rohqin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 01:37:03

Windows 8 نى سىناش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

WindowsVISTAغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندا،دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجانلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى مەن 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جىن نىڭ خانىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە خەۋەر تاپقان ئىدىم، شۇ كۈنى كەچتە بۇ خۇشخەۋەرنى ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە ئېلان قىلدىم، ئارقىدىنلا Windows ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىغان مۆمىن ساقال دېگەن تورداشلارغا بىراقلا تونۇش بولۇپ كەتتى. بۇ سىستېمىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاپ، Uighur (ئۇيغۇر) دېگەن خەتنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، بىلىك مۇنبىرىدە Windows VISTA دىكى تەسىراتىمنى ئېلان قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن تورداشلارمۇ سىناش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، تۇنجى قوشۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنى Microsoft Uighur ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر يوللاندى. ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىر ھەرپلەرنىڭ كىچىك بولۇپ قېلىشى ئىدى، ئەمما، رەسمىي نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئۇچۇردىمۇ خاتالىقلار كۆرۈلدى.

Windows 7 نىڭ سىناش خىزمىتى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىلدى. دىيارىمىزدىكى تور بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلدى. ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچ، چېسلا فورماتى، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش، ئۈرۈمچى ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر دوكلات قىلىندى. لېكىن، يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى. ئەسلىدىكى خاتا كىرگۈزگۈچ شۇ پېتى ساقلاپ قېلىندى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە سىناشقا قاتناشقانلار 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى Windows 8 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىم تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىكى بازار ئىستىقبالىنى ئالاھىدە سورىدى. گەرچە مەن نەچچە كۈن بۇرۇن «Windows 8 نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟»-دەپ بىلوگىمدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ بىلوگدىكى تورداشلارنى دەۋەت قىلىپ باقساممۇ، ئەمما، ھېس قىلىشىمچە بۇ قىزغىنلىق ئىلگىرىكى Windows نىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلغاندەك، بىرەر يېرىم تال خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقتىن ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك بىلىندى. بۇ قېتىم يېڭىدىن قوشۇلغان «ئۇيغۇرچە ئېلېپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش» ئىقتىدارى، ھىجرىيە كالېندارىغا ئائىت بىرەر ئىنكاسنىمۇ كۆرمىدىم. بىز بايقىغان چېسلا فورماتى، ھىجرىيە كالېندارى، قۇلۇپ ئېكرانىدىكى خاتالىقلار دەرھال دوكلات قىلىندى. ھازىر خاتالىقلارنى تۈزىتىش باسقۇچىغا كىردى، ئۇزۇنغا قالماي Windows 8 RTM نەشرى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە زاكاز بەرگەن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارغا ئالدىن قاچىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يەنە پۇرسەت بار، ئىمكانىيەت بار. بۇ قېتىم سىناش دوكلاتىنى تاپشۇرۇش ئىلگىرىكى قېتىمغا پەقەت ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىناش ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، تەكلىپ-پىكىرلەرنى مەسئۇل خادىمغا بىۋاسىتە بېرەلەيمىز، ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايمىز ھەم تۈزىتىپ بېرەلەيمىز. ناۋادا، بىزمۇ ئالدىدىن نەچچە 10 مىڭ نۇسخا زاكاز بېرەلىسەك، مەخسۇس نۇسخىسىنى ياساپ بېرىشى ئېنىق. ئۆز پىكىرلىرىنى مۇشۇ يەردە قالدۇرسىمۇ، ھەر قايسى تور بېكەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. ئېكران كۆرۈنۈشى چوقۇم بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

مەنبە:ئالىم ئەھەت بلوگى

qasimbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 11:33:35

ئالىم ئەپەندىم، ئۆتكەندە پۇرسەت بار دەۋاتاتتى ئەمدى قوپۇپ «يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى» دەپتۇ.  

ماۋۇ كۆزنەك8 نىڭ ئىشى كاللىنى قوچىۋەتكىلى تۇردى ئەمدى.

