qayash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 18:39:56

ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سودىگەرلەر! بەلكىم سىلەرمۇ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە قىزىقىۋاتقان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مەنمۇ شۇنداق، پۇل تاپماق بەكمۇ تەس، خەجلىمەك تېخىمۇ تەس، بىلىپراق خەجلىمىسەڭ كومپارتىيەنىڭ «مۇكاپاتلىرى» ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا مۇشۇ يەردە بىلىدىغانلاردىن بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا جاۋاب ئالماقچى ئىدىم، بىلىدىغانلار ئايىمىساڭلار، بىلمەيدىغانلار بىلىۋاڭساڭلار، قىزىقمايدىغانلار كۆرمىگەن بولۇپ تۇرۇۋالساڭلار، ئىشقىلىپ مىنى ھەر تەرەپتىن تىتىپ - تارتىپ تىتما قىلىۋەتمىسەڭلار دىمەكچى.



بۈگۈنكى تېما باج توغرىسىدا


سوئال: مەن بىر 18 قەۋەتلىك بىنا سالدىم، بۇ بىنانىنى سېلىش، ۋە سېتىپ چىقىرىش جەريانى ئاخىرلاشقىچە قانداق باجلارنى تۆلەيمەن، قانداق قىلغاندا ئارتۇق باج تۆلەشتىن ساقلىنالايمەن، قانداق قىلغاندا پايدىنى كۆپ ئالىمەن، ھە راس، بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قوياي، ھەرگىزمۇ ماڭا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىدىغانلار قىلسۇن دېگەندەك تومتاق جاۋاب بەرمىسەڭلار، ئەلبەتتە ئۇلارغا بەرمەي بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى چىقارغىلى بولماس، ئەمما كونىلاردا چۆچۈر يېسەڭمۇ ساناپ يە، دەپتىكەن، شۇڭا بۇ ئىشلارنى بىر بىلىۋالاي دېگەن.



سوئال: شىركەت ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغنى كۆپەيتىشنىڭ پايدا-زىيىنى؟ كۆپەيتىش يوللىرى، كۆپەيتكەندىن كېيىن ئازايتىشقا بۇلامدۇ؟



سوئال: شىركەت كىنىشكىسىنى بازار باشقۇرۇش يىللىق تەكشۈرتۈش ھەققى نەچچە پىرسەن بولىدۇ، نەچچە پۇل ئالىدۇ؟



ھازىرچە مۇشۇلا...بىرلىكتە ئورتاقلاشساق.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 21:17:37

http://ad.nur.cn/ulinix.cn/2012/parlan/

پارلان شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ بېقىڭ. شۇلار سىز قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بېرىشى ھەم ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 21:24:23

شۇنداق دېمەڭ دېسە بىرىنچى بوپ \"\"



بۇ سوئاللارغا يەنىلا كەسپىيراق ئادەم جاۋاب بەرسۇن جۇما. مەن بىلىۋالىدىغانلارنىڭ قاتارىغا كىرەي.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 21:29:43

ئى 18 - قەۋەتتىن ئۆي ئالماقچىدىم دىگەن بولسىڭىز، بەلكىم مەسلەھەتىم چىقار ئىدى.لېكىن بۇ يامان چوڭ ئىشكەن {:92:}  

مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ قۇلاق موللىسى(كۆز موللىسى دېسەم توغرا چىقارمىكى يا) بولاي. بىر كۈنلەردە مەنمۇ 28 قەۋەتلىك بىنا سالسام\"\"  پايدىلىنىش قىممىتى بوپقالار.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 22:35:57

بىر ۋاقىتلاردا 18قەۋەتلىك بىنا سالماقچىتتىم دەپ يۈرگەن ئىدىڭىز،راست ساپسىزدە.مۇبارەك بولسۇن.

دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي مۆلۈك شىركەتلېرى بەك ئاز،بىزنىڭ ناھىيىمىزدىمۇ ئەزەلدىن يوقتى،ئەمما ئۆتكەن يىلى بار بولدى،بۇ شىركەتنىڭ باش شىركىتى ئۈرۈمچىدە،ناھىيىمىزدە تارماق شىركىتىنىڭ نامىدا قۇرۇلۇش قىلىپ تەخمىنەن55مىليوندەك مەبلەغ سالدى،سالغان ئۆيلېرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ،سېتىشقىمۇ باشلىدى.

