‹‹بىرزات›› دىن بىرسىلا بار
ئەسكەرتىش: بۇنى ئەسلى بلوگىمدىلا ئىلان قىلساممۇ بولاتتى، لىكىن نام ھوقۇقۇمنى قوغداشقا ھەمخىرىدارلىرىمنى خەقكە ئالدىنىپ قالمىسۇن دەپ ئىزدىنىشقىمۇ يوللاپ قويدۇم. مۇشۇ تېمىنى يوللىغانلىقىم سەۋەبلىك تورداشلارغا مالاللىق يېتىپ قالسا ئالدىن ئۆزۈرە ئېيتىمەن.
___________________________________________
ئىلگىرى ھېيتگاھ ئەتراپىدا يىراقتىن 80خالتا دۇكىنى ھەم بىرزات ئەپەندىمنى ئىزدەپ كەلگۈچى خىرىدارلىرىمىز مېنى تاپالماي باشقا دورا-دەرمەك دۇكانلىرىغا كىرىپ سورىسا ئۆزلىرىنى ‹‹80خالتا›› دۇكىنى مۇشۇ دەپ كۆزىنى پارقىرتىپ تۇرۇپلا يالغان ئېيتىپ دورا-دەرمەك ساتقۇچىلار بولغان. ئۇ خىرىدارلار بىرزات ئەپەندىمنىڭ توردىكى ئوبرازىغا ئىشىنىپ خاتا كىرىپ قالغان ‹‹80خالتا›› دۇكانلىرىدىن ئالغان مەھسۇلاتلىرىدىن رازى بولماي، 80خالتا بلوگىغا كىرىپ تېلفۇن نۇمۇرۇمنى ئىزدەپ تېپىپ ماڭا تېلفۇن قىلىپ خەختىن ئالغان مەھسۇلات ئۈچۈن مەندىن ھېساب ئالىدىغان ئىشلارمۇ بولغان. كىيىن ئەھۋالنى بىرەر قۇر ئىگەللىگەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ 80خالتا نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ خىرىدارلارغا يالغان ئېيتقانلىقى، خىرىدارلىرىمىزنىڭمۇ ياخشىراق سۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ مەن توردىكى ‹‹80خالتا›› شۇ دېسە ئىشىنىپ قالغانلىقى دېگەندەكلەرنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ئۇ خىرىدارلىرىمىز ئۇلارنى شەرمەندە قىلماق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئالدىغان ‹‹80خالتا›› دۇكىنىغا قايتا بارسا، بىزمۇ شۇ ‹‹80خالتا››، بىزنىڭ خالتىلىرىمىزمۇ 80 دىن كام ئەمەس دەپ ئۇستاتلىق ئىشلەتكەنلەرمۇ بولدى.
بۈگۈن قارىسام ئاقسۇدىن بىر خىرىدارىمىز ۋېي شىندا ئۇچۇر يوللاپ : سىلى ھەقىقى بىرزات ئەپەندىم بولاملا، سىلىنڭ بىرزات ئەپەندىم ئىكەنلىكلىرىگە قانداق ئىشىنىمەن دەيدۇ. مەن توردا 80خالتا بلوگىنى يازىدىغان، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت يان تەرىپىدە تېبابەت دورا-دەرمەك، ھەسەل-گۈلقەنت ساتىدىغان بىرزات مەن شۇ. مېنىڭ ھەقىقى بىرزات ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سىلى ئاۋۋال 80خالتا بلوگىغا كىرىپ مەن قالدۇرغان تېلفۇن نۇمۇرلاردىن بىرەرسىگە تېلفۇن قىلسىلا، ئەگەر شۇ تېلفۇننى مەن قوبۇل قىلسام مېنىڭ ساختا بىرزات ئەمەسلىكىمنى ئىسپاتلىيالايلا دېدىم. ئۇندىن كىيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ كىيۇ-كىيۇسىدا 4 نەپەر بىرزات بولۇپ قايسىسىنىڭ ھەقىقى بىرزات ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى، تۈنۈگۈن بىرسى بىلەن پاراڭلاشسا، ئۆزىنىڭ ھەقىقى بىرزات ئىكەنلىكى، ھازىر3-4 ئادەمنىڭ بىرزات نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۈرۈمچىدە بىرزات نامىدا دۇكان ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ شۇلار بىلەن ھېسابلاشقىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى، ھازىر ئادەملەردە ئىنساب قالمىغانلىقى دېگەندەكلەرنى دەپ بۇ خىرىدارىمىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ ئىككى مىڭ كويلۇقچە دورا-دەرمەك ئەۋەتىدىغان بولۇپ پۇلنى ئالدىدىن سىلىپ بىرىشنى دەپتۇ. بۇ خىرىدارىمىز ئۇ ‹‹بىرزات›› ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ ھەقىقى بىرزات ئەمەستەك ھېس قىلىپ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي ئاخىرى 80خالتا بلوگىدىن مېنىڭ كىيۇ-كىيۇ نۇمۇرۇمنى ئىزدەپ تېپىپ ۋېي شىنغا قوشۇپ ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپتۇ.
