جۇڭگودا بالىياتقۇ ئىجارىگە بېرىلمەكتە[كۆچۈرۈلمە]
ھىندونېزىيەدىكى «جاكارتا پوچتا گېزىتى» نىڭ 13- مايدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى: جۇڭگودا بالىياتقۇ ئىجارىگە بېرىلمەكتە
جۇڭگودا ۋاكالەتەن ھامىلدار بولۇش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئەمما نۇرغۇن بايلار «قورساق ئارىيەت ئېلىپ بالىلىق بولۇش» قا تىرىشماقتا. مۆلچەرلىنىشچە ئۆتكەن 30 يىلدا، 500 دىن ئارتۇق كىنىشكىسىز ئورگاننىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ۋاكالەتەن ھامىلدار بولغان ئانىلار 25 مىڭدىن ئارتۇق بوۋاق يەڭگىگەن. بۇ ھادىسە تەدرىجىي كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئەجدىھا بوۋاق تۇغۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزى ئورگانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورگانلارنىڭ كەسپى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا %30 ئەتراپىدا ئاشقان.
ۋاكالەتەن ھامىلە ئالماقچى بولغان ئەر- ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق ۋاكالەتەن ھامىلدار بولىدىغان ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن. بۇنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى تەخمىنەن 300 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئارىلىقتا ۋاسىتىچى 20 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدىكەن، كۆپىنچە يېزىدىن كەلگەن ۋاكالەتەن ھامىلدار بولىدىغان ئانىلار تەخمىنەن 140 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىدىكەن، قېلىپ قالغان قىسمى داۋالاش ۋە تۇغۇت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىكەن. خېرىدارلار ۋاكالەتەن ھامىلدار بولغان ئانىلارنى ئۆزى كۈتسىمۇ، ياكى ھەر ئايدا 3000 يۈەن تاپشۇرۇپ ۋاسىتىچىنى كۈتكۈزسىمۇ بولىدىكەن.
بۇ ھادىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىنىڭ سەۋەبى بىر قانچە خىل: بۇنىڭ بىرسى، جۇڭگو شەھەرلىرىدىكى نۇرغۇن ئەر- ئاياللارنىڭ توي قىلىشى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە ئوخشاش بىر قەدەر كېيىن، ھەمدە خىزمەت تەلىپى ۋە شەھەردىكى يۇقىرى تۇرمۇش تەننەرخى تۈپەيلىدىن ئۇلار كېچىكىپ پەرزەنت كۆرىدۇ. بەزىدە، بۇنىڭغا يەنە شۆھرەتپەرەسلىك تەركىبلىرىمۇ قوشۇلغان، ئاياللار بولۇپمۇ خىزمەتچى ئاياللار زىلۋا پىگورىنى ساقلاپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېشى سەل چوڭىيىپ قالغان ئەر- ئاياللارغا كۆپىنچە ھامىلدار بولالماسلىق سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇق ئەر- ئاياللارنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمى ھامىلدار بولۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. بۇ نىسبەتنى 20 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسە ئاشقان. 2010- يىلى تەخمىنەن 40 مىليون جۇڭگولۇق تۇغماسلىق كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
جۇڭگودا، كىشى تېپىپ ۋاكالەتەن ھامىلدار بولغاندا يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغان ياخشى تەرەپتىن بەھرىمەن بولالىشى مۇمكىن. چۈنكى نەيچە ئارقىلىق ھامىلىلەندۈرۈش قوش كېزەك ھەتتا كۆپ كېزەك تۇغۇلۇش پۇرسىتىنى ئاشۇرالايدۇ. ۋاكالەتەن ھامىلدار بولىدىغان ئانا ئىزدەيدىغان خېرىدارلار پەقەت جۇڭگولۇقلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. جۇڭگودا ۋاكالەتەن ھامىلدار بولۇش ھەققى بىر قەدەر ئەرزان بولغاچقا، چەتئەللەردىكى ھامىلدار بولالمىغان ئەر- ئاياللارمۇ ئۇلارنى ئىزدەپ كەلمەكتە. «بالا ئالماقچى بولغان ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋروپالىقلارمۇ بىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.» دېدى ئۆزىنى يەتتە يىل كەسپىي تەجرىبەم بار دەپ قارايدىغان ھەمدە 60 مىڭ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى كۆرگەن مەلۇم ۋاسىتىچى خوجايىن، «ئوخشاش شارائىت ئاستىدا، ئامېرىكىدىكى ۋاكالەتەن ھامىلدار بولۇش ھەققى جۇڭگونىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.»
