[تەرجىمە] بۇنداق كالا گۆشىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
ئەنگىلىيە گېزىتلىرىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە دېھقانلىرى ياۋروپا بويىچە ئەڭ تەملىك كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، كالىلارغا بېرىلىدىغان يەم-خەشەكلەرگە قىزىل ھاراق ئارىلاشتۇرغان. پارىژدىكى بەزى داڭلىق رېستورانلارنىڭ تاماق تىزىملىكىدە Vinbovin ناملىق مۇشۇ تۈردىكى گۆشنى خام ئەشيا قىلغان يېڭى تاماق تۈرى پەيدا بولغان.
بۇ تەجرىبە ئۆتكەن يىلى (2011-يىلى) باشلانغان بولۇپ، دەسلەپكى تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، كالىلارغا قىزىل ھاراق قوشۇلغان يەم-خەشەك بېرىلگەندىن كىيىن، كالىلاردا <<خوشاللىق، خاتىرجەملىك ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۇمىدۋارلىق.....>> قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، گۆشى يۇمران ۋە تەملىك بولغان.
بۇ تەجرىبىنى لايىھەلىگۈچى Tastavy نىڭ ئېيتىشىچە، ئوزۇقلۇق مۇتەخەسىسلىرى ھايۋانلارغا بېرىلىدىغان ئىسپىرىت مىقدارى ئادەملەرنىڭ ئىسپىرىت ئىستىمال سەۋىيىسىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ دەپ قارايدىكەن، يەنى ئادەملەر كۈنىگە 2-3 رۇمكا قىزىل ھاراق ئىستىمال قىلسا بولىدىكەن. بۇ سەۋىيە بويىچە ھېساپلىغاندا، كالىلارغا بېرىلگەن كۈندىلىك قىزىل ھاراق مىقدارى 1.0-1.5 لېتىر بولىدىكەن.
لىكىن كالىلارغا قىزىل ھاراق بېرىلگەندىن كىيىن، كالىلارنى بېقىش تەننەرقى 3 ھەسسە يۇقۇرىلاپ كېتىدىكەن، بۇنداق گۆشلەردىن ئېتىلگەن تاماقلارنىڭ باھاسىمۇ ئەسلىدىكى نورماك كالا گۆشى باھاسىغا قارىغاندا، 800 كۆي يۇقۇرى بولۇپ كېتىدىكەن.
مەنبە:
http://news.ifeng.com/world/detail_2012_07/11/15944852_0.shtml
داپەنجىخانىلاردا ھاراق قېتىپ داپەنجى قورۇغاندەك ئىشكەن ھە بۇ
1- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
داپەنجىخانىلاردا ھاراق قېتىپ داپەنجى قورۇغاندەك ئىشكەن ھە بۇ
小公鸡 نى ھاراق بىلەن قورا ؟ بىچارە كالىلار كۈندە مەس يۈرىدىكەندە
3- قەۋەتتىكى ehsan99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىچارە كالىلار كۈندە مەس يۈرىدىكەندە
چوڭ ئەيسانىڭ گىپى بويىچە ئىيتقاندا كۇندە بىلىملىك يۇردىكەن، بۇ كالا گۆشىنى يىگەنلەر مەسلە يۇرىدىكەندە........؟
3- قەۋەتتىكى ehsan99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىچارە كالىلار كۈندە مەس يۈرىدىكەندە
كېيىنچە دۇتتار ئاڭلاپ چوڭ بولغان موزاينىڭ گۆشىمۇ پەيدا بولغۇدەك. قىزىق كالىلاركەن دە بۇ بىر ئاي بۇرۇن بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىر مىللىي ئاشخفنىغا ئىشەك گوشى ئارلاشتۇرۇپ تاماق ئىتىپتۇيەي،بىر خەن كىرىپ يەپ بىقىپ بايقىۋاپتۇ،ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا مەلۇم قىپتۇ...دىگەندەك گەپ تارقىلىپ كىتىپ باللا ئاشۇ ئاشخانىغا كىرمىگەنىدى.كىيىن بۇش ئىش چوڭىيىپ ساقچىلار ئارلىشىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆسەك سۆز ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى.
يىقىندا مۇشۇنداق گەپتىن بەك كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم،پەيزاۋاتتىكى بىر ھاجىمنىڭ ئاشخانىسىدىن،ئاتۇشتىكى بىر چوڭ ئاشخانىدىن قەشقەدىكى بىر ئاشخانىدىن ساپلا ئىشەك گوشى ئارلاشتۇرۇپتۇ دەپ.توۋا مەنغۇ قەتئى ئىشەنمىدىم.بەزى توڭگۇزلارنىڭ يامان نىيتىلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.لىكىن ھەممىدىن ئۆيدە تاماق يىگەن ياخشى.ئەمما بىزگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار...
3- قەۋەتتىكى ehsan99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىچارە كالىلار كۈندە مەس يۈرىدىكەندە
بەك كۈلدۈم ما ئىنكاسقا