snake يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 17:54:22

ھاۋا تەڭشىگۈچ بىزگىلا بەك زىيان قىلامدۇ؟

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، مۆھتەرەم ئىزدىنىش ئەھلى .


ھەممىڭلارغا مەلۇم رايونىمىزنىڭ ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق ، شۇڭلاشقا ئبىنالارغا جايلاشقان ئىشخانىلارغا ئاساسەن ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىدۇ ، گەرچە تەنگە بىردەملىك ھۇزۇر بولغىنى بىلەن نۇرغۇن ئەگەشمە يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئەرلەرنىڭ مىزاجىنى بۇزىدىغان فىزىكىلىق ئامىل دەپ قارىغاچقا مۇشۇ كەمگىچە ئۆيگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورناتمىغان ئىدىم ، لېكىن مۇشۇ ئىشخانىدىكى خەن يولداشلار بىلەن ئۇلار ئاچسا مەن ئېتىپ تەڭ كېلەلمىدىم ، تاس قالدىم مۇشۇ توغۇرلۇق بىرنەرسە دېيىشىپ قالغىلى ، ئامال يوق ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاستىدا بەش -ئالتە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلدىم ، ئىككى ھەپتىدىلا ئۈنۈمىنى كۆردۈم ..


ھازىرقى ھالەت : ئازىراق قىزىق تاماق يېسەملا تەرلەيدىغان ، ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىغان يەردە تۇرسام سوغۇق تەرلەيدىغان بولۇپ قالدىم .


شۇڭا بۇگۈن ئەتىگەندىكى يىغىندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ،نەتىجىدە  ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش ۋاقتىنى قىسقارتىدىغان بولدى .


مەن بىرمۇ بىر سورىدىم مەندىن باشقا خەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھېچقايسىىسىدا مەندىكى ھالەتلەر كۆرۈلمەپتۇ ، بەزىدە ھەيران قالىمەن ئەتراپىمدىكى خەنلەرگە سوغۇن ئىچىملىك ، مۇزدەك پىۋا ، سوغۇق شاماللىق ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئەرلەرگە زىيانلىق مۇھىتتا چىلىشىپ يۈرۈپ يەنە ھېچقانداق بولمايدىكەن ؟ئەكسىچە مەن شۇنچە ئۆزۈمنى تارتساممۇ ماڭا شۇنداق تېز تەسىر قىلىدىكەن ...بۇ نىڭدا بىر ئىلمى سەۋەب بارمۇ قانداق ؟


مۇشۇ توغىرىسىدا بىردەم پاراڭلىشايلىچۇ ...

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 05:22:06

ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى  (空调综合症或空调病 ) دەپ چىقتى ئىزدەپ باقسام.ئۇزۇن مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىقلىق ھالەتتە ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردە بۇرۇن توسۇلۇش، باش قېيىش، تولا چۈشكۈرۈش،قۇلاق غوڭۇلداش، ماغدۇرسىز ھېس قىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا تىرىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىپ، تىرە ناچارلىشىپ كېتىدىكەن. مېنىڭچە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىقلىق ئىشخانا ياكى ئۆيدىكى ئوكسىگىن مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، بەدەنگە ئوكسىگىن يېتىشمەي ئاشۇنداق بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

نەچچە كۈن بولدى، ئاكاممۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى بوپ قالدىممۇ نىمە دەپ گۇمانسىراپ يۇرىيدۇ، قارىغاندا خېلى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال ئوخشايدۇ .  باشقىلارمۇ بىر نىمە دەپ بېقىڭلارچۇ ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى دىگەندەك.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 09:21:11

تۈركىي لەرگە پەقەتلا ياقمايدىكەنغۇ تاڭ بۇ نەرسە .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 09:35:43

بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىز ۋە مۇھىتىمىزدىكى تەنقۇرۇلمىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە مۇھىتىدىكى تەنقۇرۇلمىدا پەرق بار.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 12:47:55

گىرمانىيە ئىتالىيە مۇسابىقسىنى  دەپ ئاتايىن ئاغىينىلەر بىلەن  ياتاق ئېلىپ كۆرگەن ، يېرىم سائەت ئېچىپ قويغانغا  ئۈچەيلەن  تەييار بوپتىمىز، شۇ تاپتىمۇ پوتلامنى تارتقاچ خەت بېسىۋاتىمەن ...

