Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 21:50:21

ئامېرىكا سۈنئىي قۇياش ياسىدى

ئامېرىكا سۈنئىي قۇياش ياسىدى



ھەممىمىزگە مەلۇم، لازىر نۇرىنىڭ بېسىم چۈشۈرەلەيدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم ئەمەس! لازىرنىڭ دەل مۇشۇ ئىقتىدارى ھىدىروگىننىڭ ئىزوتوپلىرىدىن دىيتىرىي، تىرىتىي قاتارلىقلارنى قىسىپ يىغىپ، گېلىي ئېلېمېنتىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ۋودروت بومبىسىدەك زور ئېنېرگىيە قويۇپ بەرگۈزەلەيدۇ.


كۆرسەتمە سۈرەت:



ئامېرىكا ئوت يېقىش ئۈسكۈنىسى تەجرىبىخانىسى NIF، (بۇلار سەرەڭگىنى ئەمەس بەلكى ئاتوم ۋە ۋودروت بومبىسىنىڭ يېقىلغۇسىنى ياقىدىكەن) 192 دەستە لازىر نۇر بىلەن مىلياردتىن ئۈچ سىكونت ۋاقىتتا سوقۇلما (ئىمپۇلىس) قۇۋۋەت قويۇپ بېرىپ، 5 تىرلىيون ۋات پەيتلىك قۇۋۋەت ھاسىل قىلىپ، دىئامېتىرى 2 مىللىمېتىر بولغان نىشاننىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن، ئەلۋەتتە بۇ نىشان كاۋچۇك پەردىگە ئورالغان دىيتىىري، تىرىتىي كومۇلىچى بولۇپ، لازىر سوقۇلمىسى 100 مىليون سىلسىيە گىرادۇسلۇق تىمپىراتۇرا ۋە 100 مىليارد ھەسسە ئاتموسفىرا بېسىمىغا تەڭ بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، پەقەت يۇلتۇز (قوياشنى دەۋاتىدۇ) لارنىڭ ئىچىدىلا بولىدىغان شارائىتنى پەيدا قىلغان، لازىر دەستىلىرىنىڭ مىلياردتىن ئۈچ سىكونت ئىچىدە سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىسى بولسا، ئوخشاش پەيت ئىچىدە پۈتۈن ئامېرىكا ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى چىقارغان ئېنېرگىيىنىڭ 500 ھەسسىسىگە تەڭ، ئەلۋەتتە بۇ يورۇتۇش پەقەت مىلياردتىن ئۈچ سىكونتلا داۋاملاشقان. بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان يادرو يىغىلىش مىلياردتىن بەش سىكۇنت داۋاملاشقان بولۇپ، رىئاكسىيىدە ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە كىرگۈزۈلگەن ئېنېرگىيىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولغان، بىر مىليارد جوئولغا يەتكەن. ئالىملار بۇ ئۆزگىرىشنى بىر سىكونتتا 10 قېتىم تەكرار ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئالىملار بۇنىڭ تۇنجى ئۆزلۈكسىز ئېنېرگىيە تەمىنلەيدىغان يادرو يىغىلىش قازىنى بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.


بۇنى يەر شارىدا ھاسىل قىلىنغان «سۈنئىي قۇياش» دىيىشكە بولىدۇ.


دۆلەتلىك ئوت تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىشلىتىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى سىتىۋىن چو (Steven Chu)بىلەن كالىفورنىيە شىتات باشلىقى ئارنولىد شىۋارسېنگېر (Arnold Schwarzenegger) مۇ قاتناشقان.


سۈرەتتە:


دۆلەتلىك ئوت يېقىش تەجرىبىخانىسىنىڭ نىشان ئۈيى:




دۆلەت ئوت يېقىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچىگە قويۇلىدىغان دىيتىرىي- تىرىتىي كومۇلىچى ۋە لىق كومۇلاچ قاچىلانغان ئالتۇن يالىتىلغان نۇر قايتۇرغۇچ قاچا:




7680 دانە لازىر لامپىسىغا ئېنېرگىيە يەتكۈزىدىغان يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېترغا يېتىدۇ:






بىر نەپەر مۇتەخەسىس ئامېرىكا دۆلەتلىك ئوت يېقىش قۇرۇلمىسىنىڭ پەن- تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە، پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى بۇ قۇرۇلما تۇنجى يادرو يىغىلىشى ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن:




