calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 12:27:48

ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قەرز ئىلىش توغرىسىدا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى ئىزدىنىش!


كەمىنە پىقىرنىڭ ئۇزۇندىن بىرى مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم باتى،لىكىن ھازىرغىچە مۇۋاپىق بىر تۈر تاپالمىغان،ياكى جۈرئەت قىلالماي كەلگەن،ياكى رەسمىيەت بىجىرىش تەرتىپلىرى بىزار قىلىش سەۋەبلىك بۇ ئارزۇيۇمغا يىتەلمەي كەلگەنتىم،مىنىڭ بىراقلا باي بوپكەتسەم،ماشىنام بولسا،......ئىشقىلىپ ...قالتىس بوپكەتسەم دەيدىغان خىيالىم يوق.ھازىر پەقەتلا ئارزۇ قىلىدىغىنىم ئاز تاپساممۇ ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىغا ئۆزۈم ئىگە بولۇپ ياشىسام دەيمەن.    مانا بۈگۈن قەتئىي نىيەتكىمۇ كەلدىم،تۈر مۇ بار بولدى،پىلانمۇ جايىدا.نىشانمۇ ئىنىق،ئىشقىلىپ بارلىق تەييارلىق پۈتۈپلا قالدى.لىكىن مەبلەغ يىتىشمەيۋاتىدۇ،بەزى تونۇشلىرىم بانكىدىن ئىگىلىك تىكلەش قەرزى ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىشتى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىكار يۈرگەن بىرچاغلاردا ھىلىقى ئىشسىزلىق كىنىشكىسى دىگەن نىمىنى بىجىرىپ قويۇپتىكەنمەن،ئاڭلىسام شۇ كىنىشكىغا قەرز ئالغىلى بولىمىش.


ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، كۆپچىلىكتىن سورايدىغىنىم، راستىنلا مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟سىناپ باققانلار بامۇ؟قانداق ئالىمىز؟نىمە- نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ تەرتىپى قانداق؟(ئەسكەرتىش؛مىنىڭ بۇرۇتۇم بار).دوستلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرى بولسا ئورتاقلاشساق .

uzakam يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 12:58:26

راس، 30 مىڭغا نىمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ، بىرقىزبالا.. \"\"

چاقچاق ئىنكاس يېزىشماڭلار ، بولمىسا قۇلۇقۇڭلارنى كىسىۋىتېمەن!  {:90:}

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 13:30:29

رەنە قويىدىغان نەرسە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، شەخىسلەرگە بېرىدىغان قەرىز سوممىسى ئەسلىدىنلا يۇقىرى ئەمەس . يەنە كىلىپ مۇشۇ يىل ئىچىدە  بانكا قەرىز بىرىش شەرتىنى يۇقىرلىتىپ ، بەرمەيدىغان قازاننى ئاسىدىغانغا تۇرۋالدى . ئوتتۇردىكى بۇ ئىشنى ھەل قىلالايدىغانلارمۇ يۇقىرى ھەق دەپ تۇرۋالىدۇ .

يەنە بىر خىل ئامال بار ، يەنە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن  يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقمايدۇ . مەسلىھەت بىلەن بىرلىشىپ قىلغان ئىشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى . شۇڭا ئوخشاش نىشاندىكى ئادەمدىن بىر- ئىككىنى تېپىپ ، بىرلىشىپ بازاردىكى خەۋىپ -خەتەرنى ئۈستۈڭلارغا تەڭ يۈكلەپ ، نىشانغا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە چامدىساڭلار مىنىڭچە ھەم مەبلەغنى جەملىگىلى ھەم ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

مەنمۇ ئەينى چاغدا سىزدەك ئويلىغان ، مەبلەغنىمۇ تاپقان ، لىكىن بىللە كۈچ چىقىردىغان ئادەم كەم بولۇپ قالدى . خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن ئادەم كۆپ بولغان بىلەن ، ئۈنۈم يارىتىپ ھەق ئالىدىغان ئادەم تاپماق سەل تەسكەن . مىنڭچە بولسا چوڭ بولامدۇ ، كىچىك بولامدۇ بىر ئىش قىلىپ باققان ئادەم ، ئۇلۇغۋار غايىلىك ، ئاغزىدىن پىلانلا تۆكۈلدىغانلارغا قارغاندا ھەمكارلىششقا مۇۋاپىق نامىزات بولالايدۇ .

