بۇرۇن كېسەللىكلىرىگەئىشلىتىدىغان بىر نەچچە رېتسىپ
بۇرۇن كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە رېتسىپ
سەئۇتى بەخرۇل ئەنەف
بۇرۇن سېسىق پۇراش كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
تەركىبى
ۋە تەييارلىنىشى: ئەنبەر بىلەن زەپەر تەڭ مىقداردا ئېلىنىپ ، يالپۇز
كۆكىدىن سىقىپ ئېلىنغان سۇدا ئېرىتىلىپ ، بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.
سەئۇتى زۇكام
تەسىرى:كونىرىغان زۇكامغاشىپا بولىدۇ(تەجرىبىدىن ئۆتكەن)
تەركىبى،تەييارلىنىشى:
قارىمۇچتىن بەش دانەئېلىپ،يۇمشاق سوقۇلغاندىن كېيىن،12گرام كالا سۈتى قايمىقى بىلەن قوشۇلۇپ ،بۇرۇنغاتېمىتىلىدۇ.
سەئۇتى رۇئاف
تەسىرى:بۇرۇن قاناشقاتىزمەنپەئەت قىلىدۇ.(كۆپ تەجرىبىدىن ئۆتكەن)
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى:كۇندۇر،ئەپيۇن،كاپۇر ئىككى دانە ئارپا مىقدارىدا ئېلىنىپ،سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ.
سەئۇتى شەقىقە ۋەئەسابە
تەسىرى:قاپاق ئاغرىقى ۋە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش(شەقىقە)قا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەركىبى
ۋە تەييارلىنىشى:بىر گرام كافۇر24گرام قىزىلگۈل يېغىدا ئىرىتىلىپ ،ئاپتاپ
چىقىشتىن ئىلگىرى ، ئۈچ كۈنگە قەدەر بىمارنىڭ بۇرنىغا بىر قانچە قېتىم
تېمىتىلىدۇ.
فەتىلە ھابىس رۇئاف
بۇ دورا بۇرۇنقاناشنى ناھايىتى تىز توختىتىدۇ.
تەركىبىۋەتەييارلىنىشى:
كۇندۇر ،خۇنسىياۋشان،ئەنزىرۇت،سەبىر،مۇرمەككى تەڭ مىقداردائېلىنىپ
ناھايىتى يۇمشاق سوقۇلغاندىن كېيىن ،داكا پەلكۈچنى سىركىگە
چۈمۈرۈپ،ئاندىن دورىغا مىلەپ بۇرۇنغا تىقىپ قويۇلىدۇ.
نۇپۇخى رۇئاف
قەغەز كۈلى ۋە سەدەپ كۇشتىسى 10گرام،زاك 5گرام،
ھەممىسىنى يۇمشاق ئىزىپ،ھۆل پەلكۈچكە مىلەپ بۇرۇنغا تىقىپ قويۇلىدۇ.
نۇپۇخى رۇئافمۇجەررەپ
ھاك ياكى گەجنى يۇمشاق تالقانلاپ بۇرۇنغا پۈركۈلسە ياكى ھۆل پەلكۈچكە مىلەپ بۇرۇنغا تىقىپ قويساقان توختايدۇ.
مەنبەلەر«
مەخزەنۇل مۇرەككىبات
ئۇيغۇرتېبابىتى مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى
ئۇيغۇر تېبابىتىدەسىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار
ئۇرۇقلارنى سەمىرتىپ، سىمىزلارنى ئۇرۇقلىتىدىغان رىتسىپ يوقما ھەكىملە


3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇننىڭ تۈكىنى يوق قىلىدىغان رىتسىپ باما؟ بەك بىزار بولدۇم![]()
ئاداش ئەگە شۇنداق بۇرۇننىڭ تۇكىنى يوق قىلىۋەتسەڭلار بۇرنىڭلىغا چاڭ =توزان
پاشا كۇمىتا چىۋىن چۇمۇلە ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە كىرىپ كىتىدۇ بىرئايغا قالماي ئۇدۇنياغا سەپەر قىلىسىلە بولمىسا سىناپ بىقىڭلار
ئەنبەرنى نەدىن تاپقىلى بولىدۇ؟ چوڭراق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىخانىلىرىدا بار.ياكى بىز ئەۋەتسەكمۇ بولىدۇ. http://doriger.biz/