ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 13:33:02

نىمە ئۈچۈن 28 گىرادوس؟

ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ تۈزۈكرەك تېما يازمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ.بۈگۈن ئىنكاسلىرىمدا يېزىۋەتسەممۇ بولىدىغان ئۇششاق چۈششەك پاراڭلارنى رەتلەپ بىر تېما قىلىپ قوياي.



ياز كەلدى دەپقۇ ۋەتەندە خېلى بولدى كەلگىلى........ئەمما مەن تۇرۋاتقان يەردە ئالدىنقى ھەپتە قارا ئۈرۈك يامغۇرى تۈگەپ بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ھەقىقى ئىسسىق بولۇشقا باشلىدى.


ھىم،مەندە ئەمدى ياز بولدى.


ياز شۇ ئىسسىق بولىدىكەن.ئۆيلەردە،ئىشخانىلاردا ھاۋا تەڭشىگۈچ ماڭغۇزمىسا ئولتۇرغىلى بولمايدۇ.ئولتۇرغىلىمۇ بولمىسا قانداق ئۇخلىغىلى بولىدىكىنتاڭ....


نۇرغۇن يەرلەردە، بەلكىم سىز ئىشلەۋاتقان ئورۇندىمۇ توك تىجەش مەقسىتىدە 28 گىرادوس دىگەن تىمپىراتورا تىلغا ئېلىنىپ قېلىنىشى مومكىن.ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن 28 گىرادوس دىگەن تىمپىراتورا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان؟


قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەق گەپكە كەلسەم.


1972-يىلى ياپۇنىيە پالانى نازارىتىمۇ ياكى پۈكۈنى مىنىستىرلىكىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئورگان پالانى بىرمە قانۇنى دەپ قانۇن چىقىرىپ ئۆي ئىچىدە خىزمەت قىلىش تىمپىراتورىسىنىڭ چېكى 17-28 گىرادوسقىچە دەپ بەلگىلىگەن ئىكەن.بۇنداق بەلگىلىمىنىڭ ئاساسى 17 گىرادوستىن تۈۋەن بولسا سوغۇق،28 گىرادوستىن يۇقىرى بولسا ئىسسىق ئۈتۈپ قالىدۇ دىگەن سەۋەپتىن ئىكەن.يەنى 28 گىرادوس  ئادەمگە ئىسسىق ئۈتۈپ قالمايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تىمپىراتورا ئىكەن.


بۇنىڭ تىببى ساھەدىكى ئاساسى بولسا تىببى سەھەدە ئوقۇيدىغانلار بولسا ئىزدەپ باقسا،40 يىل بۇرۇن چىقىرىپ قويغان قانۇننىڭ تىببى ئاساسىنى ئىزدەش ماڭا خوشياقمىدى.



شۇنداق قىلىپ قانۇن قانۇن پېتىچە بولسا.


2005 -يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى باش ۋەزىر كوئىزىمى توك ۋە چىقىمنى تىجەش مەقسىدىدە ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە چوڭ شىركەتلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى خىزمەت تىمپىراتورىسى بەلگىلىمىسىگە ماسلىشىپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغان. نۇرغۇن يەرلەر ئەگەشكەن ئەگەشمىگەن بولۇپ ئۆتكەن يىلىغىچە كىلىپ،ئۆتكەن يىلى فۇكۇشىمادىكى يادرو ئىلىكتىر ئىستانسىدىن چاتاق چىققاندىن كىيىن توك يىتىشمەي، ئامال يوق،يازدىمۇ كاستىيوم بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ گىلاستۇك تاقاپ يۈرۈيدىغان ياپۇنلار ئاخىرى كالتە يەڭ بىلەن خىزمەتكە چىقىشقا،ئىشخانا تىمپىراتورىسىنى 28 گە تەڭشەشكە مەجبور بولغان.........



شۇنداق قىلىپ 28 گىرادوس ياپۇنىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۆي ئىچى ئەڭ  يۇقىرى تىمپىراتورىسى بولدى.


