tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 22:07:55

جاننىڭ تۇرار يەرلىرىنىڭ بايانى

جاننىڭ تۇرار يەرلىرىنىڭ بايانى

ئادەمنىڭ جېنى شەنبە كۈنى كۆزىدە،يەكشەنبە كۈنى قورسىقىدا، دۈشەنبە كۈنى ئارقىسىدا، سەيشەنبە كۈنى كىندىكىدە، چارشەنبە كۈنى يوتىسىدا، پەيشەنبە كۈنى ئايىغىدا بولۇر. بۇ يەرلەرگە تاياق تەگسە ياكى قان ئالسا چوڭ خەتەر باردۇر.

قان بىلەن سەپرادىن بولغان ۋەرەمنىڭ ئىلاجى : سېرىق ھېلىلە، تەمرى ھىندى، سانا ھەر بىرى 6.5گرامدىن؛ خىياشەنبەر ئىككى گرام؛ رەۋەن،ئەپتىمۇن ئۇرۇقى تۆت گرامدىن؛ ئەينۇلا ،چىلان ھەر بىرى يەتتە دانىدىن ئېلىپ دورىلارنى ئايرىم چىلاپ قاينىتىپ، تەرەنجىبىن سېلىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچكەي.

قانداق بىمار ئۆزىدىن بىخەۋەر بولسا ھەم ئاۋاز چىقىرىپ گەپ قىلالمىسا ، ئۇ مېڭە پەردە ئىششىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. يەنە قوللىرىنى ھەر تەرەپكە سالسىمۇ ياخشى ئەمەستۇر. قانداق بىمار يۇرۇقلۇقنى خالىمىسا ، يۈزىنى تام تەرەپكە قىلىپ تۇرسا ، ئۇمۇ ياخشى ئەمەستۇر. قانداق بىمار ئاغرىماي-ئاغرىماي ئاغرىسا ، ئۆلۈمنىڭ ئالامىتىدۇر. كىشىنىڭ مىزاجى ئىسسىق بولۇپ ،بىر كۆزى كىچىك، بىر كۆزى نورمال بولسىمۇ ياخشى ئەمەستۇر.  چىشلىرىنى بىر –بىرىگە سۈركىسە ، پۇتلىرىنى سوزۇپ يىغسا ،كۆزلىرنى گاھ ئۈستىگە ، گاھ ئاستىغا قىلىپ ياتسا ئۇمۇ ياماندۇر.

قان ئېلىش،ھىجامەت(لوڭقا) قويۇشنى خالىساڭ ئاينىڭ ئون ئىككىسىدىن ئون بەشىگىچە قان ئېلىش خەتەرلىكتۇر، پەقەت زۆرۈر بولسا قان ئالسا بولۇر، چۈنكى ئاي كىچىكلىسە قان كەم بولۇر، چوڭايسا قان كۆپ بولۇر.

<<تېببىي تەجرىباتى>> دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. 4تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 22:24:01

جاننىڭ تۇرار يەرلىرىنىڭ بايانى

ئادەمنىڭ جېنى شەنبە كۈنى كۆزىدە،يەكشەنبە كۈنى قورسىقىدا، دۈشەنبە كۈنى ئارقىسىدا، سەيشەنبە كۈنى كىندىكىدە، چارشەنبە كۈنى يوتىسىدا، پەيشەنبە كۈنى ئايىغىدا بولۇر. بۇ يەرلەرگە تاياق تەگسە ياكى قان ئالسا چوڭ خەتەر باردۇر.

ماۋۇسى ئىسپاتلانغانمۇ ھەكىم ؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 23:20:05

شۇ دەۋىرلەرگە تەۋە ئىزدىنىشكەن.   \"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 00:48:27

ئېلانكەن دەپ چۈشىنىپ قويۇڭلار...

ئاقماس پاراڭلار...

murat001 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 05:52:43

نە  ئاغرىسا   جان   شۇ   يەردە  \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 07:47:19

ئىسپاتلانغان ئىسپاتلانمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، لېكىن مەلۇم ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.خۇددى‹‹ لەززەت سىرلىرى›› دېگەن كىتابتا ئاياللاردىكى شەھۋەت ئورنى دۈشەنبىدە پالان يەردە بولۇر،سەيشەنبىدە پۇستانى يەردە بولۇر دېگەنگە ئوخشاش . ئەگەر بۇلارنى كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولسا ئىدى ئىسپاتلىماق ئاسان بولار ئىدى.

بۇ بايانلارنى باشقا تېببىي كىتابلاردا ئۇچراتمىغان ئىدىم، شۇڭا يېڭىلىق تەرىقىسىدە يوللىشىم.

