malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 10:30:12

يۆتكىلىش بازىرىدىكى پاراڭلار(پۇتبول خەۋەرلىرى)

ياۋورپا لوڭقىسى تۈگىشىگە ئەگىشىپ ئىزدىنىشنىڭ تەنتەربىيە سەھپىسى جىمىپ قالغىلى تۇردى ،قىزىىتايلى دىسەك يا تۈززۈك بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ تايىنى يوق ،شۇڭا ھېچ بولمىسا بۇ پەسىل بىشىدىكى يازلىق يۆتكۈلىشنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇرمايمىزمۇ؟






ئالدى بىلەن ئۆزمىزنىڭ ئوغلانلىردىن باشلايلى



شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسدا كۈنلىرى تەييارلىق كوماندىسىدا توپ تېپىش ۋە سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ئوغلانىمىز مىرئەخمەتجان دۆلەتلىك 22 ياشلىقلار كوماندسىغا تاللانغان بولۇپ بۇ كوماندىدا ھەر بىر مەيداندا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ 90 مىنۇت ئويناپ كەلگەن ئىدى،ھەم بىر ئىختىيارى توپنى پەچەت ئۇرۇپ قويغان،دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ جۇڭگۇ دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنى سوراۋاتقان خىڭدا كۇلۇبى مىرئەخمەتجەننى يۆتكەپ كىلىش ئۈچۈن 5 مىلىيۇن باھا قويدى،لۇنىڭ تەرەپ 10 مىلىيۇندىن تۆۋەن بولسا قوشۇلمايدىغدنلىقىنى بىلدۈردى


لۇنىڭ كۇلۇبى نىمە ئويلايدىغاندۇ دەپ قالدىم يا ئۆزى ئىشلەتمەيدۇ ،يا باشقىلارغا سېتىپ بەرمەيدۇ ،ئورۇندۇق باققۇزۇپ تۈگەشتۈرۋىتەمدۇ نىمە؟






بىرازىليە كوماندىسىىڭ سابىق كاپىتانى ،ئىنتىر مىلەن كوماندىسىنىڭ ئارقا سىپىدىكى كۈچلۈك مۇداپىيەچى لۇسىيئو ئىنتىر بىلەن توختام بىكالىغاندىن كىيىن ئۆزنىڭ يەنە ئىتالىيە بىرلەشمىسدە قىلىپ توپ تەپكۈسى بارلىقىنى ئىيتقان ئىدى ،بۇ خەۋەر دەرھال يۇۋىنتىس كۇلۇبىنىڭ دىقىتىنى تارتتى ۋە ئۇلار ھەركەتكە كەلدى،لۇسىيئونىڭ ئۆزىمۇ قىرى خوتۇنلار بىلەن توپ تەپكۈسى بار ئىكەن،ئالدىنقى كۈنى قىرى خوتۇنلارنىڭ تور بىتىدە سالامەتلىك تەكشۈرۈشدىن ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى،كىلەر پەسىل لۇسىيئو تاغىل ئات بولىدىغان ئوخشايدۇ.






بۇ پەسىل دورتمۇنىد دىن مانچىستېرغا قىتىلغان ياپۇنيەلىك گاگاۋ 7-نومۇرنى كىيدۇ دىگندەك پاراڭلار بولغان ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆزى ئىنكار قىلىپ، مەن مانچىستېردا تېخى 7- نومۇرغا لايىق ئەمەس ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ئىسپاتلاي ئاندىن بىر نىمە دەرمىز دېگەندەك پاراڭلارنى قىلغان، تۈنۈگۈن مانچىستېر تەرەپ 7- نومۇرنى ۋالۇنسىيەنىڭ كىيىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، گاگاۋ بولسا 26-نومۇرنى كىيىدىكەن






نانى بىلەن مانچىستېر تەرەپ مائاش مەسىلسىدە بىرلىككە كىلەلمەي توختام ئۇزارتىش ئىشى كەينىگە سۆرىلىپ كەتتى توختام ئۇزارتىش ياكى ئۇزارتماسلىق مۇشۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ






ئارسىنال ۋانپىرس بىلەن توختام ئۇزارتىش سۆھبىتى مەغلۇپ بولدى، ۋانپىرىس توختام ئۇزارتمايدىغان بولدى، ھەم ئارسىنالدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. كىيىنكى بىكىتى تاغىل ئاتلىقلار ۋە ياكى مانچىستىر شەھەر كوماندىسى بولۇشى مومكىن






