ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-2 19:51:33

بۈگۈن كوسوۋۇنىڭ تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكى جاكارلىنىدۇ

بۈگۈن كوسوۋۇنىڭ تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكى جاكارلىنىدۇ




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(02.07.2012) خەۋىرى:

ئاۋستىرىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكېل سپىندېلېگگېر، كوسوۋۇنىڭ «تولۇق مۇستەقىللىقىنىڭ جەزملەشكەنلىكى»نى جاكارلىدى.

سپىندېلېگگېر، تۆت يېرىم يىلدىن بويان كوسوۋۇدا ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان خەلقئارا يېتەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋىيېننادا چاقىرىدىغان ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىدا كوسوۋۇنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئەزا بولغان خەلقئارا يېتەكلەش گۇرۇپپىسى، ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى ۋىيېننادا چاقىرىدۇ.

كوسوۋۇ باش مىنىستىرى ھاشىم تاچى بىلەن دۆلەت تەۋەلىكىدىكى خەلقئارالىق مەمۇرى ۋەكىل پىيتېر فېيسمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

كوسوۋۇنىڭ تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە دۆلەت تەۋەلىدىكى خەلقئارا يېتەكلەش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن، كوسوۋۇدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ 2007-يىلى فىنلاندىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسارى تەرىپىدىن تەييارلانغان پىلان دائىرىسىدە داۋام قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

★★★★★


shapburut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 08:37:19

دېمەك، مۇستەقىللىقى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىكەن دە؟

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 09:30:24

كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىنىڭ باش-ئايىغى



«شىنجاڭ گېزىتى»(2008- 03- 03) ماقالىسى:

كوسوۋو 17-فېۋرال ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلاپ، دۇنيادىكى «193-دۆلەت»كە ئايلاندى. مىلادى 6-ئەسىردىن باشلاپ، نۇرغۇن مىللەت 10مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ زېمىنغا كېلىپ-كېتىپ تۇرغان.«كىم كوسوۋونى كونترول قىلالىسا، شۇ بالقاننى كونترول قىلغان بولىدۇ». 1389-يىلى سېربىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تۈركىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن كوسوۋودا جەڭ قىلغاندا، سېربىيە پادىشاھى بىلەن تۈركىيە سۇلتانى دۈشمىنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.  1-، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن تارتىپ 1999-يىلى ش ئا ئە ت يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلغىچە، كوسوۋو تىنچىپ باقمىغان. كوسوۋو مۇستەقىللىق جاكارلاش بىلەن بىللە، تارىخ بېتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. لېكىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە سېربىيىنىڭ غەزەپلىنىشى بىر قانچە يۈز يىللىق تارىخىي ئاداۋەت كۆلەڭگىسىنىڭ بۇ زېمىندا ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادىلەپ بەردى.



بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىن كوسوۋونى چۈشىنىش



كوسوۋونىڭ تارىخى تىلغا ئېلىنسا، تارىخشۇناسلار ھەمىشە مىلادىي 6-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. شۇ چاغدا سېربىيە كوسوۋو بىلەن ماكېدونىيە رايونىنى مەركەز قىلىپ، قۇدرەتلىك بالقان دۆلىتىگە ئايلانغان. لېكىن 14-ئەسىردىن باشلاپ ئوسمان ئىمپېرىيىسى پەيدىنپەي زورايغان، مۇرات I سۇلتانلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن داردانېل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغان. 1389-يىلى سېربىيە پادىشاھى لازار خىللانغان قىسىملارنى توپلاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربكە ئىچكىرىلەپ كىرىشىنى توسماقچى بولغان.

سېربىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى كوسوۋو تۈزلەڭلىكى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلانغان، ئوسمان سۇلتانى مۇراتI يۈز مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، راب دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا يىغىلغان. دەريانىڭ ئۇ قېتىدا سېربىيە پادىشاھى لازارمۇ سېربلار، كرودىيىلىكلەر ۋە بۇلغارىيىلىكلەردىن تەشكىللەنگەن 35مىڭ كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇنىنى باشلاپ ئۇرۇشقا تەق بولغان. ئۇرۇش شۇ كۈنى سەھەر سائەت 8دە باشلانغان، ئوسمان ئارمىيىسى ئالدى بىلەن راب دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سېربىيە قوشۇنى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان. بۇ جەڭدە جۇڭگو تارىخىدىكى جىڭ كېنىڭ چىنشىخۇاڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. يەنى، سېرىب ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن مىلوش مۇرات I نىڭ چېدىرىغا كىرىپ يالغاندىن تەسلىم بولغان، ئوسمان سۇلتانى قوبۇل كۆرۈپ پۇتىنى ئۇنىڭ سۆيۈشىگە سۇنغاندا، مىلوش تۇيۇقسىزلا يېنىدىن پىچاق چىقىرىپ سۇلتاننىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەن... قوماندانسىز قالغان ئوسمان ئارمىيىسى بىردىنلا  ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن، دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە مۇراتنىڭ ئوغلى بايازېت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوشۇننى باشلاپ دۈشمەننى چېكىندۈرگەن، لازار ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككىلا پادىشاھ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا تەڭلا جېنىدىن جۇدا بولغان.

سېربىيىدە ھەر يىلى كوسوۋو ئۇرۇشى خاتىرىلىنىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سېلىنغان كوسوۋو ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارى چاسا شەكىللىك ئىستىھكامغا ئوخشايدۇ. بۇ خاتىرە مۇنارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە ئون كىلومېتىر جاي كوسوۋو خاتىرە مۇنارىغا تەۋە بولۇپ، ئەسلىي يەر شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ جايغا ھەر قانداق ئىمارەت سېلىش چەكلەنگەن. 1989-يىلى بۇ خاتىرە مۇنارىنىڭ يېنىغا ئالتە ئۇچلۇق تۈۋرۈك تۇرغۇزۇلدى. بۇ تۈۋرۈكلەر كوسوۋو ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئالتە ئەسىرگە سىمۋول قىلىنغان. 1989-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى مىلوشېۋىچ بۇ خاتىرە مۇنارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان سېربلەرگە: ئەمدى بىزنى ھېچكىم مەغلۇپ قىلالمايدۇ! دېگەن. بىر قانچە يىل ئىلگىرى مۇستەقىللىق ساداسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كوسوۋودىكى ئالبانلار بۇ خاتىرە مۇنارىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن سېربلار قەتئىي قارشى تۇرغان. توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ جاي خەلقئارا قىسىمنىڭ قوغداش رايونىغا ئايلانغان.



تارىخشۇناسلار: «ئىلگىرى بۇ ئىككى مىللەت دۈشمىنىگە ئورتاق تاقابىل تۇرغان» دېدى



تارىخشۇناسلار مۇنداق دېدى: 1389-يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشىدا، سېربلار بىلەن ئالبانلار بىر سەپتە تۇرۇپ ئىتتىپاقداش قوشۇن قۇرغان، لېكىن 2008-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنگلىيە«مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»دە تەسۋىرلەنگەن جەريان، 600نەچچە يىلدىن كېيىنكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. يەنى، كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى مېتروۋېچا شەھىرى 1999-يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشىدىن بۇيان ئالبانلار بىلەن سېربلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سىماسىغا ئايلاندى. بۇ شەھەرنى بىر دەريا ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، جەنۇبىدا ئالبانلار، شىمالىدا ئاساسەن سېربلار ئولتۇراقلاشقان. جەنۇب بىلەن شىمالنى كۆۋرۈك تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، لېكىن تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى پوست تۇرۇپ، بۇ ئىككى مىللەت خەلقلىرىنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىنى چەكلىگەن. كوسوۋو 17-فېۋرال مۇستەقىللىق جاكارلاشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، بىر توپ سېربلار كۆۋرۈكنىڭ شىمالىدا تۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈردى. يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى كاراف غەزەپ بىلەن قارشى قىرغاقتىكى قىزىل بايراققا قاراپ مۇنداق دېدى: ھېچكىم سېربلارنىڭ نالىسىگە قۇلاق سالمايدۇ، بىز خېلى بۇرۇنلا ئاخبارات ۋاسىتىسى جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. سېربلار قاتتىق غەزەپلەندى. لېكىن، دەريانىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا ئالبانلار كوچىلاردا قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، نەغمە-ناۋا قىلىشتى.



