GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 10:03:37

يەر تەۋرىگەندە ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟[تەرجىمە]

ئۈرۈمچىدە يەر تەۋرىگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەر تېمىسىدا بىر تورداش، يەر تەۋرىگەندە قوغدىنىش تەربىرلىرىنىڭ ئۇلانمىسىنى قادۇرۇپ قويۇپتىكەن، تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، بىلىپ قالساق، پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


===============================================================


1. ئەگەر ھويلا ئۆيدە بولغىنىمىزدا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ قالسا، دەرھال كاۋات، ئۈستەل ياكى ئىشكاپنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەر ئارقىلىق بېشىمىزنى قوغداپ تۇرۇپ، يەر تەۋرەش توختىغان ھامان، بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەۋاتقاندا ئەگەر ئۆگزە بېسىپ چۈشسە، مۆكۈنىۋالغان كارۋات ياكى ئۈستەل ئاستىدىن ھەرگىز مىدىرلىماسلىق كېرەك، يەر تەۋرەش توختىغىچە ساقلاش ياكى قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش زۆرۆر.



2. ئەگەر بىنا ئۆيدە بولغىنىمىزدە يەر تەۋرەپ قالسا، بىنادىن قېچىپ چىقىشنى ئويلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ۋاقىت ھەرگىز يار بارمەيدۇ. ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل: ئۆگزىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئىككى تام ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆيگە كىرىۋېلىش، مەسىلەن ھاجەتخانا، ئاشخانا دېگەندەك. ئۈستەل، ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ياكى ئۆينىڭ ئىچى تەرىپىدىكى تامنىڭ بۇلىڭىغا بېرىۋېلىپ بېشىنى قوغداپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بالكون ياكى دەرىزە تۈۋىگە بېرىۋالماسلىق كېرەك.



3. ئەگەر دەرس ئاڭلاۋاتقاندا يەر تەۋرەپ قالسا، قورقۇپ كونتروللۇقنى يوقتىپ، دەرسخانىدا قالايمىقان يۈگرەپ قېچىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئىشىككە يېقىن ساۋاقداشلار تېز سۈرەتتە سىرىتقا چىقىۋالسا بولىدۇ، سىنىپ ئوتتۇرىدىكى ياكى ئىشىككە يىراق ساۋاقداشلار، دەررۇ ئۈستەل ئاستىغا كىرىۋېلىپ بېشىنى سومكىسى بىلەن ئورىۋالماقلىقى زۆرۆر. تام تەرەپتىكى ساۋاقداشلار تامغا چىڭ يېپىشىپ بېشىنى ئورىۋېلىشى زۆرۆر.



4. ئەگەر ئۆيدىن چىقىۋالغان بولسا، ھەرگىز يەر تەۋرەش توختىغان ھامان ئۆيگە كىرىپ نەرسە ئېلىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، چۈنكى تۇنجى قېتىم تەۋرەپ بولغاندىن كېيىنم قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى يۇقىرىم قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئادەمگە خەۋىپى تېخىمۇ ئېغىر.



5. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا يەر تەۋرەپ قالسا، ھودۇقۇپ قالايمىقان يۈگۈرمەستىن، ئەڭ يېقىندىكى بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىش كېرەك، مەسىلەن ئۈستەلنىڭ ئاستى، سەھنىنىڭ ئاستى قاتارلىق.



6. ئەگەر كوچىدىكى ۋاقىتتا يەر تەۋرىسە، ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىگە، ئېگىز بىنالارنىڭ ئاستىغا، ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالماسلىق، تار كوچا ياكى كۆۋرۈك بېېشى قاتارلىق جايلاردا تۇرماسلىق كېرەك.



7. ئەگەر يەر تەۋرىگەندە ئۆرۈلگەن قۇرۇلۇشقا قاپسىلىپ قالسا، ئامال قىلىپ كۆكرىكىنىڭ يۇقارى تەرىپىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ لۆڭگە ياكى كىيىم بىلەن ئېغىز بۇرنىنى ئورىۋېلىپ، ئىس-تۈتەك، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش كېرەك.  سۇ ياكى يىمەكلىك تېپىشقا ئامال بولمايدۇ، بەدەن كۈچىنى ساقلاشقا دېققەت قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك.



ئەسلى مەنبە: http://zhidao.baidu.com/question/267385127.html


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 11:52:41

http://www.keishicho.metro.tokyo.jp/seian/jisin/image/E_C_jisin_note.pdf



مانى چۈشۈرەلەسىزمۇ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:03:05

ياپۇنىيە ساقچى نازارىتى چىقارغان جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسىنىڭ ئىنگىلىزچە خەنزۇچە نۇسخىسى.