ئەگەر سىزگە لازىم بولسا ئەتە ئىدارىغا بارغاندا ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي،بەلكىم پايدىسى تېگىپ قالار.

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 22:44:19

گۈلھەكىم ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىدۇ ھە ....

سىزگە بەك ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ، كۈندە تورغا چىقىدىغان شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىز بارئىكەن .

مەن ئانچە -مۇنچە ئۆي -مۈلۈك ساھاسىدكىلەر بىلەن باردى كەلدى قىلىمەن ، بىلگىنمنى دەپ باقاي .

ئەلۋەتتە بىنانى سېلىشتىن بۇرۇن يەرنى سېتىۋالىسىز ، ھازىر دۆلەت ئۆي -مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ يەرنى بېسىپ يېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە چوقۇم قۇرۇلۇش باشلاپ بولىشى كېرەك بولمىسا دۆلەت يەرنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

يەرنى سېتىۋالغاندا يەر ئاشۇرۇلما قىممەت بېجى تۆلەيسىز ، قۇرۇلۇش باشلىغاندا پىلانلاپ ئىشلىتىش بېجى تاپشۇرىسز ، ئۆي مۈلۈك تارماقلىرى تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسى بەرگەندىن باشلاپ تىجارەت بېجى تاپشۇرىسز.

مېنىڭچە شىركەت تىزملاتسىڭىز تىزملىتىش كاپتالىنى 5 مىلىيوندىن تۆۋەن قىلىپ ،ئەمەلى يىغلىغان كاپىتالنى مۇدەتتە بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئازىراق سىياسەت جەھەتتىكى ۋە بانكىنىڭ ئېتىۋار قەرزپۇل سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشكا پايدىلىق .كۆپەيتىشكە بولىدۇ ئازلىتشقا بولمايدۇ.

شىركەت 550 يۈەن ئالىدۇ ، باج كەچۈرۈم قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەستىقنى ئالالىسڭىز ئالمايدۇ .

بىلىدىغىىم مۇشۇنچىلىك ....

ئىمزايىمغا دىققەت قىلىپ قويۇڭلار ھە .  {:90:}

Izna يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 23:00:13

كورلىدىكى يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان بوستان سودا بازىرىنىڭ تەشۋىقات رەسىمىگە قارىسام شىنجاڭ سۈبىھى ئۆي-مۈلۈك قۇرۇلۇش شىركىتى دەمدۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر شىركەتنىڭ نامى تۇراتتى،شۇھامانلا ئۈرۈمچىدىكى سۈبىھى سودا سارىيى ئىسىمگە كېلىپ شۇلاربىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالغانتىم،بىزدىنمۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدىن مۇشۇنداق كارخانىلارنىڭ بار بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدۇم.بوستان سودا بازىرىنى ئۇيغۇر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قىلغانلىقى ماڭا تولىمۇ چوڭ ئەھمىيەتلىك بىلىندى.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 07:26:18


5- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈلھەكىم ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىدۇ ھە ....

سىزگە بەك ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ، كۈندە تورغا چىقىدىغان شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىز بارئىكەن .


ھەۋىسىڭىز كەلمىسۇن، مېنىڭ خىزمىتىم شۇ كومپىيۇتېر بىلەن قىلىندىغان خىزمەت.


خاتالاشماڭ، مەن ئەزەلدىن ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازمىدىم، ھەم ئۇنداق نۇرغۇن بىكار ۋاقتىممۇ يوق!مەن پەقەت ئۆزەم چۈشىنىدىغان كەسپىي دائىرىدىكى ماقالىلەرگە، ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان تېمىلارغا قارىتا ئازىراق بولسىمۇ ياردىمى تېگىپ قالارمىكىن، ھېچ بولمىسا ماۋۇ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان پۇرسەتكە ئېرىشكەنگە يارىشا ئەۋزەل مۇھىتنىڭ زاكىتى بولسىمۇ چىقارمىكىن دەپلا ئۆزەمنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم.


