erturk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 00:57:48

بىر قىزغا مىڭ كۆز

مېترودا چىرايلىق قىزلارنى پات-پات كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى "گۈللەر" چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئەرلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلسا، سەترەك ئاياللار ھەسەد قىلىدۇ. چىراينىڭ فوكۇس نۇقتىسى ئاساسەن كۆزگە مەركەزلىشىدۇ، چۈنكى كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، گۈزەللىكنىڭ نۇر تاجى. شۇڭا كۆزى قىسماق ياكى يالاڭ قاپاق قىزلار كۆزى چوڭ، قوشقاپاقلارغا ھەۋەس قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق كۆزلەر خەنلەر ئىچىدە تولىمۇ كەم كۆرۈلىدۇ ھەم ئېتىبار بىلەن قارىلىدۇ. نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ قاپىقىنى كەستۈرگەن، قايرىما كىرپىك سېلىۋالغان، ھەر كۈنى ئەينەك ئالدىدا قاش، كۆزىنى بوياشقىلا نەچچە ئون مىنۇت سەرپ قىلىدىغان قىز-چوكانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەر قانچە قىلىپمۇ كۆزىنى چولپانلارنىڭ كۆزىدەك چىرايلىق قىلالمىغان، كۆزىنىڭ سەتلىكىدىن ئىچى سىقىلىدىغان قىزلار ئەگەر بېيجىڭ توڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئالدىدا ماڭا ئوخشاش بىر نەچچە سائەت قىستىلىپ تۇرۇپ قالىدىغان بولسا، يا پانا دەپ ياقىسىنى تۇتۇپ كېتىپ قالغان، مۇشۇ كۆزۈمگە شۈكرى قىلسام بولغۇدەك دەپ قانائەتلەنگەن بولاتتى. دېمەك، ساغلام كۆزنىڭ بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىگە شۇ گۆھەر پارلاپ تۇرغاندا ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ، مەۋجۇت نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىمەن دەپ يېتىپ بولالمايدۇ. قىزلارنىڭ ئۆزلىرى رازى بولمايدىغان سەترەك كۆزلىرىكۆپىنچە ساغلام بولامدىكىن دەيمەن، ئەگەر شۇنداق بولسا بەختىم شۇ دەپ بىلسە بولىدۇ، ئەمما تولا قىزلارتا قېرىپ كەتكىچە چىراي ۋە گۈزەللىكنىڭ ئىزتىراپىنى چېكىدۇ. ئەرلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان ساراڭدەك ئاشىقلىقى، ئاياللارنىڭ شۆھرەتخۇمارى ئۇلارنى شۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ،


بېيجىڭ توڭرېن دوختۇرخانىسى بەش ئەزا كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان، بولۇپمۇ كۆز داۋالاشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دوختۇرخانا. يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكلىرىنى لازىر نۇر بىلەن داۋالاشتىمۇ داڭقى بار، ئەمما مەن بۇ يەردىكى چىرايلىق سىستېرا ۋە دوختۇرلارنىڭمۇ كۆزەينەك تاقايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەڭ ياخشى تاللاش مۇشۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئۆتكەندە تەيۋەنلىك بىر دوختۇر "لازىر نۇر بىلەن داۋالاشتىن ۋاز كەچتىم، بۇ ئوپىراتسىيىنىڭ ئەكس تەسىرى، ئاقىۋىتىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك" دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن، بېيجىڭدا شۇ خىل ئوپىراتسىيە بىلەن پۇل تاپىدىغان باي دوختۇرخانىلارنىڭ پاي چېكى چۈشۈپ كەتتى. ئەمما ئوپىراتسىيە باھاسى چۈشمىدى. چۈنكى گۈزەللىك ۋە ئاسانلىق ئۈچۈن بۇ ئوپىراتسىيىنى تاللايدىغان قىزلار يەنىلا كۆپ ئىكەن. مەن بىلىدىغان بىر قانچە قىز توي قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە شۇنداق ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپتۇ، گۈزەللىك ئۈچۈن بۇنداق تەۋەككۇل قىلىش ساغلاملىققا زەرەر ئېلىپ كەلمىسىلا بولاتتى-دە. كۆزنىلا ئەمەس، پۈتۈن چىرايىنى تۈزەيمەن دەپ ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان، ئورۇقلايمەن دەپ تاماقنى ئاز يەپ ياكى خاتا ئوزۇقلىنىپ كېسەل بولغان، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن "گۈزەللەر"نى ئاڭلىدۇق. بۇلار گۈزەللىك ئاياللارنىڭ جېنى، بارلىقى ۋە تەبىئىي ئىنتىلىشى دەپ شۇنداق قىلدىمۇ، ئەرلەرنىڭ زوق-ھەۋىسىنى، ئاياللارنىڭ ھەسەدخورلۇقىنى قوزغاش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمۇ ياكى بۇنداق سەت ئەپتىم بىلەن ياشىغىچە نېمە بولسام بولاي دەپ ئۆلدىمۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ.