مەنبە: http://www.iuyghur.com/a/ahbarat/china/2012/0714/16.html
ۋىنئۇسىلالىق يازغۇچى ئۇسرال پېئاترىنىڭ بىر ھېكايىسى بولىدىغان، خەققە ۋاكالىتەن 9 بالا تۇغقان بىر ئايالنىڭ قىرىغاندا يىنىدا ھېچنېمىسى يوق غىرىپلىقتا ئۆلۈپ كېتىدىغان، ھەتتا جەسىتى ئۆيىنىڭ ئىچىدە سېسىپ كەتكىچە قالىدىغان... بۇلارمۇ شۇ يولغا ماڭغان ئوخشايدۇ... يۇقارقى گەپلەر ماڭا نىسبتەن كونا پاراڭلار بولسىمۇ ، تۇرۇپ تۇرۇپ كەلگۈسىدە بىر توپ توك چۈجىلىرى بىلەن ياشارمىزمۇ ئەندىشە قىلىپ قالىمەن. بۇ خەقلەرنىڭ قىلمىغان شۇ ئىشى قالغان ئەمدى ، بالاياتقۇسىنى ئىجارە بەرگۈچە ، ئۆزىنى تۇغقان ئىنساننى ئىجارە بەرسىچۇ ؟ ئۇ مەينەتلەر... گۇڭجۇدا تۇغۇلغان 8كېزەك دەل مۇشۇنىڭ مىسالى .http://news.sinovision.net/portal.php?mod=view&aid=198365 خوتۇن ئىجارە بېرىشمۇ بۇ؟ {:107:} تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسڭمۇ سورىۋالاي: مىنىڭ ئككى قىزىم بار( قوشكىزەك). ئاڭلىشىمچە ھازىر يىڭى سىياسەت يولغا قويۇلۇپتۇ مەن يەنە پەرزەنتلىك بولسام بولامدۇ؟؟؟؟
6- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسڭمۇ سورىۋالاي: مىنىڭ ئككى قىزىم بار( قوشكىزەك). ئاڭلىشىمچە ھازىر يىڭى سىياسەت يولغا قويۇلۇپتۇ مەن يەنە پەرزەنتلىك بولسام بولامدۇ؟؟؟؟
ئىككى قىز پەرزەنتى بارلار يەنە بىر پەرزەنىتلىك بولۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ خەقلەرنىڭ ئىجارە بەرمىگەن شۇ نەرسىسى قالغان ئەمدى. تىگى پەس، ھايۋانلار!
بۇ ئىشنى خەنسۇ ئەرلەرنىڭ زەيپانىلىشىپ ،ئاجىزلاپ،ئۇرۇقى پۇچەكلىشىشكە قاراپ يۇزلەندى دەپ خۇلاسە قىلىشقا بۇلىدۇ .
6- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسڭمۇ سورىۋالاي: مىنىڭ ئككى قىزىم بار( قوشكىزەك). ئاڭلىشىمچە ھازىر يىڭى سىياسەت يولغا قويۇلۇپتۇ مەن يەنە پەرزەنتلىك بولسام بولامدۇ؟؟؟؟
مىنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ ئايالى دەسلەپتە قوش كىزەك ئوغۇل تۇغدى، كىيىن يەنە بىر پەرزەنىتلىك بولدى.
ئۇ تونۇشۇم خۇدايىم بەرسە ئۇدا ئىككى قىتىم قوش كىزەك پەرزەنىت كۆرۈشكىمۇ بولىدىكەن، بالا ئىككى بولسىمۇ، بىر قىتىمدىلا تۇغۇلغاچقا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن دەيدۇ.