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 08:49:13

يىغىپ كەلسە نە ئاغرىسا جان شۇ يەردە .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 11:28:03

شۇ كىتابنى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بولۇپ يۇقىرىقى نۇقتىلار ۋە يەنە باشقا ئادەم قوبۇل قىلىش تەسرەك داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ئويلىنىش ئىچىدىمەن. بۇنى ئالدىراپ يالغانغا چىقىرىشقا شەخسەن مەن قوشۇلمايمەن . چۈنكى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا  پۈتكۈل ( مىكرو دۇنيادىن ماكرو دۇنياغىچە بولغان بارلىق)ھاياتلىق تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ: يەنى تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان جايلارغا نىسبەتەن ئۈسۈملۈكلەرئەتىيازدا يۇپۇرماق چىقىرىدۇ، ئەتىيازدا گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىش كۆپ بولىدۇ، قۇرت-قۇڭغۇزلار قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ مىدىرلايدۇ، كۆپىيىدۇ... ئومۇمەن بارچە ھاياتلىق باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا باھار مەزگىلىدە مىسلىسىز جانلانغىنىغا ئوخشاش ئېھتىمال جاننىڭمۇ مەلۇم بىر ئورۇنغا مەركەزلىشىدىغان، جۇغلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تېبابىتى بۇرۇندىن ئاستىرونومىيە، خېمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە،جۇغراپىيە...قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىلىملارنى ئۆزىگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ (چۈنكى سۇ، ھاۋا، كۈن نۇرى، تۇپراق، كېلىمات... قاتارلىقلار ھاياتلىقنىڭ جۈملىدىن ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، روھىي ھالىتى، فىيولوگىيەلىك تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم بولغان ئامىللار بولغاچقا )ئادەمنى يالغۇز بىر كاللەك گۆش دەپلا نۇقۇل ئاناتومىيە، فىزىيولوگىيە نۇقتىسىدىنلا بىر تەرەپلىمە كۈزەتمەستىن يەنە شۇ ئادەمنى ھاياتلىققا ئىگە قىلىپ تۇرغۇچى جاننى بىر ئېنىرگىيە، كۈچ-قۇۋۋەت دەپ قاراپ بۇ كۈچ ياكى بۇخىل ئېنىرگىيە ھەر بىر كۈندە ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە ھەرىكەتلىنىپ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا جۇغلىنىدۇ ئەمما بۇ جۇغلىنىش قانۇنىيەتلىك بولىدۇ ھەمدە مەلۇم بىر نۇقتىغا توپلانغاندا بۇ ئېنىرگىيە ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ زىل، نازۇك ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ پەيتلەردە ئېنىرگىيەنى توشۇغۇچى ۋە تۈزگۈچى ئامىلدىن بىرسى بولغان قان چىقىپ كەتسە بۇ ماگنىت مەيدانىدىكى تەرتىپ بۇزۇلۇپ بۇ ئېنىرگىيە ئەسلىدىكى ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى تېببىي نۇقتىدىن ئىزاھلاش ، ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن «ئادەمنىڭ جېنى شەنبە كۈنى كۆزىدە ، يەكشەنبە كۈنى قورسىقىدا، دۈشەنبە كۈنى ئارقىسىدا، سەيشەنبە كۈنى كىندىكىدە، چارشەنبە كۈنى يوتىسىدا، پەيشەنبە كۈنى ئايىغىدا بولۇر. بۇ يەرلەرگە تاياق تەگسە ياكى قان ئالسا چوڭ خەتەر باردۇر.» دېگەن بولۇشىمۇ ئېھتىمال، دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن. (بۇنى فىزىكا نۇقتىسىدىن يەر شارى ۋە ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە، يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە بېقىپ تىرىك ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار بولىدىغان بىئو ماگنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقتىن بەدەندىكى زەرەتلەنگەن ئىئونلار شۇ ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا ئۆزگىرىش ياساپ ھەپتىنىڭ ئوخشىمىغان كۈنلىرىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدا يىغىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنمۇ؟) بۇلار يەنىلا نەزەرىيە ۋە تەجىرىبە ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىشقا تېگىشلىك ئالاھىدە كۆز قارشتۇر.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەپسانە ياكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان باخشىلار تېبابىتى ئەمەس!ئۇيغۇر تېبابىتى نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا ئۆزىنىڭ مول نەزەرىيىۋى ئاساسىي، قايىل قىلارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى، كېلىنكا ئەمەلىيىتى... بىلەن تا بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى، تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئاددىيسى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەھسۇلى بولمىش زىرە سالغان كاۋاپ بىلەن سىيادان سالغان ناننى يەپ چوڭ بولغان ئاز بىر قىسىم ھۆرمەتلىك تورداشلىرىمىز ، مۇشۇ تېبابىتىمىز ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىنى توختىتىپ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان قانداق يەرلىك داۋالاش ئۇسۇلى بار، ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا قانداق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ياكى دورىلار چىقىدۇ، ئىسمى نېمە، نېمىگە پايدا قىلىدۇ... شۇنى بولسىمۇ بىلىۋېلىپ خاپا بولماي بالىلىرىڭلارغا ئاددىي بولسىمۇ تەبىئەتتىن، ئاۋام تېبابىتىدىن خالىسانە ئاددىي بولسىمۇ بىلىدىغىنىڭلارنى بىلگەنچە بىلمىگىنىڭلارنى ئۈسۈملۈك لوغىتى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ بولسىمۇ رەسىملىرىنى كۆرسەتكەچ  ئاز-تولا بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويساڭلار جىق توغرا ئىش قىلغان بولاتتىڭلار...