لازىر نۇر ئارقىلىق ئوپىراتسىيە قىلىش ھۆسن تۈزەشكە ئائىت ئوپىراتسىيە بولۇپ، ھېچقانداق ئورۇن ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئوپىراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا 10 يىلغىچە مەسىلە كۆرۈلمىسە، تەلىيىڭىز. ئەگەر بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كېچىدە نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىسىڭىز، كۆزىڭىزدىن پاشا ئۇچسا ئەھۋال ياخشى ئەمەس دېگەن گەپ.


توڭرېن دوختۇرخانىسىدا دوختۇر غوجامنىڭ دىدارىغا تەلمۈرۈپ ئۆچرەت تۇرۇپ كەتكەن قېرى-ياش، ئەر-ئايال، ئۇششاق بالىلارئارىسىدا كۆزىنى تېڭىۋالغان قىزلارنىمۇ كۆرۈپ قالدىم، بۇنىڭ ئىچىدە قاش-كۆزىنى كەمسىتىدىغان، ياسايمەن، تۈزەيمەن، بويايمەن دەپ كۆزى بىلەن خالىغانچە ئوينىشىدىغان قىزلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، ساغلاملىق ھەر قاچان گۈزەللىكتىن مۇھىم دەيمىز، ئەمما قىزلارغا كەلگەندە بۇ گەپ دائىم ئاقماي قالىدۇ.


ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قاش-كۆزى ئومۇمەن چىرايلىق، كىرپىكى تەبىئىي ئۇزۇن، قايرىما كىرپىك بولغاچقا خەنزۇ قىزلاردەك قايرىما كىرپىك سېلىۋالىدىغان، پارقىراق بىر نېمىلەر بىلەن كۆزىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشلار ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە قىزلار سۈرمە ئىشلىتىدۇ، سۈرمىنىڭ كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىسى بار، ھاجىلار يىلدا ھەرەمدىن زەم-زەم سۈرمىلىرىنى ئەكىلىپ، خوتۇن-قىزلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۇ، دۇكانلاردىمۇ ساتىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلار، بولۇپمۇ ستودېنتلار ئىچىدە كۆزەينەك تاقايدىغانلار ئاۋۇپ قالدى، بۇنىڭدىن ئۇ قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا قانچىلىك ئىچى پۇشىدىغانلىقى ئېنىق، بىر ئوبدان قاش-كۆزىنى توسۇۋالغان، تەبىئىي گۈزەللىكىنىڭ بىر قىسمىنى تارتىۋالغان شۇ ئەينەكنى بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن تاشلىۋېتىپ، ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشنى ئويلايدىغان قىزلىرىمىز كۆپ، گۈزەللىكنى ساغلاملىقتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان چىرايلىق قىزلارنىڭ تولىسى "تۆت كۆزلۈك" بولۇشتىن قېچىپ، يوشۇرۇن ئەينەك تاقاش يا بولمىسا لازىر نۇر بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش يولىنى تاللايدۇ. بىر قىز ماڭا " كۆزەينەك تاقىغان قىزلار ماڭا بەك بىچارە كۆرۈنىدۇ" دېدى، ئەگەر ئۇ توڭرېن دوختۇرخانىسىغا كەلسە ئۇنىڭدىنمۇ بىچارە قىزلارنى كۆرىدۇ. شۈكرى قىلىش كېرەك، كېسەللىكنى مەسخىرە قىلىش ئەخلاقسىزلىق، ھەر كىم بۇنىڭغا تەبىئىي قانۇنىيەت بويىچە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى مەيلىخۇشلۇققا، ئەركىنلىككە كۆنۈپ كەتكەن ئىنسان ھەر كۈنى، ھەر سائەت ئۆزىنى ئاسراپ، جېنىنى ئاۋايلاپ يۈرەلمەيدۇ، تۈرلۈك بېسىم، مەجبۇرىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ، ئۆز نەپسى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بەك بولسا، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۆزىگە سىگنال بېرىپ قويىدۇ.


