ئىتالىيە VS ئىسپانىيە:ياۋرۇپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى
ئىسپانىيە چىمپىيون بولۇپ تارىختىكى تۇنجى قېتىم ئىككى قېتىم ئۇدا چىمپىيون بولۇشنى تاماملىيالامدۇ؟
يىڭىچە ئىتالىيە چىمپىئون بولۇپ 44 يىلدىن بېرى كۈتۈرمىگەن لوڭقىنى كۈتۈرەلەمدۇ؟
دېققىتىڭلار بۈگۈن كەچتىكى ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە بولسۇن.
نۇرلاننىڭ تېمىسىنى كۈچۈرۈپ ئەكەپ قويدۇم
نۇرلان قوشۇلسا مۇشۇ بىر يەردە قىلايلى
تېما چېچىلىپ كەتمىسۇن
بۈگۈن ئاخشام يەنى 2- چىسلا كىچە سائەت 00:45 دە ياۋورپا لوڭقىسى ھەل
قىلغۇچ مۇسابقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىسپانىيە
كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىدۇ .
ئىسپانىيە كوماندىسى
ئىسپانىيە كوماندىسى : 2008 -يىلدىن باشلاپ ياۋرۇپا لوڭقىسى ۋە دۇنيا
لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە بىرىنجلىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتقان سەركە
كوماندا، بۇ قىتىملىق مۇسابقىدىمۇ ئۆزىنىڭ تىكتاكتوپسىمان توپ تىپىش
تاكتىكىسى بويىچە C رونالدۇنىمۇ قان يىغلىتىپ ھەل قىلغۇچ موسابىقىگە
ئوڭوشلۇق كىرىۋالدى. بۈگۈنكى مۇسابىقدە بۇلار يەنە بىرىنجىلىكنى ساقلاپ
قالالامدۇ ياكى بالوتىللىينىڭ سوۋغا قىلغان ئايرۇپىلان بىلىتىگە ئولتۇرۇپ
ئۆيىگە قايتامدۇ؟
بۈگۈنكى مۇسابىقىدە تەپسىلاتىنى كۆرىمىز .
ئىتالىيە كوماندىسى
ئىتالىيە كوماندىسى: 2006 - يىلى فىرانسىيەنى نوقتا توپ بىلەن ياساۋىتىپ
دۇنيا چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بۇ سەركە 2008 - يىللىق ياۋرۇپا
لوڭقىسىنىڭ 8 كۈچلۈكلەر ئايلانمىسدا بۈگۈن مۇسابىقىلىشىدىغانكونا رەقىبى
ئىسپانيە كوماندىسىدىن يىڭىلىپ ئۆيىگە بالدۇر قايتۇرۋىتىلگەن.
بۈگۈن ئىتالىيەگە 2008 - يىلى قالدۇرۇلغان قان قىساسنى ئالىدىغان
پۇرسەت كەلدى . ئىتاليەلىكلەر ھۇررا ئەمىسە ...
بۈگۈن ئاخشامقى مۇسابىقىدە سىلەرنى مۇشۇ تىمىدا ساقلايمەن ئىزدىنىشلىقلار...
مەنچە مۇرىنىئو يەنە بىرەر يىل ئىسپانىيەدە بارسلونانى بېسىۋىتىپ، بىر يىلدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىدىن بىرەرنى قولىغا ئېلىپ 2014-يىلى ئىسپانىيەنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۆرگەندەك بولمىدى ئادەم. بولۇپمۇ كېينكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنى. نىمىشقىكىن مۇشۇ ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بارسلونا كوماندىسىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. ھەقىقىي رەقىپ چىقمىغاچ شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ. ئىتالىيە چېمپيون بولىدۇ. بۇ شەكسىز.... لەنىتى ئىتالىيە،پۈتۈن روھىمنى يوققا چىقاردى توپ كۈرۈشتىكى، ئەمدى كىم چىمپىيون بولسا بەرىبىر ئۇيقۇمنى بۇزۇپ كۇرمەيمەن بەلكى تەكرار قۇيغاندا كۇرۇپ قۇيارمەن ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدى دىسە گىرمانىيە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ مەنچە ئىتالىيە چىمپىيۇن بولغۇدەك ،ئۇلارنىڭ گىرمان بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسىنى تەھلىل قىلىپ باقساق بولىدۇ . مەن ئىسپاننى ئانچە كۈچلۈك كۆرمىدىم پەقەتلا تەلەيلىككەن ، توپقۇ يۇملاق نىمە. قالغىنىنى مەيداندا كۆرىمىز . بەرىبىر، مۇسابىقە تۈگەپ بولدىغۇ؟
مەن ئۈچۈن مۇسابىقە ئاياغلىشىپ بولدى.
تىكتاك توپ كۆمەيمەن،
...................
بەك جىق تىللىۋالاي دىگەن بولدىلا.
ھىمخەيىر