توتېىنخام كۇلۇبى تور بىتىدە بوئاسنى باش تېرنىرلىققا تەيىنلىگنلىكىنى ۋە توختام مۇددىتىنىڭ ئۈچ يىل بولىدىغانلىقى ئېلان قىلدى، كۇلۇپ ئۆزىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن بوئاسنىڭ قولىغا يازلىق بازاردا 50 مىليۇن تۇتقازغان، كىيىنكى پەسىلدە لوندۇن شەھىردە بوران چىقىدىغان بولدى






ۋالۇنسىيە كوماندىسىنىڭ سول تەرەپ مۇداپىيەچىسى، ئىسپانىيە كوماندسىدا بۇيىلقى ياۋورپا لوڭقىسىدا ئۆزنىڭ پەچەت ئىپادىسى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان بىك ئاربانى بىلەن بارىسلونا كوماندىسى 1200 تۈمەن ياۋرۇغا ئۆزىگە قوشىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى، توختام مۇددىتى بەش يىل، كىيىنكى پەسىل بارسلونا كوماندىسىدا كۆرىمىز.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 11:09:24

ئىپلاس لۇنىڭ مىرئەخمەتنى تەربىيىلەپ بەك يوغان ئىش قىپتىكەن، گۇينىڭ بالىلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن قانچە قېتىم بولدى قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالغىلى؟!



ماۋۇ تاشئالما يۆتكىلىش بازىرىدا بىرەر قول ئوقەت قىلمامدىكەن؟

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 11:15:01

ئارسىنال پۇتبولچىلارنى تەربىيلەش بازىسى بولۇپ قالغىلى تۇردىغۇ،ھەر يىلى مۇنەۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويىدىغان.ۋانپېرسىنى ھەقاچان بۇ ئاداشمۇ بىرەر يىل ئارسىنالدا شاش ئويناپ قويۇپ ئاندىن ئالدىنقى قاراردىكىلەردەك نەچچە ھەسسە ئارتۇق مائاش ئالالايدىغان كۇلۇبلارغا يۈگىرەپ كىتەرمىكىن دىسەم دىگىنىمدەك چىقىپتۇ.

RAUL113 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 11:19:19

كوررىيەگەمۇسابىقە ئوينىغىلى بارغاندا ، كورىيەدىكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئالدىغا مەخسىۇز ئابتۇبۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇسابىقە كورگىلى ئاپارغان خېڭدالىقلارنىڭ مىرئەخمەتكە ئەمەس ، شىنجاڭلىق مەستانىلەرگە كۆزى چۇشكەن گەپ ،

natonux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 12:40:27

لۇسىئوچاقنىڭ ئاۋۇ قىلىقى قەتئيى قاملاشماي قالدى جۇما،داڭلىق بىر كپىتان تۇرۇپمۇ مۇشۇنچىلىك يۈزسىزلىك قىلغان بارمۇ،كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ماۋۇ ئىشقا،يېڭىدىن چىققان «يۇدا» دىسەك بولىدۇ دە ئەمدى بۇ ئاداشنى



ئالبا ئاخىرى ئۆيىگە قايتتىدە بۇ،نانىنىڭ كېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى،بوئاس بىرلەشمىدە ئىش تېرىيدىغاندەكلا بىلىنىۋاتىدۇ ماڭا



لۇنىڭنىڭ مەقسىتى دەل مىرئەخمەتنى باستۇرۇۋېتىش،گوللاندىيە ئاجاكېسقا چىقىپ مەشىق قىلدۇرىدىغاندىمۇ لۇنىڭ تەرەپ مىرئەخمەت بىزنىڭ مۇھىم ئەزايىمىز،ئۇ بولمىسا چاتاق چىقىدۇ دەپ بارغۇزغۇلى ئۇنىمىغان،ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنلا 1-كوماندىغا چىققىنىنىڭ تايىنى يوق،ساپلا تەييارلىق كوماندىدا توپ تېپىۋاتىدۇ،ئەينى يىلى خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسنىڭ شۇنداق ئېلىپ قالغۇسى باتتى بۇ بالىنى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 12:42:51

بوئاسنىڭ تاكتىكىسى توتىنھامغا تازا ماس كېلىدۇ. مودىرىچنى ئۇزىتىپ قويغان بىلەن بېل بولسىلا توتىنھام ئېنگىلاندتا يەنە پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ. غەربى ھام قايتىپ كەلسە لوندوندىكى بەش قاراقچى تەييار بوپتۇ. ئايدا بىر لوندون دېربىيسى كۆرگۈدەكمىز ئەمىسە...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 15:56:25

ئالبا ئاخىرى ئۆيىگە قايتتى.سول تەرەپتىكى ئالۋىس كەن بۇ .ئالۋىس كەتمىسە ھەم ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرالىسا   ئوڭ ئالۋىس + سول ئالباچاڭ چىقىدىكەندە.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 16:11:30

6- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالبا ئاخىرى ئۆيىگە قايتتى.سول تەرەپتىكى ئالۋىس كەن بۇ .ئالۋىس كەتمىسە ھەم ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرالىسا   ئوڭ ئالۋىس + سول ئالباچاڭ چىقىدىكەندە.

