يىڭنە سانجىپ داۋالاش-ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتىدۇر
يىڭنە سانجىپ داۋالاش-ئۇيغۇرلارنىڭ كەشپىياتىدۇر كىشىگە زور ئىلھام بېرىدىغان يازمىكەن، ھە، مەنبەسى؟ يازغۇچى؟ دۆلىتى؟ئۆردەككام بۇنى باش سۈرەت قىلغىلى خېلى بولدى، شۇ قېرى چېغىدا بىلىدىغان ھەيكەلنىڭ رەسىمىنى بىز بىلمەيمىز، شۇ ئالتۇن ھەيكەل ھازىر بولسا، بەزىلەرنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسە، كاربون سىنىقى 18 مىڭ يىل كېلىدىكەن دىمەي ئېرىتىپ كېسەك ئالتۇن قىلىۋېتىدۇ. (ئالتۇندا كاربون نىمىش قىلىدۇ، چاپلىشىپ قالغان توپىسىدا باردۇ..)
مەن بۇ خىل تارىخلارغا بولۇپمۇ مۇ قۇرۇقلۇقى ۋە بۈيۈك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىگە ئائىت مەزمۇنلارغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي يۈرىمەن، يالغانمىكىن، مىللىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزى توقۇۋالغانمىكىن دېسەم، بۇنداق نەرسىلەرنى چەتئەللىكلەر يازىدىكەن، ھەمدە ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇيغۇر ئانداغەي، ئۇيغۇر مانداغەي دەپ قېتىۋالىدىكەن، بۇلارغا بىرەر ئۇيغۇر پۇل بېرىپ يازدۇرغانمىكى دەپ ئويلىسام، مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى يازىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىكلەر خېلى كۆپكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا بىز ئاشۇلار دېگەندەك بىر قەۋىم ئىكەنمىز. بەلكىم بىزدىكى ئۈمىدۋارلىق ئاشۇنداق بىر ئېسىل، ئۇلۇغ، مەدەنىيەتلىك بىر قەۋىم بولغىنىمىزنىڭ نىشانىسىدۇر دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.
7- قەۋەتتىكى pantekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىدىيىڭىز خېلى بىريەرلەرگە بېرىپ قالغان چىراي ‹چۈش تۇتقۇچى›ئەپەندىم
pantekin ئەپەندى ، يۇقۇرقى ئىنكاسنىڭ ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئىدىيەسى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بارلىغىنى چۈشەنمىدىم ، مېنىڭچە ، ئۇ ئىنكاس ناھايىتى تەبىئى ۋە سەمىمىي يېزىلغان .
بىزنىڭ چىقىۋېرىپ ماۋۇلارغا تەۋەسى قالمامدۇ نېمە؟
تېما ئەلا
‹قاغا قاق ئىتەر، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئىتەردەپ ›بۇلار ئاغزىغا كەلگەننى قوراشتۇرۇپ بىرنىمە دەپ باقىدىكەن ،،ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە لاۋزا بوپ قالدىكەن {:92:} ،،،يازىرىكمىدى ،،،تىما ئىگسىگە تەشەكۈر
ئەلا كەتتى

2- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆردەككام بۇنى باش سۈرەت قىلغىلى خېلى بولدى، شۇ قېرى چېغىدا بىلىدىغان ھەيكەلنىڭ رەسىمىنى بىز بىلمەيمىز، شۇ ئالتۇن ھەيكەل ھازىر بولسا، بەزىلەرنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسە، كاربون سىنىقى 18 مىڭ يىل كېلىدىكەن دىمەي ئېرىتىپ كېسەك ئالتۇن قىلىۋېتىدۇ. (ئالتۇندا كاربون نىمىش قىلىدۇ، چاپلىشىپ قالغان توپىسىدا باردۇ..)
كاربون 14 نى ئۆلچەيدىغان ئىشنى جانلىقلارغا قىلدىغۇ.(ئادەم، ھايۋان، ئۆسۇملۈك، ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۇملۈكلەرنى خام ئەشيا قىلىپ ياسالغان بۇيۇملار) سۈكۈت... ئالە شەنى!

