oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 19:50:09

ئاددى ئاۋازغا ئىلىش تىخنىكىسى (مەۋھۈم ساتراشخانا) [تېخنىكا]

ئاددى ئاۋازغا ئىلىش تىخنىكىسى


                                               



ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى فىلىمنى ياخشىراق نائۇشنىكتىن بىرنى تاقاپ (ئوڭ
ۋە سەل توغرا ئورۇندا بولسۇن) كۆزىڭىزنى يۇمۇپ بىر ئاڭلاپ چىقىڭ.


http://v.youku.com/v_show/id_XMzAyMTczMTQ0.html







<embed
src=“http://player.youku.com/player.php/sid/XMzAyMTczMTQ0/v.swf“
quality=“high“ width=“480″ height=“400″ align=“middle“
allowScriptAccess=“sameDomain“ allowFullscreen=“true“
type=“application/x-shockwave-flash“></embed>


بەلكىم بەك ھەيران قالماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن. 3 ئۆلچەملىك ئاۋازنى
نائۇشنىكتا بۇنچىلىك دەرىجىدە ئاڭلاش ئۇنچىلىك ئاددى ئەمەس. 5.1 ياكى 7.1
ياڭراتقۇلاردا بولىدۇ، لىكىن پەرقى ئۇ چاغدا سىزدە 5 ياكى 7 دانە ياڭراتقۇ
بولىدۇ، ئۇ ياڭراتقۇلارنى ماس كىلىشى بويىچە ئەتراپىڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇپ
ئۆزىڭىز ئوتتۇردا ئولتۇرغاندىلا ئاندىن ھىس قىلالايسىز، بۇ شەرىتلەر تولۇق
ھازىرلانمىسا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. لىكىن يۇقارقى تىخنىكىدا بۇنچىلىك
ئاۋارچىلىق كەتمەيدۇ.


ئاۋازغا ئىلىشتا: سىز پەقەت بىر ئادەمنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ
قويىسىز، ئاندىن سەزگۈر ئىككى دانە مىكروفوننىڭ بىرىنى ئوڭ قۇلىقىغا،
بىرىنى سول قۇلىقىغا ئورنىتىپ قويىسىز. ئاۋازغا ئىلىنغىنى دەل شۇ ئىككى
مىكرافوندىكى ئاۋاز، سىز ئەتراپىدا مەشغۇلات قىلىسىز. پۈتكەندە ئىلىنغان
ئاۋازنى قايتىدىن ئاڭلىسىڭىز، مۇشۇنداق پەيزى ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇنى سۈرەتكە
ئىلىش بىلەن بىرلەشتۈرگەندە تىخىمۇ پەيزى بولغۇدەك. مىسالەن غەۋۋاس بولۇپ
ناھايتى كۆپ بىلىقا ۋە باشقا ھايۋانلار بولغان سۇدا سۈرەتكە ئالغاندا ئەگەر
ئىككى قۇلىقىڭىزغا مىكرافون تاقىۋىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىڭىز چۈشەندۈرگەچ
سۈرەتكە ئىلىپ، كىيىن مىكرافون ئاۋازىنى سۈرەت بىلەن ماس قەدەملىك
بىرلەشتۈرگەندە 3 ئۆلچەم ئاۋازلىق سىن ھۆججىتى چىقىدىكەن.


بۇ فىلىم بىر تەرەپتىن ئادەم مىڭىسىنىڭ ئاۋازنى بىر تەرەپ قىلىش
جەريانىنىڭ قانچىلىك ئىلغارلىقىنى ھەم چۈشەندۈرۈپ بەرگۈدەك. مىڭىمىز پەقەت
ئاۋازغا قاراپلا شۇنچىلىك ئىنىقلىقتا ئورنىنى بىكىتەلەيدىكەن، ھەم
مىللىسىكونىت ئىنىقلىققا يەتكۈزىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى قۇلاق
بولۇشى كىرەك. ئەگەر بىرلا قۇلىقىمىز بولۇپ قالغان بولسا قانداق قىلار
ئىدۇق، ئۇ چاغدا بەلكىم ئاۋازنىڭ ئالدىمىزدا ياكى كەينىمىزدە ئىكەنلىكىنىلا
پەرىق قىلالايمىزغۇ دەيمەن، ئوڭ سول دىگەندىن خەۋەرسىز قالىمىزدە.



2006.06.27


oghuzkb


Ulm


uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 16:44:08

قىزىق ئىشكەن بۇ

ئۆزەمنى ساتراشخاندا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدىم.بۇلۇپمۇ قۇلاقنىڭ كەينىنى ،ئەمدى باشنىڭ كەينىنى،ئەمدى توكلۇق بىلەن ،سول قۇلاققا پىچىرلاش.....دىگەندەك.

ساتراش ئۇستامنىڭ تەلەپپۇزى قىزىقارلىقكەن  {:92:}
بەت: [1]
: ئاددى ئاۋازغا ئىلىش تىخنىكىسى (مەۋھۈم ساتراشخانا) [تېخنىكا]