تىتونىڭ ئۆلۈمى كوسوۋو كرىزىسىنىڭ پىلتىسىگە ئايلاندى



تىتو 1980-يىلى 5-ئايدا ۋاپات بولۇشى بىلەن يۇگوسلاۋىيە نوپۇزلۇق داھىيسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش خاھىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 1981-يىلى پرىشتىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالبان ستۇدېنتلار كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، مۇستەقىل كوسوۋو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى، سېربىيە دائىرىلىرى ھەربىي قىسىم ئەۋەتىپ كوسوۋودا ۋاقىتلىق ھەربىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. 1989-يىلى سېربىيە زۇڭتۇڭى مىلوشېۋىچ قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىپ، ئالبانلارنىڭ نامايىشىنى باستۇردى، ئارقىدىن يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، كوسوۋونىڭ كۆپ قىسىم ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ ئالبانلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

0991-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى بوسنىيە-گرېتسىگوۋېنا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئالبانلار ھەر خىل سورۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ«كوسوۋو مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش»قا تىرىشتى. رادىكال ئۇنسۇرلار قوراللىق تەشكىلات قۇرۇپ، دائىم قانلىق ۋەقە سادىر قىلىپ تۇردى. خەلقئارانىڭ ياراشتۇرۇشى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ش ئا ئە ت سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىغا ھاۋادىن كەڭ كۆلەملىك زەربە بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش رەسمىي باشلاندى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كوسوۋو ش ئا ئە ت نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، كېيىن ش ئا ئە ت باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ب د ت غا ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق ساداسى بارغانسېرى كۈچەيدى، ئاخىر بۇ يىل مۇستەقىللىق  جاكارلىدى.

★★★★★

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 09:31:16

كوسوۋونىڭ تارىخى ۋە مۇستەقىل بولۇشى



شىنخۇا ئاگېنتلىقى پىرۇشتىنا 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگىراممىسى:

كوسوۋو پارلامېنتى 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسىنى ماقۇللىدى.

كوسوۋو پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كىراسنىكى مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن كوسوۋو بىر \" مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دېموكىراتىك دۆلەت \" دېدى.

سېربىيە رەئىس جۇمھۇرى تادىچ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ سېربىيە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقىنى مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايدۇ دېدى.

روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، روسىيە رەئىس جۇمھۇرى پۇتىن 2-ئاينىڭ 14-كۈنى موسكۋادا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كوسوۋونىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىنى \" ئەخلاقسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق \" دىگەن قاراشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مەنبە: CCTV تورى

http://news.cctv.com/world/20080217/102746.shtml





كوسوۋونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى



كوسوۋو سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر ئاپتونومىيەلىك ئۆلكە بولۇپ، جەنۇپتا ئالبانىيە ۋە ماكېدونىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يەر مەيدانى 10887 كۇۋادىرات كىلومېتىر، مەركىزى پىرۇشتىنا، نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون ئەتراپىدا. ئاھالىسىنىڭ %90 نى ئالبانلار تەشكىل قىلىدۇ. سېربىيەلىكلەر، كىرودىيەلىكلەر ۋە تۈركلەر % 10 ئەتراپىدا، ئېرقى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن كوسوۋودا ئاز سانلىق ھىساپلانغان سېربىيەلىكلەر ۋە كىرودىيەلىكلەر قاتارلىقلار كوسوۋودىن كۆچۈپ كېتىشكەن. 1999-يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشىدىن كېيىن، كوسوۋو ئەمىلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرغان. زېمىنى ئاساسەن تاغلىق ۋە ئېدىرلىق تەشكىل قىلىدۇ، چوڭ ئىقلىمىغا مەنسۇپ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 700 مىللىمېتىر، يېزا ئىگىلىكىدە دانلىق زىرائەت، تاماكا ۋە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. تاغلىرىدا كالا ۋە قوي بېقىلىدۇ، پۈتۈن سېربىيەدىكى قوغۇشۇن، سىنىك ۋە كۆمۈرنىڭ زاپاس مىقدارىنىڭ %60 كوسوۋودا، سانائىتى مېتاللورگىيە، ئېلىكتىر كۈچى ۋە رەڭلىك مېتال ئېرىتىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. يېزىلىرىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك ناھايىتى ئومۇملاشقان، ئاساسلىق شەھەرلىرىدىن مەركىزى پىرۇشتىنادىن باشقا يەنە پېچ ۋە پىرۇزلۇن شەھەرلىرى بار.