دۆلەتلىك ئوت يېقىش قۇرۇلمىسىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك لازىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ لازىر نۇر ئىلمى زاپچاسلىرى بار، بۇ بىر KDP كىرىستالى، ئېغىرلىقى 36 كىلوگىرام، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا پەقەت ئىككى ئايدىلا بىرنى ياسىغىلى بولىدۇ، كونا ئۇسۇلدا ئىككى يىل ۋاقىت كېتەتتى، پۈتۈن دۆلەتلىك ئوت يىقىش قۇرۇلمىسىدا بۇنداقتىن 600 دانە بار.




ئاخىرقى ئۇچ نۇر ئىلمى تەكشۈرۈش سىستېمىسى:




ئۇلاقلىق ئىقتىداردىكى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان زاپچاس (LRU)ئارىسىدىكى لازىر ئەينىكى تەڭشەش تاختىسى:










دۆلەت ئوت يېقىش تەجرىبىخانىسىغا 3.5 مىليارد دوللار كەتكەن بولۇپ، تەجرىبە بىناسىنىڭ چوڭلۇقى بىر پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ:





دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان نىشان ئۆيى 1997- يىلى قۇراشتۇرۇشقا باشلانغان، ئېغىرلىقى 137 توننا كېلىدۇ، قۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن باشلاپ ئىشلىتىشكىچە 15 يىل ۋاقىت كەتكەن:





مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ رىئاكسىيە قازىنى 2020- يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان بولۇپ، 2050- يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنى تەمىنلىشى مۇمكىن:







بىر لېتىر دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىبىدە 0.03 گىرام دىيتىرىي بولىدۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ئېنېرگىيە 100 ھەسسە مىقداردىكى ماشىنا يېقىلغۇسىغا باراۋەر بولىدۇ. يەر شارىدا پەقەت دېڭىز سۈيىدىلا 45 تىرلىيون توننا دىيتىرىي بار، شۇڭا، يادرو يىغىلىش رىئاكسىيىسىنى كونترول قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئېنېرگىيە كىرزىسىدىن قۇتۇلۇشىدىكى ئۇلۇغ چۈشىدۇر.



ھەممىمىزگە مەلۇم، ھازىرقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۇران 235، پلۇتونىي (يادرو قۇرالىنىڭ يېقىلغۇسىنى دەۋەتتىممۇ-يا) قاتارلىق نۇرلىنار (ئاتالمىش رادىئوئاكىتىپلىق) ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتومى پارچىلىنىپ، باشقا ئاتومغا ئايلىنىپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشىدىن چىقققان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ئېغىر سۇ، سۇ قاتارلىق ئىسسىقلىق ئالماشتۇرغۇچلارنىڭ ياردىمى بىلەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك پار پالاقچە گۇرۇپپىسى ۋە تۈۋەن سۈرئەتلىك پار پالاقچە گۇرۇپپىسىغا يەتكۈزۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئۆزگىرىش قازىنىغا يەتكۈزۈلىدىغان يېقىلغۇ تاياقچە ئاستا- ئاستا كىرگۈزۈلىدۇ ۋە كادىمىينىڭ نىيتىرون سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ يادرو يىمىرىلىش ئۆزگىرىشىنىڭ سۈرئىتىنى كونترول قىلىپ، بىخەتەر توك چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر، پۈتۈن زاۋۇتنىڭ مەلۇم ھالقىسىدىن چاتاق چىقىپ قالسا، ئاقىۋىتى ئېچىنارلىق بولىدۇ. بۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىگە سوۋىت چىرنوبىل ۋە ياپۇنىيە دېڭىز تاشقىنى ۋەقەسىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى مىسال. چىرنوبىلدىكى يادرو يېقىلغۇسى يىمىرىلىشتىن ھاسىل بولغان نۇرلىنار ماددىلار ئەينى چاغدا بىتون بىلەن قاپلىۋېتىلگەن بولسىمۇ ھازىر قاپتىن تېشىپ چىقىشقا باشلىغان، ياپۇنىيىدىكى يادرو قازىنىغا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە دېڭىز سۈيىنى توختىماي قويۇپ سوۋۇتۇپ، قازان گەۋدىسىنىڭ ئېرىپ تېخىمۇ زور يادرو ئېقىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىۋاتقان ھالدا ماڭغان. ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتى ئىچىدە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى توختىتىش ياكى تەدرىجىي توختىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان.