سىزگە يەنە بىر قېتىم قىلىدىغان نەسھەتىم ، چوقۇم بىرىنچى قەدەمنى پۇختا بېسىڭ ، پۇل بىلەن چىدامچانلىقنىڭ بىرسى كېمىپ قالسا ، كىيىن كۆزىڭىز قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بازار بەك رەھىمسىز ، ھەرگىز بىر قېتمدىلا مەبلەغ چىقىپ كىتىدىغان ئىشنى قىلماڭ . بولۇپمۇ ئورۇن تاللىغاندا قىممەت جاينى تاللىماڭ . ئەگەر يەنە مەسلىھەت سورايدىغان ئىش بولسا 287769168 دىگەن چ چ بىلەن ئالاقىلىشارسىز .

yoltap يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 15:24:11

ئازىراق قەرىز ئالىمەن دېسىڭىز بۇ نىيىتىڭىزدىن يېنىڭ. شۇ قەرىزنى ئېلىپ بولغىچە يەنە شۇنچىلىك پۇلنى خەجلەپ بولغاننىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىز ئىسراپ بولىدۇ. كۆپرەك قەرز ئالىمەن دېسىڭىز بايىراق تونۇش بىلىشلىرىڭىز بولىشى ۋە سىزگە ئىشىنى كېرەك. ئۇندىن باشقا بۇ قەرىزنى ئېلىش ئۈچۈن مارافونچە يۈگۈرمىسىڭىز بولمايدۇ.

قىسقىسى ھۆكىمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان ئىشنى مەۋجۈد ئەمەس دەپ تۇرۇپ قىلىڭ. خام چوتىڭىز ئۇنى پۇلنى ھەرگىز كىرگۈزۈۋالماڭ.  ئىشلىرىڭىزنى قىلغاچ ئۇرۇنۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ھەل قىلالىسىڭىز ئۇمۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز.

ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 15:30:19

بۇ ھەقتە ئىگىلىك تورىدىكى  ئۆمەرجاندىن مەسلىھەت سوراپ بېقىڭ! شۇ بىلىشى مۇمكىن.

شۇ تور بېكەتتىمۇ قەرز ئېلىش توغرىسىدىكى خېلى كۆپ ماقالىلەرنى كۆرگەندەك قىلغانىدىم.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 15:36:20

تىجارەت بۇ بىر ئۇلۇغ كەسىپ. ئەمما كىتاپتىكى بىلىمگىلا تايىنىپلا بۇ ساھەگە قەدەم بىسىش زور تەۋەككۇل چىلىق ،سىزدە چوقۇم ئەمىلى جەمىيەت بىلىمى ۋە تەجىربىسى بولىشى كىرەك. نىمە ئۈچۈن ئىدارىلەردىن شىتات سىتىپ تىجارەت دېڭىزىغا سەكرىگەنلەرنىڭ 80% مەغلۇپ بولدى سەۋەبى ئۇلاردا جەمىيەت بىلىمى كەم ھەتتا ساۋاتسىز (جەمىيەت بىلىمىدە)......نىيىتىڭىزگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن،قەرىز ئىلىشقا بەكرەك قىززىقماي ئەمىلىيتىڭىز ئاساسىدا كىچىك ئىشلاردىن بولسىمۇ باشلىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .زەمبىلنىلا تەڭ كۆتۈرۈشكە بولىدۇ قالغان ئىشلارنى تەڭ قىلىشقا بولمايدۇ -دەيدۇ تەجىربىلىك ئاتىلار

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 15:50:39

پۇل پاخاللىشىدىغان چىراي قەرز ئالىدىغانلار جىق ئېلىڭلار !