مەن يېقىندىن بىرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، تېرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ بىرزاتنىڭ 4-5 زات بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن. مېنىڭ كىلونلانغان نۇسقىلىرىم ئاپىرىدە بولۇپ خىرىدارلىرىمنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈپتۇ. مەن مۇشۇ سەۋەب خىرىدارلىرىمنىڭ ھەم ئۆزۈمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزۈم ھەققىدە قايتا تەپسىلىيرەك ئۇچۇر بىرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئىسمىم: مۇھەممەد تۇرسۇن زۇنۇن
بلوگىم: 80خالتا بلوگى www.80halta.com
تېلفۇن نۇمۇرۇم:
13565662787
15309982787
دۇكان نۇمۇرۇم: 0998-2820877
مېنىڭ ھازىر قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت نور بېشى تەرەپ يان ئىشىكى ئۇدۇلىدىكى 2-قەۋەتتە بىرلا دۇكىنىم بار. مۇشۇ دۇكاندىن باشقا يەردىكى 80خالتا ياكى بىرزات نامىنى قويۇۋالغان، ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتىۋالغان كىشىلەر مەن ياكى مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئەمەس. شۇڭا يىراقتىن مال زاكاس قىلغۇچى ياكى مېنى ئىزدەپ كەلگەن خىرىدارلىرىمىزنىڭ ئوبدانراق سۈرۈشتە قىلىشىنى سەمىگە سالىمەن.
بىرزات شىركىتى بولسا بىر قانچىمىزنىڭ شىرىكچىلىكىدە قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچىدە ئەنگە ئىلىنغان بولۇپ مەھسۇلاتلىرىمىزنى بازارغا سىلىش تەييارلىق باسقۇچىدا.
بىرزات ماركىسى يېمەكلىك، قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى، دورا-دەرمەك دېگەندەك ساھەلەرنىڭ ھەممە تۈرىدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئەنگە ئىلىنغان ماركا بولۇپ ‹‹بىرزات›› ماركىسىنى سۈيئىستىمال قىلغانلار قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
QQ دا پاراڭلىشىش قولايسىز بولغان بولغاچقا خىلى ۋاقىت بولدى QQ ئىشلەتمىدىم. ھازىر ھەممىلا كىشىلەردە weixin ئىشلىتىش مودا ئىكەن. شۇڭا ئۇچۇرغا قولايلىق بولغان weixin ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. ماڭا ئۇچۇر قالدۇرماقچى بولغانلارنىڭ QQ نۇمۇرۇم 1521105544ئارقىلىق weixin غا قوشۇلۇپ بىرزات ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلاشسىمۇ ياكى بىۋاستە :
13565662787
15309982787
0998-2820877 نۇمۇرلارغا تېلفۇن قىلسىمۇ بولىدۇ.
birzatjan@qq.com :E-mail
___________________________________________________________________________.
مۇناسىۋەتلىك تېما:
بىرزات دېگەن ئىسىمنى لەقەم قىلىشىمدىكى ئارقا كۆرۈنۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار...سىلەردىن بىر نەچچە ئىشتا ياردەم سوراي دىگەنتىم..بۇ تىبابەت توربىتى بولمىسىمۇ لىكىن دۇختۇر تىۋىپلارمۇ خىىلى باركەنشۇڭا مۇشۇ توربەتكىلا يوللىدىم ....1 . يۈزۈمگە بەك كۈپ دانە خورەكتەك نەرسىلەر چىقىپ 2.3 يىلدەك بولدى يۇقىمىدى يۈز مايلارنى سۈرۈپ باقتىم يەنىلا پايدىسى بوممىدى . مۇشۇنداق نەرسىلەرنى دورا ياكى ھۈسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىدا يۇقاتقىلى بۇلامۇ ؟
2. ساقال-بۇرۇتنى ئۈسۈشنى تىزگىنلەيدىغان ياكى ئۈستۈرمەيدىغان دورا بامىدۇ ؟
تورداشلار خاپا بولماي ياردەم قىلغان بولساڭلار ..
خاپا بوممىسىڭىزلار مەن بايا تىما قىپ يوللىغان بۇ ياردەم سوراش تىمىسىنى بۇ يەرگىمۇ ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قۇياي.. ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەپسىلى يازماپسىز . يېشى ، جىنسى دىگەندەك
1- قەۋەتتىكى kuyax99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار...سىلەردىن بىر نەچچە ئىشتا ياردەم سوراي دىگەنتىم..بۇ تىبابەت توربىتى بولمىسىمۇ لىكىن دۇختۇر تىۋىپلارمۇ خىىلى باركەن شۇڭا مۇشۇ توربەتكىلا يوللىدىم ....
1 . يۈزۈمگە بەك كۈپ دانە خورەكتەك نەرسىلەر چىقىپ 2.3 يىلدەك بولدى يۇقىمىدى يۈز مايلارنى سۈرۈپ باقتىم يەنىلا پايدىسى بوممىدى . مۇشۇنداق نەرسىلەرنى دورا ياكى ھۈسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىدا يۇقاتقىلى بۇلامۇ ؟
2. ساقال-بۇرۇتنى ئۈسۈشنى تىزگىنلەيدىغان ياكى ئۈستۈرمەيدىغان دورا بامىدۇ ؟
تورداشلار خاپا بولماي ياردەم قىلغان بولساڭلار ..
