ياپون تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس
ياپون تىلى ياپون ئارىلىدىكى ياماتو مىللىتى ئىشلىتىدىغان تىل بولۇپ ياپونىيەنىڭ ئورگان تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە دۇنيادىكى 3-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەت قاتارىدا سانىلىدۇ. ياپونىيەنىڭ نوپۇسى 126مىلىيوندىن ئارتۇق بولۇپ دۇنيادىكى 10 چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە يەر مەيدانى كىچىك بولسىمۇ ئەمما يۇقىرى پەن-تېخنىكا، تىرىشچان مىللەتتىكى يېڭىلمەس روھ ۋە 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش بۇ دۆلەتنى ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا ئېلىپ كىرگەن. ياپونىيە شۇنداقلا دۇنيادىكى ناھايىتى ئاز ساندىكى يەككە مىللەتتىن تەركىب تاپقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ(كورىيە،چاۋشىيەنمۇ بۇنىڭ قاتارىدا سانىلىدۇ). نۇرغۇنلىغان ئېلىكتىرون، كومپىيوتېر ساھەسىدىكى ۋە ھەرخىل يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئىلگىرلەپ ئوقىماقچى بولغانلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر سىزنىڭ شۇنداق يۇقىرى غايىڭىز بولسا دۇنياۋى تىل ئېنگىلىز تىلىنى پۇختا ئېگەللىگەن بولىشىڭىزدىن باشقا ياپون تىلىنى ياخشى ئېگەللىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
بۈگۈن ياپون تىلى ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئۈچۈن بىر قانچە ئۈن ۋە سىن ھۆججەتلەرنى قېرىنداشلارغا ئېلىپ كەلدۇق. بەھىرلەنگەيسىز.
ياپون تىلىدا نۇرغۇنلىغان خەنچە خەتلەر بولۇپ بۇنىڭدىن جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ياپون مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزدەك جۇڭگو مائارىپىدا تەربىيلەنگەن كىشىلەر خەنچىدىكى ئاساسىغا تايىنىپ ياپونچە خەتلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالالىشى مۇمكىن.
بۈگۈن تەمىنلىنىدىغان ماتېرىياللار:
يېڭى تۈزۈلگەن ياپون تىلى 1-قىسىم،2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ئۈن ھۆججىتى (mp3)
ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى:357.5MB
يېڭى تۈزۈلگەن ياپون تىلى تۇرمۇش ئېغىز تىلى سىن ھۆججىتى(AVI)
ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى: 705.9MB (ھۆججەت ئىككىگە بۆلۈپ يوللاندى )
ياپونىيەگە سەپەر يۇمشاق دېتالى(ھۆججەت ئىچىگە قارىسىڭىز ئاۋازلىق ھۆججىتىمۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىچىدە بار)
ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى:240MB
يېڭى ياپون تىلى-ھەرخىل مۇھىتتىكى ياپونچە دىيالوگلار ئۈن ھۆججىتى(TEXT ھۆججىتى قوشۇلغان)
ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى:30MB
بۇ ماتېرىياللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ياپون تىلى ئۆگىنىش ھاياتىڭىزنى مەنىگە ئېگە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!
فىرانسوز تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس
مەن ساقلىۋالاي. ئاۋۇ ھەرپ جەدۋىلىنى ئىزدەشنى ئويلاپ يۈرەتتىم، رەھمەت. ‹‹يېڭى تۈزۈلگەن ياپون تىلى تۇرمۇش ئېغىز تىلى سىن ھۆججىتى(AVI)››چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئۇلانماي قاپتۇ.
2- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
‹‹يېڭى تۈزۈلگەن ياپون تىلى تۇرمۇش ئېغىز تىلى سىن ھۆججىتى(AVI)››
چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى ئۇلانماي قاپتۇ.
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت. بوشلۇققا يوللاپ قويۇپ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللىماپتىمەن. تەھرىرلەپ قويدۇم.