جۇڭگو ئىچىدە بەلكىم ياپۇنىيەدىكى قانۇننى كۈچۈرۈپ ئاپارمىسىمۇ(ئەگەر
مۇشۇنداق قانۇن بولسا ئەسكەرتىش بېرەرسىلەر) بەلگىلەنگەن يۇقىرى
تېمپىراتورىنى كۈچۈرۈپ ئاپارغان بولىشى مومكىن.



داۋامى بار


بىزنىڭ تاز بىردەم بىردەم چۈشۈپ ئۇنى بۇنى سوراپ ئىشنى ئىش قىلغۇزمايۋاتىدۇ

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 13:44:44

غەزەپكە كىلىپ يازغان رەسمى تىما مۇشۇ چىغۋا

ھە داۋامىنى چاقان يىزىپ باقسىڭزا   {:92:}

abux1010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:01:56

دۆلەت  ئىچىدە مۇنداق قانۇن بالىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم !!!ھازىر كۇندە قاتتىق ئىسسىقتىمۇ سىرتتا مەشق قىلۋاتىمىز،شۇنىڭغا قارىغاندا  تىخى بۇنداق قانون چىقمىدى!خاخا ...

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:03:06

كۆز تەگمىسۇن زىيالىغا!

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:10:45

ماۋۇ يەردىمۇ ۋەھشى ئسىىق، لېكىن بىز خالىغانچە تەڭشەپ بوران چىقىرۋېتىمىز.

ئەمما زال ئىچىدىكىلىرى 25-26 گە تەڭشەكلىك، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:31:21

ئىچكىرىدە ئوقىۋاتقان باللار بىلىشى مومكىن.تۇرپاننىڭ تىمپىراتورىسى 45 كە چىققان ۋاقىتىمۇ ئىچكىرىدىكى 35 گىرادوستىكىدىن جىق ياخشىدەك ھېس قىلىمىز.نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەپ سوراپ يۈرمىسەممۇ بولاي تەتىمەيلىشىپ.شۇ،نەملىك دەرىجىسى سەۋەبىدىن بولىدۇ.(نەملىك دەرىجىسى دىگىنىمىز ھاۋادىكى سۇ مىقتارىنى ھاۋادىكى تويۇنغان سۇ مىقتارىغا بۆلگەندىكى نەتىجىسى\"\".)



شۇنداق قىلىپ تىمپىراتورىغا يەنە نەملىك دەرىجىسىنى قوشۇپ بىئاراملىق كۆرسەتكۈچى(discomfort index) دەپ بىر كۆرسەتكۈچنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


بىئاراملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ھىساپلاش ئۇسۇلى


بىئاراملىق كۆرسەتكۈچى = 1.8×T-0.55×(1-H÷100)×(1.8×T-26)+32


بۇنىڭدىكى ت تىمپىراتورىغا،خ نەملىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ


تۆۋەندىكى گىرافىكتا تىمپىراتورا-نەملىكنىڭ بىئاراملىك كۆرسەتكۈچ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىپادە قىلىنغان.



\"\"



ئادەتتە


~55     سوغۇق

55~60     ئانچە مۇنچە سوغۇق

60~65     نورمال

65~70     راھەت

70~75     ئىشقىلىپ ئىسسىق ئەمەس

75~80     سەل ئىسسىق

80~85     ئىسسىق.....تەر......

85~     مىنى ئەچىقىپ ئېتىۋېتىڭلار



ياپۇنىيەنىڭ يېزىنىڭ نەملىكى ئادەتتە 70-90 ئەتراپىدا بولىدۇ


شۇڭا تىمپىراتورىنى 28 گىرادوس قىلىپ بىكىتىشى بىئاراملىق دەرىجىسىنى 80 دىن تۈۋەن قىلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.


ۋەتەن دۇنيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايۇنلارنىڭ بىرى.تۇرپاننىڭ يازدىكى نەملىك دەرىجىسى بەلكىم 10 دىن تۈۋەن بولىشى مومكىن.شۇڭا بىزدە 35 گىرادوسقا بارمىغىچە ئىسسىق ھىساپلىنىپ كەتمىگەنلىكنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.ئەمما ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بولسا نەم. ئۈرۈمچىدە تىمپىراتورا 40 قا چىققاندا ئۈرۈمچىلىكلەر تىمپىراتورىسى 45تىكى تۇرپانغا قېچىپ پاناھلىنىدۇ دەيمىزما\"\"  



يەنە بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ شامال.