ياپۇنىيەنىڭ يەر شەكلى خاراكتىرىگە ئۇدۇللاشتۇرۇپ چىقارغان تەدبىرلەرنى قىسقارتىۋېتىپ،قالغان يەرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويسا ئوبدانلا بىر قوللانما بولۇپ قالاتتىكەن

aytura يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:03:47

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


http://www.keishicho.metro.tokyo.jp/seian/jisin/image/E_C_jisin_note.pdf



مانى چۈشۈرەلەسىزمۇ؟


---------------------


مەن چۈشۈرۋالدىم،  نوچىكەن \"\"

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:11:29

زادى بىلىپ  قويۇشقا تېگىشلىك ساۋاتلاركەن.بۇندىن كېيىن يەرتەۋرەش ئاپەتلىرىدىن خالىي بولالمىغۇدەكمىز.ھازىرمۇ  ياتاقدا ئولتاسام يەر جاھان  يەنە بىرخىل تىترەۋاتقاندەك،ئۈستىلىم سىلكىنىۋاتقاندەك  \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:13:51

3- قەۋەتتىكى ayturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


http://www.keishicho.metro.tokyo.jp/seian/jisin/image/E_C_jisin_note.pdf



مانى چۈشۈرەلەسىزمۇ؟


---------------------


مەن چۈشۈرۋالدىم،  نوچىكەن \"\"



2011يىلى يەر تەرۋەشتە ياپۇنىيە ئاھاللىسى ۋە ھۈكۈمىتى نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولدى.بۇ تەجرىبە ساۋاقلار پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق.



نوچىكەن دەپلا بولدى قىلماي ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلىي ئوقۇپ قويۇڭ


قاچان نەدە يەر تەۋرەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.ھەممەيلەننىغۇ خودا ساقلىسۇن دەيمىز.


ئۈزىمىزمۇ تەييارلىق قىلىپ قويغان ياخشى.




ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:22:20

نوچىكەن ، قولىڭىزغا دەرت، پۇتىڭىزغا ھەسرەت ، باشقا يەرلىرىڭىزگە نادامەت كەلمىسۇن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:22:31

ئاۋۇنى چۈشۈرىۋالدىم، چول تېگىپ قالسا تەرجىمە قىلىشىم مۇمكىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:23:55

ئەمىسە بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قوياي:



0. چوقۇم ئائىلىدىمۇ ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، كەلكۈن.. دىگەندەكلەرگە قارىتا مانىۋېر قىلىپ، ئەڭ توغرا تاللاش ۋە ئەڭ تېز ھەرىكەتلىنىش بويىچە تەربىيىلىنىش كېرەككەن.





1. ئۆيدە بىر يەر تەۋرىگەندە ئاۋاز چىقىرىدىغان ئاسما ئۇيۇنچۇقتەك نەرسە بولۇشى كېرەككەن، ئاۋازى ياغاچ ئىشكاپ، قاچا- قۇمۇچلارغا قارىغاندا كىشىنى بالدۇرراق ئويغىتىدۇ؛







2. جىددىي سومكا ساقلاش كېرەككەن، Solt نىڭ كىنوسىدەك، ئىچىدە شۇ پەسىلگە مۇۋاپىق بىر قۇر كىيىم(ئىشتان، مايكا، چاپان، باش كىيىم، ئىچ كېيىم، پايپاق، بەلباغ، تەنتەربىيە ئاياق ياكى پولات باش ئاياق)، ئەدىيال، يەل ياستۇق، كاۋچۇك رەخت، دوختۇرنىڭ يىلىم لېنتىسى، يارا لېنتىسى، پاختا، تاڭىدىغان داكا رەخت، سۇنۇق تاختىسى، ئىسپىرت، قوش ئوكسىگىنلىق سۇ، كاۋچۇك يالاتقان پەلەي، كۆز ئاسراش كۆزئەينىكى، پولات ياكى قاتتىق سولياۋ قالپاق، بوكىسچىلارنىڭ بامبۇك تاختىلىق پىنجىكى، يالتىراق سۇ ئۆتكۈزمەس ئەدىيال(ھاياتلىق ساقلاش بويۇملىرى دەپ ئىزدىسىڭىز بۇلار ئۇچرايدۇ)، كۈنلۈك، پۇشتەك، چاقماق، سۈركەپ ئوت چىقىرىش قەلىمى، بىر قۇتا يېقىلغۇ ماي، پىچاق، سۇدان، داتلاشماس پولات تاماق قاچىسى، تۇز، چوكا- قوشۇق، سوپۇن، نەم قەغەز، تازىلىق قەغەز، لۆڭگە، تاغاق، چىش چوتكىسى، كىچىك ئەينەك، ئېلېكتىر چىراق، باتارىيە، توك قاچىلىغۇچ، كىچىك توك چىقارغۇچ، كومپاس، يىپ- يىڭنە، بولقا، ئامبۇر، كىچىك تۆمۈر ھەرىسى، لوم تۈمۈر، دۇربۇن، ھاياتلىق ساقلاش كىتابى، قەلەم، قەغەز..  قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق كېرەكلىك بۇيۇملار..





