yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 11:06:59

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قسىىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى[كۆچۈرۈلمە]

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قسىىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى

قەدىمكى
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ۋەسىقىلەردە
ئەكىس ئەتكەن تۈرلۈك مەزمۇنلاردىن تارىختىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسى
ھاياتى، دۆلەت تۈزۈلمىسى، خانلىق چۈشەنچىسى ۋە ئىجتىمائى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى
ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بىزگىچە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر
يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە ئەكس ئەتكەن ئايرىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ
ئۆتىمەن.

1.             سىق

بۇ ھەجىم
(يەر كۆلىمىگە قارىتىلغان)، شۇنداقلا ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئالاقىدار
ۋەسىقىلەرنىڭ يەشمىسىدە «شىغى»، «شىق» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. «سىق»
ئادەتتە خەنزۇچىدىكى
(دەن) گە توغرا كېلىدۇ. «دەن» ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا
«دادەن» دەپ ئېلىنىدۇ. بۇ بىر خىل ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر دادەن 10 كۈرەگە تەڭ.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان «سىق» سۆزى كۆپ ھاللاردا
ھەجىم بىرلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئېغىرلىق ئۆلچىمىنىمۇ
بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە «بىر سىق يەر»، «بىر سىق تېرىق» دېگەندەك ئاتالغۇلار داۋاملىق
كۆزگە چېلىقىدۇ.

2.             ياستۇق

بۇ نوكچا
شەكىلدىكى ئەڭ چوڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئالاقىدار ۋەسىقىلەردە يەنە «ئالتۇن
ياستۇق»، «كۈمۈش ياستۇق»، «ياستۇق چاۋ»، «چاۋ ياستۇق» دېگەن ناملار بىلەن
ئېلىنغان. بىر ئالتۇن ياستۇقنىڭ ئېغىرلىقى 2274 گىرام بولۇپ، كۈمۈش ياستۇقنىڭ
قىممىتى ئالتۇن ياستۇقنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كەلگەن. سەرگە سۇندۇرغاندا بولسا،
يېرىم ياستۇق كۈمۈش 25 سەرگە، بىر ياستۇق كۈمۈش 50 سەرگە توغرا كەلگەن. «ئالتۇن
ياستۇق»، «كۈمۈش ياستۇق» دېيىلگىنى قۇيما ياكى نوكچا ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇلنى
كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ شەكلى ياستۇق(ياتسۇق)قا ئوخشاپ قالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىدىقۇت
ئېلى دەۋرىدە «ياستۇق» ئەڭ چوڭ پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدا ئاساسلىق
ئوبوروت ۋاستىسى بولغان. بۇنىڭدىن ئەينى دەۋردە تاۋار ئىگىلىكىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە
تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

3.سىتىر

بۇ بىر خىل
پۇل بىرلىكى، شۇنداقلا ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ئاتالغۇسى بولۇپ، سوغدىچىدىن
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز. ئادەتتە 1 سىتىر 10 باقىر (بىر خىل پۇل بىرلىكى
بولۇپ، ھازىرقى مىسقالنى كۆرسىتىدۇ) غا تەڭ.

4.ئۇزۇن
قارى

بۇ ئۇزۇنلۇق
ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ياپونىيەلىك ئاتاقلىق تارىخشۇناس مەرھۇم يامادا نوبۇئو
ئەپەندى يازغان «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر توپلىمى» ناملىق كىتابتا
«چى» دېگەن مەنىدە كۆرسىتىلگەن. مۇھەممەت رېھىم سايىت ۋە ئىسراپىل يۈسۈپ تۈزگەن
«قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» دە «گەز» دەپ تەخمىن قىلىنغان ھەمدە
«بۇرۇنقى چاغلاردا، بىر گەز 71 سانتىمېتىرغا توغرا كېلەتتى» دەپ ئىزاھات بېرىلگەن
(مۇھەممەت رېھىم سايىت ۋە ئىسراپىل يۈسۈپ: 2000-يىل، 155-، 156-بەتلەر). قەدىمكى
ۋەسىقىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن قارى ھەقىقەتەنمۇ ئەينى دەۋردىكى رەختلەرنى
گەزلەيدىغان (ئۆلچەيدىغان) بىر خىل ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولغان.

