تېما- ئىنكاس يېزىۋاتقانلارغا

ماۋزۇغا قاراپلا نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ قىزبالا دەپ قالماڭلار. بىر قانچە ئاي بولۇپ قالدى، تېما ۋە ئىنكاسلاردا ئاز قىسىم مەسىلە كۆرۈلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: (ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمدىكىدەك) يازما- ئىنكاسلاردىكى خەتلەرنىڭ مەلۇم قۇرلىرى ئېكراندىن چەتنەش، خەت شەكلى نورمال بولماسلىقتەك ئەھۋال. مەن ئىشلىتىۋاتقان كۆرگۈچتىلا شۇنداق كۆرۈنۈۋاتامدىكىن دەپ بىر قانچە كۆرگۈچتە ئايرىم- ئايرىم كۆرۈپ باقتىم ئەمما يەنىلا ئوخشاش، بىر قانچە بالىلاردىن سورىساممۇ ئوخشاشلا ئىكەن. بەلكىم ھەممەيلەنگە شۇنداق كۆرىنىۋاتقاندۇر... بەكلا ئالدىراش بولۇپ دەسلەپ كۆڭۈل قويۇپ سەۋەبىنى ئىزدەشكە ۋاقىت يار بەرمىگەن ئىدى، بۇ بىر قانچە كۈن كىرىشىپ يۈرۈپ سەۋەبىنى تاپتىم.
مۇشۇنىڭدەك تېمىدا دەپلا قويماي، داۋاملىق دىققەت قىلىلى- ھە تورداشلار!
يەنە بىر سەۋەب مەن html, body, * { font-family: \"UKIJ Tuz Tor\" ! important; } بۇ كود ئارقىلىق internet explorer 9.0 نىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tor غا تەڭشەپ ئىشلەتكەچكە ئوڭشالدىمىكىن دەيمەن. بەلەن گەپ!
«دېققەت» ئەمەس، «دىققەت» دېيىشكە كۆنۈڭ.
4- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
360chrome ياكى google chrome دا زىيارەت قىلسام مۇشۇنداق چىقىۋالاتتى لېكىن internet explorer 9.0 غا كۆچكەندىن بېرى بۇنداق ئەھۋال كۈرۈلمىدى.
يەنە بىر سەۋەب مەن html, body, * { font-family: \"UKIJ Tuz Tor\" ! important; } بۇ كود ئارقىلىق internet explorer 9.0 نىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tor غا تەڭشەپ ئىشلەتكەچكە ئوڭشالدىمىكىن دەيمەن.
مەنمۇ شۇنى ئويلىدىم، ئىئوتنىمۇ قايتا يېڭى خەت نۇسخىسىغا ياسىغانمۇ يوق، تەكشۈرۈپ باقسا. دەل شۇنداق، بوش ئورۇن قويمىسا بەت كەڭلەپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، يەنە بىر مېتىر ئۈندەش قويسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، سەۋەبى بىر.
5- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەلەن گەپ!
«دېققەت» ئەمەس، «دىققەت» دېيىشكە كۆنۈڭ.
توغرىسى «دېققەت» تۇ؟
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆلچەملىك يېزىلىشى توغرىسىدا ئاساس بولالىغىدەك بىرەر ئىشەنچلىك مەنبە بارمىدۇ؟ (توربەت دېگەندەك) يۇلغۇن تور تەھرىرلىگۈچ قاتارلىق ئىملاچى قوراللاردىمۇ نۇرغۇن كەمچىللىكلەر بار ئىكەن. بولۇپمۇ يۇقىرىقىدەك «دېققەت» بىلەن «دىققەت»، «ئۆگىنىش» بىلەن «ئۈگىنىش»، «خوشال» بىلەن «خۇشال» دېگەندەك سۆزلەردە شېۋىلەردىكى ئوخشىماسلىققا ئاساسەن ئىملامۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن.
IE9 غا كۆچۈڭلار باللار، شۇنداق چىرايلىق،ھەم نورمال چىقدىكەن... بۇ مەسىلىنى ئەزالاردىنلا كۆرمەي،مۇنبەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۈچىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن،بۇنىڭسىزمۇ مۇنبەرنىڭ خېلى كەمچىلىكلېرى بار،مەسىلەن:ئىنكاس تەھرىرلەش بېتىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ قاتارلىقلار...
9- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
IE9 غا كۆچۈڭلار باللار، شۇنداق چىرايلىق،ھەم نورمال چىقدىكەن...
ئەمدى تېخى كىرومغا كۆنسەك،IE نوچىلاپ كېتىپتىمۇ ئەمدى.
10- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ مەسىلىنى ئەزالاردىنلا كۆرمەي،مۇنبەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۈچىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن،بۇنىڭسىزمۇ مۇنبەرنىڭ خېلى كەمچىلىكلېرى بار،مەسىلەن:ئىنكاس تەھرىرلەش بېتىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ قاتارلىقلار...
9- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
IE9 غا كۆچۈڭلار باللار، شۇنداق چىرايلىق،ھەم نورمال چىقدىكەن...
ئەمدى تېخى كىرومغا كۆنسەك،IE نوچىلاپ كېتىپتىمۇ ئەمدى.
كىرومنى ئىشلتىپ باقمىدىم، ئايېدىن باشقىنى ئشلەتىمەيدىكەنمەن، شۇنداق يەڭگىل،ھەم يېقملىق،پاكزە تۇيۇلۋاتىدۇ... مەنمۇ IEنىلا ئىشلىتىدىغان،بالىلار تولا كىرومنى تەۋسىيە قىلىۋېرىپ سىناپ باقاي دەپ ئىشلەتكەنتىم،شۇندىن بېرى باشقا تور كۆرگۈلەر تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى.ماڭا ئەڭ ياققان يېرى تور بەتلەرنى ئېچىش سۆرئىتى باشقا تور كۆرگىلەردىن تېز.مەسىلەن:IEئىشلىتىغان ۋاقىتلېرىمدا بىلىك ئاسانلىقچە ئېچىلمايدىغان،ئەمما كىرومدا خېلىلا تېز ئېچىلىدۇ. IE9غا ئەمدى كەلدىڭلارمۇ؟مەن IE10 ئويناۋاتقىللى نىكەم.

13- قەۋەتتىكى guitarfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
IE9غا ئەمدى كەلدىڭلارمۇ؟مەن IE10 ئويناۋاتقىللى نىكەم.
مەن
IE9 قىمۇ كۆچمىدىم، نېمىشقا دېگەندە Form دىن يوللانغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، 9،10 لار بىلەن بۇرۇنقى نەشىرلەر ئارا خېلى پەرقلەر باردەكلا ھېس قىلمەن، ئۇدا نەچچە قېتىم ئاۋارە قىلغان بولغاچقا، ئىزچىل 8 نى ئىشلىتىۋاتىمەن.
ۋاي ۋووووي، ساڭا بىرمۇنچە كەسپى گەپ قىلىپ تاشلاپتىمىنا
8- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەلەن گەپ!
«دېققەت» ئەمەس، «دىققەت» دېيىشكە كۆنۈڭ.
توغرىسى «دېققەت» تۇ؟
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئۆلچەملىك يېزىلىشى توغرىسىدا ئاساس بولالىغىدەك بىرەر ئىشەنچلىك مەنبە بارمىدۇ؟ (توربەت دېگەندەك) يۇلغۇن تور تەھرىرلىگۈچ قاتارلىق ئىملاچى قوراللاردىمۇ نۇرغۇن كەمچىللىكلەر بار ئىكەن. بولۇپمۇ يۇقىرىقىدەك «دېققەت» بىلەن «دىققەت»، «ئۆگىنىش» بىلەن «ئۈگىنىش»، «خوشال» بىلەن «خۇشال» دېگەندەك سۆزلەردە شېۋىلەردىكى ئوخشىماسلىققا ئاساسەن ئىملامۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن.
__________________________________________________________
دېققەت دىگەن سۆز چىرايىدىنلا خاتالىغى چىقىپلا تۇرمامدۇ
ئېغىزىڭىزدا تەلەپپۇز قىلىپ بېقىڭە مۇشۇ سۆزنى
ئۇيغۇر تىلى گىراماتكىسى پەقەت توردىكى ئىملا توغىرلىغۇچقا ئەمەس ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى .
سىز ئاۋال ئېغىز تىلىڭىزدا دېققەت بىلەن دىققەت سۆزىنى ئايرىم، سۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ بېقىڭ .
قايسىنىڭ توغىرلىقىنى ئاندىن چۈشىنىسىز
16- قەۋەتتىكى 428نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدىكى ئىنكاسنى «دېققەت» نى تەلەپپۇز قىلىپ باققاندىن كىيىن ئاندىن يازغانتىم بولمىسا. مەن مىسال ئالغان سۆزلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغۇن سۆز بار. شۇلارنىڭ ئىملاسىمۇ ھەر خىل بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئىشەنچلىك بىر ئۆلچەم بولسا بۇنىڭدىن كىيىنكى يازمىلىرىمىزدا شۇنىڭغا ئاساسلانساق دەيمەن. ئۇنداق بولمايدىكەن، سۆزنىڭ چىرايىغا قاراپ ياكى ھەر خىل شېۋىلەردە تەلەپپۇز قىلىپ توغرا ئىملانى تېپىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرى بولمايدىكەن. مەن دېگەندەك ئۆلچەم مەۋجۇتمۇ ياكى؟ ئۇچۇرىنى بەرگەن بولساڭلار.
ھازىر تۇتقان رەسىم