بىزنىڭ ناھىيدىكى بەزى خەن تۇغقانلار بانكىدىن قەرز ئېلىپ كۇزدە پايدىنى ئەپ بۇلۇپلا قەرزنىمۇ قايتاماي غىتلا قاچقانىكەن . بۇ ئىش بەك جىق يۇز بىرىپتىمىش ...........

natonux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:06:05

قەرز ئېلىش ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش  \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:41:52

ئىگىلىك تىكلەشتە مەبلەغدىنمۇ مۇھىمى نىشان. نىشاننى توغرا تاللاش مۇھىم دەپ قارايمەن.


ئۆزۈم ھېس قىلغان پۇل تېپىش- مەبلەغ سېلىش يوللىرى نى توپلاپ ماڭغانتىم كۆرۈپ بېقىڭ.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 17:16:26


2- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەنە قويىدىغان نەرسە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا


كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-كۆرسەتمىلىرىگە كۆپ رەھمەت!مەن ھەقىقەتەن ئىللىقلىق ھىس قىلدىم،


terjimeسىزنىڭ پىكىرىڭىز بەكمۇ ئورۇنلۇق،سىزنىڭ بىشىڭىزدىن  ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلار سىزنى مول تەجرىبىگە ئىگە قىلىشى چوقۇم،تورداشلار ئىيتقاندەك بىر ئىشلارنى قىپباققان ئادەم باشقىچە بولىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە سىزنى ئىزدەيمەن،ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.


terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:15:14

ئىككى يىل كەسپىي تەرجىمانلىق ئورنى ئېچىش داۋامىدا ئىگىلىك تىكلەش مەسلىللىرىگە كۆپ يۇلۇقتۇم ، ھەر خىل ساھەدىكى ئادەملەر بىلەن تونۇشتۇم . ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكى توغرسىدا جىق ئويلاندىم . سىرىتقى شارائىت پايدىسىز ئەھۋالدا قانداق قىلىپ مەۋجۇتلىقنى ساقلاش مەسىلىسى بەك كاللامنى قاتۇردى .

يوليار ئېيتقان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە تور ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغان تۈرنى مەن نەچچە يىل بۇرۇن ئويلاشقان ، ھەم terjime.cn ،  tarjima.cn دىگەن ئىككى ئىسىمنى ئالغان . تەرجىمە تور سۇپىسى قىلىپ ، توردا پۇل تاپشۇرۇپ ھىساۋات قىلىدىغان بىكەت قۇرماقچىتىم ، لىكىن يەنىلا يالغۇز كىلىپ قالدىم ، بۇنىڭغا ھىچقانداق دەسمىي كەتمەيدۇ ، لىكىن يىتەرلىك ئادەم كۇچى كېرەك بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى كۈتىمەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:19:57

10- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىككى يىل كەسپىي تەرجىمانلىق ئورنى ئېچىش داۋامىدا ئىگىلىك تىكلەش مەسلىللىرىگە كۆپ يۇلۇقتۇم ، ھەر خىل ساھەدىكى ئادەملەر بىلەن تونۇشتۇم . ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلاش كېرەكلىكى توغرسىدا جىق ئويلاندىم . سىرىتقى شارائىت پايدىسىز ئەھۋالدا قانداق قىلىپ مەۋجۇتلىقنى ساقلاش مەسىلىسى بەك كاللامنى قاتۇردى .

يوليار ئېيتقان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە تور ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغان تۈرنى مەن نەچچە يىل بۇرۇن ئويلاشقان ، ھەم terjime.cn ،  tarjima.cn دىگەن ئىككى ئىسىمنى ئالغان . تەرجىمە تور سۇپىسى قىلىپ ، توردا پۇل تاپشۇرۇپ ھىساۋات قىلىدىغان بىكەت قۇرماقچىتىم ، لىكىن يەنىلا يالغۇز كىلىپ قالدىم ، بۇنىڭغا ھىچقانداق دەسمىي كەتمەيدۇ ، لىكىن يىتەرلىك ئادەم كۇچى كېرەك بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى كۈتىمەن .  

بۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن. بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمان !


پىلانىڭىزنى تەپسىلىي قىلىپ باشقا سەرخىل توربەتلەرگىمۇ تېما يوللاڭ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:36:41

ئىگىلىك تىكلەيمەن دىگەن نىشاننى ئۆزىڭىزگە بەلگىلىگىنىڭىز ،ئىشنىڭ باشلىنىشى بولسۇن.

