enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 22:46:19

پورتوگالىيە- ئىسپانىيە. مەن پورتوگالىيىگە دو تىكتىم، سىلەرچۇ؟

   نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مۇسابىقىنى كېچىلەپ كۆرۈپ، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇيقۇم كەلمەي چالا ئۇخلاپ، ئەتىسى كۈندۈزىكۆز ئەتراپىم خالتىلىشىپ، كۆزۈمنىڭ ئالمىسى ئاغرىپ، بېشىم قاپاق، پۇت-قولۇم جانسىز،چىرايىم نۇرسىز، ئىشتەيسىز، سەپرا بولۇپ "خەپ، مۇسابىقە دېگەننى ئىككىنچىمۇ كېچىسى كۆرەمدىغان"دەپ قاقشاپ كەتكەن ئىدىم.


نېمە ئامال دەيسىلەر ئاغىينىلەر،پۇتبول دېگەن بىر ئوتكەن ئوت... يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دۇنيا پۇتبول تارىخىدا ئەڭ قىزىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ قىزىش، كىلاسسىكقا ئايلىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئاخىرقى چېمپيونلۇقنى تالىشىشنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. چۈنكى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كۈچىنىپ بۆسۈشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. شۇڭا پارتلاش كۈچىنى تولۇق چىقىرىش كېرەك. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولسا ئېھتىياتچان پوزېتسىيىنى كېرەك قىلغان بولغاچقا مۇسابىقىغە قاتناشقان ھەر ئىككى كوماندا ئىمكان بار مۇداپىيەنى ئاساس قىلىپ ئويناپ پارتلاش كۈچىنى تورمۇزلىۋالىدۇ. شۇڭا ئانچە بەك قىزىمايدۇ.


شۇنداق قىلىپ، يەنە ئىككى كۈن ئۇخلىساقمۇ ھاردۇقى چىقمايدىغان كاللا پورتوگالىيە بىلەن ئىسپانىيە ئۈچۈن يەنە قىينىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى. كۆرمەي دېسەكمۇ ئامال يوق، كېچىچە قانداق بولغاندۇ،دەپ يەنە ئۇخلىيالمايدىغان گەپ. چوقۇم كۆرىمىز مۇسابىقىنى.


بۈگۈن خىزمەتداشلار بىلەن پو ئېتىشىپ قېلىپ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسپانىيىگە دو تىكتى. مەن پورتوگالىيىگە تىكىپ يامان خەتەرلىك ئىش قىلدىم. مەن ھەممە ئۈمىتنى رونالدو دېگەن بۇ پوچى، لېكىن ئاتقان پورىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ئاقسا بالىغا باغلىدىم.


سىلەر قانداق ئويلىدىڭلار ئاغىينىلەر؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:45:33

مەنمۇ پورتوگالىيىگە تىكەي{:92:}

asmathan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:47:09

بەك كېچىكىپ تەستىقلىنىپ قاپتۇ بۇ تېما.ئاخشاملا تەستىقلانغان بولسا قىزىتىپ بىر يەرگە ئاپىرار ئىدۇق.

Cرونالدونىڭ90-مىنوتتىكى ھېلىقى توپى كىرگەن بولسا ئېسىل ئىش بولاتتى دە.ئەپسۇس بەك ئەپسۇس.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:53:04

ئىسپانىيەنىڭ بۇ قېتىم ياۋرو لوڭقىسنى ئېلشىغا ئىشىنمەن.



بۇلارغا بىرازلىيە ۋە ئارگىنتانىڭ ھۇجۇمچلىرىدەك ئادەملەر كامكەن .


POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:12:02

گېرمانىيە بۇ قېتىم ئىتالىيەنى مەغلۇپ قىلالىسا، گېرمانىيەنىڭ سەركە بۇلىشىدا گەپ يوق.

«چىمپىيون» دىگەن سۆزمۇ ساپ ئويغۇرچە ئەمەسكەن، شۇڭا «سەركە »دىگەن سۆزنى ئىشلەتتىم.

surgundi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:20:58

ئىتالىيە ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلاتوقسىنىنجى يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ياڭزىسىغاقايتىدىغاندەك تۇرىدۇ جۇما،بىك يامان بولسا ئاندىن بىرگەپ بولىدىغان دەۋىرلەر يەنە كەلگۈدەك

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:26:30

ئاخشام قارىسام قارىسا تېما يوق، نىمبولغاندۇ بۇ ئىزدىنىشلىقلا دەپتىمەن، ئەسلى تەستىقلايدىغان ئادەم يوق ۋاق قاپتۇدە بۇ تېما.

   مەنمۇ ئاخشام ئۇيقۇمنى ھارام قىلىپ باققان، پورتىگالىيەدە تەلەي يوقكەن، ئىسپاننىڭ تەلىيى باركەن. كۆمەي ئۇخلىسامچۇ دەپكەتتىم.\"\"

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:49:06

ئاخشام مۇشۇ مۇسابىقىنى كۆرىمەن دەپ ،سائەت قوڭغۇرىغىنى 12:30 غا تەڭشەپ قويۇپ بالدۇر ئۇخلىغان. سائەت جىرىڭلىسا ئۇيقۇم ئېچىلدىيۇ، ئۇيقۇچىلىقتا :\"\"بۇ ۋاق بىلەن نىمىگە قوپقان بولغىيتىم\"\"- دەپ بىر نەچچە سىكونت تۇرىۋىتىپ، يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن \"\"

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:53:36

ئىسپانىيە دىن زىرىكتۇق، ماشىنا ئادەمدەك ئويناپ ئىچىمىزنى سىقىپ قويدى. گېرمانىيە ئۇزغۇن بولسا بولاتتى

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 11:43:47

بۈگۈن كەچتىمۇ مۇسابىقە بارمۇ ؟ھەل قىلغۇچنىڭ ۋاقتى قاچان ؟

POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 11:49:48

بار گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ئوينايدۇ.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى ھەل قىلغۇچ بۇسابىقە         ئىسپانىيەVSنامەلۇم

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 11:52:33

مەنمۇ پورتىگالىيەنى ئۇتسىكەن دەپ ئويلىسام كېچە ئۇيقىنى يوق قىغانغا چۇشلۇق تازا ئاچىقىم كەلدى . مۇسابىقىنىڭ ئۇزارتىلغان 30 مىنۇتىغا ئاران بەرداشلىق بەرگەن . ھەي رەھىمسىز نوقتا توپ . پورتىگالىيەنىڭ نوقتا توپ تەپكۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىشىدا سەۋەنلىك بار . ئاۋي قارىۋاينى توپنىڭ يېنىغا يېقىن بېرىپ تېپەي دىگەندە ئالماشتۇرۇپ نانى ئورنىغا باردى . بۇنىڭ نىمە ئورنى بار ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تەپسىمۇ بولاتتىغۇ . بۇ ئېنىقلا ئۇ قارۋاينىڭ كەيپىياتىغا زەربە بولدى . ئېسىت پورتىگالىيە . ئەمدى ئۈمۈتنى نېمىسلارغا ئاتىدىم . ئىشقىلىپ ئىسپانلاردىن باشقىلىرى لوڭقا كۆتۈرسە بولاتتى .

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 12:05:37

ئىسپانىيە بەكلا ئىچىمنى سىقىۋەتتى\"\"

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 14:48:58

ئىسپانىيە بىلەن خوشۇم يوق،مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان تاكتىكا بىلەن توپ تىپىدۇ بۇ خەق،نىمە ئۇ تىكاڭ تىكاڭ ئاياقتىن ماياققا.توپ دىگەننى ۋالاق ۋۇلۇق ئىككى ئۈچ پاس بىلەن يەنە بىر قاپقىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ گۇمباڭشىتىپ تەپمەمدۇ قاپقىغا چۈشسە چۈشمىسە.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 14:54:21

پورتۇگاللار بۇ قېتىم ياخشى ئوينىدى.بۇلارنىڭ ھۇجۇمى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.گەرچە نوقتا توپتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن بولسىمۇ.

رونالدو كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە خېلىلا يىغلاپ كىتىپتۇ.بۇ ئاداشمۇ دۆلەت كوماندىسىدا بىرەر تۈرنىڭ ئوزغۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرىۋالغان بولسا ياخشى بولاتتى،كىيىن تارىختا ھەقىقى رىۋايەت بوپ قالاتتى.

پې پې دىگەن بالاڭزىمۇ مەينەت خۇيلىرىنى خېلىلا تاشلاپ ياخشى ئوينايدىغان بوپ كېتىپتۇ.ئاخشام چۈشەندۈرگۈچىمۇ بۇ ھەقتە خېلى گەپ قىلدى.ھەم بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇنىڭ رولىمۇ بەك چوڭ بولدى.كىيىنكى پەسىلدە مادرىددا كىشىنى خېلى خاتىرجەم قىلغۇدەك بۇ گۇيمۇ.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 14:58:01

ئاخشام ئۇخلاپ قېلىپ ياخشى قىپتىكەنمەن، بولمىسا ئىچىم سىقىلىپ كېتەركەن. ئىسپانىيەلىك توڭگۇز تەلەيلەر نوقتا توپ تېپىپ پورتىگالنى يېڭىۋېتىپتۇ. تەلەي دېگەن بار يەردە باركەن. ئۆچ بولدۇم بۇ خەقكە. بۈگۈن ئاخشامقى مۇسابىقىدە گىرمانىيەنىڭ يېڭىشىنى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گىرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە ئېتىشىپ، ئىسپانلارنى ۋەھشىيلەرچە يېڭىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گىرمانىيەنىڭ ئۇزغۇن بولىدىغان ۋاقتى كەلدى ئەمدى.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 15:05:29

باشقۇرغۇچىلارغا قاتتىق ئاچچىقىم بار ما تېمنى ۋاقتىدا تەستىقلىمىغىنغا.. \"\"



پورتىگالىيە ھەقىقەتەن ياخشى ئوينىدى ،ئىسپانمۇ ئانچە ئىچىمنى سىقمىدى....ئەمما يالغۇزچىلىق..... \"\"

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 15:20:18

ياسانچۇققا ئۆچ بولسساممۇ ئىسپانلارنىڭ ئۇتۇشىنى ئۇمىد قىلمىغان ئىدىم، تەلىيى بەكلا كەلدى گۇيلىنىڭ.

گىرمان جاجىسىنى دەششەت بىر بەرسىتى\"\"

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 15:35:10

بۈگۈن كەچ مۇشۇ يەردە چانشامدۇق يا ئايرىم تىما ئاچىمىزمۇ ؟   {:92:}

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 15:48:27

ئاخشام شۇنداق قاراپ كەتتىم تېما ئاچقانمىدۇ دەپ   ، ئەمدى نىم بولغاندۇ . ئىسىت پورتىگالىيە ،ھۇجۇمنى كۈچلۈك قىپ قويغانتى ئەمما.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: پورتوگالىيە- ئىسپانىيە. مەن پورتوگالىيىگە دو تىكتىم، سىلەرچۇ؟