komutan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:33:54

يەر تەۋرىگەندە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا مۆكۇۋالماڭ![تەرجىمە]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  قېرىنداشلار قانداق  ئەھۋالىڭلار؟ يېقىندا دىيارىمىزدا يەر تەۋرىدى، شۇڭا يەرتەۋرەشتە ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش توغۇرلۇق ماۋۇ تېمىنى يازدىم.  


ئەسلى خەنزۇچە بولۇپ، مەن ئۇيغۇرچىغا بىر قىسىم يەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. تولۇق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار:


http://storage.live.com/items/D677138D34ADDC03%21604?filename=yertewrex.doc



تۆۋەندىكىسى ، ئامرىكىدىكى ئەڭ تەجىربىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىستىن بىرى يازغان ئەسكەرتىشلەر بولۇپ كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.


ئادەتتە كىشىلەر يەرتەۋرىسە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋالىدۇ، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرىۋالىدۇ.


ئەمما بۇنداق قىلىش ئەكسىچە تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ، خەتەرگە يولۇقۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئەمما "ھاياتلىق ئۈچ بۇلۇڭىنى" دىن پايدىلانسا ھايات قېلىش پۇرسىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن.


1985-يىلى مىكىسىكىدىكى يەر تەۋەرەشتە قالغان بىر مەكتەپتە، ئۇستەلنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بېسىلىپ قالغان (مىجىلىپ كەتكەن). بەلكىم ئۇلارغىمۇ يەر تەۋرىگەندە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىڭلار دەپ خاتا تەلىم بېرىلگەن بولىشى مۇمكىن.


ئادەتتە يەر تەۋرەشتە ئۆي ئۆرۈلۈپ ،  ئۆي جازىلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، تورۇسمۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سوقۇلىدۇ، ۋە ئۇنىڭ يېىنىدىكى جايدا بىر بوشلۇق پەيدا بولىدۇ.  بۇ بوشلۇق "ھاياتلىق ئۈچ بۇلۇڭى" دېيىلىدۇ. ئەگەر جىسىم قانچە چوڭ، پۇختا بولسا، ئۇنىڭ مىجىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، بۇ بوشلۇقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا بۇ بوشلۇقتىن پايدىلانغان كىشىلەرنىڭ ئامان قېلىش نىسبىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.


مۇتەخەسسىس قۇتقۇزۇش تەجىربىسى جەريانىدا، ھاياتلىق ئۈچ بۇلۇڭىدىن پايدىلىنىپ قۇتۇلۇپ قالغان نۇرغۇن مىساللارنى كۆرگەن بولۇپ، تۆۋەندە بىرنەچچە مىسالنى رەسىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بېرەي.


























  















  


يەر تەۋەرەش يۈز بەرگەن چاغدا، ئەگەر ئىشىك ياكى دېرىزىدىن تىز سۈرئەتتە قېچىپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۈستىدىكى رەسىملەردىكىدەك ئۈستەل، سافا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ يېنىدا تۈگۈلۈپ يېتىش كېرەك.








  





  


يۇقارىقى مىساللار ئارقىلىق قېرىنداشلار چۈشەنگەن بولىشى مۇمكىن، باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭلار.


....


مېنىڭ گىپىم: ئەگەر يەر تەۋرەش يەنە ئازراق داۋاملاشقان بولسا، بۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقانلاردىن بەزىلىرىمىز ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولىشىمىز مۇمكىنتى. تەييارلىقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! شۇڭا قېرىنداشلار، ھەر ۋاقىت كېلىدىغان ئۆلۈمگە ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەر بىلەن ، كۈچىمىزنىڭ يېىتىشىچە تەييارلىق قىلىشقا تىرىشايلى، مەن تېخى ياش، كېيىن چوڭ بولغاندا ناماز ئوقۇيمەن، ياكى ياخشى ئىش قىلىمەن دېگەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى ئويلىمايلى.


بۇ بەلكىم بىزگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى گۈزەل قىلسۇن، ئامىن.





qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-1 10:49:06

شۇنداق ياخشى تېمىكەنتۇق ... مەندە رەسىم پەقەت كۆرۈنمىدى ...

306398168 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-1 10:53:14

رەسىم چىقمىدىغۇ،

جانابى ئاللاھتىن يۇرتىمىزلارغا ئامان ئىسەنلىك تىلەيمەن ئامىن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-7-2 10:22:22

ئەلا باھالاپ قويدۇم. رەھمەت.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 11:38:46

ئادەتتە يەر تەۋرەشتە ئۆي ئۆرۈلۈپ ،  ئۆي جازىلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، تورۇسمۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە سوقۇلىدۇ،



  ماۋۇ ئالامەت تەرجىمە بوپتۇ ...

shapburut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 11:46:58

بۇرۇن ئۈستەلنىڭ ئاستىقغا كىرىۋالسا بولىتى، ئەمدى بولمايدۇ دەپتۇيا؟

مەنبەگە يەنە بىر قاراپ بېقىڭە، جوڭگۇنىڭ  ئۈستىلى دەپ بارمىكىن؟

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 14:43:04

بىز تېخى بايىلا ياتاقدىشىم بىلەن،ئۈستەلنىڭ ئاستىغا  ياكى كارۋاتنىڭ ئاستىغا كىرۋالسا بولغۇدەك  دەپ ئولتۇراتتۇق  {:107:}

natonux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:14:16

قايسى كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاغىنەمنىڭ قاچە باللا دەپ ياتاقتىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكىنىنى ئويلىسام سەت كۈلىمەن ئەمما  \"\"
بەت: [1]
: يەر تەۋرىگەندە ئۈستەلنىڭ ئاستىغا مۆكۇۋالماڭ![تەرجىمە]