ھەم جىددىي سومكا بىلەن ئالتۇن، يانفۇن قاتارلىق بۇيۇملار ئەڭ يېقىن يەردە بولۇشى كېرەك ئىكەن. بولسا بامبۇك تاختىلىق پىنجەك بىلەن پولات قالپاق، پەلەي قاتارلىقلارنى جىددىي سومكىنىڭ تېز ئېچىلىدىغان يانچۇقىغا سېلىپ، قېچىپ كېتىۋېتىپ كىيىۋالسا، بېسىلىپ قالىدىغان ياكى پارچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان چاغدا ھايات قېلىش ۋە يارىلىنشتىن ساقلىنىش مۇمكىنچىلىكى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.







3. جىددىي ئاغامچا. بۇنى جىددىي سومكىغىمۇ ساقلاش كېرەك، ئەھۋالغا قاراپ 30 مېتىرلىقتىن 50 مېتىرلىققىچە بولسا بولىدۇ. ئۆيى بىنانىڭ يوقىرى قەۋىتىدە بولغانلار، مۇۋاپىق دەرىزىدىن يەرگىچە يەتكۈدەك بىرنى تەييارلاپ قويسا بولغۇدەك، بۇنداق تاغقا چىقىش ئارغامچىلىرىنى ھازىر ھەممىلا شەھەردە، ھەممىلا يەردە سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئارغامچىغا قوشۇپ، سېيرىلىش تۇتقۇچى، ئىلمەك دىگەندەك قوشۇمچە بويۇملىرى بولۇشى كېرەك. مەن بۇرۇن ئىشلىگەن ئىدارىدە كىچىك ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئارغامچا تارقاتقان.







4. چوقۇم ئادەتتىكى تېنچ ۋاقىتلاردا كەچلىكى يۈگرەپ، بولسا ئارغامچىدا يامىشىپ- سېيرىلىپ مەشىق قىلىپ تۇرۇش كېرەككەن.




kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:26:07

كارۋات، ئۈستەل ئاستىغا كىرىۋالسا بىسىلىپ قالىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:31:00

مەن چاپلاپ قويسام بولامدىكىن دەپ بولغىچە، باچكا ئۆزى ئويلاپ بوپتۇ. يەر تەۋرەش ئاپىتى توغۇرلۇق ئىزچىل ھالدا ئىلمى ساقلىنىش ئۇسۇللىرى تەتقىق قىلىنىپ، تەشۋىق قىلىنىپ باقماپتۇ.

رايونىمىزغا ئوخشاش كۆپ يەر تەۋرەيدىغان جايلارغا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك، تولۇقسىز-تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقىتلىرىمىزدا بەك كۆپ تەۋرىگەن، شۇ ۋاقىتلاردا سېزىشكە ئاسان بولسۇن دەپ سىنىپنىڭ تورۇسىغا بوتۇلكا ئېسىپ قوياتتۇق، شامالدا لىڭىشىپ كەتسىمۇ ئەنسىزلىككە چۆمۈپ، پات-پات تەرتىپ بىلەن سىنىپتىن چىقىش مانىۋېرى قىلىپ تۇرىدىغان، شۇ چاغلاردا ئويۇن بولۇپ بېرىپتىكەن بىزگە. شۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، كىشىلەر يەر تەۋرەش دېگەننى ئەمدى ئۇنتۇلۇشقا باشلىغاندا يەنە بىزنى ئەسكەرتىۋاتقاندەكلا پەيدا بولدى.

بۇ قېتىم نەق بامدات ۋاقتى بىلەن تەۋرىدى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئويغاتتى.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:33:45


8- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمىسە بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قوياي:



0. چوقۇم ئائىلىدىمۇ ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، كەلكۈن.. دىگەندەكلەرگە قارىتا مانىۋېر قىلىپ، ئەڭ توغرا تاللاش ۋە ئەڭ تېز ھەرىكەتلىنىش بويىچە تەربىيىلىنىش كېرەككەن.





