lady_Efrah يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 14:11:11

كىچىككىنە دەسمايىمۇ بايلىق يارىتالايدۇ

بىر نەچچىە يىل ئىلگىرى مائاشى تۆۋەن جاپالىق خىزمەتتىن بەكلا زېرىكتىم ، شۇڭا خزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىۋېتىپ ، سومكا تىجارىتى  بىلەن مەشغول بۇلىدىغان ئالقانچىلىك دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋالدىم . بىر كۈنى ئىر ئايال خېرىدار سومكا كۈتۈرۋېتىپ يېنىدىكى ھەمراھىغا سومكىغا خەجلەيدىغان پۇلنىڭ كۆپىيىپ كەتكىنىدىن ، 400-500يۈەنگىچە سېتىۋالغان سومكىنىڭ ئىشىلتىش مەۋسۈمى ئۈچ تۆت ئايلا بولغاچقا ، مودىدىن قالغان نۇرغۇن سومكىسىنى يىغۇشتۇرۇدىغان يەر تاپالمايۋاتقىنىدىن زارلىنۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. دېمىسىمۇ بۇ ھەقىقەتەن چوڭ ئىسراپچىلىق  ئىدى . تۇرۇپلا خيالىمغا مۇنداق ئوي كەچتى : داڭلىق ماركىلىق سومكا خۇددى خۇددى سۈلەتلىك كىيىمدەك ئادەمگە ئالاھىدە ھۆسىن ۋە سالاپەت بېغىشلايدىغان نەرسە، مەن نىمىشقا بازار ئېھتىياجىدىكى بۇ كىچىككىنە دېتالدىن پايدىنلىپ ، سومكا ئىجارىگە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ بوش بازاغا يۈرۈش قىلمايمەن .

  ئىككىمىزنىڭ ئارسىدىكى سودا سۆھپىتى باشلاندى ، مەن ئۇنى توۋلاپ توختىتىپ دېدىم :كۈندىلىك ئىجارە ھەققى بەش يەن ، قەرەلى بىر ئاي بۇلۇش شەرتى بىلەن سىزگە ھەر قانداق بىر سومكىنى ئىجارىگە بېرىشنى خالايمەن ، سىز پەقەت 300يۈەن رەنە پۇلى تۆلىسىڭىزلا كۇپايە . ئەگەر 30 كۈن تۇلۇق ئىشلەتمەي سومكىنى قايتۇرسىڭىز ، ئىشلەتمىگەن كۈننىڭ ئىجارە پۇلىنى رەنە قويغان پۇلىڭىز بىلەن بىللە قايتۇرىمەن ، سىزچە بۇلامدۇ ؟

ئۇ ئايال مېنىڭ تەكلىپىمگە قىلچە ئويلانمايلا ، خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى ، ھەتتا بۇ خىل مۇلازىمەت تۈرىنى دوستلىرىغا تۇنۇشتۇرىدىغانلقىنى ئېيتتى . شۇنداق قىلىپ سودا يولۇم بىراقلا ئېچىلىپ كەتتى . ئەمما كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشى بىلەن مەسىلىمۇ كىلىپ چىقتى ، ئىشىلتىش داۋامىدا بۇزۇلۇپ كەتكەن سومكىنى قانداق قىلماق كېرەك ؟

   <<خېرىدار دېمەك ئەۋلىيا دېمەك >> دېگەن پىرىنسىپ بويىچە مەن خېرىدارلارغا <<سىرتما بۇزۇلۇپ كېتىش دېگەندەك ئاسان پەيدا بۇلىدىغان ئۇششاق مەسىللەرگە خېرىدار جاۋاپكار بولمىسىمۇ بۇلىدۇ ، لېكىن تىلىنىپ كېتىشتەك بۇزۇلۇش كۆرۈلسە ، خېرىدار تەننەرخ باھاسى بويىچە تۆلىسىلا بۇلىدۇ >>دەپ ۋەدە بەردىم . ئەمەليەتتە بۇنداق ئەھۋالار كۆپ كۆرۈلمەيتتى . سومكا بىر ئاي ئىشىلتىلگەندىن كېيىن ، مەن ئۇنىڭ ئۇپراش ئەھۋالىغا ئاساسەن باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتتىم .

  يېرىم يىلدىن كېيىن مەن بۇ سودامنىڭ نەتىجىسىنى خولاسىلىدىم :ھازىرغىچە ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ئايدا 100 سومكا ئىجارىگە بېرىلىپتۇ ، ھەر بىر سومكىنىڭ كۈنلۈك ئىجارىسى بەش يۈەن ، بىر ئايلىق ئىجارە ۋاقتى 30 كۈن دەپ ھېساپلىسام ، پەقەت ئىجارىدىنلا بۇ سومكىلار ماڭا 15 مىڭ يۈەنكىرىم قىلپتۇ . بۇ 100 سومكىنى بىر ئايدىن كېيىن ئەسلى تەننەرخ باھاسى بويىچە سېتىۋىدىم ، پايدا بولمىغانلىرىمۇ ئاساسەن كىرگۈزۈلگەن باھادا سېتىلىپ دەسمايەم قايتىپ كەپتۇ . دۇكىنمنىڭ ئىجارىسى بىلەن ئادەم كۈچى چىقىمى 7000يۈەن ئەتىراپىدا بوپتۇ . بۇ ھال مېنى سودامنى تېخىمۇ كىڭەيتىشىمگە تۈرتكە بولدى .

