‹ئائىلە ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى› ھەققىدە ( ماتىريال )
تۆۋەندىكى ماتىرياللارجوڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى قاراماي شۆبىسىدىن - يالقۇن تۇرسۇن ھاپىز تەييارلىغان ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تىلىدىكىئائىلە ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ، ئۆي-مۈلۈك سۇغۇرتىسى ،ئوقۇغۇچى بالىلار سۇغۇرتىسى قاتارلىق سۇغۇرتا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە ئېلىپ بېرىلگەن PDF ، Iebook ماتىريالى بولۇپ ، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن سۇندۇم .
PDF شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۋېلىڭ !
چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.qaramay.com/matiryal/PICC/Uy.pdf
PDF شەكىلدىكى خەنزۇچە يېزىقلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۋېلىڭ !
چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.qaramay.com/matiryal/PICC/Cn.pdf
Iebook شەكىلدىكى ئۇيغۇرچەيېزىقلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۋېلىڭ !
چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.qaramay.com/matiryal/Iebook/Uy.exe
Iebook شەكىلدىكى خەنزۇچەيېزىقلىق ھۆججىتىنى چۈشۈرۋېلىڭ !
چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.qaramay.com/matiryal/Iebook/Cn.exe
مەنبە ئادرىسى :http://www.qaramay.com/html/sohbet/2011/0429/887.html
تور بىكەت : قاراماي تورى www.qaramay.com
مۇشۇ باھانىدە، ئىزدىنىشتىكى بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن خەۋەردار دوستلاردىن سورايدىغان بىر مەسلىھەتىم بارتى، بولسا مۇشۇنى سورىۋالغان بولسام، تېما ئېگىسى ھەرگىز رەنجىمىگەن بولسا.سۇئال: مۇشۇ سوغۇرتىلارنىڭ دىنىمىز ئىسلامدىكى ھۆكۈمى نېمە؟ سوغۇرتىلىنىش، سۇغۇرتىلاندۇرۇش دۇرۇسمۇ؟ ئەتراپىمدىكى قۇرداش دوستلىرىم ئۆز پەرزەنتلىرىنى تۈرلۈك سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئۇلار گاھىدا سەن نېمىشقا ئوغۇزنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرمايسەن، ئاغرىق-سىيلاق بولۇپ قالسا قانداق قىلىسەن، بۇ دېگەن ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك ئىش تۇرسا... دېگەندەك گەپلەرنى دەپ باشىمنى ئاغرىتسا، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان دوستلىرىم تولا تېلېفون قىلىپ ھاردى بولغاي، ئەمدى مەن ئۇلارنى ئىزدىمىسەم، ئۇلارنى مېنى ئىزدەيدىغاندەك ئەمەس. مۇشۇ ئىشتا سەل ئىككىلىنىپ قالدىم. بولسا تورداشلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

مەجبۇرى سۇغۇرتىنىڭ ھوكمى: كىملىك ۋە كىنىشكىلەر ئۇچۇن چۇشكەن سۇرەت نىڭ ھوكمى بىلەن ئوخشاش.
ئىختىيارى سۇغۇرتىنىڭ ھوكمى: ئەڭ ياخشىسى يىراق تۇرۇڭ!
بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر قىلىۋاتقىنى مۇنداق :سودا خاراكتىرلىق ئومۇر سۇغۇرتىسىئېلىش - سېتىش نى پۇتۇنلەي خاتا، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققىدە خاتا - توغرا دىيىش يوق، مەجبۇرى ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنى ئالماي بولمايدۇ، سودا ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسىنى ئالغانلار ئاخماق ( خاتا دەيدىغانلارمۇ بار)، مۇلۇك سوغۇرتىسى پۇتۇنلەي خاتا.
ئەمما سۇغۇرتا شىركىتىدىكىلەرنىڭ چۇشەندۇرىشىنى ئاڭلىسىڭىز ئەمۋاي، نىيۇسكىن نىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
@yuksel ئاۋال بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ:
http://sajiye.org/viewsj.php?id=673
سۇئالىڭىزنى مۇشۇ توردىكى «پىكىر دەپتىرى» دىگەن يەرگە قالدۇرىسڭىز بىر نەچچە كۈن ئىچىدە جاۋاب چىقىدۇ ياكى «ئالاقىلىشىڭ»دىكى ئادېرىسقا خەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.