erven_Rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 13:04:56

‹‹ئىككى قەسىر›› مەيدانىدىكى خىياللار...

ئەسسالام ئەلەيكۇم تورداشلار ...


6.ئاينىڭ باشلىرىدا ئوقۇش ۋەجىدىن ئۇرۇمچىگە بىرىش توغرا كەپ قالدى ،ۋە ئارلىقتا دەم ئىلىش كۈنىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئورۇشلاشتۇرلىشى بولغانلىقى ئۈچۈن ،6.ئاينىڭ22.كۈنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم ،تۆۋەندە پېقىر شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش جەريانىدىكى مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشلاردا ئويلىغان قىسقىغىنە ھىسلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيتىدە ئۇشبۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم ؛





شۇ كۈنى مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن ،ئەرگوڭ مەيدانىغا بارغىنىمدا مەيدان سىرتىدىكى ھالىتىم بىلەن مەيدان ئىچىگە كىرگەندىكى روھى ھالىتىم تامامەن 2خىل بولدى ،بىلەتنى مەيدان ئالدىدىكى بىرسىدىن سىتىۋالغاندىن كىيىن ،تەكشۈرۈشتىن ئۆـۈپ مىڭىۋاتقىنىمدا ئۆزەمنى خۇددى ياۋروپا دىكى زەردار كۇلۇبلارنىڭ مەيدانىغا كەپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم ،بۇنىڭ سەۋەبى مەيدان تۈزۈلىشىنىڭ ئوخشاشلىقى ياكى شىنجاڭ ئىچىدە ئۇنداق چوڭ مەيداندا مۇسابىقە كۆرۈپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈم بولماستىن ،مەيدان ئىچىدىكى تاماشبىنلارنىڭ ساداسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقۇرى بولىشى ،مۇسابىقە باشلىنىپ تازا مەستانىلەر ئوموميۈزلۈك چاۋاك چىلىۋاتقاندا كىرۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ،مىنىڭ ئىسىمگە دەرھاللا بۇ پەسىلدىكى مادرىد _بايرېن ئەنلىيەن مەيدانىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشىنىڭ بايرېن مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە باشلانغاندا چىقارغان چاۋاك ساداسى كۆز ئالدىمغا كەلدى.



يەنە بىر ئىش بولسا بىلەت باھاسى ، شىنجاڭ مۇنداقچە ئىلىپ ئىيتقاندا دۆلەتتە داڭلىق پۇتبول قىزغىنلىقى يۇقۇرى جاينىڭ بىرى ،شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ پۇخرالىرىنىڭ ئومومى ئىقتىسادى ،تۇرمۇش ئەھۋالىغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا پۇتبول قىزغىنلىقىنىڭ ئۇنداق يۇقۇرى بولۇشى يەنىلا سۆيۈنگۈدەك ئەھۋال ،ئاددى مىسالى سىز ناۋادا شەخسەن تىجارەتچى ياكى ئىشچى ياكى ئوقۇغۇچى ،خىزمەتچى بولۇڭ ئۈرۈمچىدەك چوڭ، تۇرمۇش رىتىمى تىز ھەم بىسىم ئىغىر بىر شەھەردەئاز كەم يىرىم كۈن ۋاقىتىنى مۇسابىقە كۆرۈش ئۈچۈن ئاجرىتىش ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئاسان ئەمەس ،شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بەزى بىلەت ھايانكەشلىرىنىڭ ،(كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال ) دىگەندەك بىلەت باھاسىنى 2ھەسسە بەزىلىرى تىخى نۇمۇس قىلمىسا 3ھەسسىمۇ باھا قويىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دەيدىغان تۇتامى يوق گىپى بولسا ،(بىلەت تۈگىدى ) دەيدىغان بىر لاۋزا گىپى، لىكىن مەيدان ئىچىگە كىرسە 40مىڭ كىشىلىك مەيداننىڭ ئۇزۇن بىر تەرىپى سەللىما_زا بوش تۇرۇشى ،بىلەتنى ئەسلىدىكى باھادىن قىممەت ئىلىپ كىرگەن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېتاڭ تۇمۇرىغا تەگمەي قالمايدۇ .


