلىقى تەشكىللىگەن، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا قارىتىلغان جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيەت تۈرى بولۇپ، 35 ياشتىن يۇقۇرى ئاممىنى راك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى تاللاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىكەن.

شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش مەركىزى بۇ تۈرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق كۆپ جايلاردىكى داڭلىق مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىللەنگەن تېخنىكا ئەترىتىنى تايانچ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ۋىلايەت، ئوبلاستتا ھەقسىز تاللاپ تەكشۈرۈش، خالىسانە دىياگنوز قويۇش، ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلەش قاتارلىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن، تۈرنى يولغا قويۇشنىڭ 1- باسقۇچىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20 مىڭ ئادەمنى تاللاپ تەكشۈرۈش پىلانلانغان.  

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى 7968066، 7968051 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، ھەقسىز تاللاپ تەكشۈرتۈشكە ئالدىن كېلىشىپ قويسا بولىدىكەن.



مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


http://uygur.chinabroadcast.cn/7466/2012/07/19/1350@443943.htm

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-25 04:33:07

ئىدارىدىن بەدەن تەكشۈرتۈش قىلغان ،رايونلۇق ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن دوختۇرلار كەلدى ،قارىسام راكنى تەكشۈرەيمىز دېدى پىلاندىن سىرىت ،شۇنىڭ بىلەن قارىسام ھەممەيلەن ئۇزۇن بىر نەرسىنى يۈتۈپ ئاشقازىنىغا كىرگۈزىۋاتىدۇ ،مەن قانچە قىلسام يۈتۈپ بولالماي بولدىلا دەپ چىقىپ كەتتىم . \"\"

yolghun يوللانغان ۋاقتى 2012-7-25 05:56:21

ھازىر يۈرىكى تۇغما تۈشۈك كىسەللەرنى ھەقسىز داۋالايمىش، دىگەن گەپ تارقىلىپتۇ. راسمىدۇ(17گە كىرگەن بىر بىمار شۇ كىسەلدە ئىكەن)

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-25 11:19:50

ھەقسىز غەم ئەندىشە تىپىۋالىدىغان ئىشكەن،،راك كىسىل دىگەننى مۇددەتتىن بۇرۇن بىلمەي ۋاختى كەلگەندە تۇگەپ قالغان ياخشى...

hayran يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 22:19:45

3- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقسىز غەم ئەندىشە تىپىۋالىدىغان ئىشكەن،،راك كىسىل دىگەننى مۇددەتتىن بۇرۇن بىلمەي ۋاختى كەلگەندە تۇگەپ قالغان ياخشى...



ھامان ئۆلمىزدەپسىزدە

hayatmorda يوللانغان ۋاقتى 2012-11-19 16:04:37

{:136:}
بەت: [1]
: [چاپلانما]راك كېسىلى بار- يوقلۇقىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيسىز