eltikin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 13:39:56

ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى ھەققىدە رەسىملىك تۇنۇشتۇرۇش

ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى ھەققىدە رەسىملىك تۇنۇشتۇرۇش


ھەمىمىزگە
مەلۇم بولغنىدەك ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇرچە تەرجىمە
قىلىنۋاتقىلىمۇ ئاز كەم تۆت يىلىدەك ۋاقىت ئۈتۈپتۇ .بۇ جەرياندا مىللەت
سۈيەر كىشىلىرىمزنىڭ ھەرجەھەتتىن تىرشچانلىق كۈرسىتىش نەتىجىسىدە ئۇبۇنتۇ
كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمىسى تەرجىمە قىلىنپ 98% ئۇيغۇرچىلىشىپ
بولدى.بەلكىم كۈپۈينچە كىشىلىرىمىز بۇ توغۇرلۇق بەزى تور بەتلەردە
ماتىرىياللارنى كۆرگەن بولسىمۇ لىكىن بۇ سىستېمىنى ئىشلىتپ بېقىش ئۇلارغا
نىسىپ بولمىدى ياكى بۇ سىستېما ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ كەمچىلىكى سەۋەبىدىن
ئىشلىتەلمىدى.مەن بۇ يازمامدا ئۇبۇنتۇ سىستمېىسىنى چۈشنىپ بىقشنى
ئويلاۋاتقان دوستلار ئۈچۈن ئۇبۇنتۇ سىستمېىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ۋە بىر
قىسىم دېتاللار ھەققىدە سۈرەتلىك مەلۇمات بەرمەكچىمەن.يازمىنى تۇلۇق ئۇقۇپ
ۋە كۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئەگەر بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ بېقىش ئارزۇسىدا
بولغانلار بولسا تۈۋەندىكى تور بەتلەردىن بۇ سىستېما ھەققىدىكى
مەلۇماتلارغا ئىرشەلەيدۇ.


قۇتبەگ بىلوگى (http://www.qutbeg.com)


ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگى(http://ugubuntu.com/)


بىلىك كۇلۇبى (http://www.bilik.biz/bbs/)


ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيىتى تور بىكىتى (http://www.ukij.org/munber/) قاتارلىقلار...............


يۇقارقى
تور بەتلەردىن ئۇبۇنتۇ ھەققىدە سۇئالىڭزغا جاۋاپقا ئىرشەلىسىڭز بىۋاستە
مېىنىڭ شەخسى بىلوگىمغا خەت قالدۇرسىڭز 24 سائەت ئىچىدە جاۋاپقا
ئىرشىسىز.بىلوگىم ئادىرېىسى:قۇتبەگ بىلوگى(http://www.qutbeg.com).ياكى بىلوگىمدىكى چ چ توپلارغا كىرىپ شۇ يەردە مەسلىھەت سورسىڭزمۇ بۇلىدۇ.


ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات ىسىستېمىنىڭ ھازىرىقى ئۇيغۇرچىنغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى:



ئورگان تەرەپ تور بەت :


http://people.canonical.com/~dpm/stats/ubuntu-12.04-translation-stats.html



1-رەسىم
: ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كېيىن تۈۋەندىكى
ھالەتتە قوزغىلىدۇ.ۋىندوس سىستېمىلاردەك سىز تەگلىك رەسىمگە خالىغان
رەسىمنى بەلگىلىيەلەيسىز.شۇنداقلا ئۇنى ئاپتۇماتىك ئالمىشىدىغان قىلىپ
تەڭشىيەلەيسىز.



2-رەسىم :ھەرقايىسى دىسكىلار رايۇنى ۋە ئۇبۇنتۇ سىستىېمى ھەرقايسى رايۇنلىرى.




3-
رەسىم : سىستېما تەڭشىكى رايۇنى(سىستېمىغا نىسبەتەن بارلىق تەڭشەكلەر مۇشۇ
يەردە بۇلۇپ سىز بۇ يەردىكى ھەرقايسى تەڭشەكلەر ئارقىلىق سىستېمىغا تەڭشەش
ئىلىپ بارالايسىز )



4 -رەسىم :ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش يومشاق دېتالى(بۇ دېتال ۋىندوس سىستېملاردىكى ئوفىس يومشاق دېتالغا ئوخشاش .)