ئادەتتە ئوغۇللار قىزلارغا بەك سەپسالىدۇ دەيمىز، ئەمەلىيەتتە قىزلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ كىيىمىدىن تارتىپ قاش-قاپاقلىرىغىچە ئاجايىپ زەن قويىدىغانلىقنى كىم بىلسۇن، كۆزى ساق گۈزەللەر ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ، كۆزەينەكلىك قىزلارنى يوشۇرۇن كەمسىتىشى مۇمكىن، كۆزى ساق، ئەمما كۆرۈمسىزرەك قىزلار كۆزەينەك تاقىۋالغان چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە شۈكرى قىلىشى مۇمكىن. قەلب ئەينىكىدە ئوغۇللاردىن باشقىنى كۆرەلمەيدىغان مىشچان قىزلار مۇھەببىتىم دەپ تولا ياش تۆكۈپ كۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن... كۆزلەر ئۆتۈشىدۇ، بىر-بىرىنى كۆزىتىدۇ، خىلمۇ خىل ئالامەتتە تىكىلىدۇ، پارلاپ تۇرغاندا كېچىدىكى يۇلتۇزدەك تەبىئىي كۆرۈنىدۇ، قەدرى ئۆتۈلمەيدۇ، ئۆچكەندە بۇ دۇنيامۇ تەڭ ئاخىرلاشقاندەك بولىدۇ.


ئومۇمەن، يا ئۇنداق، يا بۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆزىدىن مەسىلە چىققان قىزلارنىڭ ئەڭ باشتا دۇچ كېلىدىغىنى ساغلاملىق ياكى گۈزەللىكنىڭ بىرىنى تاللاش. ئەقىللىق قىزلار ئەلۋەتتە ساغلاملىقنى، روھىي گۈزەللىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. شەيتان ھەۋىسى غالىپ كېلىپ، تاشقى گۈزەللىك ئۈچۈن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلىپ، 10 يىل سەت ياشىغىچە، بىر يىل بولسىمۇ كۆزلەردىن ئوت چىقىرىپ ياشاي دەپ بەل باغلىغان قىزلار ئۆز مۇرادىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشسا ئۇمۇ بىر يول، ئۇمۇ بىر ئەركىنلىك. كۆزى سەت بولسۇن، چىرايلىق بولسۇن، يورۇق دۇنيانى كۆرەلىگىنىگە شۈكرى قىلىپ، "كۆرۋاتقىنى كۆزۈم ئەمەس، روھىم، قەلبىم" دەپ ھەقتائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىسا، كۆزى قانداق ھالەتتە بولسۇن، شۈكرى قىلىپ ياكى سەۋر قىلىپ ياشىسا، تېخىمۇ ياخشى.


توڭرېن دوختۇرخانىسىدا بىر كۆزىنى تېڭىۋالغان خەنزۇ قىزلارنىڭ سولغۇن چىرايىنى رەسىمگە تارتىۋالاي دەپ بولدى قىلدىم، ئىبرەت قىلامدىمەن، تاماشا كۆرەمدىمەن؟ مەن بىللە بېرىشىپ بەرگەن ياش ئايالنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق داۋاالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى،بىر كۆزۈمنى قولۇم بىلەن ئېتىپ سىناپ باقتىم، كۆرۈش ئۇپۇقى تارىيىدىكەن، ئادەم بەئەينى يېرىم دۇنياسىدىن ئايرىلىدىكەن، بىراق ئامال قانچە؟ ئىككىلا كۆزىدىن چاتاق چىققان بولسىمۇ يەنىلا ياشاش كېرەك. چۈنكى باشقا ئەزالىرى ساق. يەنە كېلىپ بىر كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ھەر ھالدا ياخشى. شۇڭا ئۇنىڭ يەنە بىر كۆزۈم ساق دەپ سەۋر قىلىشىنى تىلىدىم.


كۆزدىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك دۇنياغا خۇددى مۇشۇ دۇنياغا پەرۋاسىز قارىغاندەكلا قارايمىز، چۈنكى كۆنۈپ كەتكەنمىز، يورۇقلۇقتىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا يورۇقلۇقنىڭ قەدرى ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەقىقەت، ئەمما بۇ ھەقىقەتنى شۇ ھالەتنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ بىلگىلى بولمايدۇ، پەقەت دەپلا قويىمىز، ئەتە يەنە كۆزىمىزدە، ماھىيەتتە بولسا روھىمىزدا زاھىر بولغان رەڭگارەڭ دۇنياغا قانماي ياشايمىز. ھەقىقەتەن، كۆزلەرلار ئەمەس، قەلبلەرمۇ كوردۇر. غاپىللىق ۋە دائىم كېچىكىپ قېلىش بىزنىڭ قىسمىتىمىز. ئەمما ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 04:58:46