يەنە بىر خىل بىخەتەر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كۆپچىلىكە ئانچە مەلۇم ئەمەس، يەنى «ئېرىگەن تۇز ئۆزگىرىش قازىنى» (Molten salt reactor)، بۇ سۇيۇق ھالەتتىكى تورىيوم (Thorium) يەيدىغان قازان ھەجىمى ئۇران ئاتوم قازىنىغا قارىغاندا كىچىك بولۇپ، چاتاق چىقسا يېقىلغۇ تەمىنلەش كىلاپانى ئېرىپ كەتسىلا ھەممە توختايدۇ، بىخەتەر، چوڭ- چوڭ شىركەتلەر بۇنى ئۆز شىركەتلىرى ئۈچۈن ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى تەمىنلەش مەنبەسى قىلىپ قۇرۇشنى ئويلاشماقتا.




ئەگەر چاتاق چىقسا، سول تۈۋەن تەرەپتىكى ئۈچ زاپاس قاچىغا تۇتاشقان كىلاپاننى سوۋۇتۇش توختاپ ئۇمۇ ئېرىپ كېتىپ، سۇيۇق ھالدىكى يېقىلغۇ باكقا چۈشۈپ كېتىپ، سول ئۈستىدىكى قارا ئۆزگىرىش قازىنىغا يېقىلغۇ بارماي ئۆزگىرىش توختاپ قالىدۇ. قازاننىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.



كەمچىلىكلەر بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەتلەپ يازغۇچى - باچكا.

NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 22:22:23

مۇشۇ باچكا دېگەن بالىغا نەچچە يىلدىن بېرى مەن زادى قايىل ئەمەس دېسەم توغرا ئەمەس بولمىغان بولمايدۇ.\"\"

مۇشۇ باچكا دېگەن بالىغا نەچچە يىلدىن بېرى مەن زادى قايىل ئەمەس دېسەم خاتا بولمىغان بولمايدۇ.

مۇشۇ باچكا دېگەن بالىغا نەچچە يىلدىن بېرى مەن زادى قايىل ئەمەس دېسەم خاتا بولىدۇ.




قەتئى يامان بالا

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 22:27:38

تېمىلار بارغانسىرى جانلىق بولۇپ كىتىپ بارىدۇ جىمۇ،ئامرىكىلىقلار زادى پەن تېخنىكىغا كۆپ مەبلەغ سالىدۇ!!!!!!

natonux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 22:39:38

پەن تېخنىكا قانچە كۆپ تەرەققىي قىلغانسېرى كىشىلەرگە كېلىدىغان بېسىم،بالايىئاپەت شۇنچىلىك جىقلايدۇ

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 22:55:38

ئامېرىكا ئوت يېقىش ئۈسكۈنىسى تەجرىبىخانىسى NIF، (بۇلار سەرەڭگىنى ئەمەس بەلكى ئاتوم ۋە ۋودروت بومبىسىنىڭ يېقىلغۇسىنى ياقىدىكەن) 192 دەستە لازىر نۇر بىلەن مىلياردتىن ئۈچ سىكونت ۋاقىتتا سوقۇلما (ئىمپۇلىس) قۇۋۋەت قويۇپ بېرىپ، 5 تىرلىيون ۋات پەيتلىك قۇۋۋەت ھاسىل قىلىپ، دىئامېتىرى 2 مىللىمېتىر بولغان نىشاننىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن، ئەلۋەتتە بۇ نىشان كاۋچۇك پەردىگە ئورالغان دىيتىىري، تىرىتىي كومۇلىچى بولۇپ، لازىر سوقۇلمىسى 100 مىليون سىلسىيە گىرادۇسلۇق تىمپىراتۇرا ۋە 100 مىليارد ھەسسە ئاتموسفىرا بېسىمىغا تەڭ بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، پەقەت يۇلتۇز (قوياشنى دەۋاتىدۇ) لارنىڭ ئىچىدىلا بولىدىغان شارائىتنى پەيدا قىلغان، لازىر دەستىلىرىنىڭ مىلياردتىن ئۈچ سىكونت ئىچىدە سەرپ قىلغان ئېنېرگىيىسى بولسا، ئوخشاش پەيت ئىچىدە پۈتۈن ئامېرىكا ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى چىقارغان ئېنېرگىيىنىڭ 500 ھەسسىسىگە تەڭ، ئەلۋەتتە بۇ يورۇتۇش پەقەت مىلياردتىن ئۈچ سىكونتلا داۋاملاشقان. بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان يادرو يىغىلىش مىلياردتىن بەش سىكۇنت داۋاملاشقان بولۇپ، رىئاكسىيىدە ھاسىل بولغان ئېنېرگىيە كىرگۈزۈلگەن ئېنېرگىيىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولغان، بىر مىليارد جوئولغا يەتكەن. ئالىملار بۇ ئۆزگىرىشنى بىر سىكونتتا 10 قېتىم تەكرار ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئالىملار بۇنىڭ تۇنجى ئۆزلۈكسىز ئېنېرگىيە تەمىنلەيدىغان يادرو يىغىلىش قازىنى بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغا.