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 11:32:56

كاۋاپ بىلەن زىرىنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بايانىنى  ئاڭلاپ باقىلى؟

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 11:51:06

كاۋاپنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى دورىلىق رولىنى قوشىسڭىز جاۋابى چىقىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ۋە دورا بىلەن داۋالاش تۈرىنى ئاللىقاچان تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرغان تېبابەت. ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېمەك-ئىچمەكنىڭ نوقۇل رەڭ، تەمىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي يەنە مۇھىمى زىيانلىق تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش،قۇۋۋىتىنى خوراتماسلىق، تەنگە پايدىلىق بولۇش... شەرتى ئاستىدا سەنئەتلىك بولۇش، ئىلمىي بولۇش، قانۇنىيەتلىك بولۇش... نى قوغلاشقان. مەسىلەن قىيمىلىق تاماقتىن چۆچۈرە( تۈگۈشلىرىمىز سەنئەتلىك، قىيمىلىرىدا ھەزىمنى ياخشىلايدىغان، يەلن باسىدىغان  خۇرۇچ،دورا دەرمان بار، سۈيىدە يەنە قىيىمىلىق تاماقنىڭ يېلىنى باسىدىغان پىننە بار؛ يەنە، گۆشنان،مانتا...مەيلى قويۇق تاماق بولامدۇ، سۇيۇق تاماق بولامدۇ...ھەممىسىدە بىر خىل قۇسۇرسىز، ئېۋەنسىز مۇكەممەللىكنى، تەڭپۇڭلۇقنى، مۆتىدىللىكنى قوغلىشىشقا ئنتىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىسىز. مېنىڭچە مۇشۇلار كۇپايە چۈشەندۈرۈشكە.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 17:24:17

9- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوشۇلىمەان.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 17:34:04

7- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇ كىتابنى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بولۇپ يۇقىرىقى نۇقتىلار ۋە يەنە باشقا ئادەم قوبۇل قىلىش تەسرەك داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ئويلىنىش ئىچىدىمەن. بۇنى ئالدىراپ يالغانغا چىقىرىشقا شەخسەن مەن قوشۇلمايمەن . چۈنكى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا پۈتكۈل ( مىكرو دۇنيادىن ماكرو دۇنياغىچە بولغان بارلىق)ھاياتلىق تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ: يەنى تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان جايلارغا نىسبەتەن ئۈسۈملۈكلەرئەتىيازدا يۇپۇرماق چىقىرىدۇ، ئەتىيازدا گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىش كۆپ بولىدۇ، قۇرت-قۇڭغۇزلار قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ مىدىرلايدۇ، كۆپىيىدۇ... ئومۇمەن بارچە ھاياتلىق باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا باھار مەزگىلىدە مىسلىسىز جانلانغىنىغا ئوخشاش ئېھتىمال جاننىڭمۇ مەلۇم بىر ئورۇنغا مەركەزلىشىدىغان، جۇغلىنىدىغان ئالاھىدە پەيتلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تېبابىتى بۇرۇندىن ئاستىرونومىيە، خېمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە،جۇغراپىيە...قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىلىملارنى ئۆزىگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ (چۈنكى سۇ، ھاۋا، كۈن نۇرى، تۇپراق، كېلىمات... قاتارلىقلار ھاياتلىقنىڭ جۈملىدىن ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، روھىي ھالىتى، فىيولوگىيەلىك تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم بولغان ئامىللار بولغاچقا )ئادەمنى يالغۇز بىر كاللەك گۆش دەپلا نۇقۇل ئاناتومىيە، فىزىيولوگىيە نۇقتىسىدىنلا بىر تەرەپلىمە كۈزەتمەستىن يەنە شۇ ئادەمنى ھاياتلىققا ئىگە قىلىپ تۇرغۇچى جاننى بىر ئېنىرگىيە، كۈچ-قۇۋۋەت دەپ قاراپ بۇ كۈچ ياكى بۇخىل ئېنىرگىيە ھەر بىر كۈندە ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە ھەرىكەتلىنىپ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا جۇغلىنىدۇ ئەمما بۇ جۇغلىنىش قانۇنىيەتلىك بولىدۇ ھەمدە مەلۇم بىر نۇقتىغا توپلانغاندا بۇ ئېنىرگىيە ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ زىل، نازۇك ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ پەيتلەردە ئېنىرگىيەنى توشۇغۇچى ۋە تۈزگۈچى ئامىلدىن بىرسى بولغان قان چىقىپ كەتسە بۇ ماگنىت مەيدانىدىكى تەرتىپ بۇزۇلۇپ بۇ ئېنىرگىيە ئەسلىدىكى ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى تېببىي نۇقتىدىن ئىزاھلاش ، ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن «ئادەمنىڭ جېنى شەنبە كۈنى كۆزىدە ، يەكشەنبە كۈنى قورسىقىدا، دۈشەنبە كۈنى ئارقىسىدا، سەيشەنبە كۈنى كىندىكىدە، چارشەنبە كۈنى يوتىسىدا، پەيشەنبە كۈنى ئايىغىدا بولۇر. بۇ يەرلەرگە تاياق تەگسە ياكى قان ئالسا چوڭ خەتەر باردۇر.» دېگەن بولۇشىمۇ ئېھتىمال، دەپمۇ ئويلاۋاتىمەن. (بۇنى فىزىكا نۇقتىسىدىن يەر شارى ۋە ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە، يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە بېقىپ تىرىك ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار بولىدىغان بىئو ماگنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقتىن بەدەندىكى زەرەتلەنگەن ئىئونلار شۇ ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا ئۆزگىرىش ياساپ ھەپتىنىڭ ئوخشىمىغان كۈنلىرىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدا يىغىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ھالەتنى شەكىللەندۈرگەنمۇ؟) بۇلار يەنىلا نەزەرىيە ۋە تەجىرىبە ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىشقا تېگىشلىك ئالاھىدە كۆز قارشتۇر.