بىر ئورۇس دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا (40 ياشلار ۋاقتىدا) روسىيەدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى لازىر نۇردا تۈزەش ئوپېراتىسىيىسى قىلدۇرۇپتىكەن، تا ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى، شۇنىڭغا قاراپ شۇ دوستۇم ئىككىمىزمۇ شۇ ئوپېراتىسىيەگە بارىدىغان بولۇپ مەسلىھەتلەشكەن، كېيىن ئۇ باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كەتتى، ئۇ پاراڭلارمۇ قېلىپ قالدى.

تېلىۋوزۇرلاردا دائىم ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتىسىيىسى قىلدۇرۇپ چىرايىنى بۇزۇۋالغان مەشھۇر كىشىلەر، چولپانلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، يالغۇز مۇشۇ كۆز ئوپېراتىسىيىسى ھەققىدە يامان خەۋەر ئاڭلاپ باقماپتىمەن. مايكېل جېكسوننىڭ شۇنچە پۇلى تۇرۇپمۇ ھۆسىن تۈزەشتە ئۇتۇق قازىنالمىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنى قورقۇتتى.

مۇشۇ ئوپېراتىسىيەنى قىلدۇرايمىكىن دەپ ئويلىشىۋاتقىلى 7-8 يىل بوپتۇ، گەرچە تا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەغلۇبىيەت ھېكايىسى ئاڭلاپ باقمىغان بولساممۇ، كېسىپ قارار چىقىرىشتا يەنىلا ئىككىلىنىمەن، نېمىلا دېمىگەن بىلەن كۆز ئەمەسمۇ، «كۆز ئەينەكمۇ يارىشىدىغۇ» دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىمەن. يوشۇرۇن ئەينەكنىڭ ئەڭ نېپىزىنى، پەقەت بىر كۈنلۈكىنى ئىشلەتسەممۇ، ئەتىگەندە سالسام چۈشتىن كېيىن بولغاندىن باشلاپلا كۆزۈم چارچىغانلىقتىن قاپىقىم ئىششىپ قالىدۇ.

5-6 يىلنىڭ ئالدىدا بىر گېزىتتىن جۇڭگودا كۆپلىگەن دوختۇرخانىلاردا مۇشۇ ئوپېراتىسىيەنى قىلدۇرغۇچىلارنىڭ كۆزىدە ياللۇغلىنىش كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى، سەۋەبى دوختۇرلار بۇ ماشىنىنى ئەكىلىپ، رەسمىي كېسەل داۋالاشتىن بۇرۇن چاشقانمۇ يا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھايۋاننىڭ كۆزىنى ئوپېراتىسىيە قىلىپ پراكتىكا قىلىدىغانلىقىنى؛ ئۈسكۈنە قىممەت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئوخشاش ئەسۋابنى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىشلىتىۋېرىدىغانلىقىنى؛ دېزىنفىكىسىيەنىڭ ئۈزۈل- كېسىل بولمايدىغانلىقىنى... يېزىپتىكەن.

كۆز ئەينەك تاقايدىغانلار بىر يەرگە يىغىلىپ قالساقلا مۇشۇ ئوپېراتسىيە ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالىدىكەنمىز، لېكىن ھېچكىمنىڭ ئاۋال بېرىپ ئوپېراتىسىيە قىلدۇرۇپ، تەجرىبە ماتېرىيالى بولغۇسى يوق{:90:}

ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن يامان مىساللار بارمۇ؟ پەقەت مۇشۇ لازىر نۇر ئوپېراتىسىيەسى ھەققىدە.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 07:03:30

1- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئورۇس دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا (40 ياشلار ۋاقتىدا) روسىيەدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى لازىر نۇردا تۈزەش ئوپېراتىسىيىسى قىلدۇرۇپتىكەن، تا ھازىرغىچە شۇنداق ياخشى، شۇنىڭغا قاراپ شۇ دوستۇم ئىككىمىزمۇ شۇ ئوپېراتىسىيەگە بارىدىغان بولۇپ مەسلىھەتلەشكەن، كېيىن ئۇ باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كەتتى، ئۇ پاراڭلارمۇ قېلىپ قالدى.