يېڭى ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ‹‹みんなの日本語›› يەنى ‹‹كۆپچىلىكنىڭ ياپون تىلى›› دېگەن كىتاپ ئەڭ ماس كېلىدۇ. ئىككى قىسىم. ھەرىپتىن باشلىنىدۇ ھەم گىرامماتىكىمۇ سۆزلىنىدۇ. گىرامماتىكىسى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن گىرامماتىكا جەھەتتە قىينىلىش بولمايدۇ. ئۈچ خىل يېزىقى بار. يەنى ‹‹ひらがな›› ، ‹‹カタカナ›› ، ‹‹漢字›› دەپ. بۇنىڭدىكى ‹‹カタカナ›› بولسا سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرگە ھەم چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگولۇق خەنزۇ يولداشلار. سىزمۇ ئىسمىڭىزنى مۇشۇ カタカナ بىلەن يازىسىز. ئۇيغۇر بولسىڭىزمۇ ئوخشاش. چۈنكى بىزنىڭ كىملىكىمىزدە خەنزۇچە ئىسىم بار ئەمەسمۇ. ياپوندا ئىسمىڭىزنى خەنزۇچە يېزىق بىلەن قوللىنىسىز. چەتئەللىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە يازمىغاندىكىن カタカナ نى ئىشلىتىدۇ. سىزمۇ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بەزى ئىشلارنى بىجىرگەندە خەنزۇچىسىنى يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەلەن باللار باردە لىكىن، سورۇنغا قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەلا باھالىدىم...
ただ、登録証に書いてある漢字の名前の上にカタカナの名前を書かせただけだった。
ある所ではカタカナの名前はいいけど、ある所では駄目だった。 今変わったかなぁ。。。
今日ちょっと疲れた。眠たい。 じゃあ、またね。ziyaliさん、 夜女の人を探しに行かないようにね。ははは。
冗談。 またね。 お休み。 今もう三時でしょう。早く寝ないと体によくないよ。 俺も昔そうだった。ははは。 じゃね
名前上名前所目今夜女人探行ziyali
مەنمۇ خېلى جىق ياپونچە خەت تونىيدىكەنمە
مەن قىزىل بوياپ قويغان گەپلەرگە قارىغاندا قېلىن گەپ قىلىشىۋاتامسىلە نېمە؟
شەھەرلىك ھۈكۈمەتتىكىلەر ئۇنداق خەتنى تاپالمىغان چېغى، 尔غا ئوخشاپراق كىتىدىغان قولدا يازغاندەك،ياق، پىچاقتا ئۇيغاندەك بىر سەت خەتنى ئورنىغا يېزىپ قويۇپتۇ.شۇنى ئىشلىتىپ يۈرۈيمەن شۇ.
تىزىملىتىدىغان يەرلەرگە كەلگەندە باشتا شۇ خەتنى يېزىپ بەرسەم،كومپىيوتىرىدا بىر نىمىلەرنى قىلىپ بېقىپ چىقىپرىىپ بولالماي،ئوقۇلىشىنى سوراپ بېقىپ(ئوقۇلىشىنى مەن ئۈزەمنىڭ ئىسمىغا ئەڭ يېقىن كىلىدىغان ياپۇنچە ئوقۇلىشنى تاللىغان،خەنچە خەت بىلەن كارىم بولماي) يەنە بولماي،ئاخىرى كاتاكانادا يازساق بولامدۇ دەپ ئۈزى تەلەپ قىلىدۇ.
{:92:}
ھە نىمە بولسا شۇ پېتى ئىشلىتىپتىمەن.بولمىسا مۇرەككەپ يېزىلىشىدىكى 爾 نى يازغان بولسام چىقمايمۇ قالماسكەنتۇق.چىقتى دەپ خوش بوپ كەتكىدەكمۇ ئىش ئەمەس بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىسىم يازىدىغان يەرگە مىسىلداپ يېزىپ ئولتۇرار بولغىيدىم چىكىت چاقپىلەكلىرىنى سىزىپ.......يەنە كىلىپ بىر ئەمەس ئىككى...

ئالدىنقى يىلى كىملىك ئالماشتۇرغاندا ئىمزايىمنى ئالماشتۇرسام بولامدۇ دىسەم بولىدۇ دىۋىدى،ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۋالغان.
ئۇيغۇرچە خېتىم،ياق مىنىڭ خېتىملا بولسا ھەممىسى سەت.
كىملىكىمدە قاغىنىڭ پۇتىدەك سەت ئۇيغۇرچە ئىمزايىم بار.قانۇن بويىچە بولغاندا ئىمزا قويىدىغان يەرگە شۇ پېتى قويسام بولىۋېرىدۇ.
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپكە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئىمزا قويغاندا كاتاكانادا يېزىپ بېرىمەن.ئەمما ئىچىمنى سىققانلارغا ئۇيغۇرچە {:92:}
ئوبدان بولدىمۇ
گۇدلاك چاقچاق دىگەن گىپىڭىزنى چۈشەنمەي،باشقا يەرلىرىنى توپتوغرا چۈشىنىۋاپتۇ

1- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ساقلىۋالاي. ئاۋۇ ھەرپ جەدۋىلىنى ئىزدەشنى ئويلاپ يۈرەتتىم، رەھمەت.
