ماتېماتىكىلىق مۇھەببەت خېتى[كۆچۈرۈلمە]
ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان 1:2، 1:2 مۇھەببىتىم فۇنكىسيەسىدە ئېشىپ بارغۇچى فۇنكىسيە، سىز ئۈچۈن تىكىلگەن كۆزلىرىم سان ئوقىدەك مەڭگۈ بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە، گەرچە سىز سىنوس ئەگرى سىزىقىدەك قالايمىقان ھەرىكەت قىلسىڭىزمۇ، مەن يەنىلا كوئوردىنات بېشىدا ئولتۇرۇپ سىزنى كۈتىمەن. بىلەمسىز؟ مېنىڭ يۈرىكىم 1:2، 1:2 دەپ پەقەت سىز ئۈچۈنلا سوقىدۇ، مەن سىز ئۈچۈن ھاياتىمنىڭ كەسىر قىسمىنى ئەمەس بەلكى پۈتۈن قىسمىنى ئاتىدىم. ناۋادا سىز ئازاب چەكسىڭىز مەن ئۇنى يىلتىزىدىن چىقىرىپ ئازابتىن خالاس قىلىمەن. ناۋادا سىزگە خۇشاللىق كەلسە مەن ئۇنى كىۋادراتقا كۆتۈرۈپ سىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىمەن ھەم بەختلىك قىلىمەن. ئەگەر بەك ھاياجانلانسىڭىز ياكى ئاچچىقلانسىڭىز لوگارىفمىلاپ مىجەزىڭىزنى ئېغىر - بېسىق قىلىمەن.ئىشىنەمسىز؟ سىزگە كۆيۈشۈمنىڭ ئېھتىماللىقى 100 پىرسەنت، ئىككىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشى تاساددىپىي ھادىسە، سىزنىڭ مەن بىلەن يۈرۈشىڭىز مۇمكىن بولمايدىغان ھادىسە. ھەركۈنى ئاخشىمى y ئوقىدا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇڭغا پاتقىنىمدا 1-2 چارەكتە خۇشال، 3-4 چارەكتە غەم بىلەن تۇرقىڭىزىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسكە ئالىمەن. سىز ئۆزىڭىزنى مەنپىي قىممەتتە ئېلىپ قاچماي، ئارىمىزدىكى تەڭسىزلىكنى تەڭ قىلىڭ. ھە راست! مېنىڭ ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم ۋە تەكىتلەيدىغىنىم مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم 3.14 چەمبەر تۇراقلىقىدەك بولۇپ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيىسىدىكى خەتكەن.


ئارىمىزنى ئايرىپ تۇرىدۇ
قىممەت دېگەن كەسىر سىزقى
سەن مەن ئۈچۈن تەتۈر تاناسىپ
شۇنداقتىمۇ سۆيىمەن سېنى {:92:}
4- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يېرىم كىچىدە نىمە مەن بىلەن قالىسىلەر![]()
سىلىدەك قەدىمىي بويتاق، يېتىلىۋاتقان ياش بويتاقلارغا ئېغىر تەھدىت


بويتاقلىقتا ئاتاققا،
قالدى زىيالى.
خوتۇن ئېلىش ھەر قاچان،
ئىچمى خىيالى.
بويتاقلىقنىڭ بېسىمى
ئەجەپ يامانكەن،
بويتاق ئەرنىڭ رۇخسارى
سېرىق سامانكەن،
قالايمىقان ئۆيلىرى،
كونا خامانكەن.
ئاچچىق قىلىپ موخوركا
راسا يۆگەيدۇ
غايىپ خوتۇن كاللىسىدىن
چۆگىلەپ كەتمەيدۇ
چاخچاق جۇمۇ
{:90:} زىيالى، مۇھىم گەپ بارتتى ئۇچۇر قىلدىم.
1- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيىسىدىكى خەتكەن.![]()
ھە شۇنداقمىكەن
2- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
زىيالى پوۋاش ئابدان ئوقۇپ ، تەسىرات ئالسا بولغۇدەك![]()
نىمە گەپ بۇ چۇشەنمىدىم
3- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
زىيالى بۇخەتنى ئوقۇپ بىرىدىغان بولسا قارشى تەرەپ ئىشىپ كەتسە تەستەكدىن بىرنى بولمىسا (نېرۋا كىسەل)دەپ كىتىپ قالامىكى
بەلكىم
4- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يېرىم كىچىدە نىمە مەن بىلەن قالىسىلەر
مەن ئەمەس
5- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئارىمىزنى ئايرىپ تۇرىدۇ
قىممەت دېگەن كەسىر سىزقى
سەن مەن ئۈچۈن تەتۈر تاناسىپ
شۇنداقتىمۇ سۆيىمەن سېنى![]()
ozil قالتىس يىزىپسىز ھە!
6- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يېرىم كىچىدە نىمە مەن بىلەن قالىسىلەر![]()
سىلىدەك قەدىمىي بويتاق، يېتىلىۋاتقان ياش بويتاقلارغا ئېغىر تەھدىت![]()
ما گەپنى كۆرۇڭ ئەمدى
7- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمە زىيالى بىلەن قالىسىلەر دەيمە![]()
بويتاقلىقتا ئاتاققا،
قالدى زىيالى.
خوتۇن ئېلىش ھەر قاچان،
ئىچمى خىيالى.
بويتاقلىقنىڭ بېسىمى
ئەجەپ يامانكەن،
بويتاق ئەرنىڭ رۇخسارى
سېرىق سامانكەن،
قالايمىقان ئۆيلىرى،
كونا خامانكەن.
ئاچچىق قىلىپ موخوركا
راسا يۆگەيدۇ
غايىپ خوتۇن كاللىسىدىن
چۆگىلەپ كەتمەيدۇ
چاخچاق جۇمۇ
![]()
ژانىرى نىمە؟ {:107:} {:107:}
تېما يوللىغۇچى
ماۋۇ ئىنكاسىمغا ئىنكاس قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
16- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
![]()
![]()
تېما يوللىغۇچى
ماۋۇ ئىنكاسىمغا ئىنكاس قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
سەت كۈلۋىتىپتىمەن ما گەپنى ئوقۇپ ....ئىزدىنىشنىڭ ئۆزى بىريۇمۇردە.
ھاھا! تىما يوللىغۇچى بەك ئەستايدىل ئىكەنسىز..