شەخسەن مەنمۇ مەيدان ئالدىدىن ئالاي دەپ بىرسىدىن سورىسام ئۆزى 20كويلۇق بىلەتكەن لىكىن نەچچە پۇلغا بىرىسىلەر دىسەم0 4كوي دەيدۇ ،ئالماي يەنە بىر بالىدىن نەچچە پۇل دىسەم ئۆزى 10كويلۇق بىلەتنى 30كويغا بىرىمەن دىدى ،ئۆزەم تۇرۇپ كىتىپ دىدىمدە ( ئۇكام مۇسابىقە باشلىنىپ بولدى ،مۇسابىقە ھىلى تۈگىگەن چاغدا كانىيىڭ يىتىلغۇچە تولىساڭمۇ ئالمايدۇ ،ھەم ۋاقتىدا سىتىۋالمىساڭ ،خالاخانىغا كىرگەندە ئىشلىتىشكىمۇ ئەسقاتمايدۇ ،ئەرزانراق ساتقىن )دىسەم مۇۋاپىق بەردى ،كىرىپ كەتتۇق .




ئەمدى مۇسابىقە ئەھۋالىغا نەزەر سالساق ؛

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلى يەنىلا خەلقارادا مودا بولۇۋاتقان 4-2-3-1سەپ شەكلى ، لىكىن شەخسەن مەن شۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھىس قىلغىنىم بولسا ،شىنجاڭ كوماندىسىنى 1.دىن ساھاپخان مەيدان ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنالمىدى ،بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەيداندا قارشى تەرەپ توپ كونتىرول قىلغاندا ،شىنجاڭ كوماندىسى توپچىلىرى دا قىسىپ تالىشىش ئەھۋالى كەمچىل ،ھەم كەينى ۋە ئوتتۇرا مەيداندىكى كىچىك پاسلار راۋان ئەمەس ،ھەم ئەزالاردا ئۇششاق سەۋەنلىكلەر كۆپ كۆرۈلدى ،ھۇجۇمدا بولسا ئوتتۇرا مەيدان ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىشى ياخشى ئەمەس ،ھۇجۇم رېتىمى يەنى كەينى -ئوتتۇرا مەيداندىن قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايون دائىرسىگە ئۇزۇن پاس تاشلاش ،لىكىن بۇنىڭدا ھۇجۇمچىلارنىڭ ئارمانىغا تۇشلۇق دەرمانى يوق ،شەخسى تىخنىكىسى بوشلۇقتىن كەلگەن توپلارنى كونتىرول قىلدىغان ياكى سەپداشلىرىغا پۇرسەت چىقىرىپ پاس بىرەلەيدىغان ئەھۋال يوقنىڭ ئورنىدا ،يەنە بىرسى بولسا ئىككى يان تەرەپتىن كۆپىنچە شەخسى تىخنىكىسىغا تايىنىپ بۆسۈپ كىرىپ چەكلەنگەن رايونغا (تەۋەككۇلسىغا قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىك) ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىپ توپ تاشلاش ،لىكىن بۇنىڭدىمۇ شۇ ئۇنداق توپلارنى دەل ۋاقتىدا باش توپ ئىلىپ ،ئىش تەۋرىتەلەيدىغان ھۇجۇمچى يوق .


شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ھەممە مەستانىلەرنىڭ كۈتكىنىدەك تىز چىقىشى يەنىلا بىر مەزگىل جەريانغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم.


Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 10:23:34

رىياللىق -ئاچچىق ھە!