ئۇيغۇر تېبابىتى ئەپسانە ياكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان باخشىلار تېبابىتى ئەمەس!ئۇيغۇر تېبابىتى نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا ئۆزىنىڭ مول نەزەرىيىۋى ئاساسىي، قايىل قىلارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى، كېلىنكا ئەمەلىيىتى... بىلەن تا بۈگۈنگىچە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى، تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئاددىيسى ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ مەھسۇلى بولمىش زىرە سالغان كاۋاپ بىلەن سىيادان سالغان ناننى يەپ چوڭ بولغان ئاز بىر قىسىم ھۆرمەتلىك تورداشلىرىمىز ، مۇشۇ تېبابىتىمىز ھەققىدە قالايمىقان بىلجىرلاشلىرىنى توختىتىپ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان قانداق يەرلىك داۋالاش ئۇسۇلى بار، ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا قانداق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ياكى دورىلار چىقىدۇ، ئىسمى نېمە، نېمىگە پايدا قىلىدۇ... شۇنى بولسىمۇ بىلىۋېلىپ خاپا بولماي بالىلىرىڭلارغا ئاددىي بولسىمۇ تەبىئەتتىن، ئاۋام تېبابىتىدىن خالىسانە ئاددىي بولسىمۇ بىلىدىغىنىڭلارنى بىلگەنچە بىلمىگىنىڭلارنى ئۈسۈملۈك لوغىتى ياكى توردىن ئاختۇرۇپ بولسىمۇ رەسىملىرىنى كۆرسەتكەچ ئاز-تولا بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويساڭلار جىق توغرا ئىش قىلغان بولاتتىڭلار...

تېمىنىڭ ياخشى تولۇقلىمىسى بۇپتۇ  بۇ ئىنكاسىڭىز....ھەقىقەتەن ئاساسى بار...

baykux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 20:58:19

روھ دىگەن نىمە؟

خىلىتلارنىڭ ئىنتايىن ئۇچۇچان، يەڭگىل، لەتىف قىسمىدىن ھاسىل بولغان گاز خۇسۇسىيەتلىك ماددى ئېنىرگىيە-روھ دپ ئاتىلىدۇ.

ھازىرقى زامان تىببىي كىلىنىكىدا ئەزالارنى قوزغاتقۇچى ئامىللارنى ئىنىرگىيە دەيدۇ. ئىنىرگىيەنى ھەرقانداق كۆرۇش ئەسۋابى بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئادەم بەدىندە بىجىرۋاتقان خىزمىتىدىن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلۋالالايمىز. تېبابىتىمىزدە سۆزلىنىدىغان ئەرۋاھ(روھ) پەلسەپىدە سۆزلىندىغان، تالاش-تارتىش بوپ كىلىۋاتقان «جان» بولمايلا قالماستىن، بەلكى، ئۆرۈپ-ئادەتتە سۆزلىنىدىغان «جىن، ئەرۋاھ» مۇ ئەمەس، بەلكى، ھازىرقى زامان چۈشەنچىسىدىكى ئىنىرگىيەدىن ئىبارەت.

