راس تىللا سېتىلىدۇ
سالام ئىزدىنىش ئەھلى! دوستۇمنىڭ ساقلاپ قويغان ئۈچ دانە تىللاسى باركەن. مەنمۇ بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. تىللاچىلار كۈرۈپ باھا قويۇپتىدەك، ئاز كۆرۈپ ساتماپتۇ. قارسام چار پادىشاھ رەسىمى تۇرىدۇ. ئىزدىنىش دانالار جۇغلانغان مۇنبەر، سىلەرنى بىلىدىغىنڭلارنى تۆكۈپ مەسلھەت بېرەمدىكىن دەپ تېما يوللىشىم، ھەم قانداق ئورۇندا ياخشى باھادا ساتقىلى بولار . بىلدىغىنىڭلارنى بىر ئېيتىپ بەرسەڭلار.
يوغانراق رىسىمىنى بىي يوللىماپلا ، بىزمۇ قاياپياق بىي نىمى دەدۇك رەسىم بەك كىچىك چىقىپ قاپتۇ، پىتتەكلا... {:90:} ۋاي نىمدا كىچىك تىللا بۇ نەچچە پۇلغا يارابۇ .. {:90:}
رەسىم كىچىك ئەمەسكەن. تېما يازغاندا قىسىۋېتىپتۇ
نىكولاينىڭ تىللاسىكەندە؟ زىلتار ،يۈەنشىكەينىڭكىنى سېتىپ توي قىلغىلىۋاتىدۇ. سىز بۇنى سېتىپ بانكا قۇرسىڭىز بولغۇدەك. مەن يۈز يىل سورىغان بولسام مېنىڭ بېشىم يەنە يۈز يىل سورايدۇ دەپتىكەن بۇ كىشى.
ئەينى زاماندا چار پادىشاھنىڭ تىللالىرىنى كۈرەكلەپ ئۇسسۇپتىكەن دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان.
7- قەۋەتتىكى Saralikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن يۈز يىل سورىغان بولسام مېنىڭ بېشىم يەنە يۈز يىل سورايدۇ دەپتىكەن بۇ كىشى.
ئەينى زاماندا چار پادىشاھنىڭ تىللالىرىنى كۈرەكلەپ ئۇسسۇپتىكەن دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىغان.
شۇ كۈرەكللەپ ئۇسسىغانلارئېغىلغا كۆمۈلدى، تىللالىرى دېڭىزدا سەيلە قىلدى. نىكولاي تىللاسىنىڭ1935-يىلى لوندون ئالتۇن بازىردىكى باھاسى:بىر دانىسى12فوند سىتىرلىڭ، 10سوملۇق تىللارنى ‹3070›يۇۋەن 15سوملۇقىنى ‹7700›يۇۋەن دانىسىنى ئاپامدا بىرسى بار، 5 سوملۇق نىكولاي تىللاسى، لېكىن ئۈزۈك ياسىتىپ قويۇپتىكەن، يەنى بىر يۈزىگە ئالتۇن سىم پاياتلاپ، ئۈزۈك قىلىنغان. قىممىتى بارمۇ؟
9- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىكولاي تىللاسىنىڭ1935-يىلى لوندون ئالتۇن بازىردىكى باھاسى:بىر دانىسى12فوند سىتىرلىڭ،
يامان بەك چاقچاقچى كەنسىز بولسا ھازىرقى باھاسى لازىمتى
10- قەۋەتتىكى xjksنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10سوملۇق تىللارنى ‹3070›يۇۋەن 15سوملۇقىنى ‹7700›يۇۋەن دانىسىنى
ھەر بىرنى 1.5تۈمەندىن ساتماپتىكەن، ئاچكۆزلۈك قىلىپ.
14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىشنىڭ ئاسان ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بىردىغانلار بارمۇ؟ بىرەر 100مىڭ يۈەن كىتىدۇ دىگىنى راستمۇ؟
ئالدى بىلەن ئاشخانا ياكى تورتخانا ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئېلىڭ،شۇنىڭدىن كېڭەيتسىڭىز بولۇۋەرمەمدۇ،ئۇنىڭغا يۈز مىڭ سوم خەجلەپ يۈرمەيسىزغۇ.