5. قانپۇ

بۇ بىر خىل
پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئالاقىدار ۋەسقىلەردە «قۇئانپۇ»، «قۇنپۇ» دېگەندەك ناملار
بىلەنمۇ ئېلىنغان. قانپۇ بازاردا پۇل ئورنىدا ئوبوروت قىلىنىدىغان ئوتتۇرىسىغا
تامغا بېسىلغان (ياكى ئۈستىگە ئىمزا قويۇلغان ۋە تامغا بېسىلغان)، ئىككى ئۇچىغا
جىيەك تۇتۇلغان 10 چى ئۇزۇنلۇقتىكى بۆزنى كۆرسىتىدۇ.

«قانپۇ»
ئاتالغۇسى يەنە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» تە «قامدۇ» نامىدا
ئېلىنغان بولۇپ، « ‹قامدۇ› بۇيى تۆت گەز، ئېنى بىر غېرىچ، كېلىدىغان بىر پارچە
بۆز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر خانىنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولۇپ، سودا-سېتىقتا پۇل
ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. بۇ بۆز كونىرىسا، ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم يۇيۇپ، ئۈستىگە
باشقىدىن تامغا بېسىلىدۇ» دېيىلگەن (مەھمۇد كاشىغەرى: 1980-يىل، 546-بەت).

6.تاڭ

بۇ بىر خىل
ۇپل بىرلىكى، شۇنداقلا ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى
ۋەسىقىلەر» دە : « ‹تاڭ› ئۇدۇن ساك تىلىدىكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى
thamga دىن كەلگەن» دەپ تەخمىن قىلىنغان. مەسىلەن: بۇ ھەقتە بىر پارچە
«ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە ئېلىش ھۆججىتى» دە : «ئۇيغۇر بايتېمىر تېمىتچىنىڭ
پۇشىڭبېرى دېگەن جايدىكى بىر پارچە ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە ئالدى. ئىجارە ھەققى
ئون تاڭ (پۇل نامى) بولدى...» دېيىلگەن (نۇرۇللا مۆمىن يۇلغۇن، ئەزىز ئاتاۋۇللا
سارتېكىن : 1998-يىل، 3-، 4-سان).

بۇ
ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاڭ ئەينى دەۋردە ھەم پۇل بىرلىكى، ھەم ئېغىرلىق
ئۆلچەم بىرلىكى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.

7. كۈنچى

بۇ چەت
تىلىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن سۆز بولۇپ، ئۆلچەم قاچىسى ياكى ئۆلچەم
بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر» دە «كۈنچى» ھەققىدە
مەخسۇس توختىلىپ : «سانسكرىتچىدە كۈنچىگە يېقىن كېلىدىغان
kunji دېگەن ئاتالغۇ بار بولۇپ، ‹بىر kunji سەككىز سىقىمغا تەڭ›. شۇڭا، بۇ ئاتالغۇنىڭ سانسكرىتچىدىن قەدىمكى
ئۇيغۇر تىلىغا كىرىش ئېھتىمالى بار...» دېيىلگەن. بۇ خىل پەرەز ئەينى دەۋردىكى
تارىخى چىنلىققىمۇ ئۇيغۇن.

8. تەنبىن،
قاپ

بۇلار چوڭ-كىچىك سۇيۇقلۇق
ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولۇپ، «تەمبىن»، «تېمبىن»، «قاپلىق» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ
ئېلىنغان. مەسىلەن، بىر پارچە قەرز ئېلىش ھۆججىتىدە : «ئەجدىھا يىلى ئىككىنچى...