_____________________________________________________
سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن مۇمكىن بولسا qq 307762029
مەن ياپونچىنى http://www.hujiang.comنىڭ تور مەكتىپىدە ئۆگىنىۋاتىمەن،بىر يىللىققىلا تىزىملىتىۋەتكەن، بۇ تور بەتنىڭ پايدىسى خىلى جىق تېگىۋاتىدۇ...ياپونىيىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ بىر نەچچىسنىڭ ئادىرىسىنى خاتىرىلەپ قويغانىدىم، پايدىسى تېگىپ قالار پايدىلىنىدىغانلارغا:
http://www.asahi.com
http://mainichi.jp
http://www.yomiuri.co.jp
.زىيالىي، تەۋسىيە قىلغۇدەك تور بەتلەر بولسا يوللاپ قويۇڭە...
ياپون تىلىدىن دەسلەپكى ئاساسنى يوللىسا ياپون تىلى بۈلىدىغانلارنىڭ ئۈۋىسى چۇۋۇلۇپ چىققىلى تۇرۇپتۇ {:92:} باشقا دۇنياۋى تىللارنى يوللىسام ئاستا ئاستا بىلىدىغانلار ئۆزىنى ئاشكارلايدىغان چىراي.

12- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىسمەمدە ئۇيغۇردىكى ر(尔) بار،يەنە كىلىپ بىر ئەمەس ئىككى. يىڭى كەلگەندە ياپۇنچە بىلمىگەندىن كىيىن خەنچە خېتىنى پەرىق ئىتىپ بولالماي، شەھەرلىك ھۈكۈمەتكە شۇ پېتىلا تىزىملىتىپتىكەنمەن.
شەھەرلىك ھۈكۈمەتتىكىلەر ئۇنداق خەتنى تاپالمىغان چېغى، 尔غا ئوخشاپراق كىتىدىغان قولدا يازغاندەك،ياق، پىچاقتا ئۇيغاندەك بىر سەت خەتنى ئورنىغا يېزىپ قويۇپتۇ.شۇنى ئىشلىتىپ يۈرۈيمەن شۇ.
تىزىملىتىدىغان يەرلەرگە كەلگەندە باشتا شۇ خەتنى يېزىپ بەرسەم،كومپىيوتىرىدا بىر نىمىلەرنى قىلىپ بېقىپ چىقىپرىىپ بولالماي،ئوقۇلىشىنى سوراپ بېقىپ(ئوقۇلىشىنى مەن ئۈزەمنىڭ ئىسمىغا ئەڭ يېقىن كىلىدىغان ياپۇنچە ئوقۇلىشنى تاللىغان،خەنچە خەت بىلەن كارىم بولماي) يەنە بولماي،ئاخىرى كاتاكانادا يازساق بولامدۇ دەپ ئۈزى تەلەپ قىلىدۇ.
![]()
ھە نىمە بولسا شۇ پېتى ئىشلىتىپتىمەن.بولمىسا مۇرەككەپ يېزىلىشىدىكى 爾 نى يازغان بولسام چىقمايمۇ قالماسكەنتۇق.چىقتى دەپ خوش بوپ كەتكىدەكمۇ ئىش ئەمەس بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىسىم يازىدىغان يەرگە مىسىلداپ يېزىپ ئولتۇرار بولغىيدىم چىكىت چاقپىلەكلىرىنى سىزىپ.......يەنە كىلىپ بىر ئەمەس ئىككى...
![]()
ئالدىنقى يىلى كىملىك ئالماشتۇرغاندا ئىمزايىمنى ئالماشتۇرسام بولامدۇ دىسەم بولىدۇ دىۋىدى،ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۋالغان.
ئۇيغۇرچە خېتىم،ياق مىنىڭ خېتىملا بولسا ھەممىسى سەت.
كىملىكىمدە قاغىنىڭ پۇتىدەك سەت ئۇيغۇرچە ئىمزايىم بار.قانۇن بويىچە بولغاندا ئىمزا قويىدىغان يەرگە شۇ پېتى قويسام بولىۋېرىدۇ.
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپكە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىك ئۈچۈن ئىمزا قويغاندا كاتاكانادا يېزىپ بېرىمەن.ئەمما ئىچىمنى سىققانلارغا ئۇيغۇرچە![]()
ياپوندىكى كىملىككە پاسپورتتىكى ئېنگلىزچە ئىسىمنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ ئۈستىگە كاتاكاناسىنى قوشۇپ قويۇپ؟