   دۇنيادا قۇۋۋەتسىز ماددا بولمىغىندەك، ماددىسىز قۇۋۋەتمۇ بولمايدۇ. ھەرقانداق ماددا ئۆزىدە مەۋجۇت بوپ تۇرغان مەخسۇس قۇۋۋەتنىڭ تەسىرى بىلەن ھەركەتلىنىپ تۇرىدۇ، ياشايدۇ، ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ مەنادىن ئېيىتقاندا، ئەرۋاھنى ماددىنىڭ جېنى دەپ ئىزاھلاش مۇمكڭن. چۈنكى، ئادەم بەدىندە ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، ئەرۋاھمۇ مەۋجۇت بوپ تۇرىدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن، ئۇمۇ بىللە يۇقىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل ئەزالار بىر خىل خىزمەتنى ئۇتەيدىغان ئەسۋاپلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى(ئەفئال) ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق قۇۋۋىتى  يەنى ئەرۋاھنىڭ ھەركەتلەندۇرۇشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەسلەن: يېڭىلا جان ئۈزگەن موردىنىڭ جەسىدىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى پۇتۇن ماددى قۇرۇلمىلار(ئەزالار) كەم -كۈتسىز مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنىڭدا روھ بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھىچقانداق ھەركەت قىلالمايدۇ. دىمەك، روھسىز بەدەن ۋە بەدەنسىز روھ ئەھمىيەتسىز نەرسىدۇر. بۇ ئىككىسى ئادەم بەدىندە مۇقەسسەملەشكەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئېتى «ھاياتلىق» بۇلالايدۇ. دىمەك، روھ بولسا بىرخىل ئېنىرگىيە، ئېنىرگىيە يوقتىن بار بولمايدۇ، باردىن يوق بولمايدۇ. پەقەت بىرخىل شەكىلدىن يەنە بىر خىل شەكىلگە ئۆزگىرەيدۇ.

baykux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 21:21:45

جان مەسلىسى ماتېريالىزىم تېببىيسى(غەرىپ تېبابىتي) ئىتراپ قىلمايۋاتقان، ھەم ئىتراپ قىلمىغانچە ئۆزى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قېلىۋاتقان مەسلە. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ نۇرغۇن نەزەرىيەلىرىنى غەرپ تېبابىتى ئىتراپ قىلمايدۇ، ئەمما، تەرەققى قىلغان غەرپ تېبابىتىنىڭ ئىلغار ئۇسكۇنلىرى چۈشەندۈرەلمىگەن بەزى ھادىسىلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇكەممەل نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تومۇر تۇتۇشمۇ جان(روھ) ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ھەركەت جەريانى. يىتىشكەن تېۋىپ يالغۇز تومۇردىكى ھوللۇك مىقدارى، تومۇر رېتىمىغىلا قارىماستىن، تومۇردىكى رۇھنىڭ تۇلۇق ياكى ئەمەسلىكى، روھنىڭ ئورنى، يۆتكىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېمارنىڭ كېسلىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ بىر ئەپسانە، ياكى قارىسىغا جۆيلىگەنلىك ئەمەس.

بۇنداق مىساللار كۆپ. مىنىڭ تەۋسىيەرىم گۈلھېكىمنىڭكىگە ئوخشاش. ئۇيغۇر تېبابىتىنى چۇشەنمەستىن سۆزلىگەنلەر ئەڭ ياخشىسى مۇكەممەل يېزىلغان بىر تېبابەت كېتاۋىنى كۈرۈپ باقسۇن، تەھلىل قىلسۇن، ئاندىن ئەمەلىيتىدە ئىشلىتىپ كۆرسۇن. بولمىغاندا ئاندىن سۆزلىسۇن.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 21:41:40