قىزىقسىڭىز

                داۋامى بۇ يەردە

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 12:26:47

alpsoft نىڭ بىر تېمىسى بولىدىغان مۇشۇ ھەقتە.

abral0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 12:26:51

\"\"

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 15:08:26

ياخشى ئەسەركەن. بىراقلا چىداپ مەشەگىلا تولۇق يىزىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ؟  ئەلا ئالاتتىڭىز.

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 17:01:23

3- قەۋەتتىكى atarutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى ئەسەركەن. بىراقلا چىداپ مەشەگىلا تولۇق يىزىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ؟  ئەلا ئالاتتىڭىز.  

تۇرايىمغا مېھمان باشلاي دەپ ئاشۇنداق يېرىم-ياتا قىلىپ قويغان.

ھېلىمۇ بېسىۋەتسىڭىز ھېچنىمە بولماس!\"\"

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 17:44:48

تۇلۇقراقى بىلەن يوللىغان بولسىڭىزمۇ ئوخشاشلا كىرەتتۇق،  سىز پىخسىقلىق قىلسىڭىزمۇ مەن پىخسىقلىق قىلماي، ئەلا بېسىۋەتتىم مانا ...  \"\"

shapburut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 17:47:26

1- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

alpsoft نىڭ بىر تېمىسى بولىدىغان مۇشۇ ھەقتە.  

مۇشۇ شۇمۇ؟

يۇرتىمىز تارىخىدا قوللىنىلغان ئۆلچەم بىرلىكلىرى

ئارتىم (驮)

ئارتىم– بىر قېتىم ئارتىشقا بولىدىغان يۈك. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە يۈكلەرنىڭ تۆگە، ئات، كالا، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارغا ئارتىپ توشۇيتتى. تەتقىقاتچىلارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە ئۇ 83.3 كىلوگرامغا تەڭ بولغا.

بادمان

شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى. «بادمان» كېيىنچە «پاتمان» غا ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

بۇغداي

قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلغان ئەڭ كىچىك ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.

پاتمان

شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمى، يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتلىشىچە پاتمان 180 كىلوگرامدىن 300 كىلوگرامغىچە ياكى بىر پۇتتىن ئىككى پۇتقىچە بولغان ئېغرلىق ئۆلچىمىنى كۆرسەتكەن. پاتمان ھەم ئېغرلىق ئۆلچەم بىرلىك ھەم مەيدان بىرلىكى ئورنىدا قوللىنىلغان. ئېغىرلىق بىرلىكى بويىچە ئىشلىتىلگەندە بىر پاتمان دەسلەپ 4 دادەن 5 كۈرەگە يەنى 540 جىڭغا، كېيىن 630 جىڭغا تەڭ بولغان.

پونت

پونت (pound)–ئەنگلىيە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، قىسقارتىپ «ld» يېزىلىدۇ.0.45359237=1ld

پۇت  

قەدىمكى روسىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، بىر پۇت تەخمىنەن 11.25دىن 12.75 گىچە خەرۋار بولىدۇ. خەرۋار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، غازانغان دەۋىردە بىر خەرۋار 83.3 كىلوگرامغا تەڭ بولغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر خەرۋار بىر ئېشەك يۈكى ئېغىرلىقىدا بولغان. شىنجاڭدا بىر پۇت تەخمىنەن 32 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئاشلىق، بىر پۇت يەر شۇنچىلىك ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر كۆلىمىنى ياكى بىر جۈپ قوش كالىسى بىلەن بىر كۈندە ھەيدەپ بولغىلى بولىدىغان يەر كۆلىمىنى بىلدۈرگەن. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» دە بىر پۇت 16.83 كىلوگرام بولىدۇ دېيىلگەن.

