Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 19:50:59

كارتۇن كىنو «ھۆجەيرە ئۇرۇشى»

كارتۇن كىنو «ھۆجەيرە ئۇرۇشى»



مەنچە بۇ كىنونى كۆرمىگەنلەر ناھايىتى كۆپ، ھەمدە كۆرگەنلەرگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.



نامى: ھۆجەيرە ئۇرۇشى (ياكى يۇقۇم جەڭچىسى، يۇقۇم جونېس)، Osmosis Jones  终极细胞战

دۆلىتى: ئامېرىكا

ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2001- يىل



ۋەقەلىكى: ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قارىغۇچى  تۇخۇمىنى مايمۇندىن تالىشىپ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ غەلبە مىۋىسىنى يەۋىتىدۇ، بۇ سەۋەپتىن، ئۆتكۈر بىر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، كارتۇن بۇ كىشىنىڭ ئىچىدە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى قىلىۋاتقان ئاق قان دانچىسى ساقچىسىنىڭ ھېكايىسىغا باشلاپ كىرىدۇ. بىمار يىگەن كاپسۇل دورا بەدەن ئىچىدە ئاق قان دانچىسى ساقچى بىلەن مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرى، ئاق قان ساقچىسى ۋىرۇس بۇلاپ كەتكەن تىمپراتورا كونتورول مارجىنىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.. ھەر قانداق بىر ياشتىكى بالا ۋە چوڭلارنىڭ كۆرۈشىگە ماس كېلىدۇ، مول ھوزورلىنىش تۇيغۇسى ۋە پەن تەربىيىسىگە ئىگە.


بۇ كىنو، گەرچە 2001- يىلى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، كاپالەت بېرىمەنكى، 2111- يىلىمۇ كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ، يارەنلەر ۋە بالىلىقلارنىڭ كۆرۈشتىن ۋاز كەچمەسلىكىنى، بولسا DVD ياكى كۆك نۇر دېسكىسىنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


سۈزۈك كۆرۈش ئادرىسى: يەنىلا www.pipi.cn نىڭ قويغۇچىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭ.


(زادى سىلەر www.pipi.cn بېكىتىدىن قويغۇچنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىڭلارمۇ- يوق؟)






بۇ كىنو، ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ھەركىتىنى شەھەرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكىچە سايلامنىمۇ كۆچۈرۈپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان.


elipba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 20:54:26

تېما ئىگىسى كەچۈرگەيسىز ؟!  تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قويىدىغان بولدۇم !! \"\"

     مەن مۇشۇ ئوپىراتورلۇق بولامدۇ ، فىلىم كىرىشتۈرۈش بولامدۇ ، كىنو فىلىم دېگەنلەرگە دەششەت قىزىقىمەن .

شۇ قىزىققاچقا ، ئۇنى بۇنى سۈرەتكە ئېلىپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ناخشىلارنى كىرگۈزۈپ ئۆزۈمچىلا بىر نەرسىلەرنى

ئىشلەپ قويىمەن .              ئەمدى سىلەردىن  سورايدىغىنىم : مۇشۇ نەرسىلىرىمنى تورغا يوللىسام بولامدۇ بولمامدۇ؟

    تورداشلارمۇ زوقلانسا دەيمەن !

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 21:15:25

پ پدىن كىنو كۆرۈپ باقماپتىمەن،سىناپ باقسام بولغۇدەك.ھە راست،چۈمۈلىنى دەسسىمەڭ ،دەپ بىر كارتون بار ئىدى.شۇنىڭ ئادىرسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.يەنە بىر رەت كۆرگۈم بار.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 21:40:26

نىمىشقىكىن،قونچاق كىنولارنى كۆرۈش خوشاقمايدۇ \"\"  \"\"  \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 22:09:06

yoqtur يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 22:18:31

تۆت قىسىم كىنومۇ بۇ ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 11:23:21

ياق، پىپى قويغۇچ مۇلازىمېتىرنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بىر قىسىمنى تۆت پارچە قىلىدۇ.

abux1010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 11:48:22

abux1010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 11:51:22

2- قەۋەتتىكى totemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پ پدىن كىنو كۆرۈپ باقماپتىمەن،سىناپ باقسام بولغۇدەك.ھە راست،چۈمۈلىنى دەسسىمەڭ ،دەپ بىر كارتون بار ئىدى.شۇنىڭ ئادىرسىنىمۇ قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.يەنە بىر رەت كۆرگۈم بار.



\"天天看\"توردىن مۇشۇنى چۇشۇرۇڭە !ھەممە كارتون فىلىم بار!مەن دائىم مۇشۇنۇڭدىن كۆرىمەن !!

yoqtur يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 17:02:43

ۋاي خۇدايىم ۋىروسلار دەھشەتكەن جۇمۇ . ..  يوشۇرۇن ئاڭغىمۇ كىرەلەيدىكەن دېسە .... \"\"  \"\"  \"\"

suzuki يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 17:36:42

ياخشىكەن.

elipba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 19:08:14

ۋاي ماڭا جاۋاپ يوقما ؟ \"\"   ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز دەپ.............................؟؟؟؟؟؟ \"\"

    ۋەياكى قىلغىنىم خاتامۇ يا ؟               يېرىم بولدا ما كۆڭۈل  \"\"

         ئۆزۈمچە (................................................)           \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 19:38:48

1- قەۋەتتىكى elipbaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

..ئۇنى بۇنى سۈرەتكە ئېلىپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ناخشىلارنى كىرگۈزۈپ ئۆزۈمچىلا ... مۇشۇ نەرسىلىرىمنى تورغا يوللىسام بولامدۇ بولمامدۇ؟



مەندە بىرەرمۇ ناخشىنىڭ نەشىر ھوقوقى يوق ۋە نۇرغۇن ناخشىنى توردىن ئاڭلاپ ۋە چۈشۈرۈپ دەخلى- تەرۇز قىلغان بولساممۇ، سىزنى رىغبەتلەندۈرگۈدەك بىرەر ئاساس تاپالمىدىم. ئەگەر مۇزىكىغا ئۆزىڭىز ئۇنى- بۇنى چالغاننى كىرىشتۈرسىڭىز تىرىشىڭ، دىيىشىمىز مۇمكىندۇ..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-24 20:21:28

9- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.. ئۆزەمنىڭ مۇشۇ كەسىپنى ئۆگەنگىنىمگە بەك خوش بوپ كەتكەنتىم.  



ئۆگىنىۋاتامسىز يا تۈگىدىمۇ؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-25 16:02:39

باچكا تەۋسىيە قىلغان كىنولار ئىسىل چىقىۋاتىدۇ.

lock out ............

..............

.......

\"\"

elipba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 15:25:00

14- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى elipbaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاي ماڭا جاۋاپ يوقما ؟ \"\"   ياكى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز دەپ.............................؟؟؟؟؟؟ \"\"

    ۋەياكى قىلغىنىم خاتامۇ يا ؟               يېرىم بولدا ما كۆڭۈل  \"\"

         ئۆزۈمچە (................................................)           \"\"  


ئەۋەتىڭە ئەمىسە، كۆرۈپ باقايلى\"\"






بەت: [1]
: كارتۇن كىنو «ھۆجەيرە ئۇرۇشى»