qalaziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 11:31:42

(مۇراجەتنامە)سەككىز ياشلىق قېرىندىشىمىز زاھىرجاننى قۇتقۇزۋالايلى

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداشلار ،خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيە بەشتوغراق يېزا سىياۋېشىم كەنتى 24-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇجېلىل ئابدىرىيىھىم بىلەن ھېبىبە مەتۇسۇننىڭ ئوماق ئوغلى زاھىرجان بۇيىل سەككىز ياشقا كىرگەن بولۇپ،2012-يىلى 1-ئايدا تۇيۇقسىز مەيدىسى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كۆرسەتكەن،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە زاھىرجاننىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپدار بولغانلىقى ئېنىقلاندى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىدا 2-ياتاق بىناسى بالىلار بۆلۈمى 8-قەۋەت 2-رايون 1-كارىۋاتتا داۋالىنىۋاتىدۇ .دوختۇرلارنىڭ دېئاگىنوز ئەخۋالىغا قارىغاندا زاھىرنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا تەخمىنەن 300000 (ئۈچ يۈز مىڭ ) يۆەن پۇل كېتىدىكەن.زاھىرنىڭ ئائىلىسى تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمان بولىدىغان ئائىلە بولغاچقا،بۇ زور چىقىمنى كۆتۈرەلمەيتتى ،شۇڭا ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى سېتىپ ئىقتىساد تەييارلىدى.لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق داۋالىنىشقا ئىقتىسادى يار بەرمەي،ئىنتايىن ئېغىت قىيىنچىلىقتا قالدى.مېھرىبان قېرىنداشلارنىڭ بۇ سەبىي قېرىندىشىمىزغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز.

   



    زاھېرنىڭ ئاپىسى ھەبىبەنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىن ئاچقان كارتا نومۇرى :

6228480890799136910 خەنزۇچە ئىسمى : 艾比拜.麦吐送

ئالاقىلىشىش تېلفون نومۇرى : 13319045396 ئالاقىلاشقۇچى: ھەبىبە



  مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :


  







oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 16:38:12

ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىغا تاغدەك غەم چۈشۈپتۇ........................ \"\"

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 16:42:01

رايونىمىزدا ئاققان كېسىلى كىچىك بالىلاردا بەك تولا كۆرۈلمەكتە.......ئىككى يېرىم ياشلىق نەيىمەن، سەككىز ياشلىق زاھىرجان....





تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېلىپ بارىدىغان يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىماقتا.......  {:136:}

ALSHAH يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 01:37:47

2- قەۋەتتىكى oghuzyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رايونىمىزدا ئاققان كېسىلى كىچىك بالىلاردا بەك تولا كۆرۈلمەكتە.......ئىككى يېرىم ياشلىق نەيىمەن، سەككىز ياشلىق زاھىرجان....





تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئېلىپ بارىدىغان يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىماقتا....... \"\"  



ھازىر توختاتتىمۇ يا يەنە سىناق قىلىۋاتامدىغاندۇ ؟ دۆلىتىمىز ھازىر بومبىغا ئېرىشكەندىكىن ئەمدى توختاتقانمىكىن دەپتىمە تېخى، ئاڭلىسام يادرو رىئاكسىيەسى پەپەت 200كلومتىر يىراقلىققىلا بارالايدىكەن، شۇنداق بولغاندا پارتىلاتقان جايدىن 400كىلومىتر دائىرە زىيانغا ئۇچرامدا ؟ئۇ يەردىكى يېپىنچا ئۈسۈملىك، ياۋايى ھايۋانلار ...   \"\"

بەت: [1]
: (مۇراجەتنامە)سەككىز ياشلىق قېرىندىشىمىز زاھىرجاننى قۇتقۇزۋالايلى