تېلىۋوزۇرلاردا دائىم ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتىسىيىسى قىلدۇرۇپ چىرايىنى بۇزۇۋالغان مەشھۇر كىشىلەر، چولپانلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، يالغۇز مۇشۇ كۆز ئوپېراتىسىيىسى ھەققىدە يامان خەۋەر ئاڭلاپ باقماپتىمەن. مايكېل جېكسوننىڭ شۇنچە پۇلى تۇرۇپمۇ ھۆسىن تۈزەشتە ئۇتۇق قازىنالمىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنى قورقۇتتى.

مۇشۇ ئوپېراتىسىيەنى قىلدۇرايمىكىن دەپ ئويلىشىۋاتقىلى 7-8 يىل بوپتۇ، گەرچە تا ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەغلۇبىيەت ھېكايىسى ئاڭلاپ باقمىغان بولساممۇ، كېسىپ قارار چىقىرىشتا يەنىلا ئىككىلىنىمەن، نېمىلا دېمىگەن بىلەن كۆز ئەمەسمۇ، «كۆز ئەينەكمۇ يارىشىدىغۇ» دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىمەن. يوشۇرۇن ئەينەكنىڭ ئەڭ نېپىزىنى، پەقەت بىر كۈنلۈكىنى ئىشلەتسەممۇ، ئەتىگەندە سالسام چۈشتىن كېيىن بولغاندىن باشلاپلا كۆزۈم چارچىغانلىقتىن قاپىقىم ئىششىپ قالىدۇ.

5-6 يىلنىڭ ئالدىدا بىر گېزىتتىن جۇڭگودا كۆپلىگەن دوختۇرخانىلاردا مۇشۇ ئوپېراتىسىيەنى قىلدۇرغۇچىلارنىڭ كۆزىدە ياللۇغلىنىش كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى، سەۋەبى دوختۇرلار بۇ ماشىنىنى ئەكىلىپ، رەسمىي كېسەل داۋالاشتىن بۇرۇن چاشقانمۇ يا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھايۋاننىڭ كۆزىنى ئوپېراتىسىيە قىلىپ پراكتىكا قىلىدىغانلىقىنى؛ ئۈسكۈنە قىممەت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئوخشاش ئەسۋابنى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىشلىتىۋېرىدىغانلىقىنى؛ دېزىنفىكىسىيەنىڭ ئۈزۈل- كېسىل بولمايدىغانلىقىنى... يېزىپتىكەن.

كۆز ئەينەك تاقايدىغانلار بىر يەرگە يىغىلىپ قالساقلا مۇشۇ ئوپېراتسىيە ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالىدىكەنمىز، لېكىن ھېچكىمنىڭ ئاۋال بېرىپ ئوپېراتىسىيە قىلدۇرۇپ، تەجرىبە ماتېرىيالى بولغۇسى يوق \"\"

ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن يامان مىساللار بارمۇ؟ پەقەت مۇشۇ لازىر نۇر ئوپېراتىسىيەسى ھەققىدە.



ئۇرۇسنىڭ تېخنىكىسى شۇنداق يامانمىدۇ؟ مىنىڭچە ئۇنداقمۇ ئەمەس، بۇ بەلكىم ئاشۇ ھەدىڭىزنىڭ كۆزىنىڭ شۇ ئوپراتسىيەگە ماس كەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش كىسەل بىلەن ئاغرىغان كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بىر دورا يەپمۇ بىرسىنىڭ ساقىيىپ بىرسىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى كۆرگەن. ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ بولماقمۇ بەك تەسكەن.


ئەمما مەن بىلىدىغان ئۈرۈمچىدىكى ئوپراتسىيەنى مەيلى ئۈرۈمچىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا قىلدۇرسۇن ياكى ئۈرۈمچىدىكى باشقا يەرلەردە قىلدۇرسۇن ئوپراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولۇپ ئارلىقتىن ئىككى يىل ئۆتە ئۆتمەي يەنە كۆزەينەككە چۈشۈپ قالغان، ئەمما ئۆزى بولسا بۇرۇنقىسى مانچە يۈزتى ھازىر مانچە يۈز تۆۋىنى تاقاپ يۈرىۋاتىمەن دەپ ئۆزىنى خوش قىلىپ يۈرگەنلەر بار.


قىزىقارلىق يىرى شۇكى ئۈرۈمچىدىكى بۇ خىل داۋالاش ئورۇنلىرى گەرچە داڭلىق دوختۇرخاننىڭ ئىچىدە بولسىمۇ پۇل تۆلەش، ۋە باشقا رەسمىيەتلىرنى ئۆزىنىڭ ئايرىم بىر ئورنىغا تاپشۇرىدىكەن. ماڭا خۇددى بۇ شۇ دوختۇرخانغا تەۋە ئەمەستەك، مەسئۇليەتنى دوختۇرخانا ئۈستىگە ئالمايدىغاندەك بىلىندى.