يەنە بىر گەپ قانداق قىلساق ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىلى بولىدۇ؟ ئۇيغۇرچە قىلالمىغان ئەھۋالدا بۇنى سىنىغاننىڭ پايدىسى يوق.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 12:45:24

1- قەۋەتتىكى qasimbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىم ئەپەندىم، ئۆتكەندە پۇرسەت بار دەۋاتاتتى ئەمدى قوپۇپ «يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى» دەپتۇ.  

ماۋۇ كۆزنەك8 نىڭ ئىشى كاللىنى قوچىۋەتكىلى تۇردى ئەمدى.

يەنە بىر گەپ قانداق قىلساق ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىلى بولىدۇ؟ ئۇيغۇرچە قىلالمىغان ئەھۋالدا بۇنى سىنىغاننىڭ پايدىسى يوق.  

«مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. »

تىلىنى ھازىرچە ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىلى بولمايدۇ . رەسمىي نۇسخىسى بازارغا سېلىنغاندا ، ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ...

شارائىتى بارلار قاتنىشىپ سىناپ ، كۆرۇلگەن ئەھۋال ، بايقالغان كەمچىلىكلەر بولسا ، بىۋاستە ئالىم مۇئەللىمگە ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ .

مەنزىل ؛ ئالىم ئەخەت بىلوگى http://www.alimahat.com/

تىما ئادرىسى ؛ http://www.alimahat.com/?p=1611

Berdem يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 14:53:47

بۇ قىتىم Windows 8 نەشىرىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان microsoft uyghur  فونتىدىكى ھەربلەر بەك كېچىك چىقىۋىلىش مەسىلىسى تەل- تۈكۈس ھەل بولامدۇ يوق ؟ بۇ توغرۇلۇق ئىلگىركى نەشىرىدە ئورگان شىركەتكە خىلى كۆپ تەكلىپ - پىكىرلەر يوللانغان ئىدى، ئاقىۋەتتە ھىچقانداق ئۆزگەرتىش بولمىدى . بۇمۇ سىنىغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ، مىكرو سوفت ئۇيغۇلارنىڭ پىكىر- تەكلىبلىرىگە ئالاھىدە ئىتىبار قىلىپ كەتمەيدىكەن دىگەن تەسىراتنى بىرىپ قويدى . بۇمۇ بەلكىم سىنىغۇچىلارنىڭ Windows 8 نى سىناشتا بەك ئاكتىب بولۇپ كەتمەسلىگىنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كىرەك .

qasimbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 17:12:45

2- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى qasimbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالىم ئەپەندىم، ئۆتكەندە پۇرسەت بار دەۋاتاتتى ئەمدى قوپۇپ «يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى» دەپتۇ.  

ماۋۇ كۆزنەك8 نىڭ ئىشى كاللىنى قوچىۋەتكىلى تۇردى ئەمدى.

يەنە بىر گەپ قانداق قىلساق ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىلى بولىدۇ؟ ئۇيغۇرچە قىلالمىغان ئەھۋالدا بۇنى سىنىغاننىڭ پايدىسى يوق.  

«مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. »

تىلىنى ھازىرچە ئۇيغۇرچىغا تەڭشىگىلى بولمايدۇ . رەسمىي نۇسخىسى بازارغا سېلىنغاندا ، ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ...

شارائىتى بارلار قاتنىشىپ سىناپ ، كۆرۇلگەن ئەھۋال ، بايقالغان كەمچىلىكلەر بولسا ، بىۋاستە ئالىم مۇئەللىمگە ئىنكاس قىلساڭلار بولىدۇ .

مەنزىل ؛ ئالىم ئەخەت بىلوگى http://www.alimahat.com/

تىما ئادرىسى ؛ http://www.alimahat.com/?p=1611

يەنە شۇ گەپما؟ ئۆتكەندە سىناشقا تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ پىكرى قانچىلىك قوبۇل قىلىندى بۇ ھەقتە خەۋەر ئاڭلىمىدۇق.

كۆزنەك8 پۇللۇق سىستېما، ئۇنى ياسىغانلارمۇ تەرجىمە قىلغانلارمۇ پۇلغا قىلىدۇ.