مەنبەسى :ئاستىدا ئىنىق يېزىلغانغۇ ؟يا بولمىسا ئەسلى ماقالە مەنبەسىگە كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ :
ئۇيغۇر ئاكادىمىسى تورى http://akademiye.org/ug/?p=495
ھازىر بىر ئىشلىتىۋاتقان \"\"ھون\"\" سۆز ياۋرۇپالىقلاردىن كەلگەن .يەنى ياۋرۇپاغا كۆچكەن ئونغۇر قەبىلىلىرىنى ياۋرۇپالىقلىقلار \"\"hun\"\" دەپ ئاتىغان .بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ .ئالدىنقى ئەسىرلەردە بىزنىڭ تارىخچىلارمۇ خەنزۇچى مەنبەدىكى \"\"ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادى-匈奴 لارنىڭ ئەۋلادى\"\"دىگەن بايانلارغا ئاساسەن ،ئاۋۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ تىلىدىكى \"\"ھون\"\"نى شەرققە يۆتكەپ كېلىپلا ئىشلەتكەن .مەشھۇر تەرجىمان سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ «شۇئەنزاڭنىڭ تەرجىمەھالى»دا 匈奴نى \"\"تۈرك يوچۇل بۇدۇن \"\" يەنى كۆچمەن تۈركلەر دەپ تەرجىمە قىلغان .‹‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› تىمۇ تۈرك تىلىدا \"\"ھ\"\" ھەرپى يوقلىغى قەيت قىلىنغان .بۇ نۇختىدىن \"\"ھ\"\" تاۋۇشى يوق تۈركلەر(ئۇيغۇر)نىڭ \"\"ھون\"\" دەپ ئەژدادى بولىشى مۈمكىن ئەمەس .بۇنىڭدا بىرنىڭ تارىخچىلىرىمىز ئالدىراقسانلىق قىلىپ \"\"ئۇيغۇرلارنىڭ ئەژدادى -ئونغۇر 匈奴لارنىڭ ئەۋلادى \"\" دەيدىغان يەردە \"\"ھونلارنىڭ ئەۋلادى “دەپ سالغان بولىشى مۈمكىن .ئەملىيەتتە سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ مۇھىم تارىخى ئۇچۇر يەتكۈزگەن .
7- قەۋەتتىكى pantekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىدىيىڭىز خېلى بىريەرلەرگە بېرىپ قالغان چىراي ‹چۈش تۇتقۇچى›ئەپەندىم
مۇمكىن بولسا سىزنىڭ ئدىدىيىڭىزنى بىر بىلىپ باققۇم كىلۋاتىدۇ
يەنە بىرى ،مەشھۇر تەرجىمان سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ ‹‹شۇئەنزاڭنىڭ تەرجىمەھالى››دا 匈奴 نى \"\"تۈرك يوچۇل بۇدۇن\"\" يەنى\"\" كۆچمەن تۈركلەر\"\" دەپ تەرجىمە قىلغان .شۇنداق بولغاندا بۇلغاندا ياۋرۇپاغا قەدەر كۆچكەن 匈奴 لار ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزلىرىنى \"\"ئونغۇر\"\"دەپ تونۇشتۇرغاندەك ،قەدىمقى جوڭگۇلۇقلارغامۇ \"\"ئونغۇر( 匈奴 شۇنىڭغا يېقىن ئوقىلامدىكى قەدىمدە)\"\" دەپ تونۇشتۇرغان بولىشى مۈمكىن .بۇلار ئۆزلىرىنى ئادەتتە \"\" كۆچمەن تۈرك\"\" دەپ ئاتىسىمۇ چەتئەللىكلەرگە \"\"ئونغۇر ياكى ئون ئۇيغۇر\"\" دەپ تونۇشتۇرغان بولىشى مۈمكىن .
شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بۇ كۆچمەن تۈركلەردە \"\"ئۇيغۇر\"\"دىن ئىبارەت سەلتەنەتكە سېغىنىش بولغان بولىشى ،بۇ سەلتەنەتنى ئەستى چىقارماي سەللا قۇدرەت تاپسا چەتئەللىكلەرگە ئۆزلىرىنى \"\"ئۇيغۇر\"\" دەپ تۇنۇشتۇرۇپ ئىپتىخارلىق بىلەن ياشىغان بولىشى مۈمكىن .دىمەك يۇقارقى رىۋايەتنىڭ ئاز-تولا تارىخى ئاساسى بارلىغنى ھىس قىلىغىلى بولىدۇ .
ئاندىن ،‹‹دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› تىمۇ تۈرك تىلىدا \"\"ھ\"\" تاۋۇشىنىڭ يوقلىغىنى ،مۇشۇ تاۋۇش بار سۆزلەرنىڭ باشقا تىللاردىن كىرگەنلىگى قەيت قىلغان بايان بارلىغى ئېسىمدە .شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنى \"\" ھون\"\"لارنىڭ ئەۋلادى دىيىش ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .شۇڭا بۇ بۆلۈك تارىخ پاتراق توغرىلانسا بولاتتى . تۆۋە قەدىمقى تۈركچىدە \"\"ھ\"\" تاۋۇشۇ يوق دەپ تۇرۇپ ئونغۇرلارنىڭ بىرىنى \"\"ھازار\"\" دەپ ئاپتىمەن .ھازارنىڭ قەدىمقى ئوقۇلىشى قانداق بولغىيدى ؟بىلىدىغانلار توغرىلاپ قويساڭلار بوپتىكەن .