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 16:26:33

بۇ تېخى تەشكىللىگىلى ئۇزاق بولمىغان كوماندا ھەرقايسى سەۋەنلىكلەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ . لىكىن بىز شۇنداق دەپ ئۆز كۆڭلىمىزنى ياساپ يۈرىۋەرسەكمۇ بولماس بەزى بىر گەپلەرنى دىمەي بولمايدۇ . مەن نەق مەيداندىن كۆرگەن ئالاھىدىلىگىم بويىچە كۆز قارىشىمنى سۆزلەپ باقاي . بۇمېنىڭ شەخسى قارىشىم باشقىلارنىڭ ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ مېنى قارلاپ كەتمىسىكەن .                                                                                                 1 ـ بىزنىڭ باللارنىڭ تېخنىكىسى ياخشىمىكى دىسە توپنى قاپقىغا ئاپىرا ئاپارماي تارتقۇزۇپ قويىدىكەن ، نەچچە قېتىملىق مۇسابىقىدا كۆرگەن بۇلىشىڭلار كېرەك قاپقىدىن ياكى ئۇدۇلدىن بىرەر توپنىمۇ كىرگۈزۈپ باقمىدى.            2 ـ بىزنىڭ باللارنىڭ بوي ئىگىزلىگى باشقا كوماندىدىكى ھەرقانداق كوماندىدىن پاكار ئىكەن ، شۇنداق بولغاچقا كۆپرەك قىسقا پاس ئوينىشى كېرەك ئىدى ، لىكىن پەقەت ئۇنداق قىلمىدى ، ھە دىسىلا پاكارلىغىغا باقماي ئۇزۇن پاس چىقىردۇ ، ئۇ توپنى ئاندىن باشقىلار تارتىۋالغان.                                                                                       3 ـ شۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق كۇماندىدا ئەزالار ئىتىپاق ئەمەس شەخسىيەتچىلىك ئېغىر ، بىرەر توپنى كەتكۈزپ قويسا ياكى پاسنى جايىدا بېرەلمەي قالسا تىللىشىپ كېتۋاتقان ، بىر ـ بىرىگە ھۈرپىيۋاتقان قەتئى ئىتتىپاقلىق دىگەن نەرسە بوق .                                                                                                            4 ـ باشتا بۇلار ئاجىز كۇماندىلارنى ئۇتقان ، ئۇتقاندىمۇ كۈچلۇك كوماندىلار يۇقىرى پەرىق بىلەن ئۇتسا بۇلار ئاران ئۇتقان ، كىيىن كۈچلۈك كوماندىلارغا دۇچ كەلگەندە كەينى ـ كەينىدىن ئۇتتىرۋەتتى . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئەزالىرىمىزنىڭ يارلانغانلىغى ۋە ئىچكىرنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرسىغا كۆنەلمەسلىك دەپ تەبىر بەردى . تېرنىرلار بىر ئازمۇ ئۆزىگە ئېلىپ قويمىدى. باشتا كەتكۈزۇپ قويغان يەرلىرىنى پەقەت يەكۈنلىمىدى ، بەلكىم يەكۈنلىگەندۇ لىكىن ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى .                                                                                                                  5 ـ كوماندا تەشكىللىگەندە كىم بۇلارنى شىنجاڭ كوماندىسىغا ئالدى ؟ بىزدە نى ـ نى توپ تىپىدىغان باللار ساماندەك بوممىدى دىگەندىمۇ بىر شەھەردىن بىردىن تاللىسىمۇ نۇرغۇن توپچىلارنى تاللاپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلغىلى بولىدۇ. مەنچە تاشئالما كوماندىسىدىكى بىرنەچچە بالدىن باشقا ھىچقايسسى ماڭا يارىمىدى . تېرنىرنىڭمۇ چەتتىن تەكلىپ قىلغانچىلىك ئارتۇقچىلىغى يوقكەن . ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىمۇ ھەر ـ ھەر تېرنىرلار بار بولمىسا ، پەقەت بايقىيالمىغان يېرىمىز بار شۇ . ھېلىقى نىمىتى « يىراقتىكى موللا داموللا ، يېقىندىكى موللا جا موللا » دىگەندەك.                        گەپنى قىسقارتساق ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى ، مۇشىنچىلىك نەتىجە ياراتماقمۇ خېلى تەس ، بىزگە ھەرقايسى تەرەپلەردىن كېلدىغان بېسىممۇ ئاز ئەمەس . بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مىللى كارخانچىمىز كوماندا تەشكىللەپ قالسا تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ داڭلىق كۇلۇپتىن بىرنى قۇرۇپ ، تېرنىرنى بارسىلونادىن تەكلىپ قىلىپ ئەكىلەمدۇ تېخى بۇمۇ ھەرگىز يىراقتىكى ئىش ئەمەس دوسلار .

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 20:30:16

پۇتبول مايسىلىرىنى تاللىغاندا نوقۇل تېخنىكىسىغىلا ئېسىلىۋالماي قاۋۇل، ئېگىز، كۈچتۈنگۈرلۈك يوشۇرۇن شارائىتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسە بولاتتى.

