adwokat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 17:49:55

ئۆتكەن ھەپتىلىك بازار ئەھۋالىدىن خۇلاسە ۋە كەلگۈسىگە نەزەر

     ئۆتكەن ھەپتىلىك شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا بازار 2234.32 نوقتىدا ئېچىلىپ (2-ئىيۇل)، 2223.58 نوقتىدا يېپىلدى (6-ئىيۇل).

ھەپتە بېشىدا، چەتئەل پايچەك بازىرىنىڭ تەسىرىدە بىر قەدەر يۇقۇرى نوقتىدا ئېچىلغان بولسىمۇ، ھەپتە ئارىلىقىدىكى مەبلەغنىڭ بازاردىن چىكىنىش يۈزلىنىشىنىڭ داۋام قىلىشى، فوند دىرېكتورلىرىنىڭ پاي بازىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ پايدا يارىتىش ئىستىقبالىغا بولغان پەرىزىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى، بۇ ئايدىكى ئەركىن سودا چەكلەنگەن پايلارنىڭ بازارغا كىرىش يۇقىرى دولقۇنىنىڭ باشلىنىشى، جەنوبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن جىددىيلىشىپ قېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بازارنىڭ چۈشۈشى داۋام قىلدى.

     6-ئىيۇل جۇڭگو خەلق بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت ۋە قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى بىتاناسىپ تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ - مۇشۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. بىر يىل مۇددەتلىك ئامانەتنىڭ ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پېرسەنت، بىر يىل مۇددەتلىك قەرزنىڭ ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى 0.31 پېرسەنت تۆۋەنلىتىلدى. باشقا دەرىجىلەردىكى ئامانەت - قەرز ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى ھەم شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئامانەت-قەرز ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەيدىغان بولدى. ئۆسۈمنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىك خەۋىرى جۇمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى پايچەك بازىرىنىڭ ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى بازار تەدرىجى كۈچىيىپ، ئۆي-مۈلۈك پايلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا يۇقىرىغا قاڭقىدى. بازار يېپىلغاندا، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1.01 پېرسەنت ئۆرلىدى.

     مەركىزى بانكىنىڭ بىر ئاي ئىچىدىلا ئىككى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىدە مۇنداق سەۋەبلەر بار. بىرىنچىدىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىنىشى ئۆسۈم چۈشۈرۈش ئۈچۈن بوشلۇق تەمىنلىگەن. ئىككىنچىدىن، بۇمۇ ھەم ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئۇنچە خۇشاللىنارلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەركىزى بانكا ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدە قويۇپ بەرگەن ساپ يۆتكەلمە 422 مىليارت يۈەن بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىق چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بەلگىلەنگەن ئۆسۈم نىسبىتى قويۇپ بېرەلەيدىغان سەرمايە مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ بۇيىچە قارىغاندا، مەركىزى بانكا يىل ئىچىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە ئىككى قېتىم ئەتراپىدا، ئامانەت زاپاس سوممىسىنى تۆت قېتىم ئەتراپىدا چۈشۈرىشى مۇمكىن.

كەلگۈسى پايچەك بازىرى يۈزلىنىشىگە تەسىر قىلىدىغان باشقا ئامىللار ۋە نەزەر

سىياسەت تەرەپتىن:

    سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى «ئىچكى سودا تەرەققىياتىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. بۇ پىلان ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى، ماشىنا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەرنى مەركەز قىلىشى مۇمكىن. يېزا-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار بۇنىڭدىن پايدا كۆرىدۇ.

     تۇرالغۇ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قارىتىلغان تەڭشەش سىياسىتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدىمۇ ئۆزگرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ رىئاللىقى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ۋە يەرلىك قەرزنىڭ بېسىمىدىن شەكىللەنگەن سەرمايە چاڭقاقلىقى، پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى بازاردا شەكىللەندۈرگەن يۆتكەلمە كاپىتالنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا، بۇندىن كېيىنكى تەڭشەش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى گۇمانىي نەزەردە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

بېيجىڭ، شاڭخەيدىن كېيىن گۇڭجۇ شەھىرىمۇ ماشىنا سېتىۋېلىشقا چەكلىمە سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تۇساتتىن جاكارلىدى. نۆۋەتتىكى شەھەر قاتناش قىستاڭچىلىقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇنداق سىياسەتلەر يەنە باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭىيەمدۇ؟ بۇنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەك. قىسقىسى، جۇڭگو ئاپتۇموبىل بازىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ھېچبولمىغاندا، چوڭ شەھەرلەردە شۇنداق.

