مىكروسوفت خوتمايىل ئۇيغۇرچە بولۇشقا باشلاپتۇ!
بەلكىم مەن ئەمدى بايقىغاندىمەن، كۆرۈپ بولغانلار باردۇ..
مىكروسوفت ئېخەت بېكىتى خوتمايىلنىڭ باش بېتى، Windows7 نىڭ رايون ۋە تىل تۈرىنىڭ شەكىل تۈرى ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆرسىتىلگەن كومپيۇتېردا %50 ئۇيغۇرچە كۆرۈندى!
دۇنياۋىي بېكەتلەر پروگراممىسىدا، قىتئە، دۆلەت، رايون ۋە تىللارنى پەرقلەندۈرۈپ بەت كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، بۇنى مىكروسوفت ئەپ تۈزۈش قۇرالى MS Visual Studio نى ئۆگەنگەنلەر بىلىدۇ.
ئەگەر سىستېمىڭىز Windows 7 ياكى Windows 8 سىناق نۇسخىسى بولسا، ھەم كونترول يۈزى رايون ۋە تىل رامكىسىدىن شەكىل بېتىدە شەكىلنى ئۇيغۇر يېزىقىغا تاللىسىڭىز، سىستېمىڭىزغا دەرھال مىكروسوفت ئىشلىگەن UI كىرگۈزگۈچىمىز قوشۇلىدۇ (بۇ كۆزنەك 8 دە UY بولۇپ ئۆزگەرتىلگەندەك قىلىدۇ)، ھەمدە سىستېما ۋاقتى، كالېندار دەرھال ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ. ئەگەر شۇنداق تەڭشەپ قويغان بولسىڭىز، بۇ كىچىككىنە ياخشى باشلىنىشنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ھەمدە بارلىق كۆزنەك 7 ۋە 8 ئىشلىتىۋاتقانلارغا، شەكىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ، بەت يېڭىلاپ، مىكروسوفتنىڭ بەت سىستاتىسكىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىغا دائىر سىتاتىستىكا ساننى ئاشۇرۇشقا بىر كىشلىك تۆھپەڭلارنى قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. (بۇ، «مەن بار! مەن بار!» دىگەنلىك..)
گەرچە باشبەت ۋە ئىچكى بەتلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى، ھەم ياش ئۈمىدلىك پروگراممېرلىرىمىزغا، مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر خىزمەتچىسى بولۇپ قالىدىغان خىزمەت پۇرسىتى ئۇچۇرى، شارائىتى بارلارنىڭ تىرىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈش ئادرىسى:
1. www.hotmail.com باش بېتى، بۇ ئېخەت بېكىتى ئىنتايىن ئاز ساندىكى rtf ۋە html ھالىتىدە مەزمۇن تەھرىرلەشكە بولىدىغان، يەنى كود ئىچىگە ئۇيغۇر خەت نۇسخىسى ئىسمىنى كىرگۈزۈپ، قارشى تەرەپ كومپيۇتېرىدا بار ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىدا چىرايلىق ئوقۇشقا بولىدىغان ئېخەت ئەۋەتكىلى بولىدىغان بېكەت. تور بەت ياساشتىن خەۋىرى بارلار بۇنى سىنىيالايدۇ، مەن بۇنى بۇرۇنلا سىناپ باققان.
2. مىكروسوفت ئىزدەش ماتورى www.bing.com باشبېتى ئۈستىدىكى hotmail ئۇلانمىسى.
رەسىم:
كۆزنەك 7 گە ئۇيغۇرچە تەڭشەش، بۇ ئۇسۇلنىمۇ كۆپىنچىمىز بىلىمىز (:


ئۇيغۇر سوفىتقا رەھمەت !
1- قەۋەتتىكى keqkuzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سېسىق تىڭشۈن يادىمغا كەلدى![]()
مېنىڭمۇ يادىمغا ھاراملىق 360كەلدى