--------------------

مۇشۇ ئابزاستىكى مۇنچە تىرىليون مۇنچە كىلومىتر دىگەن سان-سىفىرلارنى قىياس قىلغىلى بولمىدى، ئۇنىڭ نىرىسىغا ئۆتۆشكە ... نان يەپ كەلسەك بولغۇدەك .

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 00:15:06

پولونىي ئەمەس

پىلوتونىي239، ئۇران 233، تورىي232 لار ئىشلىتىلىدۇ

پولونىي210 ۋە كوبالت 60 لار مېدىتسىنا ۋە سانائەتتە رادىئوئاكتىپ نۇر مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 00:47:41

توۋا، رەھمەت ئۆزگەرتىپ قويدۇم، ئېلېمېنتلارنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشۇم ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم. ئا مەن تورىيوم دىگىنىم تورىي دەپ يېزىلغانمۇ كىتاپتا؟  \"\"

428 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 01:02:00

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز پاراڭ



@باچكا@ ، سىز بىلەن پىكىرلىشىدىغان ئازىراق ئىش بار ئىدى .  

مىنىڭ ئالاقە ئادىرسىسىم :

چ چ :307762029

ئېلخەت : 307762029@qq.com

tel : 15299574000

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 07:25:26

3- قەۋەتتىكى natonuxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەن تېخنىكا قانچە كۆپ تەرەققىي قىلغانسېرى كىشىلەرگە كېلىدىغان بېسىم،بالايىئاپەت شۇنچىلىك جىقلايدۇ



پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغان بولسا ئىزدىنىشكە بۇ ئىنكاسنى يازغىلى بولمايتتى......




natonux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 11:03:07

8- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى natonuxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەن تېخنىكا قانچە كۆپ تەرەققىي قىلغانسېرى كىشىلەرگە كېلىدىغان بېسىم،بالايىئاپەت شۇنچىلىك جىقلايدۇ



پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلمىغان بولسا ئىزدىنىشكە بۇ ئىنكاسنى يازغىلى بولمايتتى......






ھەئە شۇنداق،تەرەققىيات مۇنبەر دەپ بولۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ \"\"

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 12:49:13

بۇ - ئامرىكىلىقلارنىڭ ياسىغان قوياشى شۇمىكەن ، ئىسسىغى بىز تەرەپلەرگىمۇ كىلەرمۇ يا ؟ كاللىسى ۋۇسۇڭدەڭ ئىشلەپ قويىدىغان كىشىلەر جۇمۇ ...  {:92:}

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 14:18:04

10- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ - ئامرىكىلىقلارنىڭ ياسىغان قوياشى شۇمىكەن ، ئىسسىغى بىز تەرەپلەرگىمۇ كىلەرمۇ يا ؟ كاللىسى ۋۇسۇڭدەڭ ئىشلەپ قويىدىغان كىشىلەر جۇمۇ ... \"\"




ھاھا ...


بۇ گۇيلارنىڭ كاللىسى ۋۇسۇڭدەك ئەمەس ، تاڭسىڭدەك ئىشلەيدىكەن ...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 14:29:35

ئۆمۈچۈك پالۋان2 دە ھېلىقى پىراففىسورمۇ لازىر نۇرىنى بىر خىل ماددىغا چۈشۈرۈپ سۈنئىي قۇياش ياسايدىغۇ.....شۇنداقراق نەرسىنىڭ ئەمەلىيسىكەندە..