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 15:23:16

توغرا ئېيتتىڭىز ھاۋا تەڭشىگۈچ سىزگىلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇرلارغا ياقمايدۇ . مەن ئچكىرگە بارغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىچىپ قويسام بىشىم ئاغرىپلا تۇرىتتى . لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كۆنۈپمۇ قالاتتىم ، لىكىن بىر يەرلىرىم بىرقانداقتەك ھېس قىلاتتىم.شۇڭلاشقا يازدا ئۇ تەرەپلەردە نىمىشقىكى مەن ئىشىكتىن چىىقىشىمغا تەرلەپ ھۆل بۇلۇپ كېتەتتىم ماۋۇ خەق يە ئىسسىمايدىكەن يا تەرلىمەيدىكەن ، يەنە بىرسى بۇلار تەييار چۆپنى (فاڭمىيەنمەن ) ئۈچ ـ تۆت ۋاق يىسىمۇ ھىچ نىمە بولمايدىكەن ، بىز بىر كۈندە ئىككىنى يەيدىغان بولساق كۆرىمىز كالپۇكلىرىمىز قۇرغاقشىپ قوساقلار ئاغرىپ برنىمە بولمىزدە ، بۇمەندىكىلا ئەھۋالمىكى دىسەم شۇ يەر دە مەن بىلەن تۇغانلامۇ ئوخشاش .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 18:57:44

ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. شۇنچە ئىسسىقلىق تاماقلارنى يەپ، قۇرغاق يەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ كۈندە بىر قېتىمدىن سۇغا چۈشۈپ ھەپتە ئون كۈن داۋاملاشتۇرساقلا سۇمۇ سوغۇق كىلىپ مىجەزىمىزنى بوشىتىۋېتىدۇ.

تۆۋەندە 80خالتا بلوگىدىن ئۈزۈندە:

بىرزات ئىلاۋىسى: ھەر قايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىت، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى، گېن-ئىرسىيەت ئامىلى دېگەندەك پەرقلەر سەۋەبلىك ھەر قايسى ئىقلىملاردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكىدە رۇشەن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇ سەۋەب ھەر قايسى جايلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدىغان ئۆسۈملۈك-كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: جۇڭگۇ تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنىڭ تەبئىتىنى ئىسسىق ياكى ئىسسىققا مايىل دەپ تەبىر بىرىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يۇمغاقسۈتنى ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككىلا قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىلارنىڭ قاراشلىرى ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ بىرسىنىڭ قارىشىنى توغرا، يەنە بىرسىنىڭكىنى خاتا دەپ قاراش مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك پەرقلىق مىزاج ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت. خەنزۇچە ياكى باشقا ئەل-خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىق ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى تەرجىمە ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن نۇقتىلارغا دېققەت قىلغايسىز! بىزنىڭ بەدىنىمىز ۋە ساغلاملىقىمىز تەكلىماكان بويلىرىدىكى قۇرغاق كىلىمات ۋە شۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ چىققان نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە شۇنىڭغا مۇناسىپ مىزاج ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان. ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ شۇ ئاساستا تەرەققى قىلغان. تۆۋەندە خەنزۇچە ئائىلە دوختۇرى لىنىيىسىنىڭ <<كۈز- قىش پەسلىدىكى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان 4 خىل مېۋە>> ماۋزۇسىدىكى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ماقالىدە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان مېۋىلەر قاتارىدا ئۈزۈم، ئۈجمە قاتارلىقلارنى ساناپ قىلىپ ئارقىدىن قارقات ۋە چىلاننىمۇ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ چۈشەنچە يازىدۇ. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قارىشىدا ئالدىدىكى ئىككى خىل مېۋە ئىسسىقلىق ۋە قۇۋۋەت تەسىرىدىن بۆرەك ۋە باشقا رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ. كىيىنكى ئىككى خىل مېۋە بولسا قۇرۇق سوغۇققا تەۋە بولۇپ ئاساسلىقى قاننى سۈيەلتىپ قان تازىلاش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئىسسىقنى ئىلىش خۇسۇسىيەتلىرى بار. دېمەك ئىسسىق مىزاجلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلگىنى بىلەن سوغۇق مىزاج كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا بەلكىم بەدەن-قاننى سوۋۇتۇپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مومكىن.  شۇڭا تەرجىمە ماقالىلەرنى كۆرگەندە رېتسىپ ۋە يېمەكلەرنىڭ بىزنىڭ بەدەن ھالىتىمىزگە، مىزاجىمىزغا ماس كىلىش-كەلمەسلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەيسىز! تۆۋەندە مەزكۇر ماقالە دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:



____________________ بىرزات


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 21:08:22

تېمىدىكى مەقسەتكە جاۋاپ بىرىشكە ئاجىز كىلىدىكەنمەن :  



خەنزۇ تىبابىتىدە ۋەساقلىقنى ساقلاشتىمۇ ئوخشاشلا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاستىدا خىزمەت قىلىشنى سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ قارايدۇ .

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 21:55:51

بىرزات ھەكىمگە كۆپ رەھمەت ، سەكسەن خالتا توربەتلىرى كۆپ نەپ بېرىۋاتىدۇ جۇمۇ ...

istanbul يوللانغان ۋاقتى 2012-7-2 00:15:44

مەنمۇ ئىشخانىدىكىلەرگە بەك قاخشايتتىم بۇ ئىش توغۇرلۇق، ئۇلار ھېچنىمە بولمايدىكەن مەن ئۇششۇپ قالىمەن ، مەن ئۆچۈرىمەن ئۇ ياندۇرىدۇ ...  {:107:}     دەۋېرىپ ئاخىرى ئولتۇرىمەن ئامال يوق تىترەپ قويۇپ...

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 15:24:26

بۇلار قوغۇن يىسىمۇ ئىسسىق كىلىدۇ شۇڭلاشقا ئاساسەن يىمەيدۇ) 上火(دەپ.بەسەي شورپىسى بىلەن لاڭخا شورپىسىغا گۇمەن سىلىپ  كۈندە ئىچسىمۇ سوغۇق كەلمىگىنىگە مەنمۇ ھەيران قىلىپ يۈرەتتىم

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:04:26

10- قەۋەتتىكى koqahawiri1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلار قوغۇن يىسىمۇ ئىسسىق كىلىدۇ شۇڭلاشقا ئاساسەن يىمەيدۇ) 上火(دەپ.بەسەي شورپىسى بىلەن لاڭخا شورپىسىغا گۇمەن سىلىپ  كۈندە ئىچسىمۇ سوغۇق كەلمىگىنىگە مەنمۇ ھەيران قىلىپ يۈرەتتىم

ماۋۇ ئىشقا بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن،ئۆتكەندە خىزمەتداشلار بىلەن قوغۇن تاۋۇز يېدۇق،مەن قوغۇنغا ئامراق بولغاچقا تازا يەپتىمەن،ئۇلار بولسا ئاساسىي جەھەتتىن تاۋۇزنىلا يېدى،ھەمدە مېنىڭ قوغۇننى كۆپ يىگەنلىگىمگە قاراپ不怕上火吗?دەيدۇ.
بەت: [1]
: ھاۋا تەڭشىگۈچ بىزگىلا بەك زىيان قىلامدۇ؟