ئەمما ماۋۇ ئوپراتسىيەنى بىرەر كۆز كىسەل مۇدىر ۋىرارچ دوختۇرنىڭ تەۋسىيە قىلىپ باققىنى ئۆز قۇلۇقىم بىلەن ئاڭلىمىدىم. ھېچقايسىنى بۇنى تەۋسىيە قىلىپ باقمىدى. كۆز مۇھىم نەرسە، سىز بىزدەك كەچكىچە ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن يەنىلا كۆزەينەك ياخشى. بۇ ئوپراتسىيەنى قىلغانلارنى نەزىرىيە جەھەتتىن كىتاپتىن، كومپىيوتۇردىن يىراق تۇرۇشنى ، كۆز چارچىتىپ ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىكەن. دىمەك ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ، تەتقىقاتچى بولسىڭىز بۇ خىل خىزمەتلەرنى قىلماي يۈرسىىڭىز، ساياھەت بىلەنلا يۈرسىڭىز ئاندىن ئوپراتسىيەنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدىكەنسىز.


tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 07:05:16

ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن \"\"

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 07:29:02

توڭرېن دوختۇرخانىسى ئىسىمگە كەلسىلا قورقۇنچ باسىدۇ\"\"

          بىرىنچى جۈملىدىكى ھەمجىنىس دېگەن گەپ خاتا ئىشلىتىپ قالدىمۇ قانداق؟بۇ ھەمجىنىس دېسە باشقىچە مەناغا كېتىدىغاندەك

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 07:45:55

تۈگەپ قالمىسا بۇلاتتى   شۇنداق ئاۋايلاپ ئۇقۇساممۇ تۈگەپ قالدى

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 08:33:11

قىزىق ئىشكەن، مەنغۇ كۆزئەينەك تاقايدىغان قىزلارغا ئامراق\"\".

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 09:00:56

ھې ھې، ماڭىمۇ كۆزەينەكلىك قىزلار ئىسل كۆرىنىدۇ. ئايالىمغا چاقچاق قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ كۆزەينىكڭىزگە كۆيگەنتىم دىسەم كۆزەينىكىنى ئېلىپلا قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويىشى بار تېخى   {:92:}

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 09:09:02

ماۋۇ ئۈچىمىز ئوخشاشمۇ نېمە   {:92:}   ئايالىممۇ ھازىر ئانچە تاقاپ كەتمەيدۇ، لېكىن شۇ ئەينەك تاقىغان ۋاقىتتا بەك چىرايلىق كۆرۈنەتتى كۆزۈمگە\"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 09:13:06

ئىنكاسلار ئادەمنى خوش قىلىدىكەن \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 09:20:00

«سىلەرنىڭ قىزلار كىچىكىدىن ئوسما قويىدىكەن، شۇڭا قاش-كۆزى چىرايلىق. »يولداشلارنىڭ ئەخمىقانە سۆزلىرىنىڭ بىرسى.

- مېنىڭ قېشىم بولامدىكەن؟ ئوغۇل بالىغا ئوسما قويسا تاققا ئۇچۇپ كېتىدۇ دەپ يېقىن كەلگۈزمەيمىز......

- شۇنداقمۇ يا......

-قىزىمنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدىن چىققان ۋاقتىدىكى سۈرىتى، ئانىسىنىڭ قوسىغىدىن ئوسما قويۇپ چۈشمىگەندۇ؟

جىم....


bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 10:07:47

تېمىنى ئوقويلى خوتوننى ماختىماي، سايىم نوچىنىڭ كىنوسى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ!

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 10:14:27

11- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىنى ئوقويلى خوتوننى ماختىماي، سايىم نوچىنىڭ كىنوسى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ!


ھەر نېمە بولسا ما تىما سىزنىڭ ئەمەسكەن، بولمىسا... 002.gif

farida يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 10:20:25

ئىچكىردە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا,تولۇق ئوتتۇردىكى دەرسلەرنىڭ ئېغىرلىقىدا يوتقاننىڭ ئىچىگە قولچىراق يېقىپ كىتاب كۆرۈپ, كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپتىكەن. شۇندىن باشلاپ كۆزئەينەك تاقاپ يۈرۈپتىمەن. يۇرتقا قايتىقاندا, سىرتلاردا يۇشۇرۇن كۆزئەينەك سېلىۋالمىسام, كۆرۈشكەنلا ئادەم كۆزەڭ نېمە بولدى دەپ ئىچىنى ئاغرىتىپ ئىچىمنى پۇشۇرۋېتەتتى. خۇداغا شۈكرى , بەك ئۆرلەپمۇ كەتمىدى.