1. ئۆيدە بىر يەر تەۋرىگەندە ئاۋاز چىقىرىدىغان ئاسما ئۇيۇنچۇقتەك نەرسە بولۇشى كېرەككەن، ئاۋازى ياغاچ ئىشكاپ، قاچا- قۇمۇچلارغا قارىغاندا كىشىنى بالدۇرراق ئويغىتىدۇ؛







2. جىددىي سومكا ساقلاش كېرەككەن، Solt نىڭ كىنوسىدەك، ئىچىدە شۇ پەسىلگە مۇۋاپىق بىر قۇر كىيىم(ئىشتان، مايكا، چاپان، باش كىيىم، ئىچ كېيىم، پايپاق، بەلباغ، تەنتەربىيە ئاياق ياكى پولات باش ئاياق)، ئەدىيال، يەل ياستۇق، كاۋچۇك رەخت، دوختۇرنىڭ يىلىم لېنتىسى، يارا لېنتىسى، پاختا، تاڭىدىغان داكا رەخت، سۇنۇق تاختىسى، ئىسپىرت، قوش ئوكسىگىنلىق سۇ، كاۋچۇك يالاتقان پەلەي، كۆز ئاسراش كۆزئەينىكى، پولات ياكى قاتتىق سولياۋ قالپاق، بوكىسچىلارنىڭ بامبۇك تاختىلىق پىنجىكى، يالتىراق سۇ ئۆتكۈزمەس ئەدىيال(ھاياتلىق ساقلاش بويۇملىرى دەپ ئىزدىسىڭىز بۇلار ئۇچرايدۇ)، كۈنلۈك، پۇشتەك، چاقماق، سۈركەپ ئوت چىقىرىش قەلىمى، بىر قۇتا يېقىلغۇ ماي، پىچاق، سۇدان، داتلاشماس پولات تاماق قاچىسى، تۇز، چوكا- قوشۇق، سوپۇن، نەم قەغەز، تازىلىق قەغەز، لۆڭگە، تاغاق، چىش چوتكىسى، كىچىك ئەينەك، ئېلېكتىر چىراق، باتارىيە، توك قاچىلىغۇچ، كىچىك توك چىقارغۇچ، كومپاس، يىپ- يىڭنە، بولقا، ئامبۇر، كىچىك تۆمۈر ھەرىسى، لوم تۈمۈر، دۇربۇن، ھاياتلىق ساقلاش كىتابى، قەلەم، قەغەز.. قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق كېرەكلىك بۇيۇملار..





ھەم جىددىي سومكا بىلەن ئالتۇن، يانفۇن قاتارلىق بۇيۇملار ئەڭ يېقىن يەردە بولۇشى كېرەك ئىكەن. بولسا بامبۇك تاختىلىق پىنجەك بىلەن پولات قالپاق، پەلەي قاتارلىقلارنى جىددىي سومكىنىڭ تېز ئېچىلىدىغان يانچۇقىغا سېلىپ، قېچىپ كېتىۋېتىپ كىيىۋالسا، بېسىلىپ قالىدىغان ياكى پارچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان چاغدا ھايات قېلىش ۋە يارىلىنشتىن ساقلىنىش مۇمكىنچىلىكى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.







3. جىددىي ئاغامچا. بۇنى جىددىي سومكىغىمۇ ساقلاش كېرەك، ئەھۋالغا قاراپ 30 مېتىرلىقتىن 50 مېتىرلىققىچە بولسا بولىدۇ. ئۆيى بىنانىڭ يوقىرى قەۋىتىدە بولغانلار، مۇۋاپىق دەرىزىدىن يەرگىچە يەتكۈدەك بىرنى تەييارلاپ قويسا بولغۇدەك، بۇنداق تاغقا چىقىش ئارغامچىلىرىنى ھازىر ھەممىلا شەھەردە، ھەممىلا يەردە سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ئارغامچىغا قوشۇپ، سېيرىلىش تۇتقۇچى، ئىلمەك دىگەندەك قوشۇمچە بويۇملىرى بولۇشى كېرەك. مەن بۇرۇن ئىشلىگەن ئىدارىدە كىچىك ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئارغامچا تارقاتقان.







4. چوقۇم ئادەتتىكى تېنچ ۋاقىتلاردا كەچلىكى يۈگرەپ، بولسا ئارغامچىدا يامىشىپ- سېيرىلىپ مەشىق قىلىپ تۇرۇش كېرەككەن.