ئۈرۈمچى قىزىلتاغ ماركا بازىرىدىكىلەر بىلىدۇ،شۇيەرگە بېرىپ بېقىڭ،
بولمىسا ئۈرۈمچى خەلىقارا چوڭ بازارنىڭ ئىچىدە ئاسارە-ئەتىقە سودىسى قىلىدىغانلار بار،شۇيەردە بىر ئۇيغۇر بوۋاي بولىدىغان،مەخسۇس كونا پۇل تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
قەشقەرھېيىتكاھنىڭ يانتەرىپىدىكى نوربېشى كوچىسىدا شۇنداق ئاسارە-ئەتىقە تىجارىتى قىلىدىغانلار بار،
غۇلجىنىڭ پوچتا ئىدارىسى يېنىدىكى بىنادا ئاسارە-ئەتىقە تىجارىتى قىلىدىغان دۇكانلارغا بېرىپ بېقىڭ.
شىئەندە مەخسۇس كونا پۇل تىجارىتى قىلىدىغان 金泉钱币公司دەپ بىر شىركەت بار،پويېزىد سىتانىسىيىسىگە يېقىن يەردە،شۇلار بىلىدۇ.
بېيجىڭدا 潘家园دەپ بىر ئاسارە-ئەتىقە ساتىدىغان بازار بار،ھەممە ئەسكى-تۈسكىلەر تېپىلىدۇ،ئاساسەن چەتئەللىك يىغىپ ساقلىغۇچىلار شۇيەردىن ئاسارە -ئەتىقە سېتىۋالىدۇ،شۇيەرگە ئاپىرىپ باقسىڭىز بولىدۇ،
بۇ كەسىپنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلار سىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن.
سىزنىڭ ھازىر قەيەردە تۇرىدىغانلىغىڭىز(قايسى يۇرتتا ئىكەنلىگىڭىزنى)بىلمىگەچكە سىزگە يېقىنراق جايدا بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،دەپ بىرمۇنچە جايلارنى كۆرسەتتىم.
ئۇ پۇل چاررۇسىيىنىڭ ۋە1911-يىلىدىكى -1897يىلىدىكى تىللاسىكەن،سېتىۋېلىش باھاسى راستلا يوقۇرى،ساقلاش قىممىتى بار.
كۆرسەتكەن سۈرەتلىرىڭىزدىن نەق شۇ نىكولاينىڭ تىللاسىكەن . 5 سوملۇق تىللانىڭ ھازىرقى بازار باھاسى شەخسىيلارگە ساتسىڭىز 2500 يۈئەن ئەتراپىد(ئىشلەنگىنى) ، ئەمما زەگالار 2000 دىن ئالىدۇ . 10 سوملۇق تىللا 2900 - 3000 ئەتراپىدا . ھازىر سەخسلارنىڭ قولىدا بار تىللارنىڭ ئىچىدە 15 سوملۇق تىللا كۆپ ئەمەس ، تارازا بويىچە ساتسا كۆپ پۇلغا ياراپ كەتمەيدۇ ، ئەمما ساقلاش قىممىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خېلى كۆپ پۇلغا يارىشى مۈمكىن . ئەڭ ياخشىسى پۇلغا بەك ئېھتىياجىڭىز بولمىسا ساتماي تۇرۇڭ ، چۈنكى تىللانىڭ ئۆسۈپ چۈشىشى ئالتۇنغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ ، ئالتۇن تۆۋەنلىگەندىمۇ تىللا تۆۋەنلىمىدى ياكى ئاساسەن تۆۋەنلىمىدى . مۇشۇنداق ئوقۇشسىڭىز مەخسۇس تىللا ئېلىپ ساقلايدىغانلارغا ساتسىڭىز زەگاغا ساتقانغا قارىغاندا خېلى كۆپ پايدا ئالىسىز . چۇنكى 5 سوملۇق تىللانىڭ ئۆزىدىلا زەگانىڭ سېتىشى بىلەن ئېلىشىدا 500 يۈئەندەك پەرق بار . بىزدەكلەر قەغەز پۇل تاپالمايۋاتقاندا سىز تىللا ساتىمەن دەپ يۇرۇپسىزبۇنىڭغا مەن بىرنىمە دىيەلمىگۈدەكمەن.
ئۇنى ئەرزان ساتقۇچە ساقلاپ قويسا قىممىتى ئىشىشى مۇمكىن.
14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماڭا يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىشنىڭ ئاسان ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بىردىغانلار بارمۇ؟ بىرەر 100مىڭ يۈەن كىتىدۇ دىگىنى راستمۇ؟
قۇرۇق گەپ
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزىڭىزگە يارىغۇدەك تەييار قىلىپ ،يازما ماتېرىيالنىمۇ تولۇق تەييار قىلسىڭىزلا بېجىرگىلى بولىدۇ ئۇ كېنىشكىنى .
بىزنىڭ ئادەملەرگە ئەڭ تەس كۆرۈنىدىغىنى يازما ماتېرىيال تەييارلاش .
بەت:
[1]