بىر تۇغقىنىمىز كىرون كىسەللىكى(krohn) دىگەن كىسەل بىلەن ئاغرىپتۇ. بۇ كىسەل ئاشقازان-ئۈچەي يولى كىسەللىكلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەل بولسىمۇ بىراق ئالامەتلىرى يارا خاراكتىرلىق چوڭ ئۈچەي ياللۇغى بىلەن ئوخشاپ كەتكەچكە دىئاگنوز قويۇش بەك تەس بولىدىكەن؛ دەسلەپتە خاتا دىئاگنوز بىلەن داۋالاپ ھەتتا ئوپىراتسىيە قىلىنىپتۇ كىسەل داۋاملىق ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كىيىن راككەن،ئەكىتىڭلار دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن بۇ تۇغقىنىمىز خوتەنگە ئۇيغۇر تىبابىتىگە كۆرۈنگىلى بېرىپتۇ. تىۋىپ ئوپىراتسىيە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بوپتۇ چۈنكى بۇ خىل كىسەللىكلەرگە پىچاق سېلىش بەك خەتەرلىككەن..نەتىجىدە تىۋىپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن بۇ ئادەم ئالتە ئايدا سەللىمازا ساقىيىپ كىتىپتۇ...بۇلتۇر دادام،ئاپام خوتەنگە ساياھەتكە بارغان ئىدى. شۇ يەردە داڭلىق بىر تىۋىپىمىز باركەن، ئاپامنىڭ رىماتىزىم ۋە ئۆتتە كىسەل بولغاچقا شۇ كىشىگە كۆرۈنۈشكە كۆڭلى تارتىپتۇ. تىۋىپ ئاپامنى كۆرگەندىن كىيىن بىر نەچچە خىل دورىلارنى بىرىپتۇ ھەمدە ئەتىياز كىرىپ قالدى، ئەتىياز پەسلى كىسەللىكلەرنىڭ كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىلى، كۆپ دىققەت قىلسىلا،زۇكام بولۇپ قالمىسىلا دەپ تاپىلاپتۇ. خوتەندىن قايتقاندىن كىيىن ئاپام بەختكە قارشى زۇكام بولۇپ قاپتۇ، قارىغاندا ھەجەپ زۇكام بولۇپ قالدىمغۇ دەپ كۆڭلىمۇ پەرىشان بولغان ئوخشايدۇ،ئۆيدىكىلەر ئاپامنىڭ مەيۈسلىنىپ قالغىنىنى ئېيتىپ بەردى...ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاپام كەتتى...بىز ئويلىنىپ قالدۇق، بەلكىم شۇ چاغدا تىۋىپ ئاپامدىن بەزى ئالامەتلەرنى كۆرگەن ئوخشايدۇ،ئۆيدىكىلەر بەلكىم بىلمىدى ياكى دائىم يېنىدا تۇرغاچقا ئاپامدا نىمە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلالمىدى ...دەپ كەلسەم بۇنداق مىساللار كۆپ، مەن پەقەت ئۆزەمگە ئەڭ يېقىن ئىككى مىسالنى ئالدىم. ئۇيغۇر تىبابەت تىۋىپلىرىمىزنىڭ نى مۇرەككەپ كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقىنىغا ھەر بىرىمىز مىسال كەلتۈرەلەيمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەقلى مىۋىسى بولغان ئۇيغۇر تىبابىتىنى بىز ئەلۋەتتە ئىشىنىپ ئېتىراپ قىلىمىز، ھەم چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز بىراق كۈنىمىزدىكى ئوزۇقلۇنۇشلىرىمىزدا، تائاملىرىمىزدا ئىقرار قىلمىساق بولمايدىغان نۇرغۇن كەمچىلىكلەر تۇرۇپتۇ، بۇنى ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىن قۇسۇر ئىزلىگەنلىك ياكى ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئىشەنمىگەنلىك دىسەك بولماس.

     غەرپنىڭ تىبابىتى ھەقىقەتەن تەرەققى قىلىغلىق، بۇنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ، ئەلۋەتتە غەرپنىڭكىنى ئېتىراپ قىلىش ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىنكار قىلغانغا تەڭ ئەمەس. غەرپلىكلەر ناھايىتى بۇرۇنلا تەننى داۋالاپ روھنى داۋالىمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتىپ ئادەمنىڭ روھىنى داۋالايدىغان پىسخىلوگىيە دىگەن پەننى تەرەققى قىلدۇرۇپتىكەن.