تاللىغان تۈرىڭىز بويىچە،پىلان بويىچە مەسلىھەت ئالىسىز،ئەمما يەنىلا ئۆز ئىرادىڭىز بويىچە ئىش قىلىسىز.

ئادەمگە ئىشنىڭ ئۆزى ئىش قىلىشنى،يولنى ئۈگۈتىدۇ،بۇ ھەقىقەتكە ئىشىنىڭ.

مۇستەقىل پىكىر،ھەمكارلىق ئېڭى،يۈرەكلىك بولۇش،بەلقويماسلىقنى ئەڭگۈشتەر قىلىڭ.

مەبلەغ توپلاش يولى كۆپ،قەرزدىن قورقماڭ،قايتۇرالماسلىقتىن،ئىناۋەتنى سېتىپ قويۇشتىن ھەر ۋاقت ھەزەر ئەيلەڭ.

تىجارەت تۈرىڭىز،ئۇسۇلىڭىز،ھازىرقى ئەمىلى ئەھۋالىڭىز توغرىسىدا مۇۋاپىق ئۇچۇر بەرسىڭىز(قىسقا ئۇچۇردا)مەبلەغ،قەرز ئېلىش توغرىسىدا بەزى ئەسقاتىدىغان مەسلىھەت چىقىپ قالار.

uqkun500 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:59:42

تىما ئىگىسى ، سىز سورغان سۇئالغا  جاۋاپ ، سىزدە ئىشسىزلىق كىنىشكىسى بولسا  ئالدى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسى ئالىسىز ، ئاندىن ئۇزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجىتمائى كاپالەت ئورنىغا بېرىپ تەلىۋىڭىزنى دىسىڭىز سىزگە 11بەت جەدىۋەل بار ،(پۇتۇن شىنجاڭدا بىر تۇتاش ) شۇنى ئېلىپ توشقۇزۇپ رىنسۇجۇيگە  بارىسىز ، بۇنىڭغا كىتەرلىك ماتىريال ،سىزنىڭ كىملىكىڭىز ، نۇپۇس دەپتىرى ، ئىشسىزلىق كىنىشكىسى ،  تىجارەت كىنىشكىڭىز ،، يەنە مۇھىم ئىش  بۇ قەرىز ئۇسۇمسىز ياكى ئازراق ، ئۇسىمى بار ، ئەمما شۇ ئۇسىمنىمۇ 2 .3 ئايدىن كىيىن كارتىڭىزغا قايتۇرۇپ بىرىدۇ ، 2يىل ئۇسۇمسىز قەرىز بىرىپ  يۇلەيدۇ ، تۇنجى يىلى 15000 مىڭدىن 30000مىڭغىچە بىرىدۇ ،2-يىلى 50000مىڭدىن 100000مىڭغىچە بىرىدۇ ، ئەمما بىر يىللىق . ئەمدى گەپنىڭ يامان يىرىنى ئاڭلاڭ : بۇ قەرىزگە چۇقۇم 2دۆلەت كادىرى كىپىل بۇلىشى شەرت ، بۇلارنىڭمۇ ،نۇپۇس دەپتىرى ، كىملىكى ، مائاش كارتىسى ، ھەم ئۇزىنى بىرگە ئېلىپ شۇ قەرىزنى تەستىقلىغۇچى ئۇرۇن يەنى رىنسۇجۇي (ئۇزىڭىز چۇشۇنۋېلىڭ )، گە  بىرگە ئاپىرسىز ، ئەلۋەتتە كىپىل بولغۇچىلارنىڭ بايىقى دىگەن نەرسىللىرىنى فۇيىن قىلىسىز ، ،ئاندىن ئۇلار تامغۇنى بېسىپ سىزنى ( بىز بار ناھيىدە ئامانەت قەرىزگە ئەۋەتىپ قۇيىدۇ )  بانكىغا يۇلغا سېلىپ قۇيىدۇ ، ئاندىن بانكىغا بېرىپ توشقىزىدىغان بىر دەپتەر  بىرىدۇ ، ئالدىرماي ئولتۇرۇپ شۇنى توشقۇزىسىز ، ئاندىن بانكا تەرەپ سىزگە   بىر كارتا بىجۇرۇپ  شۇ كارتىغا پۇلنى سىلىپ ، ھەم ئېلىپ بىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىش پۇتتى دىگەن گەپ ،مەن بىر ئىنىمىزغا ئېلىپ بەرگەن . تۇنجى يىل دەپ 15000بىرىپتىكەن ، ئۇسىمىگە 395يۇەن ئاپتۇ ، شۇ ئۇسىمگە ئالغان پۇلنىمۇ يەنە قايتۇرۇپ بىرىمىز دەيدۇ ،