لىكىن ئىچكى تەڭشەكتىكى تىل تاللاش رايونىدا ئۇيغۇرچە تېخى يوق ئىكەن.
1- قەۋەتتىكى keqkuzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سېسىق تىڭشۈن يادىمغا كەلدى![]()
خەت سەت ئەمەس باللا ،ساپ ئۇيغۇرچە تىل ، پەقەت فونىتنى تەڭشىۋەتسەكلا ۋەھشى چىرايلىق ئانا تىل پەيدا بولىدۇ ، بۇ پەقەت باشلىنىش ، مۇھىمى بېشىدا بولسا ئاخىرىنى قىلىغىلى بولىدۇ ؟
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ سەتلەر نىمانداق خەت![]()
ياپونچىدىنمۇ سەت كۆرىنىۋاتامدۇ بويتاق؟
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ سەتلەر نىمانداق خەت![]()
شۇ خەت نۇسخىسىنى بىرسىنىڭ بىرنىمە دەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن دېھقانلاردىگۈچە زىيالىي دەپ يۈرىدۇ . (قوشۇلغان چانىۋەتكەن چىراي ئىپادىسى)
تىزىملاپ كىرىش
بۇ خەت نۇسخىسىنى ئوڭ ئويلاڭلار، «نىمىدىگەن چىرايلىق ئۇيغۇرچە قوليازما خەت نۇسخىسى بۇ!..» دەۋەتسەڭلار بولمامدۇ دەيمەن! ئاخشام بۇ نۇسخىنى 100- نومۇرغا تەڭشەپ كۆرۈپ كەتتىم مەن دىگەن، ياسىلىشى راستىنلا بەك سىپتا..
ئۇيغۇرنىڭ ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى دۇنيادىكى ھەممە كۆزنەكتە بار بولغۇچە ساقلايلى، Tahoma, times new roman قاتارلىق سىستېما خەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق چىقىدىكەن، بۇمۇ بىر بايلىق ئەمسمۇ؟ ئەگەر EOT قويۇپ بەرسە كۆز ۋە بۇرۇنلاردىن ئېقىتىپ يىغلاپ كېتىمىزدە...
ئۇيغۇرچە قوللىغىنى بەك ياخشى بوپتۇ.مۇشۇ خوتمايىلغا 2002-يىلى بىر نۇمۇر تىزىملاتقانتىم،ھەمدەQQيىمنىڭ مەخپىي نۇمۇر قوغداش تىزىملىكىگىمۇ مۇشۇ خوتمايىلدىن ئالغان ئېلخېتىمنى ئىشلەتكەنتىم.ئەمما يامان يېرى بىرەر يىلدىن كىيىن خوتمايىل ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان،مۇشۇ ئارلىقتا مەخپىي نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،كىيىن خوتمايىل ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن مەخپىي نۇمۇرنى قەتئىي تاپالمىدىم.ھازىر QQيىمنى بىرەرى ئوغۇرلاپ كەتسە قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەپ يۈرۈيمەن. ھازىر قۇللاپتۇ،ئەمدى ئاستا-ئاستا كاتتا بۇلۇپ كىتەر ھەي... نىمىدىگەن پەيزى خۇشىخەۋەرلەربۇ ھە!!!! بۈگۈن كىرىپلا ئىككى خۇشخەۋەر كۆرۈپتىمەن. پۇتپولچى بالىلارنىڭ خەۋرى، ھەم بۇ خەۋەر!
ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق! مەن ئىشلەنكىنىم ۋىندوۋس7 ئىدى، ئۇيغۇرچىگە تەڭشەكلىك ئىدى، ھوتمايلگە كىرسەملا ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار تۇرمامدا

ئۆزىمىزنىڭ قەدرى ئۈچۈن چوقۇم ئارىلاپ قوللىنىپ قويايلى!
8- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خەت سەت ئەمەس باللا ،ساپ ئۇيغۇرچە تىل ، پەقەت فونىتنى تەڭشىۋەتسەكلا ۋەھشى چىرايلىق ئانا تىل پەيدا بولىدۇ ، بۇ پەقەت باشلىنىش ، مۇھىمى بېشىدا بولسا ئاخىرىنى قىلىغىلى بولىدۇ ؟
قانداق تەڭشەيمىز ؟ ئەلكاتىپ ياكى UKIJ نىڭ خەت نۇسخىلىرىنى font قا چاپلىسۋەتسەك بولامدۇ ؟ كاتتا ئىشكەن بۇ!!!بەك خوش بولدۇم!!!
كۆزنەك 7 نى ئىشلىەتسەم بولغىدەك...خەتنى سەت دىگىلى بولمايدۇ.باشقىلنىڭكىدىن مىڭ چىرايلىق تۇرمامدۇ!
نىمىلام دىگەن بىلەن ‹‹چوڭ دادام ئىشلەتكەن،مەن ئىشلىتىۋاتقان،كىيىن بالام ئىشلىتىدىغان يىزىق بۇ››.
بارا-بارا تىخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ!!! ئوبدان ئىشلەپسىز ئالنۇر، ئەمدى ھۆنەرۋەنگە ئائىت بىر تېما تېپىپ ئىشلەڭ.

7- قەۋەتتىكى ataxanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى keqkuzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سېسىق تىڭشۈن يادىمغا كەلدى![]()