     رەھمەتلىك مومام ئاغرىپ قالسا سۇيۇق سەلەڭ تاماقلارنى قىلدۇرۇپ يەيتتى، لوڭقا قويدۇراتتى. ئاشقازاننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە پايدا قىلىدۇ دەپ گۈلقەنتلەرنى تەييەرلاپ قوياتتى، ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە قېتىق ئىچكۈزەتتى...دىگەندەكلەر. مەن دىققەت قىلسام ئۇيغۇر تىبابىتىمىز بەكرەك تائاملارنىڭ ئىسسىق-سوقۇغلىقىغا، تەننىڭ ۋە مىزاجنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن( ۋە قايسىنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى قايسى بىلەن قايتۇرۇش دىگەنگە بەكرەك كۈچەيدىكەن، ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە سەل يىتەرلىك ئەمەستەك ھېس قىلدىم، ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ھېسسى ھۆكۈمۈم خاتا بولسا تىۋىپلىرىمىز تۈزىتىپ قويار. ) بىراق تائاملاردىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى تازا ھېس قىلىپ كىتەلمىدىم. مومام 103ياش ياشىدى، بەك ساغلام ئىدى. بىزنىڭ ئائىلىدىكى ياش،ئوتتۇرا ياشلاردا قاندا ماي ماددىسى ئارتىپ كىتىش، يۈرەك كىسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىتلار پەيدا بولدى بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مومامدا يوق ئىدى. مېنىڭ ئىككى بوۋام ئىككى مومامنىڭ ئىككىسى يۈزنىڭ ئىككىسى توقساننىڭ ئۈستىدە ياشىدى بىراق بەك ساغلام ئىدى. قېرىپ قالغاندىمۇ گۈس-گۈس ماڭاتتى، تاياق تايانمايتتى،چىرايى نۇرلۇق، قورۇقى ئاز ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپمۇ شۇنچە ساغلام تۇرغىنىنى ئىككى سەۋەبكە يىغىنچاقلىدىم. بىرىنچى مومامنىڭ دەپ بىرىشىچە قەدىم كىشىلەر قارا ئاشلىقنى كۆپ يەيدىكەن. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ساغلاملىق ئۈچۈن يېشىل ئوزۇقلۇنۇش دولقۇنى قوزغىلىپ قارا ئاشلىقنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. زاغرا ئۇماچ، زاغرا بولكا دىگەندەكلەر...ئىككىنچىدىن بۇۋىلىرىمىز ،مومىلىرىمىز تىنىم تاپماس ئىكەندۇق؛ ئەڭ ئاددىسى مومام تۈگەپ كىتىشنىڭ ئالدىدىمۇ جىم ئولتۇرغۇسى كەلمەي باغچىغا گۈل تېرىغان ئىدى. شۇنداق تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق تەننىڭ نورمال مېتابولىزىمغا كاپالەتلىك قىلىپ توكسىننى ۋاقتى-ۋاقتىدا ھەيدەپ ئىچكى ئەزالارنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈرگەن. ئەمدى بىزنىڭ تائاملىرىمىزغا ۋە بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە قاراپ باقايلى. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز كۆپ بولسا يۈز كۋادراتلىق ئۆيىمىزدە، ئىشخانىمىزدا ، توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلاردا بولىدۇ،بۇ جايلارغىمۇ پىيادە بارمايمىز، ماشىنىدا ئولتۇرۇپلا بېرىۋالىمىز. بۇرۇنقىدەك ئازادە ھويلىلار يوق بۇ نۇرغۇن ھەرىكەتنى قىسقارتىۋەتكەن. كۈنلۈك ھەرىكەت ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە مايلىق، تاتلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى كۆپ يەيمىز؛ ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىمىز. بەلكىم بەزىمىز بىزنىڭ يىمەكلىرىمىز ،ئۇنلىرىمىز، كۆكتاتلىرىمىز ، گۆشلىرىمىز بۇلغۇنۇپ كەتتى شۇڭا كىسەل بولىۋاتىمىز دىيىشىمىز مۇمكىن ئەمما قارىساق يولداشلارمۇ ئوخشاشلا خىمىيىلىك، زەھەرلىك،بۇلغانغان يىمەكلىكلەرنى يەيدۇ نىمىشقا ئۇلاردا دىئابىت ئاز بىزدە كۆپ؛ نىمىشقا ئۇلاردا قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرىلاش كىسىلى بولغانلار ئاز بىزدە كۆپ؟ مەسىلە ئاخىرى بىزنىڭ بۈگۈنىمىزدىكى كۆپ قىسىملىرىمىزنىڭ ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتىمىزگە كىلىپ توختايدۇ. بىر داداشنى بىلىمەن، ئون يىللار بۇرۇن دىئابىت كىسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپتۇ. بۇ كىشى بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن دەرھال ئوزۇقلۇنۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپتۇ. بۇرۇنقى مايلىق تاماقلارنى چەكلەپتۇ،تاتلىق-تۈرۈمنى قەتئى يىمەپتۇ، كەچلىك تاماققا چەك قويۇپتۇ، مىۋە بىلەن كۆكتاتنى كۆپ يىيىشكە باشلاپتۇ. ئەتىگىنى زاغرا ئۇماچ ئىچىدىكەن، ئۇن تاماقنى بۇرۇنقىدىن ئاز يەيدىكەن، كەچلىكى سۇيۇق-سەلەڭ نەرسىلەرنى يەپتۇ. گۆشنىڭ سىمىزىدىن ، مېيىدىن پەرھىز تۇتۇپتۇ،كۈندە خام سەي يەيدىكەن. كۈندە سەھەر شەھەرنى ئايلىنىپ چېنىقىدىكەن...ئۇدا ئون يىللارچە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە بۇ داداشنىڭ شىكەردىكى قان نورمال تۇرۇپتۇ، دىئابىتنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرى چاپلىشىۋالماپتۇ. ھازىرمۇ خىزمەت قىلىدىكەن، شۇنداق روھلۇق تۇرۇپتۇ.بۇ داداش ماڭا بۇ كىسەلنىڭ دورىسى مانا دەپ گېلىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى : پەقەت گالنى چىڭ تۇتساقلا بۇ كىسەل بىزنى بوزەك قىلالمايدۇ دىگەن .  بىر ئاپاش بار ئىدى، دىئابىت بىلەن ئاغرىپ يېقىندا ۋاپات بولدى. بۇ ئاپىمىز يىمەكلىكتىن ھېچقانداق پەرھىز تۇتمىغان، كىسەللىكنى پەقەت دورا ئارقىلىق كونتىرول قىلغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇن قېتىم دوختۇردا ياتتى؛ تېرە، يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، بۆرەك قاتارلىق ئەزالار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.