مەبلەغ تەرەپتىن:

    پايچەك تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھېساۋاتلار يېقىنقى ئالتە ھەپتە ئۆزلۈكسىز ئازلىدى، يېڭى ھېساۋات ئاچقۇچىلار سانىدا مەنپىي ئېشىش بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئەڭ مۇھىم مەسىلە، يېڭىدىن پايچەك تارقىتىدىغان شىركەتلەرنىڭ كۈلىمىنىڭ تارىيىشىدىن ئۈمىد يوق. مەبلەغ توپلاش رېتىمى سەل ئاستىلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئېنىق بىر سىياسەت يۈنىلىشى بولمىغان ئەھۋالدا، بازاردىكى پاي ۋە دەسمى ئوتتۇرىسىدىكى تەمىنلەش-تەلەپ ۋەزىيىتى ئاسان ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس.

تېخنىكا تەرەپتىن:

2200 نوقتا قاپتىلى ئەتراپىدىكى تارتىشما جەڭ بازارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان سەزگۈر بىر نوقتا. بۇ نوقتىنى بۇزۇپ چۈشسە، ھەتتا ئالدىنقى قېتىملىق تۆۋەن نوقتا 2130 ئەتراپىغا بېرىپ قالسا، مەبلەغ سلغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زور زەربە بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بازار يېڭىدىن بىر تۆۋەنكى تىرەك نوقتىسىنى ئىزدىشى مۇمكىن. ئەگەر، بازار چۈشۈپ، 2170 نوقتا ئەتراپىدا تىرەككە ئېرىشىپ، قاڭقىسا، بازاردىن كىچىككىنە ئۈمىدلەرنى كۈتۈش مۇمكىن. ئەگەر، كۆرسەتكۈچ 2200 قاپتىلىنى ساقلاپ، پايچەك بازىرىغا قارىتىلغان پايدىلىق ئۇچۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ قالسا، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك كالىسىمان بازار باسقۇچى باشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ - كەلگۈسى بىر ھەپتىدىكى ئىش ئەمەس.

axin717 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 08:20:10

مىنىڭچە 2100 ئەتىراپىدا تەۋرىنىپ ئېسىلىپ قالغۇچىلارنى راسا بىر زىيانغا سالامدىكى دەيمەن، چۇنكى ھازىر جۇڭگۇغا تاشقى ۋەزىيەت مۇقۇمسىز ھىساپلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، جۇڭگۇ ئەتىراپى مانىۋىر مەيدانىغا ئايلاندى

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 19:19:26

كەچۈرۈڭ، مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال:

ھازىر ياۋورنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇۋاتامدۇ؟ ياكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭمۇ ؟

پايپالدا بىر مۇنچە دوللار ۋە بىر مۇنچە ياۋرويۇم بار ئىدى. مەن دوللارنى ياۋروغا ئايلاندۇرۇپ ئالسام جىق پۇل كېلەمدۇ ياكى ياۋورنى دوللارغا ئايلاندۇرۇپ ئالسام جىقمۇ ؟ (بۇ غەلىتە بىر ئىشكەن، 10 دوللارنى پايپالنىڭ ئۆزىدىلا تۆت خىل پۇلغا تۆت قېتىم ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، دوللارغا قايتۇرسام 9.4 دوللار بوپ قالدى، نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدە.)

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 19:32:20

ئەسلى تېمىنىڭ ئاسان كۆرگىلى بولىدىغان نۇسخىسى:

------------------------------------

ئۆتكەن ھەپتىلىك شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىدا بازار 2234.32 نوقتىدا ئېچىلىپ (2-ئىيۇل)، 2223.58 نوقتىدا يېپىلدى (6-ئىيۇل).