5-رەسىم :قاچىلانغان دېتاللار رايۇنى(يەنى دېتال مەركىزى.بۇ يەردىن سىز كومپىيوتىرغا قاچىلانغان دېتاللارنى قوزغىتىپ ئىشلىتەلەيسىز.)



6-رەسىم
: يۇمشاق دېتال مەركىزى(بۇ ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى بۇلۇپ بۇ يەردىن
دېتال قاچىلاش ،ئۈچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارالايسىز.)



7-رەسىم
:ئۇبۇنتۇ ئورگان تەرەپ تەمنىلىگەن 5G  لىق ھەقسىز بۇلۇت بوشلۇق.(پەقەت بىر
دانە ئىلخەت ئارقىلىق بۇنىڭغا تىزىملىتىپ ھەقسىز بولغان 5G لىق بۇلۇت
بوشلۇققا ئۈزىڭزنىڭ خالىغان ماتىرىيالىڭزنى چىقىرىپ ساقلىيالايسىز ھەم
ئۈزىڭز ھۇقۇق بەرگەن دوستلار ئارا ھەمبەھىرىلىنەلەيسىز.)


8-رەسىم :دىسكا ئۇيۇش دېتالى()



9-رەسىم:كىنو-فىلىم كۈرۈش ،ناخشا مۇزىكا ئاڭلاش دېتالى.



10-رەسىم :سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتالى(بۇ ۋىندوس سىستېمىلاردىكى فوتوشۇپ يومشاق دېتالى بىلەن ئوخشاش دېتال)



11-رەسىم:تور رادىئوسى ۋە مۇزىكا ئاڭلاش دېتالى(بۇ دېتال ئارقىلىق توردىكى ناخشا مۇزىكا ۋە تور رادىئوسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز.)




12-رەسىم:مەۋھۇم يەرشارى دېتالى.(بۇ دېتال ئارقىلىق كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۈرەلەيسىز.)



13-رەسىم:تىكىست
تەھىرىرلىگۈچ.(بۇ ۋىندوستىكى تىكىست تەھىرىرلىگۈچكە ئوخشاش ،لىكىن بۇنىڭدا
ھەرخىل ھۆججەتلەرگە قارىتا تەھىرىرلەش ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ.ھەرخىل
ھۆججەتلەرنى رەڭ ئارقىلىق پەرقىلەندۈرۈپ بىرىدۇ.)



14-رەسىم:سىستېمىنى زاپاسلاش ۋە قايتۇرۇش دېتالى




15-رەسىم:تىرىمىنال(بۇ
ئۇبۇنتۇدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دېتاللارنىڭ بىرى بۇلۇپ بۇنى قوزغىتىش
ئۈچۈن ctrl+alt+ t  نى بىللە بىسىش قوزغىتىمىز.ئاندىن بەزى دېتاللارنى
بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسا بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چەككەندىن
كېيىن مەخپى نۇمۇر سورايدۇ مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن قاچىلاشقا
باشلايدۇ. دىققەت : بۇ يەردە كىرگۈزگەن مەخپى نۇمۇر كۈرۈنمەيدۇ،شۇڭا مەخپى
نۇمۇرنى تورغرا كىرگۈزۈپ مەشغۇلات قىلىڭ.)



سىستېمىنى
ھەر قېتىم قوزغىتىپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن رەسىمدىكى بۇيرۇقىنى تىرىمىنالدا
بىر قېتىم يۈرگۈزۈپ سىستېمىنى يېڭلاپ ئىشلەتسىڭز سىستېما ئەڭ ياخشى ھالەتتە
خىزمەت قىلىدۇ.چۈنكى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ھەر دائىم يېڭلىنىش
ھالىتدە ماڭدۇ.بۇ سىستمېىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى پىروگىراممىرلار
مۇككەممەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۈزگەرتىش ۋە ياخشلاش ئۈچۈن توختىماي
ئىزدىندۇ.