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 21:18:48

1- قەۋەتتىكى uzakamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راس، 30 مىڭغا نىمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ، بىرقىزبالا.. \"\"

چاقچاق ئىنكاس يېزىشماڭلار ، بولمىسا قۇلۇقۇڭلارنى كىسىۋىتېمەن! \"\"  



لەڭپۇڭخانا ئېچىڭ

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 22:58:00

1- قەۋەتتىكى uzakamنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راس، 30 مىڭغا نىمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ، بىرقىزبالا.. \"\"

چاقچاق ئىنكاس يېزىشماڭلار ، بولمىسا قۇلۇقۇڭلارنى كىسىۋىتېمەن! \"\"

ئىزدىنىشتە چانايدىغانلارنى كۆرمىگىلى خىلى ئۇزۇن بولغان ئەمدى كىسىدىغانلا چىققىلى تۇردى،ئىشقىلىپ قولام گۇناھىسز، بۇ ئىنكاسلار قولدا يىزىلمىدى \"\"

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 23:03:40

8- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىگىلىك تىكلەشتە مەبلەغدىنمۇ مۇھىمى نىشان. نىشاننى توغرا تاللاش مۇھىم دەپ قارايمەن.


ئۆزۈم ھېس قىلغان پۇل تېپىش- مەبلەغ سېلىش يوللىرى نى توپلاپ ماڭغانتىم كۆرۈپ بېقىڭ.




پايدىلىنىش قىممىتى بار ئېلان.......

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 18:50:00

10- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىكىن يىتەرلىك ئادەم كۇچى كېرەك بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى كۈتىمەن .

ئادەم كۈچىدىن غەم قىلماڭ، بېكىتىڭىز پۈتسىلا ئىش باشلاپ بولالايسىز.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 21:59:33


13- قەۋەتتىكى uqkun500نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىما ئىگىسى ، سىز سورغان سۇئالغا جاۋاپ ،




رەھمەت سىزگە،جاۋابىڭىز مەن ئۈچۈن قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بوپتۇ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق تىز جاۋابقا ئىرىشىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،بەلكىم رەسمىيەت بىجىرىشىم ئۇنچە ئاسان ئەمەستۇ،كەمسىتىلىشكە ئۇچرىسام قەرز ئىلىشتىن ۋاز كىچىشىم مۇمكىن،لىكىن يەنىلا ئۇرۇنۇپ باقاي دەيمەن. بولسا قەرزنى قايسى بانكىدىن بىجىرىشكە بولىدىغانلىقىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز،


UQKUN500 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 11:06:24

18- قەۋەتتىكى calisiyorumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


13- قەۋەتتىكى uqkun500نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىما ئىگىسى ، سىز سورغان سۇئالغا جاۋاپ ،




رەھمەت سىزگە،جاۋابىڭىز مەن ئۈچۈن قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بوپتۇ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق تىز جاۋابقا ئىرىشىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،بەلكىم رەسمىيەت بىجىرىشىم ئۇنچە ئاسان ئەمەستۇ،كەمسىتىلىشكە ئۇچرىسام قەرز ئىلىشتىن ۋاز كىچىشىم مۇمكىن،لىكىن يەنىلا ئۇرۇنۇپ باقاي دەيمەن. بولسا قەرزنى قايسى بانكىدىن بىجىرىشكە بولىدىغانلىقىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز،




يېزا بازارلاردا بولسىڭىز قەرىز كوپىرىتىۋىدىن بىجىرسىز .
بەت: [1]
: ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قەرز ئىلىش توغرىسىدا