تاڭ

تاڭ– قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدىكى thamga دىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى بولۇپ، ئادەتتە پاختا، يۇڭ تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلغان بولسا كېرەك. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى ئېغىرلىق ئۆلچىمىدە بىر دەن 100 جىڭ ياكى 50 كىلوگرامغا؛ بىر سېنتنېر 100 كىلوگرامغا تەڭ بولغان.   

توننا

توننا–فرانسۇز تىلىدىن كەلگەن ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر توننا 1000 كىلوگرامغا تەڭ، ئەينى ۋاقىتتا بىر توننا 12 دادەنگە باراۋەر قىلىپ ھېسابلانغان.  

جىڭ

شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ۋە ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ نامى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى (斤) دىن كەلگەن. ئەينى دەۋىردە بىر جىڭنى 1.5 قاداققا باراۋەر قىلىپ ھېسابلىغان. نۆۋەتتە خەلقئارادا بىر جىڭ 500 گرامغا ياكى 0.5 كىلوگىرامغا تەڭ. ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بازار سىستېمىسى ئۆلچىمىدە بىر جىڭ 10 سەرگە تەڭ.

چارەك  

چارەك–پارىسچە سۆز بولۇپ، «تۆتتىن بىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئادەتتە، ۋاقىت، ئېغىرلىق، مەيدان ۋە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى قىلىپ قوللىنىلىدۇ.

چاقسا

چاقسا تەخمىنەن 200 گىرامغا، يەنى بىر كىلوگرامنىڭ 1/5 ىگە تەڭ.

خەرۋار

قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ئېغىرلىق ئۆلچىمى. قەدىمدە بىر خەرۋار 300 كىلوگرام بويىچە ھېسابلانغان ۋە «بىر ئېشەك يۈكى» دېيىلگەن. چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە غازانخان دەۋرىدە بىر خەرۋار 83.3 كىلوگىرامغا تەڭ بولغان.  

خو

خو پاتماننىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى–ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىمالىي شىنجاڭدا كۆپرەك قوللىنىغان. جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا «پاتمان» قوللىنىلغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ئۆلچەش ئەسۋابى بولۇپ، بىر خو 10 كۈرىگە توغرا كېلەتتى.

دادەن

ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆلچەشتە قوللىنىلىدىغان ئېغىرلىق ھەم سىغىم ئۆلچەم بىرلىكى. خەنزۇچە «石» دىن كەلگەن. ئازادلىقتىن ئىلگىرى شىنجاڭدا بىر دادەن 400 جىڭ، يەنى 200 كىلوگرامغا سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان.

دانى

دانى (dhnane) –قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە دائىر ھۆججەتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. ئۇ پارس تىلىدىكى dang دىن كەلگەن. قەدىمكى پېرىسىيدە 1 دانى 0.25 دىرەمگە تەڭ بولغان.  

دېسەنتىنا

بۇ رۇسلارنىڭ يەر مەيدان ئۆلچەم بىرلىكى، بىر دېسەنتىنا 15 مو يەرگە تەڭ بولغان.

دېكاگرام

دېكاگرام–خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكلەر سىستېمىسىدىكى ھاسلىۋى بىرلىك.1dag=10g  

دېكىگرام

دېكىگرام (decagram) خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىدىكى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.

دىراھما

دىراھما(drachma) شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائت ۋەسىقىلەردە ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى  

سادېرا

سادېرا(sadera) ئېغىرلىق بىرلىكى بولۇپ، شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە دائىر ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر سادېرا 15.08 گىرامغا تەڭ بولغان. قەدىمكى يۇناندا بىر سادېرا 4 دىراھماغا تەڭ بولۇپ، بىر دىراھمانىڭ ئېغىرلىقى 3.411 گرام كېلىدىكەن.

  سەر

شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، ئادەتتە ئالتۇن–كۈمۈش، دورا–دەرمەك قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ.ئېلىمىزنىڭ كونا ئۆلچەم بىرلىكلىرى قانۇنىدا 16 سەر بىر جىڭغا ياكى 10 مىسقالغا تەڭ دەپ بەلگىلەنگەن.كېيىن ئۇ بىر جىڭنىڭ 1/10 گە تەڭ بولۇپ، بىر سەر 50 گرامغا تەڭ بولغان.

