nur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 14:53:15

‏‏ئۇششاق چۈمۈلە يوقىتىشتىن  ياردەم

‏ئاۋال تورداشلاردىن مۇشۇنداق بىر تېمىنى يوللاپ ۋاقتىڭلارنى ئالغىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

‏نەچچە يىللاردىن بۇيان سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يۇرتقا قايمىغان ئىدىم،يۇرتتىكى ئۆيۈمنى دەسلەپتە يالغۇز قالمىسۇن دەپ تۇققانلارنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرىشى ئۈچۈن بەرگەن،كىيىن تۇققانلارمۇ كۆچۈپ كىتىپ ئۆيۇمدە بىر نەچچە يىلغىچە ئادەم تۇرمىغان ئىدى.يۇرتقا قايتىپ ئۆينى بىر قۇر تازلاپ يۇغۇشتۇرۇش جەريانىدا ئۆيگە ئۇششاق چۈمۈلىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.دەسلەپتە بۇ نەرسىلەرگە ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن،كىيىن قارىسام بۇ چۈمۈلىلەر ئىككى بالامنى تولا چىقىۋىلىپ ئارام بەرمىگىلى تۇردى.ئاچچىقىمدا ھاشارەت دورىسى ئىشلىتىپ يوقاتتىم.نەدىن بىلەي بۇ نىمىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپىيىپ كىتىشىنى.دورا چىچىپ ئىككە ھەپتىگىچە چۈمۈلىلەرنى يوقاپتۇ دەپ ئويلىسام تۇيۇقسىز بۇ نىمىلەر تۇيۇقسىز كۆپىيىپ بەش ئىغىز ئۆيگە تىرىلدى.كىيىم-كىچەك،يوتقان كۆرپىلەردە غىچلا شۇ چۈمۈلىلەر،دورا چاچاي دىسەممۇ ئامالسىز قالدىم.نارىسىدە ئىككى بالاممۇ چۈمۈلىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بەك ئاۋارە بوپ كەتتى.ئۆيدىكى تۆت جانغا كىچىسى ئۇيقا يوق.مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغان تورداشلار بولسا پاراڭلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمىدتە مەن.

‏مەن بۇ توغۇرلۇق چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقسام چۈمۈلە ئۇۋلاپ قالغان ئۆينى چۆللۈك باسار دەيدىغان گەپ بار،بۇنداق ئۆيدە تۇرسا ئادەم ئالدىغا ماڭمايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى،لىكىن بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ يوقمۇ بىلمەيمەن.ئويلاپ باقسام دادام بۇ ئۆينى ئونبەش يىلنىڭ ئالدىدا سىتىۋالغاندا بوۋام بۇ زىمىننىڭ تىگى پاكىز ئەمەس دىسە دادام بوۋامنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماي سىتىۋالغان ئىدى،چۈنكى ئۆينىڭ ئورنى ياخشى بولۇپ تىجارىتىمىزگە قولايلىق ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارىغان ئىدۇق.ئۆينى سىتىۋىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى دەرەخكە ھوقۇش قونىۋىلىپ سايرايدىغان بولۇپ قالدى،دادام بىلەن مەن چوڭلارنىڭ ھوقۇش سايرىغان يەر غىرىپلىق باسىدۇ دىگەندەك گەپلىرىگە قۇلاقمۇ سالمىغان ئىدۇق،قىسقىسى خۇراپاتلىقنىڭ قالدۇقى دەپلا چۈشىنەتتۇق.ئۆينى سىتىۋىلىپ بىر يىلدىن كېيىنلا تىجارىتىمىز ئارقىغا مىڭىپ ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا نۇرغۇن پۇلدىن ئايرىلىپ نەچچە يۈزمىڭلاپ قەرىنىڭ ئاستىدا قالدۇق،بوۋام بۇ زىمىننى سىتىۋىتىڭلار دىسە ئۆي ساتمايمىز دەپ يەنە قوشۇلمىدۇق.ئۇزۇنغا بارماي دادام قازا قىلىپ ئائىلىنىڭ يۈكى ماڭا ئارتىلدى.مەن شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتنى تاشلاپ باشقا يۇرتلاردا مۇسداپىرچىلىق تارتىپ دىگۈدەك ئىگىلىك تىكلىگەن بولدۇم،ئىشلىرىم خىلىلا ئالدىغا ماڭدى،دادامنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۇەنلىك قەرزىنى قايتۇرۇشتىن باشقا ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ تويىنى قىلىپ ئاكىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم.