شامالچى قويۇپ قويسا تىمپىراتورا چۈشمىسىمۇ سەل سالقىن بولغاندەك ھېس قىلىمىز.


سەۋەبى 1 مىتىر ھەر سىكونىت شامالدا ئادەم ھېس قىلىدىغان  تىمپىراتورا بىر گىرادوس تۈۋەن بولىدىكەن...........


شامال كۈچەيگەنسىرى ھېس قىلىدىغان تىمپىرتورىمۇ تۈۋەنلەپ ماڭىدىكەن.


شۇنداق قىلىپ گەپ نەگە كەلدى؟


شۇنداق بولسۇنلا.مۇشۇنچە بولسۇن


ئىش قىلغۇزمىدى ما تاز.


يەنە چۈشەنمىگەن يېرىڭلار بولسا ئۈزەڭلار بىزنىڭ تازنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرمە قىلىۋېلىڭلار ئەمدى\"\"



ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:34:32

2- قەۋەتتىكى abux1010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلەت  ئىچىدە مۇنداق قانۇن بالىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم !!!ھازىر كۇندە قاتتىق ئىسسىقتىمۇ سىرتتا مەشق قىلۋاتىمىز،شۇنىڭغا قارىغاندا  تىخى بۇنداق قانون چىقمىدى!خاخا ...

مەن ئۆي ئىچى تىمپىراتورىسىنى داۋتقان\"\"

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:44:14

مەن تۇرۋاتقان يەرنىڭ تېمپىراتۇرسى نەچچە گىرادۇسكى

ئاپتاپ چىقسا توڭلىمايمەن ئىشنىقىلىپ

\"\"

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:50:45

ماۋۇ گرافىك ئوبدانكەن. نىمىشقا ئىچكىردە تىمپراتۇرا 30 تىن ئاشقاندىن كىيىنلا بەك ئىسىپ، قىشتا 0 گە چۈشسىمۇ مىشىلداپ، دىر-دىر توڭۇپ يۈرىدىغانلىقىمىزنى يۇرتتىكىلەرگە پەقەت چۈشەندۈرەلمەيتىم.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 14:55:12

14.5 سىلسىيە گىرادۇسلۇق ھەرقانداق يەرگە بارسا ئۆز يۇرتىدىن پەرقلەندۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە بولىدىكەندە. يۇرتتىكىلەرنى ئىچكىرىنىڭ شۇ ۋاقىتلىرىغا توغرىلاپ تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدىغان ئىشمىكىن.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 15:00:31

ياپۇنلار بەك ئۇششۇقمۇ نىمە ئىشخانىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان گىرادوسقا قارىسام30سېلتسىيەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ،ئەمما بىز قاقشىماي ئىشلەۋاتىمىز. \"\"

تۆنۈگۈن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلوماتقا قارىسام بۈگۈن يۇقۇرى تېمپىراتورا41گىرادوس بولىدۇ دەۋاتقان.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 15:35:20

زىيالىنىڭ يۇرتدىشىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 15:50:15

بىزنىڭ ئىشخانىغا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئەرزىنىنى ئورنىتىپ قويدىمىكىن، ئاچمىسا ئىسسىققا ئاچسا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئاۋازىغا چىدىغىلى بولمايدۇ. تاس قالىدۇ مۇلازىمىتىرخانىنىڭ ئاۋازىدەك چىققىلى.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 17:05:22

ئىلمىي تېما ئىكەن بۇ، ئەلا!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 17:26:02

ئىچكىرىنىڭ مەن تۇرىۋاتقان شەسىدە 35-36 لەرگە چىقتى، بەكلا نەم. ئەتىگەندە ئىشخانىغا كىرىپلا ھاۋا تەڭشىگۈچنى  بەزىدە 21گە تەڭشەپ قويىشىدۇ، بەكرەك ئورۇقلار سائەت ئونلاردا توڭلاپ كېتىپ ئىشىكنى ئېچىپ قويىدۇ. چۈشتە ئۇخلىغاندا چاپان يېپىنىپ ئۇخلىمىسا تىترەپ تۇرۇپ ئويغىنىدۇ.