ئىتالىيەنىڭ ئۇتۇشى مۇمكىن يۈگەرسە ئاخىرغىچە يۇگىرۋېتىدىغان بولمىسا گۇرپا مۇسابىقىسىدىلا ئۆيىگە كېتىۋالىدىغان مىجەزى بار.

بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كەچتە چىقىدىغان سەپ شەكلىنىڭ پەرەزقىلىنىشى ...
يەنىلا ئىسپانىيە چىمپىيون بولىدۇ ،3يىلدىن بۇيان بارسېلونا ئۇسلۇبىدىكى ئىسپانىيە كوماندىسى كۆپىنچە كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ تەتقىق ئوبىكتى بوپ كەلدى ،شۇ سەۋەبتىن ئىسپانىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى باشلىنىپ تىخى ،ھەقىقى مەنىدىكى ھۇجۇمچى چىقىرىپ 90مىنۇت مۇسابىقە ئويناپ باقمىدى ،بىر پورتۇگالىيە بىلەن ئوينىغاندىكى نىگىلىدو دىن باشقا .....شۇڭا بۇ قىتىم ئىسپانىيە 3ھۇجۇمچى چىقىرىپ ئوينايدىغانلىقى ئىلان قىلىندى ،ئىشقىلىپ ئىسپانىيە ئۇتىدۇ لىكىن ئۇتمىقىمۇ ئاسان ئەمەس پەقەتلا 1-0 ئۇتۇپ قىلىشى مۇمكىن ..
7- قەۋەتتىكى tiwiba19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ مۇسابىقىنى توردا قانداق كۆرىدۇ . بىۋاستە كۆرۈش ئادىرىسىنى دەپ بەرسەڭلار مەنمۇ كۆرۈپ باقار ئىدىم . سائەت نەچچىدە ؟ بۇ ئۆمرۈمدە تاش ئالما كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدىن باشقىسىنى كۆرۈپ باقمىدىم .
www.zhiboba.comغا كىرىپ كۆرۈڭ. ياكى www.baidu.com غا كىرىپ ئىزدەيدىغان يەرگە 欧洲杯直播 دەپ كىرگۈزسىڭىز بىۋاسىتە كۆرىدىغان ئورۇننى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلگىنىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئورۇندىن كۆرۈڭ: http://www.uyghur.cc/tv/xjtv5.htm
ئەگەردە خۇددى «تاشئالما كوماندىسى»نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەندەك كەيپىياتتا كۆرگىڭىز كەلسە بۇ ئورۇندىن كۆرۈڭ: http://sports.cntv.cn/live/wafe1/index.shtml


نۇرلاننىڭ تېمىسىنى تېمامغا قوشۇپ قويدۇم
قوشۇلساڭلار بىرلا تېمىدا دىيىشەيلى بىرلا تىما قىلىڭلا ،
ئىككى ئارلىقتا بەك يۈگىرەپ كىتىسىلە