جۇڭگونىڭمۇ مۇشۇنداق نەرسىنى ياساۋاتقانلىقىنى بىر چاغلاردا بىر يەردىن كۆرگەنتىم

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 14:50:05

12- قەۋەتتىكى 79588010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆمۈچۈك پالۋان2 دە ھېلىقى پىراففىسورمۇ لازىر نۇرىنى بىر خىل ماددىغا چۈشۈرۈپ سۈنئىي قۇياش ياسايدىغۇ.....شۇنداقراق نەرسىنىڭ ئەمەلىيسىكەندە..

جۇڭگونىڭمۇ مۇشۇنداق نەرسىنى ياساۋاتقانلىقىنى بىر چاغلاردا بىر يەردىن كۆرگەنتىم

دۆلىتىمىز ئادەتتە ، باشقا دۆلەتلەر سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە مەبلەغ سالاتتى ، باشقىلار سىناپ باقمىغان ياكى پايدا چىقمايدىغان تۈرگە ھەرگىزمۇ مەبلەغ سالمايىتتى . قانداق بولۇپ باشقىلار سىناپ كۆرمىگەن تۈرگە مەبلەغ سىلىپ قالغاندۇ ؟ سىز دىگەن ئۇ تۈرگە ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 14:56:33

رەھمەت باچكا!

katang يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 15:31:56

قوناق _  كۈكۋاش ، شوخلا - ئوتياش قاتارلىق زىرائەتلەرگە ئىمۇنۇت كۇچى بىرەلەمدىغاندۇ ؟ !

sawrim يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 16:03:32

توۋا پەن -تەخنىكا بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلدى،يەنە نىمىلەرنى ئىلىپ كىلەر ھە! \"\"

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 17:18:06

11- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ - ئامرىكىلىقلارنىڭ ياسىغان قوياشى شۇمىكەن ، ئىسسىغى بىز تەرەپلەرگىمۇ كىلەرمۇ يا ؟ كاللىسى ۋۇسۇڭدەڭ ئىشلەپ قويىدىغان كىشىلەر جۇمۇ ... \"\"




ھاھا ...


بۇ گۇيلارنىڭ كاللىسى ۋۇسۇڭدەك ئەمەس ، تاڭسىڭدەك ئىشلەيدىكەن ...



ھى.ھى.ھى....بۇ گۇيلارنىڭ كاللىسى تاڭسىڭدەك ئەمەس،<<خۈي تەي لاڭ>>دەك ئىشلەيدىكەن......

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 19:40:15

13- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى 79588010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆمۈچۈك پالۋان2 دە ھېلىقى پىراففىسورمۇ لازىر نۇرىنى بىر خىل ماددىغا چۈشۈرۈپ سۈنئىي قۇياش ياسايدىغۇ.....شۇنداقراق نەرسىنىڭ ئەمەلىيسىكەندە..

جۇڭگونىڭمۇ مۇشۇنداق نەرسىنى ياساۋاتقانلىقىنى بىر چاغلاردا بىر يەردىن كۆرگەنتىم

دۆلىتىمىز ئادەتتە ، باشقا دۆلەتلەر سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پەن - تېخنىكا تۈرلىرىگە مەبلەغ سالاتتى ، باشقىلار سىناپ باقمىغان ياكى پايدا چىقمايدىغان تۈرگە ھەرگىزمۇ مەبلەغ سالمايىتتى . قانداق بولۇپ باشقىلار سىناپ كۆرمىگەن تۈرگە مەبلەغ سىلىپ قالغاندۇ ؟ سىز دىگەن ئۇ تۈرگە ؟



\"\"


\"\"


http://news.qq.com/a/20071020/001666.htm


مېنىڭ دېگىنىم مانا مۇشۇ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 22:39:57

ئېسىل تېما!

مەنمۇ بىخەتەرئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرەتتىم ھەم كاللامدىمۇ بىر يۈزە پروجەكىت بارتتى، يەرشارىنى قۇتقۇزىدىغان  {:92:}  

  مۇشۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرىنى يوللاپ تۇرىلى.
بەت: [1] 2
: ئامېرىكا سۈنئىي قۇياش ياسىدى