كوسوۋونىڭ تارىخى



كوسوۋو ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، كىرودىيەلىك تارىخشۇناس ئالېكساندىر سىتپاچىۋىچنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ بۇرۇن كوسوۋودا ئۇرۇشخۇمار كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ياشىغان بولۇپ، بۇلار ئالبانلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجداتلىرى ئىدى. مىلادىيە 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زور تۈركۈمدىكى سىلاۋىيان مىللەتلىرى بالقان يېرىم ئارىلى ۋە دوناي دەريا ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ بۇ يەرنىڭ مىللى قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.

مىلاىديە 9-ئەسىردە يۇگۇسلاۋىيەدىكى مىللەتلەر ئىچىدە سېربىيەلىكلەر تۇنجى بولۇپ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان، مىلادىيە 14-ئەسىرگە كەلگەندە سېربىيە پادىشاھلىقى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، زېمىنى ماكېدونىيە ۋە گېرىتسىيەگىچە كېڭەيگەن. بۇ چاغدا كوسوۋو بۇ پادىشاھلىقنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ قالغان، ئەينى چاغدىكى گېوپولىتىكلار \" كوسوۋوغا ھۆكۈمرانلىق قىلالىغاندىلا بالقانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىلى بولىدۇ \" دەپ قاراشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن كوسوۋونىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 1389-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈركىيە سۇلتانى مۇران، ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ كوسوۋودا سېربىيە شاھزادىسى لاسار باشچىلىقىدىكى خىرىستىيان بىرلەشمە قوشۇنى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، جەڭدە ھەر ئىككىلىسى ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كوسوۋو ۋە بالقان يېرىم ئارىلى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1459-يىلى بېلگىراس ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن سېربىيە پادىشاھلىقى ئۈزۈل -كېسىل يوقىلىپ، تۈركلەرنىڭ 400 يىل داۋاملاشقان ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يۇگۇسلاۋىيەدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان.

سېربىيەدىكى ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ ئارقىلىق 1815-يىلى سېربىيە كىنەزلىكىنى قۇرۇلغان، 1852-يىلى قارا تاغ كىنەزلىكى قۇرۇلغان. 1876-1878 -يىللاردىكى سېربىيە -تۈركىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئالبانلارنىڭمۇ مىللىي ئازاتلىق ھەركىتى كۈنسېرى كۈچەيگەن، كۈنسېرى ئاجىزلىشىپ تەسىر دائىرىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغان ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيىسى سېربىيەنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئالبانلارنى قوللاشقا باشلىغان. 1912-يىلى بالقاندىكى دۆلەتلەر بىرلىشىپ تۈركىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ بالقاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئوسمان تۈركلىرىنىڭ بالقاندىكى بەش ئەسىرلىك ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەن ۋە كوسوۋومۇ سېربىيە تەۋەسىگە كىرگەن. لېكىن بۇ چاغدا كوسوۋونىڭ ئاھالىسى ئاساسەن ئالبانلىشىپ بولغان بولۇپ، 1918-يىلى قۇرۇلغان يۇگۇسلاۋىيە پادىشاھلىقى كوسوۋودىكى تۈركلەرنىڭ قورۇق ۋە يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن سېرب جەڭچىلىرىگە بۆلۈپ بەرگەنلىكتىن، كوسوۋودىكى تۈركلەر ۋە ئالبانلار بەس -بەستە تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىپ، بۇ يەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ ئالبانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازلاپ، نوپۇسى 500 مىڭ ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىپ، كوسوۋو نوپۇسىنىڭ %39 نى ئىگەللىگەن.

1941-يىلى يۇگۇسلاۋىيە پادىشاھلىقى «ئوق مەركىزى ئەللىرى» تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغاندىن كېيىن كوسوۋو موسسۇلىن باشچىلىقىدىكى \" بۈيۈك ئالبانىيە \" تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان، نەتىجىدە 100 مىڭغا يېقىن سېربىيەلىك ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئالبانلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان ۋە نەتىجىدە بۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئالبانلار فاشىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئەمەس بەلكى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغان.