مەن چوڭقۇر ھىس قىلغان بىر ئىش شىنجاڭنىڭ ئىشتىن سىرىتقى تەنتەربىيە كومېتىتلىرىنىڭ مايسا تاللاشتا بىر خىل ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان قاتمال فورمىلىسى بار. ۋالىبول، ۋاسكېتبول مايسىلىرىنىى چەت، يىراق يېزىلارغا بېرىپ تاللايدۇ. پۇتبول تەنھەركەتچىلىرىنى بولسا نوقۇل شەھەر ئىچىدىنلا تاللايدۇ. مۇشۇ فورمىلىغا چۈشمىگىنىنى مۇتلەق يەكلەيدۇ، گەرچە شۇنداق يوشۇرۇن ئىقتىدارى چاپچىپ تۇرسىمۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بويى ئېگىز بولۇش پۇتبولغا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. باھانىسى مارادونانىڭ بويى پاكار.

ئىشقىلىپ تەنتەربىيە ساھەسى تېخىچە ساۋاتسىزلىق ۋە قاتماللىقتىن قۇتۇلغىنى يوق. ئىچكىرىلىكلەر تەنتەربىيەنى نېمىلا بولمىسۇن، خېلى ئىلمىي قېلىپقا سالغىلى نەۋاخ بولدى. لېكىن شىنجاڭ تېخىچە 50-60- يىللارنىڭ سەۋىيىسىدە...

مېنىڭچە بولغاندا، شىنجاڭ قاۋۇل، كۈچتۈنگۈر، بۆسكەكلىكنى پۇتبول ئېڭى قىلىش كېرەك. شۇندىلا ئۇيغۇرچە پۇراق چىقىدۇ.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 21:48:31

مەيداننىڭ يەنە بىر چېتىگە كېلىۋاپتىكەنسىلە ئەسلى

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 22:53:00

3- قەۋەتتىكى Bughra1902نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەيداننىڭ يەنە بىر چېتىگە كېلىۋاپتىكەنسىلە ئەسلى



مەن سىلىگە ئۇچۇر قىلسام سىلە خۇددى مەن قەرز سۈيلەپ ئورنۇڭلىنى سورغاندەك ،دەپ بەرمىدىڭلا ؟\"\"\"\"

nopano يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 00:53:28

قۇملۇق تۈلكىسىنىڭ بۇ تېمىسى ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان تېما بوپتۇ، قېنى يارەنلەر پىكرىڭلارنى ئورتىغا قويۇڭلار.

turikizat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 07:42:28

كوماندا ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇش كىرەك ، 60مىڭ ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۇرسە....................   يانا بىرسىبىر بىرسىگە قەتتى پاس بەرمەيدىكەن،   توپنى ئۇزەملا سۇلىسام دەيدىكەن،   مانا بۇ ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى مىنىڭ پىكرىم كوماندا ئەزالىرىنى قەتتى ئالماشتۇرۇش كىرەك ، بولمىسائۇلارئوزىنىڭئەمەستوپ مەيدانىغا كىرىپ پۇتۇن جۇڭگۇنىڭ دىقىتىنى تارتقان ۋە يىڭى رىكوت ياراتقان تاماشىبىنلارنىڭ يۇزىنى تۇكىۋاتىدۇ

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 10:03:44

60مىڭ ئادەمنىڭ ئالدىدا بىر بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۇرسە.................... يانا بىرسى بىر بىرسىگە قەتتى پاس بەرمەيدىكەن، توپنى ئۇزەملا سۇلىسام دەيدىكەن، مانا بۇ ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى ...

شەخسىيەتچىلىكنىڭ ھىدى نەمدەلگەن كۆزلەرنى ئېچىشتۇرىۋەتتى.

eluyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 11:01:01

ئۈنۈملىك پاس كامچىل ئىكەن دەپ ئەنسىرگەن ! تېرىنىر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىدا داۋملىشىۋەردى ! يېڭى باشلاندى شۇنداق بولىدۇ دەپ پەرەزلەرمۇ بولىشى مۈمكىن ،لىكىن مۇسابىقىدىن ئىلگىرى مەشق بولغىيتى ، پۇتبول مەكتىبىدە تەربىلەنگەن باللاردا چوقۇم كوللىكتىپ ئېڭى دىگەن نەرسە بولسا بولاتتى ! ئۇتتارغاندا ساۋاقىنى يەكۈنلەش ، ئۇتقاندا خۇشال بولغانغا ئوخشاشلا مۇھىم!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 11:29:12