ئاخشام قورقتۇقما ئاغىنە؟








subhinur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 15:19:09

مەن بەك قورۇقتۇم ، ئۆيۈم 25- قەۋەتتە ئىدى ... \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 16:35:55

كەلىمە شاھادەت ئېيتىشىن باشقا ئىشنى قىلماپتىمەن. \"\"

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:19:49

مەنمۇ ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرىنى ئويلىماي ئورنۇمدىلا خۇدايىمغا تەۋبە قىلىپ ئولتۇردۇم

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:37:23

goodluck، يۈرەك جايىغا چۈشتىمۇ؟ \"\"


ئەگەر ياپونىيەنىڭكىدەك ئۆيلەو بولغان بولسا قورقۇش يوق ئىدى ئەسلى. تۆۋەندىكى سىن شۇ. 8.8 بال تەۋرىگەن.


تۆۋەندىكىسى 2011_يىلى 3-ئايدا ياپونىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش. بۇ ئورۇن توكيو. 8.8 بال يەر تەۋرەش. ئاۋۇ ئېگىز بىنالارنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ھېچقانداق بولمىغان. بۇلار ئۆيلەرنى ۋە ئېگىز بىنالارنى ناھايىتى پۇختا سالىدۇ، يەنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سالىدۇ. چۈنكى بۇلارغا  90نەچچىنجى يىلدىكى <<95 قۇ دەيمەن>> كوبېدىكى چوڭ يەر تەۋرەش قاتتىق ساۋاق بولغان. ئۇ يەر تەۋرەش ئەتتىگەن ھەممە ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا يۈز بېرىپ نەچچە ئونمىڭ ئادەم ئۆلگەن. ئەمما 10 يىلغا قالماي بۇ شەھەرنى قايتا ياساپ چىرايلىق قىلىپ پۈتكۈزۈپ چىققان. بۇلار ئۆينى ئالاھىدە ياسايدۇ.


Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:38:21

يۇقىرىدىكىسى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى.

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:39:11

كېيىن ئايرىم تېما قىلىپ تەپسىلىي يوللايمەن. \"\"

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:41:51

ئەگەر بىز تۇرغان يەردىكى ئۆيلەر مۇشۇنداق سېلىنغان بولسا 6.6 بال ئىكەن، سەككىز بالدىنمۇ قورقۇش يوق. كېيىن ئايرىم تېما قىلىپ، ياپونىيەدىكى ئۆيلەر ۋە يەر تەۋرەشنى تېما قىلىپ يوللايمەن.

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 19:16:37

ئاخشام سائەت دەل 3:07 مىنۇت ئۆتكەندە مەن كۇتۇبخانا ئۆيۈمدە بىخارامان كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز ئولتۇرىۋاتقان ئورۇندۇقۇم لىڭشىغىلى تۇردى(ئەسلىدىلا ئورۇندۇقۇم سەل لىڭشىيتى) توۋا دەپ ئىچىمدە مەن جىم تۇرسام نىمىشقا ئورۇندۇقۇم توختىماستىن لىڭشىيدىغاندۇ دەپ كومپيۇتېرىمغا قارىسام كومپيۇتېرىممۇ لىڭشىغىلى تۇردى، يۈگۈرۈپ زالغا چىقىپ چىراقنى ياندۇردۇم، مېھمانخانا ئۆيدىكى ئاسما چىراقمۇ پۇلاڭشىغىلى تۇرۇپتۇ، يەر تەۋرەپتۇ دېگەن خىيال ئاندىن كاللامغا كەلدى، ئۆزۈمنىڭ بەك قورقۇپ كەتكىنىمنى چاندۇرماستىن ئاستا ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ خوتۇنۇمنى ئويغاتتىم: - قوپە خوتۇن، تېز قوپ يەر تەۋرەۋاتىدۇ قارا ئاۋۇ چىراققا دەپ چىراقنى ئىما قىلدىم. خوتۇنۇم: - ۋاي...ۋاي... داۋاملىق يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىماي ئادەمنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزۇپ دەپ غۇدۇراپ ئۇيقۇسىنى داۋام ئەتتى.... ئۇنىڭغىچە تەۋرەشمۇ توختاپ قالدى... ئۇنىڭدىن كېيىن....بولدىلا ئاخىرىنى دېسەم ھېكايە بولاپ كەتكۇدەك...ئىشقىلىپ يەر تەۋرىگەن ھالەتنى ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم كۆرۈپ يە قورقانلىقىمنى يە ھاياجانلانغانلىقىمنى بىلمەي كېتىپتىمەن. ھەر ھالدا يۇقۇردىكى تېما مېنى سەل سەگەتتى.
بەت: [1] 2
: يەر تەۋرىگەندە ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟[تەرجىمە]