ئەينى چاغدا فاشىستلارغا قارشى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشىۋاتقان يۇگۇسلاۋىيە ۋە ئالبانىيە كومپارتىيىلىرىنىڭ كوسوۋو مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز ئالدىغا ئويى بارئىدى. 1943-يىلىنىڭ ئاخىرى 1944-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئالبانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كوسوۋو مىللى ئازاتلىق كوممېتېتىنىڭ يىغىنىدا كوسوۋونىڭ ئالبانىيەگە قوشۇلىشى ماقۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇگۇسلاۋىيە كومپارتىيىسى بۇنىڭغا قارشى چىققان. 1944-يىلى 11-ئايدا يۇگۇسلاۋىيە خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى كوسوۋونى ئازات قىلغان. 1945-يىلى 2-ئايدا، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا كوسوۋودىكى ئالبانىيەلىك قوزغىلاڭچىلار ھەربىي ھۆكۈمەت قۇرغان ۋە 3-ئايدا ھەربىي ھۆكۈمەت، ئەسلىدە كوسوۋودا ياشىغان سېربىيەلىكلەر قارا تاغلىقلارنىڭ كوسوۋوغا قايتىپ كېلىشىنى مەنئىي قىلىپ، ئۇلارنى پانسېربلارنىڭ ھىمايىچىلىرى دەپ ئاتىغان، نەتىجىدە 40 مىڭ كىشىلىك يۇگۇسلاۋىيە قوشۇنى بىلەن 10 كىشىلىك كوسوۋو قوشۇنى كەسكىن جەڭ قىلىپ، جەڭ نەتىجىسىدە يۇگۇسلاۋىيە كوسوۋونى قايتىدىن ئىشغال قىلغان، بۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان ئون مىڭلىغان كوسوۋولۇقلار تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

1945-يىلى 7-ئايدا كوسوۋو خەلق پارلامېنتى كوسوۋونىڭ سېربىيەگە قوشۇلىشىنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كوسوۋو تىتو رەھبەرلىكىدىكى يۇگۇسلاۋىيە تېرىتورىيىسىگە قوشۇلدى. بىراق ئالبانلار يۇگۇسلاۋىيەدىكى 5-چوڭ مىللەت بولسىمۇ، لېكىن ئالبانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشلاش كوسوۋو رايونى سېربىيە، ماكىدونىيە، كىرودىيە قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىك ئورنىغا ئىگە بولالمىدى. 1946-يىلى يۇگۇسلاۋىيە ئاساسىي قانۇنىدا كوسوۋو -مېنتۇسىيە ئاپتونوم ئۆلكە دەپ بېكىتىلىپ، سېربىيەگە تەۋە قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن سېربىيەلىكلەر كوسوۋودىكى ئالبانلارنىڭ فاشىستلارغا يېقىنچىلىق قىلغانلاردىن ھىساپ ئېلىشنى باشلاپ، ئالبانلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن مىللى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە مۇرەككەپ تارىخى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن كوسوۋودا ئالبانلارمۇ، سېربلارمۇ ئۆزىنى بۇ يەردىكى خوجايىن مىللەت دەپ ھېساپلايتتى، يۇگۇسلاۋىيەدىكى 7-جۇمھۇرىيەت بولالمىغانلىقىدىن ئالبانلار ئۆزىنى باراۋەر، ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدۇق دەپ قاراپ، كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈپ مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلدى.

يۇگۇسلاۋىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كوسوۋونىڭ ئىجتىسادىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھالىتىدە زور چېكىنىش بولدى، 1953-يىلى كوسوۋونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى باشقا رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىنىڭ %53 گە توغرا كەلگەن بولسا ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %40 كە يەتتى، ئەمما ھابىسبۇرگ خاندانلىقى زامانىدا ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئاران %19.1 ئىدى، 1957-يىلىغا كەلگەندە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %42 كە چۈشۈپ قېلىپ، كوسوۋودا ئاساسلىق مىللەت ئورنىدا تۇرىدىغان ئالبانلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قالاق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، سېربلارمۇ چىقىش يولى ئىزدەپ كوسوۋودىن ئارقا -ئارقىدىن كۆچۈپ كېتىشكە باشلىدى، ئەمما كوسوۋودا قېلىپ قالغان ئالبان زىيالىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاۋانگارت كۈچ بولۇپ قالدى.