     تائاملىرىمىز خېمىرلىق، گۆشلۈك، مايلىق. خېمىردا ئاقسىل بىلەن ۋىتامىن يوق دىيەرلىك، تالا تېخىمۇ يوق، كىراخمال يەنى قەنت بەدەنگە يىغىلىپ سىمىزلىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ.مايلىق تاماق ھەزىمنى قىيىنلاشتۇرغاننىڭ ئۈستىگە بەدەندە يىغىلىپ سىمىزلىتىدۇ. بىزدە دىئابىت، يۈرەك كىسىلى، قان بېسىم، ئارتىرىيە قېتىشىش، سىمىزلىكىڭ كۆپلەپ كىتىشى ئەمەلىيەتتە دەل بىزنىڭ يەۋاتقان يۇقىرى كالورىيەلىك تاماقلىرىمىز ۋە ھەرىكەتسىزلىكىمىز سەۋەبلىك بولىۋاتىدۇ، بۇنى قەتئى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. ئىككى تاللاش بار، بىرسى كۈنلۈك ئارتۇق قوبۇل قىلىۋالغان كالورىيەنى چوقۇم ھەرىكەت قىلىپ سەرپ قىلىۋېتىشىمىز كىرەك،بۇنىڭغا ئىمكانىيەت يوق دىيەرلىك، بۇرۇنقىلاردەك كەڭ ھويلا-ئاراملاردا ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى قالمىغاندىن كىيىن بىز تاماقلىرىمىزدىن قوبۇل قىلىدىغان يۇقىرى كالورىيەنى قىسقارتىشىمىز كىرەك، يۇقىرى كالورىيەلىك خېمىر تاماق، كاۋاپ، ئىچىملىكلەرنىڭ ئورنىغا تۆۋەن كالورىيەلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تاماقلارنى، تەبىئى مىۋە سۈيىلىرىنى ئالماشتۇرىشىمىز كىرەك.لەغمەننى بۇرۇنقىنىڭ يېرىمىچىلىك يەپ قالغان يېرىمىغا كۆكتات يىيىش، تاماققا قۇيىدىغان ماينى ئازايتىش، سىمىز گۆشنى ئاز يىيىش، گۆشناننى بۇرۇن بۇۋىمىز ئۈچنى، دادىمىز ئىككىنى يىگەن بولسا ئەمدى بىز بىرنى يىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەتىگەنلىكىمىزگىلا تازا مانتا، چۆچۈرىلەرنى يەپ سۇيۇق ئاشلارنى ئىچىۋالماي ئامال بار قارا ئاشلىقلارنى قوشۇپ ئىلمى ناشتا قىلساق؛كۆكتات، مىۋە-چىۋىلەرنى ئالاھىدە كۆپ يىسەك؛ سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرسەك؛ رېستوراننىڭ تاماقلىرىنى ئاز يىسەك يامراپ كىتىۋاتقان كىسەللەردىن ئامان قېلىشىمىز، كىسەللىرىمىزنى تىزگىنلىيەلىشىمىز، بەدەن ساپايىمىزنى ئۆستۈرەلىشىمىز مۇمكىن. زادى ئاتا-بوۋامنىڭ تامىقى ئىدى ،قىلچە قۇسۇرسىز دەپ تۇرىۋالىدىغانغا ئەمدى سەل بولمايدىغاندەك قىلىدۇ؛مۇھىتىمىز ئۆزگۈرۈپ كەتتى، تائاملىرىمىزنىمۇ ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتسەك يامان بولمايدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 22:01:48

بايقۇش ئېنكاسىڭىزدا دىگەن مەزمۇنلارغا، گەرچە توغرا بولىشى ناتايىن بولسىمۇ قىزىقىپ قالدىم.

hayatmorda يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 22:16:42

قۇشۇلىمەن ؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 22:54:46

غەرىپ تىبابىتى ئىسپاتلىمىسا نېمە بوپتۇ ؟ راك كېسىلىنى داۋالاشتا ئەنئەنىۋى تىبابەت يەنىلا غەرىپ تىبابىتىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ دەپ قارايمەن. مەجۇنى سەرتان دېگەندەك دورىلار بىلەن ياخشى-يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرگە قارشى تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى سىتاتىستىكا قىلسا خىلى گەپ بولىدۇ. غەرىپتىكى چوڭ دورا شىركەتلىرىنىڭ ئويۇنلىرى بۇ  ئەنئەنىنى يەكلەش دېگەن.  ئەمما ئاغرىق جانغا تاقاشقاندا كىشى غەرىپنىڭمۇ،شەرقنىڭمۇ ھىساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇنچىلىك ئىش.

baykux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 20:10:39

15- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايقۇش ئېنكاسىڭىزدا دىگەن مەزمۇنلارغا، گەرچە توغرا بولىشى ناتايىن بولسىمۇ قىزىقىپ قالدىم.

توغرا ئەمەس دىگەندىكى ئاساسىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭە.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 22:15:53

توغرا ئەمەس دىمىدىم. بەزى گەپلەرگە قىزىقىپ قالغانتىم، شۇڭا شۇنداق دىدىم. روھنىڭ ماھىيىتىنى ھېچكىم ئېچىپ بىرەلىگىنى يوق...  ۋاقىت چىققاندا ئالدىرىماي پاراڭلىشىپ باقىلى اللە خالىسا.
بەت: [1] 2
: جاننىڭ تۇرار يەرلىرىنىڭ بايانى