كومپىيۇتېر خۇددى بىر كۈتۈپخانىغا ئوخشايدۇ. سىز ئۇنىڭدىن قانداقلا پايدىلىنىمەن دېسىڭىز شۇنداق پايدىلىنالايسىز، بۇ سىزنىڭ سەۋىيەرىڭىزگە باغلىق ئىش.


snake يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 07:37:28

مەن زادى بىلگەن ماراپ تۇرۇپ بۇ ئىنكاسىمغا پەشۋا ئاتىدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ بولغان .

ھازىر قايسى بىر ئەقلى خىزمەت كومپىيۇتېردىن ئايرىلالايدۇ، مېنىڭمۇ كۈندە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم ئىشىنىمەنكى سىزنىڭكىدىن قىسقا ئەمەس ، لېكىن سىرتقى تورغا شۇنداق چىققۇم بولسىمۇ قەتئى ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ ، شۇڭلاشقا سىزگە ھەۋىسىم كەلگەن ،ئىزدىنىش كۆرۈدىغان ۋاقتىڭىز بار ئىكەن دەپ . لېكىن بەك چوڭقۇر ئويلاپ جۈملە ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇپ ئىنكاس يېزىشىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن .

ئەمدى بۇ ئىنكاسقا يەنە ئىنكاس قايتۇرىدىغانغا ۋاقتىم چىقماسلىقى مۇمكىن شۇڭا مېنىڭ گېپىم تۈگىدى ، ھەمسۆھبەت بولالمايدىغان بولدۇم .

asmathan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:28:13

5- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈلھەكىم ھەممە تېمىغا ئىنكاس يازىدۇ ھە ....

سىزگە بەك ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ، كۈندە تورغا چىقىدىغان شۇنداق كۆپ ۋاقتىڭىز بارئىكەن .

مەن ئانچە -مۇنچە ئۆي -مۈلۈك ساھاسىدكىلەر بىلەن باردى كەلدى قىلىمەن ، بىلگىنمنى دەپ باقاي .

ئەلۋەتتە بىنانى سېلىشتىن بۇرۇن يەرنى سېتىۋالىسىز ، ھازىر دۆلەت ئۆي -مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ يەرنى بېسىپ يېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىككى يىل ئىچىدە چوقۇم قۇرۇلۇش باشلاپ بولىشى كېرەك بولمىسا دۆلەت يەرنى قايتۇرۇۋالىدۇ.

يەرنى سېتىۋالغاندا يەر ئاشۇرۇلما قىممەت بېجى تۆلەيسىز ، قۇرۇلۇش باشلىغاندا پىلانلاپ ئىشلىتىش بېجى تاپشۇرىسز ، ئۆي مۈلۈك تارماقلىرى تاۋار ئۆينى ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامىسى بەرگەندىن باشلاپ تىجارەت بېجى تاپشۇرىسز.

مېنىڭچە شىركەت تىزملاتسىڭىز تىزملىتىش كاپتالىنى 5 مىلىيوندىن تۆۋەن قىلىپ ،ئەمەلى يىغلىغان كاپىتالنى مۇدەتتە بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئازىراق سىياسەت جەھەتتىكى ۋە بانكىنىڭ ئېتىۋار قەرزپۇل سىياسىتىدىن بەھرىمان بولۇشكا پايدىلىق .كۆپەيتىشكە بولىدۇ ئازلىتشقا بولمايدۇ.

شىركەت 550 يۈەن ئالىدۇ ، باج كەچۈرۈم قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەستىقنى ئالالىسڭىز ئالمايدۇ .

بىلىدىغىىم مۇشۇنچىلىك ....

ئىمزايىمغا دىققەت قىلىپ قويۇڭلار ھە . \"\"  

سىز گۇلاخمالىق بىلەن گۈل ھېكىمنى ئارلاشتۇرۇپ قويىۋاتامسىز نىمە؟

گۈل ھېكىم ئېسىل ئىنكاس يازىدىغانلاردىن،ئىشەنمىسىڭىز تىبابەتكە دائىر تېمىلارغا كىرىپ بېقىڭ.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 11:17:18

تىمىغا ئىنكاس يازسىمۇ گەپ قىلىدىغان گەپما ئەمدى ؟ بولسا بۇ ئىشنى ھۈكۈمۈتكە دەپ ئىنكاسىنىمۇ ساناپ يازىدىغان قىللى .
بەت: [1]
: ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى بارمۇ؟