1980-يىلى تىتونىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن يۇگۇسلاۋىيە شەخسىي نوپۇزغا ئىگە داھىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بۆلۈنۈش خاھىشى بارغانسېرى كۈچەيدى. 1981-يىلى 3-ۋە 4-ئايلاردا پۇرىشتىنا ئۇنۋېرسىتىدىكى ئالبان ئوقۇغۇچىلار ئارقا -ئارقىدىن نامايىش قىلىپ، مۇستەقىل كوسوۋو جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتى، نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنغاچقا كوسوۋو ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، سېربىيە بۇ رايونغا قوشۇن ئەۋەتىپ ھەربىي ئىدارە يۈرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن كوسوۋودىكى ئالبانلار بىلەن سېربلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىلىشىپ، زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

1988-يىلى كوسوۋودا ئولتۇرۇشلۇق سېربلار ۋە قارا تاغلىقلار ئالبانلارنىڭ ئۆزلىرىنى چەتكە قاققانلىقى ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ كوسوۋونىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىپ، بۇ رايوندىكى ئالبانلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. 1989-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى مىلوشوۋىچ قوشۇن ئەۋەتىپ كوسوۋودىكى كان ئىشچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى باستۇرۇپ، جىددى ھالەت ئېلان قىلىپ، 1974-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ كوسوۋونىڭ ئاپتونومىيەلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە كوسوۋولۇق ئالبانلارنىڭ مەكتەپ ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقتىن، ئالبانلار بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، 20 نەچچە ئادەم ئۆلۈپ، نۇرغۇن ئادەم قولغا ئېلىندى.



كوسوۋو كىرىزىسى



1991-يىلى كوسوۋودىكى ئالبانلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلاپ، كوسوۋو جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىن ئىككى يىل ۋاقىت قىلىپ، كوسوۋو ئازاتلىق ئارمىيىسىنى تەشكىللىدى. 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سېرب ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئالبانلار بىلەن سېربلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، قوراللىق توقۇنۇش ئۈزۈلمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭمۇ بوسنىيە گېرىتسوگىۋىنادىكى ئىچكى ئۇرۇشقا ئوخشاش ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پايدا قىلىپ، ئېرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوسوۋو مەسىلىسىگە ئارىلاشتى.

1998-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى خوربۇلۇك ئالبانلارنىڭ سىياسىي رەھبىرى رۇگاۋا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقى غەرپنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا پىسەنت قىلماي، قوراللىق باستۇرۇش ۋە تازىلاشنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن 200 مىڭدىن كۆپرەك ئالبان ئاھالىسى يۇرت -ماكانلىرىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتى. بىرلەشكەت دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كوممېتىتى توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىغا قورال كۈچى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى. 10-ئاينىڭ 11-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق تەھدىتى ئاستىدا، يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقى رەئىس جۇمھۇرى مىلوشوۋىچ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ كوسوۋودىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يۇگۇسلاۋىيەنى بومباردىمان قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كوسوۋو ئۇرۇشى ۋە كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىقى

1999-يىلى 3-ئايدا سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋوغا قارىتىلغان ھەربىي ھەركەت ۋە ئالبانلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى بوشاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى، يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن كوسوۋوغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى ۋە كوسوۋودىكى ئالبانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ 850 مىڭ ئالباننىڭ يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

شۇ يىلى 6-ئايدا يۇگۇسلاۋىيە ھۆكۈمىتى 8 دۆلەت گۇرۇھى ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق كېلىشىمىنى قوبۇل قىلدى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىمۇ بۇ پىلاننى قوللىدى، يۇگۇسلاۋىيە قوشۇنى كوسوۋودىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ بومباردىماننى توختىتىپ، 500 مىڭ كىشىلىك خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش قىسىمى كوسوۋوغا كىرىپ ئورۇنلاشتى، ئۇرۇش جەريانىدا چەتئەللەر سەرگەردان بولۇپ قېتىپ كەتكەن، 850 مىڭ ئالباندىن 841 مىڭى قايتىپ كېلىپ يۇرت ماكانلىرىغا ئورۇنلاشتى.

2001-يىلى 6-ئايدا يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى مىلوشوۋىچ «ئىنسىنىيەتكە قارشى تۇرۇش» جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىلدى، شۇ يىلى 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇگۇسلاۋىيەگە قارىتىلغان قورال -ياراق ئىمبارگۇسىنى بىكار قىلدى. 11-ئايدا كوسوۋودا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، 120 كىشىدىن تەركىپ تاپقان، قانۇن تۇرغۇزۇش كوممېتىېت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى، 2002-يىلى 3-ئايدا بۇ كوممېتېت كوسوۋونىڭ تۇنجى رەئىس جۇمھۇرى ۋە باش مىنىستىرىنى سايلاپ چىقتى.