بۇ كۈنلەردە كۈندۈزى سىرتقا چىقىشنىڭ ئۆزى بىر ئازاپ.

نەملىك كۆپ ھاللاردا 80-100

نەملىكنى 90، تېمپىراتۇرىنى 35 دەپ ھېسابلىسىا، بىئاراملىق كۆرسەتكۈچى 90.565 چىققۇدەك، بۇ ھاۋا ئوچۇق كۈندۈزدىكى 5-6 سائەت بولىدىغان ھالەت. نەملىك 80 بولسىمۇ يەنە شۇ 88 بولىدىكەن. ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى كەچتىمۇ نەملىك 100، تېمپىراتۇرا 24كەن.

\"\"

ھېلىمۇ ياخشى، كوچا ئاپتوبوسلارنىڭ، مېترونىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچلىرى ئوبدان. سىرتقا چىقىپ قالسام مېترو بېكىتىگە تەرلەپ ئاققىنىمچە يۈگۈرگىدەك بولۇپ كىرىۋالىمەن.

abux1010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 06:45:16

6- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى abux1010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلەت ئىچىدە مۇنداق قانۇن بالىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم !!!ھازىر كۇندە قاتتىق ئىسسىقتىمۇ سىرتتا مەشق قىلۋاتىمىز،شۇنىڭغا قارىغاندا تىخى بۇنداق قانون چىقمىدى!خاخا ...

مەن ئۆي ئىچى تىمپىراتورىسىنى داۋتقان\"\"

خاپا  بولما ڭ !!بىزنىڭ ياتاقتا 8ئادەم بار ،بۇ ياتاقنىڭ تىمپىراتورىسى قاچانلا بولسا تۇنۇردەك !!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 08:26:08

ئاخىرسىنى يېزىڭلار پوقۋاش . مەن ئەلا باھالىدىم . مۇشۇنداق ئىلمى قىممىتى يۇقىرى ماقالىلەردىن ئادەمنىڭ ئۇنۋېرسال بىلىمى ئېشىپ قالىدىكەن . سىلەرنىڭ تازنى يازسۇن دىسەك مىشى مىشى توخا گۆشىدىن باشقىنى چۈشەنمەيمىز .

Ziya1i يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 08:49:47

تەشكىلگە ئىشىنىڭلار باللا

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 08:52:20

ھەممەيلەن تەتىل قىلىپ كەتتى ،پىراكتىكا دەپ قالدىم.ئىچكىرنىڭ ھاۋاسى زىيالىكام دىگەندەك تىمپىراتورا يۇقىرى بۇلمىغان بىلەن ناھايتى دىمىق .تۇرپاندىمۇ ئىسسىق ھېس قىلمەن. بىزنىڭ يۇرتلاردا لەمپىنىڭ ئاستىغا كىرۋالسا سالقىن.بۇيەردە نەگىلا بارساق ئىسسىق.ئۇستىخانلىق پاشىلىرىنى دىمەيلا قۇياي. ئاخشىمى ئۇخلىغىلى تىخى بولمايدۇ،ئۇيان ئۆرۈلۈپ ،بۇيان ئۆرۈلۈپ تاڭغا يىقىن ئۇخلاپ قالدىغان گەپ

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-7-21 09:34:35

سىڭىشلىق گەپلەر! بۇ كۈنلەردە مۇنبەردىكى تېتىمسىزلىق سەۋەبىمۇ ئىشقىلىپ يازما كۆرۈش خوشياقماس بولۇپ قالغان ئىدى، راستىمنى دېسەم. مۇشۇنداق ئەمەلىي تېمىلار ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ سۇنۇلسا دەيمەن.

\"\"
بەت: [1] 2
: نىمە ئۈچۈن 28 گىرادوس؟