سىلەرنىڭ تاغىل ئاتلىقلارمۇ ياخشىراق ئادەملەردىن ئالسا بولاتتى ،بۇ يىل ئۈچ سەپ بويىچە مۇسابىقە ئوينىغاندىكىن


ئىنتىر بىلەن مىلەن تازا كۆيىنۋاتىدىغۇتاغىل ئاتلىقلارغا


نىستانىمۇ ئالىدىغاننىڭ گىپى با تېخى

turikizat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 20:47:05

بۇيىل گۇل چاي تىرىغانلار بەك كوپكەنقانداق بۇلار

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 21:21:24

مادرىدتىن ساتىدىغان خېلى گۇيلار بار، پۇلى بار نوچىلا باھا قويسا بولىتى

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 22:02:20

7- قەۋەتتىكى malchi نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالبا ئاخىرى ئۆيىگە قايتتى. سول تەرەپتىكى ئالۋىس كەن بۇ . ئالۋىس كەتمىسە ھەم ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرالىسا ئوڭ ئالۋىس + سول ئالبا چاڭ چىقىدىكەندە.

سىلەرنىڭ تاغىل ئاتلىقلارمۇ ياخشىراق ئادەملەردىن ئالسا بولاتتى ،بۇ يىل ئۈچ سەپ بويىچە مۇسابىقە ئوينىغاندىكىن


ئىنتىر بىلەن مىلەن تازا كۆيىنۋاتىدىغۇتاغىل ئاتلىقلارغا


نىستانىمۇ ئالىدىغاننىڭ گىپى با تېخى




زىكو نى سىتىۋالسا ئىش پۈتەتتى.

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 22:10:50

لۇنىڭغا بەلكىم يۇقىردىن ئۇقتۇرۇش بولسا كىرەك،مىرئەخمەتجاننى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قىرىتىۋىتىڭلار دەپچۇ، 2010 يىلى شاڭخەيدە بىر تورخاندا تورغا چىقساق 5 مىنۇتتا ساقچى كەپتۇ،بىزنى تەكشۈرگىلى،يۇقىردىن شۇنداق ئۇقتۇرۇش بار ئىكەنتۇق، قەيەردە تۇرىۋاتىسىلەر دەيدۇ، بىز چەتئەللىكلەر جىق چۈشىدىغان مىخمانخانىغا چۈشكەن ئىدۇق، خەلق مەيداندا تۇرىۋاتىمىز دىسەك، قايسى مىخمانخانىدا دەيدۇ،بىز سۆزلەشنى ئۇققان بىلەن خىتىڭلارنى تونىمايمىز دەپ.ئىسمىنى ئۇقمايمىز دىدۇق،ھەم ناھايىتى خاپا بولغانلىقىمىزنى دىسەك ساقچى ئاداش ھەرگىز مەندىن كۆرمەڭلار،خاپا بولماڭلار،بۇيرۇق شۇنداق، دۇنيا يەرمەنكىسى بار ئەمەسمۇ دەپ خىلى ئۆزىرخالىق ئىيتقانتى.شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلارغا شۇ ئۇقتۇرۇش چۈشكەن چىغى بار

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 22:32:10

 否认给买提江(微博)标价千万



  新外援不见踪影,更悲催的是,泰山队又时不时面临被挖墙角的危险,网上有传言称,恒大(微博)看中了小将买提江,并且开出了500万的转会费,但是泰山队却要价1000万,在这个问题上,韩公政的态度非常坚决,“这纯粹是扯淡!我们不会漫天要价,而且在这件事上也没有和恒大进行过接触。”



  (记者孟祥祎 董宏磊)

مۇنداق دەيدۇغۇhttp://sports.sina.com.cn/j/2012-07-04/03296123556.shtml

ئىشلىرى ئوڭ بولسۇن !

