ناماز ئوقۇش ۋە دېتاللار
ئەتراپىمىزدا نېمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەتىگىچە كىم بار كىم يوق ، نېمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ ھەممىمىزگە نامەلۇم. ھايات ۋاقتىمىزدا ئىبادەتنى ياخشى قىلىۋىلىش ئۈچۈن قېرىنداشلارغا بۇ بىر يۈرۈش دېتال ھەم تور بېكەتلەرنى تەييارلاپ قويدۇم. بۇنىڭدىن باشقا كېرەكلىك نەرسىلەر بولسا تورداشلارمۇ تۇلۇقلاپ قويساڭلار. ھەممىمىز تەڭ پايدىلىنايلى.
1. ناماز ئوقۇش دېتالى
ناماز ئوقۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئوقۇش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە فىلەش كارتون
ناماز ئايەتلىرىنى بىلسەممۇ ، لېكىن ئالاھىدە توغرا بولۇش ئۈچۈن مەن ئادەتتە بۇ فىلەش دېتال بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيمەن. بىر مەزگىل مۇشۇنداق ئوقۇپ بەرسە ، ئايەتلارمۇ بارا - بارا ئۆزلۈكىدىن يادا بولۇپ كىتىدۇ.
دېتال چۈشۈرۈش ئادرىسى : مېنى بېسىڭ
2. سۈرە - ئايەت تور بېكىتى
ئەگەر سىز توردىن ياكى ئاۋازلىق ھالەتتىكى سۈرە - ئايەتلەرنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ، نۇرقۇرئان تورىغا كېرىپ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ. نۇرقۇرئان تورىدا يەنە نۇرغۇن ئىسلام فىلىملىرى ، يانفون ، كومپيۇتېر دېتاللىرى بار. ئۆزىڭىز كېرىپ
كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
نۇرقۇرئان تورى : www.nurquran.com
3. كومپيۇتېردىكى قۇرئان كەرىم
كۆپ تىللىق (ئەرەپچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە) قۇرئان كەرىم يۇمشاق دېتالى
چۈشۈرۈش : مېنى بېسىڭ
4. ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسىمىنىڭ ئىزاھاتى
چۈشۈرۈش : مېنى بېسىڭ
5. تەجۋىد ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالى
چۈشۈرۈش : مېنى بېسىڭ
بۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەم ياخشى ئىش ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
كونىلار دېگەندەك :
ئىبادەت ئەسلىدە خەلققە خىزمەت قىلىش ،
پەقەت جەيناماز ئۈستىدىلا ئەمەستۇر بۇ ئىش .
ئىلگىرى بىر قانچە PDF ھۇججىتى كۆرگەن ئىدىم ، ئۇنىڭدا قۇرئاندىكى بارلىق سۆزلۈكلەرنى بىرمۇبىر ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپتىكەن. ھازىر تاپالمايۋاتىمەن. ياردەم قىلساڭلار. ئۇبدان دىتاللاركەن

2- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىلادىيە بىلەن ھىجرىيەنى ئۆز ئارا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان بىر تور بەت بارئىدى، تاپالمايۋاتىمەن. شۇنداق بىر يۇمتالمۇ بارئىدىغۇ ھە؟
مۇشۇ تور بېكەت شۇمۇ ؟
http://www.eqolay.com/hijri.htm
دەل شۇ، بۇيىل 8- ئاينىڭ 19- كۈنى روزا ھىيىتنىڭ 1- كۈنى بولىدىكەن ھە؟ رەھمەت ................ ساقلاپ قوياي بۇ تېمىنى . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادەر!ساقلىۋالدىم
5- قەۋەتتىكى Arktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت ................ ساقلاپقويدي بۇتېمىنى .
ياپونچە گەپمۇ بۇ؟



قويغۇچقا قاچىلاپ ئاۋال سۈرىلەرنى پىششىق بىر يادلىۋالساق بولاتتى.
9- قەۋەتتىكى seyshenbaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يۇقارقى 5 نامازنىڭ سۈرىلەرنى mp3 قىلىپ قويساڭلار،mp3
قويغۇچقا قاچىلاپ ئاۋال سۈرىلەرنى پىششىق بىر يادلىۋالساق بولاتتى.
يۇقارقى نۇرقۇرئان تورىغا كىرسىڭىز ، MP3 دەپ تۈر بار. شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن....
تەجۋىد ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟...
11- قەۋەتتىكى tawghaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن....
تەجۋىد ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ؟...
http://down.qiannao.com/space/file/qiannao/share/2011/9/19/AL_QARI.rar/.page
بۇ بەتكە كىرىپ 千脑电信本地下载地址1مۇشۇ خەتنى بېسىپ سىناپ بېقىڭ .
رەھمەت ساقلىۋالاي رەھمەت. فىلەش دەرىسلىكىنى 迅雷 دە چۈۈرگىلى بولمىدى ئەتەيياتۇھۇدا ئولتۇرغاندىكى ئىككى پۇتنىڭ ھالىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرسەڭلار. ئاران 2 ئەلامۇ؟