دوسىتلارنى تويۇمغا تەكلىپ قىلىمەن
ئاللاھ خالىسا مەن 7-ئاينىڭ 6-كۈنى (جۈمە كۈنى) توي قىلماقچى، جۈمە كۈنى قىزنى يۆتكىگىلى قەشقەر شەھىرىگە بارىمىز، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى (شەنبە كۈنى) ئاقتۇ ناھىيىسىدە توي چېيى بېرىمىز، شۇڭا يىراق يېقىندىكى بۇرادەرلەر تويۇمغا كېلىپ قاتنىشىپ بەرسەڭلار.
ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە ئالتۇن قەسىر مەرىكە زالى (ئاقتۇ ناھىيىسى قەشقەر شەھىرىدىن 20 مىنۇتلۇق يول بۇرادەرلەر، بىلمەي يول يىراق ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ كەتمەڭلار)
تېلىفۇن: 13579571113 13899493006
بىز ئاللاھ خالىسا 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قىزنى قەشقەردىن يۆتكەپ كەلسەك، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە ئاقتۇ ناھىيىسىدە توي ئۆتكۈزىمىز، قىزنى قەشقەرنىڭ پاختەكلە يېزسىدىن يۆتكەيمىز، جۈمە نامزىدىن يېنىپ ماڭىمىز قەشقەرگە.
كېلىدىغان باللار تېلىفۇن قىلىڭلار. مۇبارەك بولسۇن.
22- قەۋەتتىكى qasimbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەپىس باغاقتىن بىرنى لايىھەلەپ دوستلىرىڭىزغا (تويغا تەكلىپ قىلىدىغانلارغا) ئۇچۇردا ئىۋەتىڭ.
بارلىق ئىزدىنىش ئەھلىگە تەكلىپنامە دەكما؟
26- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گاداي توي قىلپ كەتسە،مەن بىلەن چ چ توپتا كىم گەپ تالىشار..ھەممىسى توي قىلىپ مەن يالغۇز قالدىكەنمەن دە..
تويلار مۇباراك بولسۇن.ئوبدانراق تۇتارسەن ئۆينى...بىر يىلدىن كىين مۇنبەرگە خۇتۇن ئالىمەن دەپ يامانلاپ كەلمەي..![]()
بۇرۇنقى پومشىچىكلارنىڭ نەچچىدىن خوتۇنى باركەنتۇق. ھازىرقى زاماندا پومشىچىك(كاپىتالىست) بولماقمۇ تەس، خوتۇن ئېلىپ تەساددىپىي ئاجرىشىپ كەتسەم، يەر-زىمىننىڭ يېرىمى يوق دەپ توي قىلمايۋاتامسىز يا! مۇبارەك بولسۇن . ( يەڭگىمىز چوقۇم ئىزدىنىشلىق ئەمەس ئوخشايدۇ ھە

مۇبارەك بولسۇن. مۇبارەك بولسۇن !




ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق بەخىت بەرسۇن.ياخشى ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ياردەم بەرسۇن ئامىن!! ئەمدى باش سۈرىتىڭلارنى ئالماشتۇرمىساڭلار كېلىنچەك قۇلاقنى تولغاپ قويامىكىن....................

مۇبارەك بولسۇن دوستۇم بېشىڭلار باش، ئۆيۈڭلەر ئاۋات بولسۇن. مارەك بوسۇن .خۇدا ئۆمۈرلۈك بەختىڭلارنى بەرسۇن .
بەك توي قىلغۇم كەپ كەتتى . توي قىلىش تۇرمۇشنىڭ لەززىتى،بىرخىل ئىللىق سېزىم ،ئاجايىپ بەخىت ئىكەن

9- قەۋەتتىكى nasinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بويتاقتىن بىرى ئازىيىپتۇدە، مەن تېخى ئۆزۈمچە باپكارنى بويتاقلار قاتارىدا ئەمەس دەپ يۈرۈپتىكەنمەن تېخى. مۇبارەك بولسۇن!![]()
باپكارنىڭ باش سۇرىتىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ بويتاق ئىكەنلىكىنىڭ ئىلانى ئەمەسمۇ؟
@UyghurBaligh سىلىمۇ دۇئا قىلىپ ئىزدىنىشتا تۇرىۋەرگىچە ساھىبجامالدىن بىرەنى تاپساڭلا بولىدۇ