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ شۇ ئوپراتسىيىنى قىلدۇراي دەپ ئويلىغان , ئەمما توردىن ماتىرىيال ئىزدەپكۆرسەم, بۇ ئوپراتسىيىنىڭ ماھىيىتى لازىر نۇر ئارقىلىق كۆزنىڭ كۆرۈش پەردىسىنى نېپىزلىتىش ئىكەن. كۆز كۆرۈش پەردىسى بەك نېپىزلەر تېخى بۇ ئوپراتسىيىنى قىلدۇرسا بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قورقتۇم. بىكا چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويماي دېدىم.

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 10:44:20

ما ئىككى كۈن بولدى مىنىڭ كۆزۈمگە يىڭنە ئاسقۇ چىقىپ قېلىپ جىلە قىلۋەتتى .تىزراق ساقىيىدىغاننىڭ ئامالى بارمىدۇ دوسلار   {:107:}    {:107:}    {:107:}

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 10:45:16

سىڭلىممۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر قانچە قېتىم ئېغىر دەرىجىدە قىزىغان سەۋەب بىلەن بىر كۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقى بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. تولۇقسىزغا چىققان مەزگىللىرىدە دەسلەپ ئۆزۈم ئۇنى مەشىقلەندۈردۈم كېيىن ئوقۇشقا كەتكەن ۋاقتىمدا كۈندە دېگۈدەك تېلىفۇن قىلىپ ئەينەككە قاراپ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراش مەشىقىنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماسلىقىنى ئېسىگە سېلىپ تۇردۇم. بارا- بارا كۆز قارىچۇقىنىڭ ئېغىپ كېتىشى ئەسلىگە كەلدى. تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە مەلۇم ئىشلار سەۋەبى زور بېسىم بولۇپ تولا يىغلىغانلىقتىن كۆزى بىراقلا ئاجىزلاپ بېشى بىلەن بىرگە قوشۇپ ئاغرىيدىغان بولىۋالدى، شۇ مەزگىلدە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەپتىمەن. ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشتە ئۇلار سىڭلىمنىڭ كۆزىنى 12 ياشتىن بۇرۇن داۋالاش ئىمكانىنىڭ بارلىقىنى ئەمدى پەقەت كۆز ئەينەك تاقاش كېرەكلىكىنى دېگەن ئىدى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ كۆزئەينەك تاقايدۇ. ھەر قېتىم ئاغرىشتىن قىيلىنىپ زارلانغانلىرىدا ئاپامنىڭكىگە ئوخشايدىغان چىرايلىق چوڭ- چوڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلىۋاتقان تامچىلارغا قاراپ نالە قىلىمەن، شۇ زامات كۆزلىرىمنى ئېلىپ ئۇنىڭكىگە سېلىپ قويغۇم كېلىدۇ... بۇلتۇر ھەدىيە خانىم ۋە ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم، مۇتەخەسىسلەردىن مەسلىھەتمۇ سورىدىم. ئوخشاشلا جاۋاب پەقەت كۆز ئەينەك تاقاشنى داۋام ئىتىش، دەم ئېلىشقا، كەيپىياتقا، ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە دېققەت قىلىشلا ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا كۆزۈمدىن پارتىلاپ چىقىپ كەتكۈدەك بولغان ياش كەلكۈنىنى زورىغا يۈتىۋەتتىم، ئۇ يوق يەردىلا ياش تۆكەتتىم... بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن مەكتەپتىن سوراپ بىر يىللىق دەم ئالدۇردۇم. ئىزچىل ئۇنىڭ كۆزدىكى ئالامەتلەر، تۇرمۇشتىكى يولۇققان ۋە يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىغا قاراپ كۆزنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلغان ئىدىم.

بۇرۇنلاردا كۆز ئەينەك تاقىۋالىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمغا قاراپ ئۇلارنى ناھايتتى ئوقۇمۇشلۇق، ئەدەپلىك، ئۆزىنى تۇتىۋالغان بىر خىل ھالەتتە تەسۋىرلەپ ئۇلارغا ھەۋەسلىنەتتىم. پاھ، كۆز ئەينەك تاقىسا نېمىدىكەن پەيزى دەپ قالاتتىم. بارا- بارا شۇ ئەينەك ئارقىسىدىكى چىرايلىق كۆزلەردە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل يۇشۇرۇن ئازاپلارنى ھېس قىلدىم.