خاپا بوممىسىڭىزلار مەن بايا تىما قىپ يوللىغان بۇ ياردەم سوراش تىمىسىنى بۇ يەرگىمۇ ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قۇياي..
1.خىلىتلار بۇزۇلغان، جىگەرنىڭ مىزاجى بۇزۇلغان، كەيپىيات ۋە باشقا ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىپ تېرىدە ئاشۇنداق دانىخورەكلەر پەيدا بولغان بولسا سېرتتىن دورا ئىشلەتكەننىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. سەۋەبىگە قارىتا ئىچكى جەھەتتىن داۋالانسا تېز ئۈنۈمى بولىدۇ.
پايدىلىق كۆرسەتمە:
ئاچچىق، مايلىق يېمەكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇپ، شارائىتى بولسا ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ بەرسە دانىخورەكنى يوقۇتۇشتا ئۈنۈمى زور.
2. ساقال-بۇرۇتنىڭ تېز ئۆسۈشى، قويۇق، يېرىك بولىشى ئەرلىك ھورمۇن ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئېرسىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر چوقۇم ساقال-بۇرۇت ئاز، جانسىز ئۆسسۇن دېسىڭىز دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئاياللىق ھورمۇننى كۈچەيتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ باقسا ئۈنۈمى بولىشى مومكىن.
زىيالىق تەسىرى: ئىچكى ئاجرالمىلار قالايمىقانلىشىپ كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىشى مومكىن. مەسىلەن: ساقال-بۇرۇت چۈشۈپ، كۆكسى يوغۇناپ قىلىش دېگەندەك....
تاڭ سىڭنىڭ رولىنىمۇ 4 ئادەم ئاپتىكەن، ھېچنىم بومايدۇ بىرزاتدىن 4 بولۇپ قالسىمۇ
يېتىپ تۇرۇپ مېنىدىغان موتوسى بار، ئەجنەبى سەتەڭلەرنى مىندۈرۈپ قەشقەرنى ئايلاندۇردىغان، مودىدىن قالماي دەپ ۋېيشىندا كىچە كۈندۈز پاراڭلىشىدىغان ئەڭ شۇشەنسى شۇ جىڭ.


بىرزاتمۇ چەمبىرەك ئەپسونىنى ئوقۇتىدىغان كۈنگە قاپتۇ - دە! ئۇ ئەمەس، مەن بىرزات، دېسە؛ ياق سەن ئەمەس، مەن بىرزات دېگەندەك{:92:}
چاخچاقمۇ قىلدۇق، سىزنىڭ توردىكى ئىشلىرىڭىزدىن ئۈلگە ئېلىپ پوخور ئىسىملىك بىرسى «جىنسىيەت تورى» قۇرۇپتۇ.قانداقلا بولسۇن قوللىنىۋاتقان نامنى خەتلىتىپ قويۇڭ.
www.80xalta.com نىمۇ ئېلىپ قويۇڭ.
نامنى سۈيئستىمال قىلغانلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئابدۇكرىم ئابلەزگە ئىتوت ئىشلتىدىغان ئىشمكى يا... ئون يىلدىن ئېشىپتۇ. ھىچكىم مەندىن «ساراڭ» لىقنى تالىشىپ باقمىدى
قىزىم ئويۇنچۇقلىرىنى بىر نەچچە خالتىغا سېلىپ جاڭگۇر-جۇڭگۇر قىلىپ كۆتۈرۈپ مېڭىپتىكەن، 80 خالتا قىزىم نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز دېسەم، شاققىدە توختاپ، خالتىسىنى ساناپ بېقىپ، دادۇي مەن 80 خالتا ئەمەس، 6 خالتا ئىكەنمەن دەيدۇ. بىرزات ھاجىم
بىلەكلىرىم، پاچاقلىرىم شۇنداق تاتلىق قىچىشىدۇ ، ئاندىن تاتلايمەن ، تاتلىسام تەڭگىدەك چوڭلىقتا ئىشىپ قالدۇ،نىمە ئالەمەتتۇ ؟ ماڭا تېلىفون قىلىمەن دېگىلى نەچچە ئاي بولدى، قىلمىغانغا قاراپ سىلىنى ساختىمىكىن دەيمەن-غۇ؟{:92:}
14- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا تېلىفون قىلىمەن دېگىلى نەچچە ئاي بولدى، قىلمىغانغا قاراپ سىلىنى ساختىمىكىن دەيمەن-غۇ؟![]()
بۇرادەر، ۋاقتىدا تېلفۇن قىلىپ بولالماي راس خىجىل بولۇپ قالدىم. قەشقەردە تېلفۇن قىلىپ بولالماي مەھەللەڭلەر تەرەپكە ئۆتكەندە تېلفۇن قىلسام ئالمىدىڭلار، ماڭا راسلا قىيداپ قالدىمۇ نېمە دەپ تېخىمۇ خىجىل بولاپ ئولتۇرمەن جۇما ھازىرمۇ....