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 22:43:53

11- قەۋەتتىكى paul912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لۇنىڭغا بەلكىم يۇقىردىن ئۇقتۇرۇش بولسا كىرەك،مىرئەخمەتجاننى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قىرىتىۋىتىڭلار دەپچۇ، 2010 يىلى شاڭخەيدە بىر تورخاندا تورغا چىقساق 5 مىنۇتتا ساقچى كەپتۇ،بىزنى تەكشۈرگىلى،يۇقىردىن شۇنداق ئۇقتۇرۇش بار ئىكەنتۇق، قەيەردە تۇرىۋاتىسىلەر دەيدۇ، بىز چەتئەللىكلەر جىق چۈشىدىغان مىخمانخانىغا چۈشكەن ئىدۇق، خەلق مەيداندا تۇرىۋاتىمىز دىسەك، قايسى مىخمانخانىدا دەيدۇ،بىز سۆزلەشنى ئۇققان بىلەن خىتىڭلارنى تونىمايمىز دەپ.ئىسمىنى ئۇقمايمىز دىدۇق،ھەم ناھايىتى خاپا بولغانلىقىمىزنى دىسەك ساقچى ئاداش ھەرگىز مەندىن كۆرمەڭلار،خاپا بولماڭلار،بۇيرۇق شۇنداق، دۇنيا يەرمەنكىسى بار ئەمەسمۇ دەپ خىلى ئۆزىرخالىق ئىيتقانتى.شىنجاڭلىق ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلارغا شۇ ئۇقتۇرۇش چۈشكەن چىغى بار

چاتاق يوق ! مەنمۇ 2008-يىلى 奥运期间危险疯子بولۇپ قالغان ! ئەمما بۇ ئىشنى پارتىيەم ھەم مەركىزى كومتېتبىلمەيدۇ ، ناۋادابىلىپ قالسا ، مېنى ئاشۇنداق دىگەنلەرنى<< ئىدىيىسى ئازات بولمىغان ، تەرەققىياتقا ھەم تىنىچلىققا ھەقىقى دەخىل قىلىۋاتقان لالمىلار >> دەپ تىللىۋېتىشى مۈمكىن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 22:53:10

بارى قانداق بولۇپ كەتتى راسىت؟

ياپۇنلۇق تېرىنىر بارغاندىن كىيىن بارى توغۇرلۇق پاراڭ ئاڭلىماسلا بولدۇق.ئىككىنچى كوماندىغا چۈشۈرۋەتمىگەندۇ؟

لۇنىڭدا يەنە بىر ئوغلىمىز بار ئۆتكۈر دەپ.20 گە كىرگىچە بۇ كوماندىدىن چىقىپ كەتسە بولاتتى ئىشقىلىپ

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 08:30:24

نېستا ئامېرىكا كەسپى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى مونتىرىئال زەربە كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن ئوخشايدۇ.

نېستا، كانناۋارودەك ئوتتۇرا بېكلار ھازىر بەكلا ئاز، مىلان تاس قالدى سېلۋانى سېتىۋەتكىلى.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 08:57:43


14- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارى قانداق بولۇپ كەتتى راسىت؟

ياپۇنلۇق تېرىنىر بارغاندىن كىيىن بارى توغۇرلۇق پاراڭ ئاڭلىماسلا بولدۇق.ئىككىنچى كوماندىغا چۈشۈرۋەتمىگەندۇ؟

لۇنىڭدا يەنە بىر ئوغلىمىز بار ئۆتكۈر دەپ.20 گە كىرگىچە بۇ كوماندىدىن چىقىپ كەتسە بولاتتى ئىشقىلىپ




بارى بار، ئويناۋاتىدۇ، شەۋكەت، ئىلھاملارمۇ ئويناۋاتىدۇ، ئىلھام يېقىندا پوتبول جەمئىيىتى لوڭقىسىدا توپ سالدى.


ئۆتكۈرنىمۇ ئۇنداق ئاسان قويىۋەتمەيدۇ بۇ سۇڭپىياز يەپ چوڭ بولغان شەندۇڭلۇق گۇيلار، بىر گەپ قىلسا «بىز پۇل چىقىرىپ تەربىيىلىگەن» دەپ تۇرىۋالار.


لېكىن بىر ئىشنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ، شەندۇڭلۇقلار ئۇيغۇر توپچىلارنى تەربىيىلەشكە خېلى بۇرۇنلار كىرىشىپتىكەن.




uqkun8738 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 22:18:14

مىرئەخمەتجاننىڭ شەندوڭ بىلەن تۈزگەن توختىمى بۇ يىل توشىدۇ.مەن ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ناھايىتى يىقىن دوس،توختام توشقاندىن كىيىن مىرئەخمەتجان شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىن ئىختىيارىي توپچى سۈپتىدە ئايرىلماقچى، بۇنى مىرئەخمەتجاننىڭ دادىسى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا دىگەن گەپ.

anwar119 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 23:05:58

بۇ خەقنى چۇشەنمەك تەس

derogba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-10 17:57:51

بولسا   ياۋروپاغىلا چىقىپ ئوينىسا بىزنىڭ باللا\"\"
بەت: [1]
: يۆتكىلىش بازىرىدىكى پاراڭلار(پۇتبول خەۋەرلىرى)