ئاپتوبۇستا:

- ئاداش، كۆزۈڭدە مەسىلە بولمىسا نىمىشقا كۆز ئەينەك تاقايسەن؟ بىر چىرايلىق سېھىر بىلەن جاننى ئالىدىغان كۆزۈڭنى يوشۇرۇپ نىمە قىلىسەن دەيمەن؟،- مەسخىرە ئۇچقۇنى يالت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قېنىق گىرىم ئارىسىدا قىسىلىپ قىزارغان تېيىز كۆزلەر.

- سەن چۈشەنمەيسەن، مەن شۇنداق قىلىشىم كېرەك. چۈنكى ياتلارنىڭ ھەر خىل نەزەرلىرىنىڭ بىۋاستە كۆزلىرىمگە تاشلىنىپ زەھەرلىشىدىن سەسكىنىمەن، كۆزلىرىمگە قادىلىپ قاراشلىرىدىن ئىنتايىن بىزارلىق ھېس قىلىمەن. مۇشۇ ئەينەك بۇنداق نەزەرلەرنى توساپ قالىدۇ، كۆزۈمنى ئاسرايدۇ، ئۆزۈمگە بېسىم ھېس قىلمايمەن...- ئاپتوبۇس ئەينىكىدىن سىرتقا، يىراقلارغا خاتىرجەملىك بىلەن تىكىلگەن ئەينەك ئاستىدىكى تىگىگە يەتكىلى بولمىغۇدەك چوڭقۇر، سېھىر بىلەن تولغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆز!

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 11:39:20

مېنىڭمۇ كۆزۈم قوياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ، ياشاڭغۇراپ قالىدۇ . نېمىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى ھىچ بىلەلمىدىم ؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 17:17:43

17- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭمۇ كۆزۈم قوياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ، ياشاڭغۇراپ قالىدۇ . نېمىنىڭ تەسىرىدىن ئىكەنلىكىنى ھىچ بىلەلمىدىم ؟

مېنىڭ كۆزۈممۇ ياشاڭغۇرايدۇ، كىملا كۆرسە يىغلىدىڭىزمۇ دەپ سوراپ.

كومپيۇتېرغا كۆپ قارىسا، كۆپ تىلۋىزور كۆرسە شۇنداق بولىدۇ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 17:21:48

مېنىڭمۇ كۆزۈم قۇياش نۇرىدا بەك بىئارام بولۇپ كېتىدۇ.

@dilruba

مېنىڭ ئەتراپىمدا بۇ ئوپېراتسىيىنى قىلدۇرغاندىن ئىككىسى بار، بىرى باشلىقىم، ئۇنىڭغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ، ئىشقىلىپ مەن بەش يىل بۇرۇن كەلسەم، كۆزەينەكنى تاشلىۋەتكىلى نەچچە يىل بوپتىكەن؛ كۆزى ياخشى. يەنە بىرى شاگىرتىم، ئۇنىڭغىمۇ ئۈچ يىل بولۇپ قالغاندۇ، ئۇ قىز مەكتەپتىكى چېغىدا ئانىسىغا ئۇقتۇرمايلا بېرىپ قىلدۇرىۋېتىپتىكەن، ئۇنىڭمۇ كۆزى ياخشى، مېنىمۇ قىلدۇرىۋېتىڭ ئۇستاز دەپ مەسلىھەت بەرگەن، قورقتۇم.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 17:46:33

قىزلار ئەمەلىيەتتە كۆزىدە مەسىلە بولسا كۆزەينەك تاقاۋەرسە بولىدۇ، مېنىڭ كۆزۈمگىمۇ كۆزەينەك تاقىۋالغان قىزلار (ئايالىممۇ شۇنىڭ ئىچىدە\"\") شۇنداق مۇلايىم، چىرايلىقكۆرۈنىدۇ ، لېكىن قىزلارنىڭ ئىدىيىسىگە زادىلا ئامال يوق ، ئۆز - ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەپ كۆزەينەكتىن ئامالنىڭ بارىچە قاچىدۇ .كۆزەينەك تاقاش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىپمۇ يەنە تاقاشتىن قاچىدىغان قىزلارنى مەن ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخكىسى يۇقىرى دەپلا قارايدىكەنمەن .
بەت: [1] 2 3
: بىر قىزغا مىڭ كۆز