سىما جىڭى

سىما جىڭى (司马斤)–شياڭگاڭ –ئاۋمېن رايوندا قولىنىلىدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بىر سىما جىڭى 16 سەرگە ياكى 604.79 گرامغا تەڭ

قاداق  

قاداق–ئىنگلىز ماسسا بىرلىكى. بۇ ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاداق ۋە ئالتۇن سودىسىدىكى قاداق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان 1 قاداق 0.454 كىلوگرامغا تەڭ ياكى بىر كىلوگرام 2.205 قاداققا تەڭ. 2240 قاداق 1 ئېنگلىز توننىسىغا؛ 2000 قاداق 1 ئامېرىكا توننىسىغا تەڭ. ئادەتتە ئىشلىتىلدىغان قاداق ئالتۇن سودىسىدىكى قاداقنىڭ 1.215 ھەسسىگە تەڭ بولىدۇ.

كانتار

ئېغىرلىق ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى.  

كىرات

كىرات–خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىدىغان مەخسۇس گۆھەر تاشلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكى.  

گېكتوگرام

گېكتوگرام–خەلقئارادا ئۆلچەم سىسىتېمسىدىكى ھاسلىۋى بىرلىك قىسقارتىپ «hg» يېزىلىدۇ. 1hg=10g  

گىرەيىن

گىرەيىن–ئەنگلىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، قىسقارتىپ «gr» يېزىلىدۇ.1gr=(1/7000)lb=64.7989mg  

مەن

مەن ئەسلىدە ئەنجاننىڭ ئېغىرلىق بىرلىكى بولۇپ، ئاشلىق ئۆلچەيدىغان مەن ۋە ئالتۇن–كۆمۈش ئۆلچەيدىغان مەن دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. 1 مەن 2.944 كىلوگرامغا تەڭ كېلىدىكەن. يەكەن خانلىقى دەۋرىدە  ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قوللىنىلغان. ھازىر تۈركمەنلەردە 1مەن ئىككى پۇتقا توغرا كېلىدۇ.  

مىسقال

مىسقال–پارس تىلىدىكى سۆز بولۇپ، پۇل ۋە ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. شىنجاڭدا بىر مىسقال 1/10 سەرگە يەنى 4.68 گىرامغا تەڭ.

مىلىما

مىلىما–شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسقىلەردە ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، قەدىمكى نىيا بەگلىكى قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك قوللنىلغان  

نادا

نادا (nadha) سانسىكرىت تىلىدىكى «قاپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئېغىرلىق ھەم ھەجىم بىرلىكى. بىر نادا 15 مىلىماغا تەڭ

ئونسىيە

ئونسىيە (ounce)–ئەنگلىيىنىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بازار سودىسىدىكى بىر ئونسىيە 28.35 گىرامغا، ئالتۇن سودىسىدىكى ئونسىيە 31.10 گرامغا تەڭ. ئۇ يەنە سىغىم بىرلىكى بولۇپ، بىر ئونسىيە 60 گاللۇنغا ياكى 0.0284 لىتىرىغا تەڭ قىسقارتىپ «oz» يېزىلىدۇ.1oz=(1/16)lb=437.5gr=28.3495g

shapburut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 17:48:46

1- قەۋەتتىكى tawlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

alpsoft نىڭ بىر تېمىسى بولىدىغان مۇشۇ ھەقتە.  

مۇشۇ شۇمۇ؟

ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكىلرى 重量单位

kanjibay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-5 15:41:22

تەرجىمە، تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيالكەن بۇ. تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!
بەت: [1]
: قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قسىىم ئۆلچەم بىرلىكلىرى[كۆچۈرۈلمە]