ھەپتە بېشىدا، چەتئەل پايچەك بازىرىنىڭ تەسىرىدە بىر قەدەر يۇقۇرى نوقتىدا ئېچىلغان بولسىمۇ، ھەپتە ئارىلىقىدىكى مەبلەغنىڭ بازاردىن چىكىنىش يۈزلىنىشىنىڭ داۋام قىلىشى، فوند دىرېكتورلىرىنىڭ پاي بازىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ پايدا يارىتىش ئىستىقبالىغا بولغان پەرىزىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى، بۇ ئايدىكى ئەركىن سودا چەكلەنگەن پايلارنىڭ بازارغا كىرىش يۇقىرى دولقۇنىنىڭ باشلىنىشى، جەنوبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ قايتىدىن جىددىيلىشىپ قېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بازارنىڭ چۈشۈشى داۋام قىلدى.

     6-ئىيۇل جۇڭگو خەلق بانكىسى خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت ۋە قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى بىتاناسىپ تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇ - مۇشۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. بىر يىل مۇددەتلىك ئامانەتنىڭ ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پېرسەنت، بىر يىل مۇددەتلىك قەرزنىڭ ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى 0.31 پېرسەنت تۆۋەنلىتىلدى. باشقا دەرىجىلەردىكى ئامانەت - قەرز ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتى ھەم شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئامانەت-قەرز ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەيدىغان بولدى. ئۆسۈمنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىك خەۋىرى جۇمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى پايچەك بازىرىنىڭ ئاجىز ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولسىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى بازار تەدرىجى كۈچىيىپ، ئۆي-مۈلۈك پايلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا يۇقىرىغا قاڭقىدى. بازار يېپىلغاندا، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1.01 پېرسەنت ئۆرلىدى.

     مەركىزى بانكىنىڭ بىر ئاي ئىچىدىلا ئىككى قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىدە مۇنداق سەۋەبلەر بار. بىرىنچىدىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كونترول قىلىنىشى ئۆسۈم چۈشۈرۈش ئۈچۈن بوشلۇق تەمىنلىگەن. ئىككىنچىدىن، بۇمۇ ھەم ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئۇنچە خۇشاللىنارلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەركىزى بانكا ئالدىنقى ئىككى ھەپتىدە قويۇپ بەرگەن ساپ يۆتكەلمە 422 مىليارت يۈەن بولۇپ، كېيىنكى قېتىملىق چۈشۈرۈشكە بولىدىغان بەلگىلەنگەن ئۆسۈم نىسبىتى قويۇپ بېرەلەيدىغان سەرمايە مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇشۇ بۇيىچە قارىغاندا، مەركىزى بانكا يىل ئىچىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە ئىككى قېتىم ئەتراپىدا، ئامانەت زاپاس سوممىسىنى تۆت قېتىم ئەتراپىدا چۈشۈرىشى مۇمكىن.

كەلگۈسى پايچەك بازىرى يۈزلىنىشىگە تەسىر قىلىدىغان باشقا ئامىللار ۋە نەزەر

سىياسەت تەرەپتىن:

    سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى «ئىچكى سودا تەرەققىياتىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. بۇ پىلان ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى، ماشىنا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەرنى مەركەز قىلىشى مۇمكىن. يېزا-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار بۇنىڭدىن پايدا كۆرىدۇ.

     تۇرالغۇ، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قارىتىلغان تەڭشەش سىياسىتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدىمۇ ئۆزگرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ رىئاللىقى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى ۋە يەرلىك قەرزنىڭ بېسىمىدىن شەكىللەنگەن سەرمايە چاڭقاقلىقى، پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى بازاردا شەكىللەندۈرگەن يۆتكەلمە كاپىتالنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا، بۇندىن كېيىنكى تەڭشەش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى گۇمانىي نەزەردە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

بېيجىڭ، شاڭخەيدىن كېيىن گۇڭجۇ شەھىرىمۇ ماشىنا سېتىۋېلىشقا چەكلىمە سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تۇساتتىن جاكارلىدى. نۆۋەتتىكى شەھەر قاتناش قىستاڭچىلىقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇنداق سىياسەتلەر يەنە باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭىيەمدۇ؟ بۇنى داۋاملىق كۆزىتىش كېرەك. قىسقىسى، جۇڭگو ئاپتۇموبىل بازىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ھېچبولمىغاندا، چوڭ شەھەرلەردە شۇنداق.

