شىۋىتسىيەدىن خوش خەۋەر
تۈنۈگۈن شىۋىتسىيەنىڭ گوتبورگ شەھىرىدە باشلانغان خەلقارالىق ياش ئۆسمۇرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگەدىيارىمىزدىن تاللانغان ئوغۇل ۋە قىزلار كوماندىسى تەڭلا قاتناشتى.تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە قىزلىرىمىز ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇ ئەمما بۇگۈنكى مۇسابىقىدە بولسا 8گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيەدىكى بىر كوماندىنى ئۇتۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. ئوغۇللىرىمىز بولسا تۈنۈگۈن شىۋىتسىيەدىكى بىر كوماندىنى 4كە قارشى 1نەتىجە بىلەن ئۇتۇۋالغان، بۇگۈن گېرمانىيەدىن كەلگەن بىر كوماندىنى 1گە قارشى 0نەتىجە بىلەن ئۇتۇۋاپتۇ. ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ كىچىك ئەزمەتلىرىمىزنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلىرىگە تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيلى
ھەقىقەتەن خۇشخەۋەركەن.
بارىكاللا ئەزىمەتلەر!

گىرمانلار مېيۇنخىندىن ئۇيغۇرلارنى ھەيدەپ چىقارماس ئەمدى! قورقوپ كىتىپ..


1:4 ئەمەس، 1:5 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتۇ شىۋىتسيەنى.
http://results.gothiacup.se/2012/live/823196
ماۋۇ ئادرىستا نەتىجىسى بار ئىكەن. 1:3 دەپ يېزىپتۇ ئەمما ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە ئۇرۇلغان توپلارنىڭ ۋاقتى باركەن. ئۇ يەردە 1 گە قارشى 5 ئىكەن.
بىزنىڭ باللانىڭ كىيىمىدىكى دۆلەت بايرىقى نېمانداق چوڭ؟
2- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ خوش خەۋەر ئەمەس، قورقۇنۇشلوق خەۋەركەن
گىرمانلار مېيۇنخىندىن ئۇيغۇرلارنى ھەيدەپ چىقارماس ئەمدى! قورقوپ كىتىپ..
گېرمانلار شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولغاچقا ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەگەر ئۇلار قەدىمقى چاڭئەندىن كەلگەن بولسا ھەيدەپ چىقارغۇدەك ئۇيغۇرمۇ بولمايتى، چۈنكى بۇرۇندىنلا كىرگۈزمەيتى. غۇلجىنىڭ قايسى بىر يېزىسىدىن كەلگەن بالىلاربۇ . ئاسان ئەمەس جۇمۇ ... سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن . شىۋىتسىيە Utbynäs SK ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن، گىرمانىيە Freie Turnerschaft Braunschweig ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتۇ. بۈگۈنكى توپنى ئالتىنجى نومۇرلۇق ئۇكىمىز ئۇرۇپتۇ. ھازىر ئۇلار گۇرۇپىنىڭ بىرىنجىسى ئىكەن.
12- قەۋەتتىكى qalaziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
غۇلجىنىڭ قايسى بىر يېزىسىدىن كەلگەن بالىلاربۇ . ئاسان ئەمەس جۇمۇ ... سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
دىيارىمىزنىڭ قايسى بىر يېزىسىدىن كەلگەن بالىلاربۇ . ئاسان ئەمەس جۇمۇ ... سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك خوش خەۋەركەن، بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم، شېۋىتسىيە دېگەن ماۋزۇنى كۆرۈپلا مۇشۇ بالىلارمىكىن دەپ ئويلاپ يۈگۈرۈپ كىرسەم، ھەقىقەتەن بىزنىڭ ياراملىق شاكىچىكلەركەن، ئېسىل ئوغلانلار! ئېسىل سىڭىللار! مۇشۇ شاكىچىكلەردىن 4 - 5ياۋروپانىڭ ئۆزىدە بىر 5 يىل تەربىيەلەنگەن بولسا ، ئاندىن ياۋروپادىكى داڭلىق كۇلۇپلاردا توپ تېپەلىگەن بولسا ھە .....بىزمۇ دېجيا ، يىڭچاۋ دىگەنلەرنى پەخىرلىنىپئولتۇرۇپ كۆرۈپكەتكەن بولساق ،‹‹ ۋاھ .... ماۋۇ نيىۇكاستېلدىكى بىزنىڭ 9 نۇمۇرلۇق دىليار دىگەن بالا ئاخشام بىر توپنى ئالامەت ئۇرۇۋەتتى ...... ›› دەپ .

10- قەۋەتتىكى Gladioنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىۋىتسىيە Utbynäs SK ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن، گىرمانىيە Freie Turnerschaft Braunschweig ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتۇ. بۈگۈنكى توپنى ئالتىنجى نومۇرلۇق ئۇكىمىز ئۇرۇپتۇ. ھازىر ئۇلار گۇرۇپىنىڭ بىرىنجىسى ئىكەن.
يۇقىرىدىكى مەن قالدۇرۇپ قويغان ئادرىسقا قارىسام، تۆۋەندىكىدەك تۇرىدۇ.
بۇنداق بولغاندا 1:5 بولىشى كېرەكتى، نېمىشقا يۇقىرىغا 1:3 دەپ يېزىپ قويغىنىنى چۈشىنەلمىدىمغۇ

بۈگۈن گۇرۇپىنىڭ ئىككىنچىسى بىلەن بىرىنچىلىكىنى تالىشىپ ئوينايدىكەن.
ھەقىقەتەن خۇشخەۋەركەن. ئەزىمەتلىرىمىزگە غەلبە يار بولغاي!
ھا ھا ھا ....قارىسام قارىسام ئاۋۇ دۆلىتىمىزنىڭ بايرىقى چۇشىرىلگەن كىيىم باشقىچە تۇرىدۇيا....(يوغان دۆلەت بايرىقىغا ھاڭۋىقىپ قارىغان چىراي ئىپادىسى) بارىكاللا ئەزمەتلەر. ھەر قېتىم مۇشۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىمىز توغۇرلۇق خەۋەر كەلسە خوشاللىقىمدىن كۆزلىرىمىگە يىغا كىلىدۇ.