2008-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كوسوۋو پارلامېنتى يىغىن چاقىرىپ كوسوۋونىڭ مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى ئېلان قىلىپ، كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.تۈگىدى



مەنبەسى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى

★★★★★

http://www.orkhun.com/bbs

★★★★★

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 10:56:46

بىچچارە ئالبانلار مۇستەققىللىق ئۈچۈن  مىڭ ئۆلۈپ مىڭبىر تىرلىپتۇ دە  \"\"

altun99 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 11:41:20

نىمىدىگەن ئۇلۇغ ئىنقىلاب ،نىمىدىگەن بۈيۈك  غەلبە ! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ئىزىلگەن مىللەتلەرگە بولسۇن.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 11:59:00

ھازىرمۇ مىللەتلەر مۇستەقىل بولۇپ دۆلەتلەر قۇرۇلسا بولىدىكەن ھە، ئۇ يەر ئەسلىدە  قايسىدۇر بىر دۆلەتنىڭ ئەزەلدىن تەۋە بولغان زېمىنى ئەمەس ئوخشايدۇ.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 12:37:54

ئالبانلار مۇسۇلمان مىللەت ،كوسۇۋۇ ئاھالسسىنىڭ %90پىرسەنتى ئسلام دىنغا ئتىقاد قىلىدۇ.ئاللاھ ئۇلارنى ھۆر قىلغاي،پۇتىن دىگەن چوشقىغا ۋە ئالبانلارنى ئەزگەن سىرىبلارغا ئاللانىڭ لەنىتى بولسۇن.

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 21:03:19

رادىكال ئۇنسۇرلار قوراللىق تەشكىلات قۇرۇپ، دائىم قانلىق ۋەقە سادىر قىلىپ تۇردىنى

----------------------------------------------------------------



ماۋۇ گەپنىڭ زەھەرخەندىلىكىنى

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 21:22:37

ئىنكاستىكى خەۋەرلەر ساپلا بۇرمىلانغان خەۋەرلەر ئىكەن، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى رادىكال، قانلىق ۋەقە سادىر قىلغان دېگىنى نېمىسى؟

بىر كاتتا خەۋەرنى ئىنكاسلار بۇزۇپ تاشلاپتۇ.

ھۆرلۈك، قەدىر-قىممەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارغا ئېھترام بىلدۈرىمەن!

Julaliq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 22:09:32

3- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



مەنبەسى: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى

★★★★★

http://www.orkhun.com/bbs

★★★★★



مەنبەسى ئورخىۇن مۇنبىرى دېگەن يەرنى كۆرۈپ ئورخىۇن مۇنبىرى ئېچىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئادرېسىنى بېسىپ كىرىپ كېتىپتىمەن. ئۈمۈدسىز يېنىپ چىقتىم. ئورخىۇن مۇنبىرىنى ئەسلىدىم. ئېسىل مۇنبەر ئىدى.

tashpaqa يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 11:44:45

كوسوۋونىڭ مۇستەقىلىققىنى كەمىنە تاشپاقا ئىتىراپ قىلدىم!

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 12:16:53

باشقىلار نېمە دېسىمۇ ئىشقىلىپ مۇستەقىل بوپتۇ.شۇ يېتەرلىك.

bazirim يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 13:09:28

ئەسلى باھاسى 300-500 يۈەنلىك بولغان  تېلفۇنغا پۇل قاچىلاش سېستىمىسى 199يۈەنلىك كوللىكتىپ ئىستىمال باھاسىدا سېتىلىدۇ . بۇ دېتال ئارقىلىق دۇككىنىڭىزنىڭ ئايلىق ئىجارىسىنى قامداپ كېتەلىشىڭىزدە گەپ يوق . تەپسىلاتىنى بازىرىم تورىدىن كۆرگەيسىز .

تور ئادىرسىمىز :http://bazirim.com/

مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ھەقسىز قىززىق لىنىيىلىك مۇلازىمەت تېلفون نومۇرىمىز :

400-0991-214

بازىرىم تورىغا تىزىملىتىپ 50% دىن 90% گىچە ئەرزان باھادا مال سېتىۋېلىڭ .

سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش كوللىكتىپ ئىستىمال ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقتىن بەھىر ئېلىڭ .

http://bazirim.com/

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 17:57:40

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىر كۈنلىرى قايتا بىرلىككە كەلسە ئەجەپ ئەمەس!!!
بەت: [1]
: بۈگۈن كوسوۋۇنىڭ تولۇق مۇستەقىللىققە ئېرىشكەنلىكى جاكارلىنىدۇ