dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 19:09:37

بوۋامنىڭ يوللىرى

مىنىڭ بوۋام(دادامنىڭ دادىسى)روزى ئەمەت1917-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد دىگەن جايىدا تۇغۇلغان ئىكەن،ئۇ تەخمىنەن1946-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە دادىسىنى ئىزدەش سەپىرىدە ئىلىغا سەپەر قىلىپ باي ناھىيىسىگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن،ئۇ ئەينى يىللاردا مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشتا ئاچقان ئاقارتىش مەكتىۋىدە ئۇقۇپ ساۋادىنى چىقارغان،ۋە بالا خەلىپەت دەپ ئاتالغان.1950-يىلى2-ئاينىڭ19-كۈنى باي ناھىيىسىنىڭ داۋانچى يېزىسىدا(ئەينى چاغدا داۋانچى بىلەن چوڭ كۆۋرۈك بىر يېزا بۇلۇپ قۇشتېمى دەپ ئاتالغان)يېزىلىق ھۆكىمەت قۇرۇلغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ساناقلىق ساۋادلىقلاردىن بولغانلىقى سەۋەپلىك يېزىغا كاتىپ بولغان.1952-يىلى يەر ئىسلاھاتىدا ئارچەت كەنتىگە سېكىرتار بۇلۇپ1984-يىلغىچە ئىشلىگەن،1990-يىلى7-ئاينىڭ22-كۈنى ئاشقازان راكى بىلەن ۋاپات بولغان.مەرھۇم ئاتۇشتىن ئايرىلغان يېرىم ئەسىرگە يېقىن جەرياندا نۇرغۇن قېتىم يۇرتىنى سېغىنىپ ئۈنسىز يىغلىغان بولسىمۇ لىكىن ھىچكىمگە ئېيتىمىغان،پەقەت ئۆزى بىلدىغانلا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئاتۇشقا بېرىپ تۇغقانلىرنى كۈرۈپ كىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 20:26:32

قارىغاندا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىلىرى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈلۈپمۇ ساق قۇتۇلۇپ قالغانلىرى باركەندە.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 22:06:19

نىمە سەۋەپتىن تۇغقانلارنى يوقلاپ بارالمىغاندۇ? 1990-يىلى دىگەنمۇ خېلى يىقىنقى زامانغۇ..

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-8 13:23:17

مەنمۇ بۇۋامنىڭ ھىكايىسىنى ئىيتىپ بىرەيمۇ؟؟

بۇلدىلا سۇزلىگىدەك يىرى يۇق ھارۋۇكەش شۇ،،يا ئىنقىلاپقا قاتناشمىغان يا مەدنىيەت زۇر ئىنقىلاۋىدا زىيانكەشلىككمۇ ئۇچرىمىغان ئاسمان ئۇرۇلوپ چۇشسە تىگىدە مانتا يەيدىغان يۇۋاش يۇمشاق ئۇشۇق ئىشلار بىلەن چاتىقى يۇق كىشى ئىكەن لىكىن مەھەللىدىكىلەر بۇۋامنى بەڭگى دەپ قۇيدىكەن شۇنىڭغا قارىغاندا نىشە چىكەتتىمىكىن دادامدىن سۇرىسام دەپ بەرمىدى ،،،تىخى مەھەلىدىكىلەر مىنىمۇ بەڭگىنىڭ نەۋرىسى دەيدۇ تىخى،،
بەت: [1]
: بوۋامنىڭ يوللىرى