‏ئەمدىلا يۇرتقا قايتىپ تۇرسام چۈمۈلە ۋە شۇ توغۇرلۇق چوڭلارنىڭ ئۆينى سىتىۋىتىپ باشقىغا ئالماشتۇرۇش پىكىرى مىنى ئارسالدى قىلىپ قويىۋاتىدۇ.سىتىپ باشقىغا ئالماشتۇراي دىسەم ئانام داداڭ چىققان ئۆي دەپ قوشۇلمايدىغاندەك ، تۇرىۋىرەي دىسەم چوڭلارنىڭ پىكىرى.نەچچە يىللار سىرتلاردا يۈرۈپ قايتىپ كەلسەم بىر قاتاردىكى قوشنىلىرىمزدىن ئۈچى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ،ھەممىسىڭ دىگۈدەك مۇشۇ ئەتراپتىن زىمىن ئالغاندىن كېيىنلا ئىشلىرى ئالغا باسمىغانلىق،ئۇزۇنغا قالماي ئۆلۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدا مىش-مىش گەپلەر.

‏ئايىغى ياراشمايدىغان ئۆي زىمىن،جانىۋارلار توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باقساق

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 17:43:51

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئەتىياز كىرگەندە مۇشۇنداق چۈمۈلە قاينايتتى، پۈتۈن ھويلىغا چۈمۈلىلەر يامراپ پۇت دەسسىگىدەك يەرمۇ قالمايتتى.دادام بىزگە چۈمۈلىلەرنى ئۆلتۈرسە يامان بولىدۇ دەپ ھويلىغا خىش قويۇپ بىرەتتى،خىشلار بىلەن ماڭاتتۇق، بەزىدە ھەممىمىز ھويلىغا چىقىپ چۈمۈلىلەرنى تاماشا قىلاتتۇق،ئارىسىدا بىر ئىككى تال قاناتلىقلىرى بولاتتى،ئاشۇنداقلىرىنى كۆرىۋالساق ھاياجانلىنىپ ،پادىشاھلىرى كەپتۇ دەپ چۇرقىرىشىپ..كىيىنچە ئۆزلىگىدىن يوقاپ كىتەتتى.چۈمۈلە چېقىۋالسىمۇ بەدىنىمىزدىن ئېلىپ قويىۋېتەتتۇق،ھويلىدىكى بىرگە ئوينايدىغان كىچىك يولداشلار چۈمۈلىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ئوينىسا توسۇۋالاتتىم...چۈمۈلىلەرنى ھاشارات ئۆلتۈرۈش سۇيۇقلىقى بىلەن ئۆلتۈردۈم دىگىنىڭىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم  \"\"