ئاتالغۇ بېكىتىشتە، تەرجىمىنى ققانداق قىلىشتا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئالمىدى، مۇقۇملاشتۇرۇپ بولۇپ خەۋەرلا قىلىۋاتىدۇ.  بۇ خىل سىناشقا تەكلىپ قىلىشمۇ خەۋەرلەندۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولىۋاتىدۇ.

يەنىلا تارقىتىلغاندا سىناي.

ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 18:43:07

4- قەۋەتتىكى qasimbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەگەر ئۇنى تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندىم قاتارلىقلار بۇ سېستىمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلماي، ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى يېڭىلىسا ياكى مۇكەممەللەشتۈرسە، چوقۇم مىكروسوفىتقا سېستىما تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كۆپ پۇل تاپىدۇ،
يەنە تەييار خەنچىسى بار سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزىنىڭ  ئىشىنى ئۆلتۈرگەندىن، ھامىنى ئۆزىنىڭ خەنچىسىمۇ پېچچەت بولغاندىكىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈيمەن دېمەي، ئۆزىنىڭ سودىسى توغرۇلۇق ئويلاشسا، ئىزدەنسە ئۆزىنىڭمۇ سودىسى روناق تاپىدۇ، قانداق تەرجىمە قىلاي، ئاتالغۇنى قانداق ئالاي دەپ بېشى قاتمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك تېلۋۇزۇر كۆرەلەيدۇ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنالايدۇ... ئەمما تەرجىمە قىلسىچۇ؟ ئالىم مۇئەللىم قاتارلىقلار ئىقتىسادىي سەۋەب تۈپەيلى مىكروسوفىتقا تەرجىمان بولدىمۇ؟ ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇشتا سىزنىڭچە سىز ۋە باشقىلار بەرگەن پىكىرلەر پەقەتلا ئويلىشىلمىدىمۇ؟ ئۆتكەنكى كىشىلەرنىڭ پىكرىنىڭ قانچىلىك قوبۇل قىلىنغان قىلىنمىغىدىن ھازىرقى ئالدىمىزدىكى سېستىمىنى سىناپ مۇكەمەللەشتۈرۈش مۇھىم ئەمەسمۇ؟ قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۇنى مەھسۇلات تارقىتىشتىن بۇرۇن بىزگە ئاشكارىلاش ھوقۇقى بارمۇ؟ تارقىتىلغاندا سىناپ نېمە بولماقچى؟ ھازىر سىناپچۇ؟ تارقىتىلغاندا سىناش دېمەيمىز، ئىشلىتىش دەيمىز. ئىشقىلىپ، مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز كىشىنى سىناق قىلىش پايدىسى قوي دېگەن تەسىرنى بېرىپ قويىدىكەن. مېنىڭچە، قانداقلا بولمىسا سىناق قىلىپ، مەسىلىنى مەلۇم قىلساق، ئۆزىمىز كەلگۈسىدە ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتىمىزمۇ مۇكەممەل چىقىدۇ، ئالىم ئەھەت ئەپەندى قاتارلىق مېھنەتكەشلەرنىڭمۇ قوللىشىمىز سەۋەبىدىن ھاردۇقى بىر ئاز بولسىمۇ چىقىدۇ، مۇھىمى، مىكروسوفىت بىزگە باشقىچە قارايدىغان بولىدۇ. ئەگەر كىشى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن كارى بولمىسا، باشقىلارنىڭ ئەسلا كارى بولمايدۇ. شۇڭا، مېنىڭچە سىناققا ھەممەيلەن قاتناشساق، ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى ئانا تىل يېزىقىمىزنىڭ ئۆمۈرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشىغا، ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىنىڭ تېخىمۇ خۇشال، بېشىنىڭ تېخىمۇ تىك، غۇرۇرىنىڭ تېخىمۇ ئۆسىشىگە پايدىسى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز زېيىنى يوق، مىللەتكە ئەمەلىي ئىش قىلىش باشقا ھەرقانداق شەكىلدە ئىش قىلغاندىن پايدىلىق.

qasimbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 19:09:38

@dreamcatcher

كۆزنەك 8 رەسمىي تارقىتىلغا ئۇ چاغدا پۇلغا ئېلىپ ئىشلىتىمىز ، پۇلغا ئالغاندا ھەرقانداق گېپىمىز(مەسىلە) نى دېسەك بىزنىڭ ھەق بولىدۇ ھەم ئىگە تەرەپنىڭ ئاڭلىماي، جاۋاپ بەرمەي ھەددى ئەمەس.

ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان ئىش بولسا ئاۋال  ئۇبۇنتۇنى ئۇيغۇرچە قىلغانلارنىڭكىنى چىقىرايلى.

كۆزنەك8 نى قىلغانلارنىڭ ھاردۇقىنى نەتىجىنى كۆرۈپ ئەلبەتتە چىقىرىمىز.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 19:15:58

گەپنى ئالىم ئەخەت مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە دەڭلار ، بۇ يەرگە كىرەمدۇ يوق ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ ...

ما يەرگە دەڭلار : http://www.alimahat.com/?p=1611

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 19:29:42

قانداق نۇقتىلاردىن سىنايمىز؟

زاكاسنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ئېلان قىلىنىشى كېرەك، شىركەت، شەخىس سۇپىتى بىلەن. بىرەر چوڭ شىركەت ئالدىن مەلۇم ماركىدا زاكاسقا مەبلەغ قىلسا، بىز ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ھەزىم قىلىپ بېرىمىز، ھەزىم قىلىپ كېتەلەيمىز.

كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە: ئۆز ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى قوللىغانلىقىمىزنى دەلىللەش، ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئورنىنى قوغداش ۋە جانلاندۇرۇشتا، يېقىن كەلگۈسىدە سېتىۋېلىشقا تەۋسىيە قىلىدىغان ئۈچ مەھسۇلات تۈۋەندىكىچە:

Windows 8 قاچىلانغان كومپيۇتېر، خاتىرە كومپيۇتېر؛

Windows 8 تاختا كومپيۇتېرى SureFace؛

Windows Phone 8 تېلېفۇنى.

Windows 8 كومپيۇتېرى ۋە تاختا كومپيۇتېرىغا، ئۆزىگە خاس نەشرى ئىشلىتىلگەندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى،  Windows Phone 8 نىڭ نىگىزى  Windows 8 سىستېمىسى بىلەن ئوپ- ئوخشاش بولۇپ،   Windows Phone 8 ئېكران ئېنىقلىقى،تىزىم ئۆلچىمىدە   Windows Phone 7 دىكى بىرلا خىل ئۆلچەمدىن ئۆسۈپ، ئۈچ خىل ئېكران زىچلىقى ۋە ئۈچ خىل چوڭلۇقتىكى تىزىم (چاپلاق) ئىشلەتكەن، ئاچقۇچىلار   Windows 8 گە ئىشلىگەن ئەپنىڭ كودىغا ئازراق ئۆزگىرىش كىرگۈزسىلا،   Windows Phone 8 دىمۇ نورمال ئىجرا بولىۋېرىدۇ، بۇ سەۋەپتىن كەلگۈسىدە MarketPlace تا ئەپلەرنىڭ سانى خېلىلا ئاۋۇپ قالىدۇ. ( ئۇيغۇر ئاچقۇچىلارنىڭ بالدۇرراق بۇنداق ئۇنىۋېرسال ئەپلەرگىمۇ تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.)

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 21:20:23

مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ۋىندوۋس 8 نى سىناق قىلىش ئىشىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن تۈزگەن سىناق پىلانىنى ئېلان قىلدىم. چۈشۈرۈپ كۆرۈپ، سىناققا قاتنىشىشىڭلارنى سورايمەن.http://d.1tpan.com/tp0919769125

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-7-6 12:52:09

ئانا تىلىمىز مەكتەپلەردىن، ئورگانلاردىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقان، غېرىپسىنىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە راۋاجى ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك. شارائىتى بارلار سەل قارىماسلىقى كېرەك. باھانىنىڭ كېرىكى يوق.
بەت: [1]
: Windows 8 نى سىناش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى