Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 20:12:27

قەشقەردە 590 كىلو خىروئىن قولغا چۈشۈرۈلدى.

دۆلىتىمىز تاموژنا ساقچىلىرى پاكىستاندىن قونجىراپ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قەشقەرگە كىرگەن يۈك كوڭكىسىدىن 590 كىلوگىرام خىروئىننى قولغا چۈشۈردى. تارىختىن بۇيان يۇرتىمىزدا كۆرۈلگەن زەھەر ئەتكەسچىلىكى دىلولىرى ئىچىدە بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ قولغا چۈشۈرۈلگەن زەھەر 60 كىلوگىرامغا يەتمەيتتى. بۇ قېتىم 590 كىلوگىرام خىروئىننىڭ توشۇلۇشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى:

http://uyghur.cntv.cn/program/uy_todayinterview/homepage/index.shtml

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:45:52

ھەي، نېمانداق كۆپ زەھەر بۇ... قەشقەردە قولغا چۈشتى، دېمەك خەلقئاراغا زەھەر ئەتكەسچىسى دەپ تونۇلدۇق...  \"\"

asmathan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:57:58

ئۆلۈشكۈن تېخى تېلىۋىزوردا بېرىۋاتقان.

ماشىنىغا باشقا بىر يۈكنى قاچىلاپتۇ،خىروئىننى بولسا قاڭالتىر قاپنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپتۇ.

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:26:07

چېگرادىن چىۋىننمۇ ئۆتكۈرمەيدىغان، چېگرا قوغدۇغۇچىلار ئاشۇنچىۋىلا نەرسىنىڭ قەشقەرگە كىرىشىگە يول قويىشىدا قانداق ئارقا كۆرىنىش بار؟

tas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:34:35

خا خا

زەھەر چەكلەش كۈنىگە ئۇدۇللاپ قولغا چۈشۇرۇپتۇ.

qasimbay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 09:54:12

قالتىس!

tayger يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 10:03:28

مەن ياتقان كامىردا بىر ئافغانىستانلىق 5توننا نەشە،65كىلوگىرام خىرويىن يۆتكەپتىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 10:03:31

نىمانداق جىق؟ ئىشەنگۈم كەلمىدى، تۆھپە كۆرسىتىمىز دەپ ئۇننى خىروئىن دەپ تۇتىۋالمىغاندۇ ھە؟!

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 10:07:08

بۇلتۇر 8- ئايدىكى ئىش، بىر يىلغا يېقىن بوپتۇ.

2012- يىل 3- ئايدا قەشقەر گېزىتىدە كۆرگەن. XJTV خەۋەرنى بىر يىل ساقلاپ 6.26 زەھەر چەكلەش كۈنىگە توغىرلاپ ئېلان قىپتۇ... \"\"

POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 10:31:28

ئالتۇن ھىلال ئاي ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ماكانى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ شىنجاڭغا يېقىن، كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىمان سۇسلىشىۋاتقان پەيىتتە بۇ نىجىس زەھەرنىڭ رايۇنىمىزغا كۆپلەپ كىرىشى بىزنى قاتمۇ-قات گۇناھقا مۇپتىلا قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھەممەيلەن سەگەك تۇرايلى قېرىنداشلىرىم.

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 11:46:59

3- قەۋەتتىكى bilimhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چېگرادىن چىۋىننمۇ ئۆتكۈرمەيدىغان، چېگرا قوغدۇغۇچىلار ئاشۇنچىۋىلا نەرسىنىڭ قەشقەرگە كىرىشىگە يول قويىشىدا قانداق ئارقا كۆرىنىش بار؟



  كىرىشىگە يول قويماپتۇ ، تۇتۇۋاپتۇ دەۋاتىدۇ تورداش .

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 11:53:12

چىگرادىن كىرگەندە كەينىگە چۈشۈپ،  چىگرادىن چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا تۇتقان دەپ كۆرگەنىدىم ژۇرنالدىن.


قىرغىزىستانغا ماڭغان مالكەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 12:20:27

تۇتۇلغىنى ئۇنچىلىك ، بۇ پاكستانلىق نېجسلاردىن ئارقا ئىشكنى تېىپ كىردىغىنى قانچلىكتۇ ؟؟؟


zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 12:42:36

590كىلوگىرام خىرۇئىن...؟؟؟؟  {:106:}

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 13:03:37

بىر توننا قىلىپ پۇتۇنلەپ ئېلان قىلماي،ئادەمنىڭ يۈزىنى تۇكۇپ...

teshnaiyi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 13:13:57

شۇ نىجىس ئىشتىن باشقا خىزمەت يوقمىدۇ بۇ گۇيلارغا.

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 14:58:52

11- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى bilimhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چېگرادىن چىۋىننمۇ ئۆتكۈرمەيدىغان، چېگرا قوغدۇغۇچىلار ئاشۇنچىۋىلا نەرسىنىڭ قەشقەرگە كىرىشىگە يول قويىشىدا قانداق ئارقا كۆرىنىش بار؟



  كىرىشىگە يول قويماپتۇ ، تۇتۇۋاپتۇ دەۋاتىدۇ تورداش .

خەۋەرنى تەپسىلىي كۆرۈڭ.  نېمە دەپتۇ.

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 15:04:35

17- قەۋەتتىكى bilimhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى bilimhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چېگرادىن چىۋىننمۇ ئۆتكۈرمەيدىغان، چېگرا قوغدۇغۇچىلار ئاشۇنچىۋىلا نەرسىنىڭ قەشقەرگە كىرىشىگە يول قويىشىدا قانداق ئارقا كۆرىنىش بار؟



  كىرىشىگە يول قويماپتۇ ، تۇتۇۋاپتۇ دەۋاتىدۇ تورداش .

خەۋەرنى تەپسىلىي كۆرۈڭ.  نېمە دەپتۇ.

تەپسىلى كۆرىۋاتىمەن . مېنىڭچە تەرجىمان قەشقەرگە كىرمەكچى بولغان دىگەن گەپنى قەشقەرگە كىرگەن دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ . تامۇژغا ساقچىلىرى تۇتۇۋالدى دىگەننى ئوقۇغانسىز . تامۇزنا ساقچىلىرى چېگرىدا تۇرىدىغاندۇ ؟

مەنبەنى ئېچىپ كۆرسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق بىلىسىز .

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 15:45:51

زەھەر دىگەن ئۈلۋالدىغانلار ئىچىدىغان نەرسە شۇمۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 20:20:37

شۇنچىۋالا جىق زەھەرنى نەق پۇلغا ئالغانمىدۇ ياكى نىسى ، ھىساپلاپ باقايلى ، ئامەت ۋە ئاپەت رومانىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە بىرگىرام زەھەرنىڭ ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكتىكى باھاسى 30.00 يۈەن ، پاكىستاندىكى باھاسىنىمۇ ئوخشاش دەپ پەرەز قىلساق ، بىر كىلوسى 30مىڭ يۈەن ، يۈز كىلوسى 3 مىليۇن يۈەن ، 590 كىلوسى  17 مىليۇن 700مىڭ يۈەن ، بۇنداقتا بەك ئاز پۇل بۇلۇپ قالىدىكەن ، ئادەتتىكى قۇرۇلۇش خوجايىنلىرى قىلالايدۇ بۇنچىلىك ئىشنى ، ........ساتسا 10 ھەسسە پايدا تاپىدىغۇ دەيمەن ......
بەت: [1] 2
: قەشقەردە 590 كىلو خىروئىن قولغا چۈشۈرۈلدى.