مەبلەغ تەرەپتىن:

    پايچەك تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ھېساۋاتلار يېقىنقى ئالتە ھەپتە ئۆزلۈكسىز ئازلىدى، يېڭى ھېساۋات ئاچقۇچىلار سانىدا مەنپىي ئېشىش بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.

ئەڭ مۇھىم مەسىلە، يېڭىدىن پايچەك تارقىتىدىغان شىركەتلەرنىڭ كۈلىمىنىڭ تارىيىشىدىن ئۈمىد يوق. مەبلەغ توپلاش رېتىمى سەل ئاستىلىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئېنىق بىر سىياسەت يۈنىلىشى بولمىغان ئەھۋالدا، بازاردىكى پاي ۋە دەسمى ئوتتۇرىسىدىكى تەمىنلەش-تەلەپ ۋەزىيىتى ئاسان ئۆزگىرىدىغاندەك ئەمەس.

تېخنىكا تەرەپتىن:

2200 نوقتا قاپتىلى ئەتراپىدىكى تارتىشما جەڭ بازارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان سەزگۈر بىر نوقتا. بۇ نوقتىنى بۇزۇپ چۈشسە، ھەتتا ئالدىنقى قېتىملىق تۆۋەن نوقتا 2130 ئەتراپىغا بېرىپ قالسا، مەبلەغ سلغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە زور زەربە بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بازار يېڭىدىن بىر تۆۋەنكى تىرەك نوقتىسىنى ئىزدىشى مۇمكىن. ئەگەر، بازار چۈشۈپ، 2170 نوقتا ئەتراپىدا تىرەككە ئېرىشىپ، قاڭقىسا، بازاردىن كىچىككىنە ئۈمىدلەرنى كۈتۈش مۇمكىن. ئەگەر، كۆرسەتكۈچ 2200 قاپتىلىنى ساقلاپ، پايچەك بازىرىغا قارىتىلغان پايدىلىق ئۇچۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ قالسا، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك كالىسىمان بازار باسقۇچى باشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ - كەلگۈسى بىر ھەپتىدىكى ئىش ئەمەس.

adwokat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 19:48:15

\"\"

ئەلۋەتتە، تېمىغىمۇ مۇشۇ توغرۇلۇق ئازراق قىستۇرۇشۇم كېرەكىدى.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگۇ كارخانىلىرى دوللارنى بېسىپ يېتىشقا باشلاپتۇ. دېمەك، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ئايرىۋاشلاش باھاسى تۆۋەنلەيدىغانلىقىدەك بىر خىل قىياس شەكىللىنىۋېتىپتۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، سىز دېگەندەك «بىر مۇنچە» \"\"  تاشقى پرىۋوتىڭىز بولسا، دوللار ئالغىنىڭىز مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتىكى كىرىزىس مەركىزى ياۋروپادا، ئىۋرو شۇنىڭ چۇققىسىدا تۇرىدۇ. ئەتە قوپۇپ ئۆگۈنلۈككە نىمە ئىش بولىدۇ؟ بىر نىمە دېمەك تەس. ئىشقىلىپ، بىر مەزگىلگىچە ئىۋرو داۋالغۇشتا تۇرىشى مۇمكىن. تاشقى پرىۋوتتا «قايسىسىنىڭ باھاسى يۇقۇرى، قايسىسىنىڭ تۆۋەن» دېمەيمىز، پرىۋوت كۇرسىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە باقىمىز.

ئاۋۇ پايپالنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، سېتىۋېلىش باھاسى بىلەن سېتىش باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىن كېلىپ چىققانلىق ئېھتىمالى چوڭراق، سېتىۋېلىش باھاسى تۆۋەنرەك، سېتىش باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ ئەمەسمۇ (بانكا نوقتىسىدىن قارىغاندا).

سودا قېتىم سانىڭىزمۇ بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتىمۇ، دەيمەن. 1000 دوللاردىن 60 دوللار پەرق چىقىدىغان ئىش بولسا، كىچىك زىيان ئەمەسكەن بۇ.
بەت: [1]
: ئۆتكەن ھەپتىلىك بازار ئەھۋالىدىن خۇلاسە ۋە كەلگۈسىگە نەزەر