بۇ توڭ سويمىلارنام چىقىرىشنى ئويلاپ شەخسىيەتچىلىك قىلۋاتامدۇ نىمە\"\"

دىمسىمۇ ھەر-ھەر باللار بار توپنى ياخشى ئوينايدىغانشۇلاردىن تاللاپ ئىلىپ چىقسىچۇ ،،،،،

پەرىزىمچە؛ئىچكىردىن كەلگگن يولداشلارنىڭياش پەرقىمۇ خىلى بار ،بەدەن ساپاسى جەھەتتىنمۇپەرىقلىندۇ ،،

ئەسلى ياخشى كوماندىدىن بىرنى تەشكىللىسىمۇ تەشكىللىيەلەيدۇ ،،بىراق بىزلەرنىڭ ئۇتىۋىلىپ نامىمىزنىڭ چىقىپ

كىتشى بەزىلەرنىڭكۆڭلىنى بەك بىئارام قىلدۇ ،،، \"\"

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 20:25:48

4- قەۋەتتىكى erven_rummelنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى Bughra1902نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەيداننىڭ يەنە بىر چېتىگە كېلىۋاپتىكەنسىلە ئەسلى



مەن سىلىگە ئۇچۇر قىلسام سىلە خۇددى مەن قەرز سۈيلەپ ئورنۇڭلىنى سورغاندەك ،دەپ بەرمىدىڭلا ؟\"\"\"\"



ما گەپنىڭ ھىڭدىن سېسىقلىقىنى كۆرۈڭ، قەشقەدىن مۇشۇ گەپنى دەۋېلىش ئۈچۈنلا چىقىپتىكەنسىلە ئەسلى \"\"



ۋاي ئۇ كۈندىكى قاتىلاڭچىلىقنىڭ گېپىنى قىلماڭلا، بېلەتنىمۇ ئاران ئېلىپ مەيداندا ئارانلا كىرىپ ئورۇنلىشىۋالغان، تېلفۇننىڭ توكىنىڭ تايىنى قالماي تورىنى ئۈزۈپ ئارتۇق تاراق - تۇرۇقلارنى ئۆچۈرىۋېتىپتىكەنمە

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 13:12:40

ئىنكاسقا رەسىم يوللاش ئۈچۈن ئاۋال ئىنكاس يوللاپ ئاندىن تەھرىرلەشتىن باشقا ئامال يوقمۇ ؟ قارىسىام مۇشۇ تېمىدا ئادەم جىقكەن

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 20:34:38

11- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنكاسقا رەسىم يوللاش ئۈچۈن ئاۋال ئىنكاس يوللاپ ئاندىن تەھرىرلەشتىن باشقا ئامال يوقمۇ ؟ قارىسىام مۇشۇ تېمىدا ئادەم جىقكەن



بار، تېمىنىڭ ئۈستىگە قاراڭ، «تېما يېزىش» ۋە «ئىنكاس يېزىش» دەپ تۇرامدۇ، شۇ ئىنكاس يېزىش دىگەننى بېسىپ تولۇق تەھرىرلىگۈچكە كىرەلەيسىز.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 22:03:09

ھۇررا تۇۋلىغان بىلەنلا غەلبە قازانغىلى بۇلمايدىدە،،،يە،،! \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-9 22:28:52

12- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنكاسقا رەسىم يوللاش ئۈچۈن ئاۋال ئىنكاس يوللاپ ئاندىن تەھرىرلەشتىن باشقا ئامال يوقمۇ ؟ قارىسىام مۇشۇ تېمىدا ئادەم جىقكەن



بار، تېمىنىڭ ئۈستىگە قاراڭ، «تېما يېزىش» ۋە «ئىنكاس يېزىش» دەپ تۇرامدۇ، شۇ ئىنكاس يېزىش دىگەننى بېسىپ تولۇق تەھرىرلىگۈچكە كىرەلەيسىز.

ئاشۇ «ئىنكاس يېزىش» دېگەننى تۆۋەنگە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولمامدۇ زادى؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 07:00:09

ياخشى ئامال ئىكەن
بەت: [1]
: ‹‹ئىككى قەسىر›› مەيدانىدىكى خىياللار...