   



مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېرىتى

vivlviv يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 15:48:38

ۋۇي ،بۇ ماقالىدىكى ئادەم ئۈرۈمچىدىمۇ ياكى باشقا يەردە ؟

  ئشىقىلىپ تەسەۋۋۇرى بار ئېكەن .

uzakam يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 16:12:28

بىرمو يەردىن 5 توننا پاختا ئېلىندى دىگەندەك گېزىت خەۋەرى دەڭلا...  {:90:}

lady_Efrah يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 17:49:42

@yollugh بۇنداق ئەھۋالنى يوق دىگىلى بولمايدۇ .چۈنكى بىر مو يەردىن 50توننا پاختا .ئالىدىغان ئىشلامۇ بارغۇ . مەسلەن زايوم ئويناپ ئەمما مەن بۇ سودىنى تەشەببۇس قىلمايمەن . بۇ پەقەت بىر مىسال   نۇرغۇن كىچىك دەسمايە بىلەن ئىش باشلىغىلى بۇلىدۇ . پەقەت شۇ سودىغا نىسپەتەن سەۋرىچانلىق ۋە مۇكەممەل تۇنۇش بۇلۇش   مۇھىمى تالانت بولسا تىخىمۇ ياخشى.

alturan1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 18:40:32

ماۋۇ قىزبالا راستلا دىتى بار قىزكەن جۇمۇ...  يارايسىز... نۇرغۇن ئەركەكلىرىمىزنىڭ شۇنچىلىك ئىشقا دىتى يوق يوغان ئشلارنى قىلالماي يۈرمەكتىمىزغۇ! دېتىڭىزغا قايىلمەن!

lady_Efrah يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 19:11:25

@alturan1

نۇرغۇن ئوغلانلىرىمىز بار تاغنى تالغان باغنى بوستان قىلىۋاتقان.كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. دىمەكچى مەن . بىرتەرەپلىمە سۆزلەشتىن ساقلىنايلى!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 20:29:44

باشلىقىمنىڭ قوشنىسىنىڭ ئوغلى ئىچكىرىدىكى مەكتەپتە قايناقسۇ سېتىپ ئايلىق چىقىمىنى قامدايدىكەن. ئاڭلىسام بۇ بالا چايداندىن 10 نەچچىنى ئېلىپ ھەممىسىگە چاي ئەكىرۋالىدىكەن ئاندىن چاي لازىم بولغانلارغا بىر چايدان چاينى 5 مودىن ساتىدىكەن. يەنە  باتارىيە، تەييار چۆپ، پايپاق، قەلەم، تېلىفۇن كارتىسى دىگەندەك ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنىمۇ ئەكىرىپ ياتىقىدىلا بىر دۇكان ئېچىۋالغان گەپ. ئايلىق چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ كېتىدىكەن.

lady_Efrah يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 21:24:46

6- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشلىقىمنىڭ قوشنىسىنىڭ ئوغلى ئىچكىرىدىكى مەكتەپتە قايناقسۇ سېتىپ ئايلىق چىقىمىنى قامدايدىكەن. ئاڭلىسام بۇ بالا چايداندىن 10 نەچچىنى ئېلىپ ھەممىسىگە چاي ئەكىرۋالىدىكەن ئاندىن چاي لازىم بولغانلارغا بىر چايدان چاينى 5 مودىن ساتىدىكەن. يەنە باتارىيە، تەييار چۆپ، پايپاق، قەلەم، تېلىفۇن كارتىسى دىگەندەك ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنىمۇ ئەكىرىپ ياتىقىدىلا بىر دۇكان ئېچىۋالغان گەپ. ئايلىق چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ كېتىدىكەن.

ناھايىتى  ئاتا-ئانىغا كۆيىنىدىغان بالىكەن يەنە بىر ھىساپتا ئىقتىسادى ئاڭ بار بالا دىسەك بولغىدەك

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 11:52:08

قىزچاق تىجارەتكە راستىنلا ئېپىڭىز باركەن جۇمۇ .ئادەم ئويلاپ باقمىغان يېڭىچە بىر خىل تىجارەت ئۇسۇلىنى ئويلاپ تېپىپسىز ، ئىقتىسادى ئۈنۈمىمۇ ياخشى بوپتۇ ، ئاپرىن سىزگە \"\" ، تىجارىتىڭىز كۈندىن-كۈنگە روناق تاپسۇن .  {:92:}

lady_Efrah يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 20:57:35

8- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزچاق تىجارەتكە راستىنلا ئېپىڭىز باركەن جۇمۇ .ئادەم ئويلاپ باقمىغان يېڭىچە بىر خىل تىجارەت ئۇسۇلىنى ئويلاپ تېپىپسىز ، ئىقتىسادى ئۈنۈمىمۇ ياخشى بوپتۇ ، ئاپرىن سىزگە \"\" ، تىجارىتىڭىز كۈندىن-كۈنگە روناق تاپسۇن . \"\"



مىنىڭچە سىز تىخىمۇ ياخشى قىلالايسىز . قىنى سىناپ كۆرۇڭ
بەت: [1]
: كىچىككىنە دەسمايىمۇ بايلىق يارىتالايدۇ