sudo apt-get update ;sudo apt-get upgrade



ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى چۈشۈرۈش ئۈچۈن:



http://www.qutbeg.com/?p=729


http://www.qutbeg.com/?p=274



بىۋاستە چۈشۈرۈش ئۈچۈن:


http://www.ubuntu.com.cn


http://www.ubuntu.com


http://releases.ubuntu.com/12.04/ubuntu-12.04-desktop-i386.iso


http://releases.ubuntu.com/12.04/ubuntu-12.04-desktop-amd64.iso


يۇقارقى تور بەتلەرگە(بىرسى ئىنگىلىزچە ،يانا بىر خەنچە) كىرىپ تۈۋەندكى رەسىمنى چەككەندىن كېيىن






تۈۋەندىكى رەسىمدىكى بەلگە قۇيۇلغان ubuntu دىگەن خەتنى چەكسىڭز






ھەقىقى چۈشۈرش ئورنى چىقىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:





بۇ
يەردىن ئۈزىڭز خالغان نۇسىخىدىكى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭز
بۇلىدۇ.يەنى بۇ يەردە 32 بىتلىق ۋە 64 بىتىلىق دە ئايرلىغان ئۇندىن باشقا
ئوبۇنتۇ 10.04 نىڭمۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمنىلەنگەن.



ئوبۇنتۇ 12.04   ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى چۈشۈرۈش ئادىرېسى


http://releases.ubuntu.com/12.04/ubuntu-12.04-desktop-i386.iso


http://releases.ubuntu.com/12.04/ubuntu-12.04-desktop-amd64.iso



ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش ئۇسۇلى :


ئوبۇنتۇنى سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇلار تۈۋەندىكىچە:

ئۇبۇنتۇنى Wubi قاچىلاش:


http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-wubi-qachilash.html


ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش:



http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-usb-qachilash.html


ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش:



http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html


قاچىلاش جەريانىدا قىيىنچىلققا ئۇچۇرسىڭز بىۋاستە بىلوگدا ئىنكاس قىلىڭ.




يازما ئەسلى مەنبەسى:http://www.qutbeg.com







Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-7-22 00:21:46

ئۇيغۇر لىنكىس سېتسمسى ئۈچۈن تىرشىۋاتقان تورداشلارغا تەشەككۈر .

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-7-22 01:48:11

fedora

red hat linux

لار بىلەن نىمە پەرقى بار بۇ ئۇبۇنتۇنىڭ؟

eltikin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-22 10:46:49

2- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

fedora

red hat linux


لار بىلەن نىمە پەرقى بار بۇ ئۇبۇنتۇنىڭ؟




ئۇبۇنتۇ نىڭ ئۈستەل يۈزى ۋە مۇلازىمىتىر دەپ ئايرىلىدۇ.يۇقارقى ئىككىسنىڭ بولسا پەقەت مۇلازمىتىر نۇسىىلىرىلام بار .ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى يوق.ئۇلار پەقەت مۇلازىمىتىرلاردا ئىشلىتىلىدۇ .ئادەتتە ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ........




abral37 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-22 15:05:10

fedora، red hat linux دىگەنلەرنىڭمۇ شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدىغان ئۈستەل يۈزى نەشىرى بارغۇ دەيمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-23 19:19:46

«مۇلازىمېتىر نەشىرى» گە قارىتا «ئۈستەل يۈزى نەشىرى» دىگەن سۆزگە ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كەپتۇ ھە، @eltikin بۇنى بىر چۈشەندۈرۈۋەتسە..

11 يىل بۇرۇن Rea Het Linux نىڭ ئۈستەل يۈزى، سىنبەلگىلىرى بار ئىدى. ئوقۇم ئوقۇشماسلىقى كېلىپ چىقمىسۇن، ياكى ئەلتېكىننىڭ دىمەكچى بولغىنى «شەخىسلەر نۇسخىسى» دىگەنگە ئوخشاش، Windows Server 2012 بىلەن Windows 8 نىڭ پەرقىدەك دىمەكچىمۇ يا؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى ھەققىدە رەسىملىك تۇنۇشتۇرۇش