kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 11:33:49

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىكى تېز كىرگۈزۈش كونۇپكىلىرىغا سۆزلۈك تەۋسىيە [كۆچۈرۈلمە]

ئالما تېلفونلىرىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى نۆۋەتتە دىيارىمىزدىكى ئالما تېلفونى ئشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسېلىلىرىنىڭ بىرى ، ئۆز تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىزنى دۇنيانىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولغان مۇشۇنداق ئىلغار مەھسۇلاتلاردىمۇ ئۆز تىلىمىزنى ئشلىتىشكە ئۈندىمەكتە ، شۇخىل بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تۈرتكۈسى نۇرغۇن تورداش دوسىتلىرىمىزنى ئىزدىنىشكە ، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلىرىنى چىقىرىشقا يىتەكلىدى ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر نەچچەخىل پارتىزانلارچە ياسالغان كىرگىزگۈچلەر بارلىققا كەلدى ، دېمەك بۇ سەپنىڭ سەركىسى بولغان قارلۇق شېركىتى ھەقېقىي تۈردە ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچىنى ئېگە تەرەپ ئارقىلىق تارقىتىشتىن بۇرۇن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى بۇ كىرگىزگۈچلەر ئارقىلىق ھەل قىلىپ تۇرىدىغاندەك قىلىمىز ، بۇ جەرياندا ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىمىزمۇ كۇلۇبتىكىدوستلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى ئۆزگەرتىپ ئايفوندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ، ئۇلىشىپلائايپەد (iPad) ئۈچۈنمۇ ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ تارقىتىلدى ، بۇ جەرياندا كىرگىزگۈچنىڭ بەزى ئقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەم مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق ، ئالدىنقى قېتىملىق نەشىردە بىز سىناق قاتارىدا بوشلۇق كونۇپكىسىغا كۇلۇبنىڭ ئادىرسىنى قوشۇپ ، يۇقىرىغا سېرىش ياكى بېسىپ تۇرۇپ تاللاش ئارقىلىق بىر كونۇپكىدىلا كۇلۇب ئادىرسىنى كىرگۈزۈشنى كۆرسەتكەن ئدۇق ، كەينىدىنلا ئايپەد نۇسخىسىدا سالام سۆزلىرى قوشۇپ چىقىرىلغان ئدى ، بەيدۇ كىرگىزگۈچتە ئادەتتە بىر كونۇپكىغا بەش ھەرىپ ياكى سۆز بەلگىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ ، يەنى شۇ كونۇپكىنى باسقاندىكى ئۆنۈم ، ئاستىغا سېرىغاندىكى ، ئۈستىگە سېرىغاندىكى ، ئوڭغا ھەم سول تەرەپكە سېرىغان چاغدىكى ئۆنۈم قاتارلىقلار ، كۇلۇبتىكى باشقۇرغۇچىلار خېلىدىن بۇيانلا بىر ئوينى ئورتاق مۇلاھېزە قىلىپ كەلگەن ئدۇق ، يەنى بەيدۇنىڭ بۇ ئىقتىدارىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە ھەرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان 27 كونۇپكىغا بىردىن ئاساسي ھەرىپ ۋە بىردىن قوشۇمچە ھەرىپ ياكى سان ۋە ياكى بەلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، نەزىرىيە جەھەتتىن ئيتقاندا ھەر بىر كونۇپكىغا يەنە ئۈچتىن ھەرىپ ياكى سۆز ، جۈملە ياكى ئۆنۈم قوشقىلى بولىدۇ ، شۇ سەۋەپتىن بىز ھەر بىر كونۇپكىغا شۇ كونۇپكىدىكى ھەرىپلەرنى باش ھەرىپ قىلغان ئەڭ كۆپ ئشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى توپلاپ ىستاتىستېكا قىلماقچى ئاندىن دوسىتلار ئەڭ كۆپ ئشلىتىدىغان سۆزلەرنى بۇ كونۇپكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش جەريانىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتماقچى ، كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى بىر كونۇپكا بىلەنلا كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ، شۇ سەۋەپتىن دوستلارنىڭ ئۆزلىرى ئەڭ كۆپ ئشلىتىدىغان سۆزلەرنى بىزگە تەۋسىيە قىلىشىنى سورايمىز ، مەن بىر مېسال كەلتۈرەي :

ئياكى ە   -ھەرپىگە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .   ۋ-ھەرىپگە ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ.   ۇ-ھەرپىگە ئۇيغۇر دەپ   . ا- ھەرپىگە ئالماياكى ئايفون دەپ كىرگۈزسەكدېگەندەك ، تاما تاما كۆل بولا دەپتىكەن

قېنى دوستۇم دەرھال ھەركەتكە كېلىڭ ، بەلكىم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆز بۇ كونۇپكىلاردىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن ، ئككى ھەپتىلىك سۆزلۈك يىغىشتىن كىيىن بىز دەسلەپكى قەدەمدە سىناق قىلماقچى ، تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ، بەش مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئانا تىلىمىزدىكى ھەر بىر ھەرىپتە ئۆزىڭىز توردائەڭ كۆپ ئشلىتىدىغان سۆزنى يىزىپ چىقىڭ .

تورداشلارغا ئالدىن رەخمەت بىلدۈرىمىز .تېما ئادىرىسى :

ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچتىكى تېز كىرگۈزۈش كونۇپكىلىرىغا سۆزلۈك تەۋسىيە قىلىڭ

http://www.xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=1128&fromuid=1



                                                               

ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى



arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 14:20:18

سۈزلۈك تەۋسىيە قىلىڭ دىگەن گەپ :

ئۇ

بۇ

سەن

مەن

بۇلار

ئۇلار

كاۋا

مانتا

خوشاڭ



..

..

---

مۇشۇنداق سۆزلۈك ياساڭ دىگەنلىكمۇ ؟
بەت: [1]
: ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىكى تېز كىرگۈزۈش كونۇپكىلىرىغا سۆزلۈك تەۋسىيە [كۆچۈرۈلمە]