    مەنچە ئەجەل ئاللاھتىن بولىدۇ. ئەجەلنىڭ ۋاقتى-سائىتى،ئورنى بىكىتىگلىك؛ ئۆي ياراشماي ئۆلۈپ كەتتى،ھۇقۇش سايرىسا پالاكەت باسىدۇ، چۈمۈلە قاينىسا چۆللۈك باسىدۇ دىگەنلەرنى خۇراپاتلىق دەپ ئويلايمەن. ئۆي-زىمىنمۇ جانسىز نەرسە تۇرسا، جان-جانىۋارلارنىڭمۇ جېنى ئارانلا تۇرسا بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچ-قۇۋۋەت ئۇلاردا نىمە قىلسۇن؟ بىراق ئۆي ئەنسىز چىقىپ قالغان نۇرغۇن ھىكايىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. 2000-يىللارغۇ دەيمەن، كىچىك ئاپام تاغلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەشكە چۈشۈرۈلگەن ئىدى،تەتىل ۋاقتىدا مەنمۇ بېرىپ ئىككى ئاي تۇرۇپ كەلگەن . ئۇ ۋاقىتتىكى دوختۇرخانا بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت بىر يەردىكەن، ئۇ ئىشخانىلار ئەسلى تاغلىق بىر كىشىلەرنىڭ زېمىنى بولۇپ تىگى ئەنسىز چىقىپ قالدى دەپ كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن ھۆكۈمەت سېتىۋاپتىكەن. كىچىك ئاپامنىڭ دىيىشىچە دەسلەپتە بارغان كۈنلەردە بىر غەلىتە ئىش يۈز بىرىپتۇ.شۇ يەرلىك سېستىرا قىز ئىشىنى تۈگىتىپ كەتكەندىن كىيىن توك بولمىغاچقا كىچىك ئاپاممۇ بالدۇرلا يېتىپ قاپتۇ. بىر چاغدا كۆزىنى ئېچىپ قارىسا بايىقى ئۆيىگە كەتكەن قىز ئالما يەپ ئولتۇرغىدەك،كىچىك ئاپام كۆڭلىدە ئىشىكنى تاقاپ قويغان تۇرسام بۇ قىز قانداق كىرگەندۇ دىگەننى ئۆتكۈزۈپ بولغىچە قارا تاش كىلىپ بېسىۋاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن تاشنى چۈشىرەلمەي قىينىلىپ، نەپسى قىسىلىپ ، ئىچىدە ئوقۇپ، قارا تەرگە چۆمىلىپ ئاران بىر چاغدا تاش يوقاپتىكەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئىككىنچى يالغۇز ياتمايدىغان بوپتۇ، يە بىرەر تونۇشنىڭكىگە كىتىدىكەن،يە بىرەر قىزنى ئەكىلىپ ھەمرا قىلىدىكەن...كىيىن سىياسى مەكتەپتىن ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىشنى ئۆگىتىشكە كادىرلار كەپتۇ، ئارىدا بىرسى مۇقىم تۇرىدىكەن، ئاشۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن بىر ياتاقنى تۇتۇپ بىرىپتۇ. يېرىم كىچىدە بىر قىز چاقىرىۋاتقۇدەك،بىر كەمدە ياغلىق چەگكەن قىزلار ھاھا تى تى قىلىشىپ ھىجاراپ كىرىپ كىلىشىۋاتقۇدەك، قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتكەن ئۇ كادىر ئاكىمىز ئىچىدە توختىماي ئوقۇپتۇ شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا گەجگىسىدىن سوغاق بىر شامال كىرگەندەك بولۇپ قىزلارمۇ يوقاپتۇ..موماممۇ بۇنداق ھىكايىلەرنى جىق سۆزلەپ بىرەتتى.بىرەرسىنىڭ ئۆيى ئەنسىز چىقىپ قالسا كىچىچە بوۋاقلار يىغلىغان، ئاتلار كىشنىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ ئارام بەرمەيدىكەن؛ تېخى بەزىدە ئاخشىمى ئەكىرىپ قويغان كۆمۈر،ئوتۇنلار يوقاپ كىتىدىكەن.بەزىلەرنى ئىشىكتىن تولا چاقىرىپ،چىقسا ھېچكىم يوق دىگەندەك غەلىتە ئىشلار...

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 17:45:27

بىز دائىم قىلىدىغان يەرلىك چارە: تۇخۇم شاكىلىنى كۆيدۈرۈپ (چوغدا) ئېزىپ تالقان قىلىپ سېپىپ قويساق بىرەر ئايلارغىچە چۈمۈلە كۆرمەيتتۇق ئۆي ئىچىدە.

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 17:52:59

1- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ رەھمەتلىك مومام ھايات ۋاقتىدا تولا ھېكايە قىلىپ بېرىدىغان، موماملارنىڭ ئۆيىدە مومام يالغۇز ياتقان كەچلىرى (ئىشىك- تۈڭلۈك چىڭ تاقاقلىق) كىچىك بالىلار ئۆيگە كىرىپ قوشۇق- چوكىلارنى تەخسىلەرگە ئۇرۇپ داپ چېلىپ ئويناپ چىقىپ كېتىدىكەنمىش، مومام قورقۇپ بېشىنى يوتقاندىن كۆتۈرمەيدىكەن، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا قارىسا قاچا- قوشۇقلار قالايمىقان تاشلانغان...

بوۋام زامانىسىدا يۇرت جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ساقچى ئىكەندۇق (قىياپىتى كۆز ئالدىمدا بار)، قورال دېگەن كەڭرى زامانلار. قورالى بىلەن شۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ئۆي ئارقىسىدىكى \"جىن بار\" دەپ قارىلىدىغان قېرى ئۆرۈك دەرىخىگە بىر پاي ئوق ئاتقانمىشلەر، شۇنىڭدىن كېيىن جىن توزۇپ كەتكەنمىشلەر... بۇ ھېكايىگە موماملا ئەمەس، شۇ ئەتراپ مەھەللىدىكى چوڭ ياشلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشىنىدۇ.

بالىلىقتا ئاڭلاپ قانمىغان ھېكايەتلەر.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 18:06:09

مەنمۇ بۇ ئىشقا يولۇققىلى 2 ھەپتە بولدى . ياخشىراق دورا ئالاي دەپ بازارغا بارسام بىر تونۇشىمىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم ، ئۇ تونۇشىمىزمۇ دەردىنى خىلى تارتىپتىكەن ، ماڭا بىر دورىنى تەۋسىيە قىلدى دورىنى ئالدىم ، بىركۈن ئۆينى دۈملەپ قويدۇم ، پۇرىقى بەك ئاجىزكەن خۇشپۇراقلىق .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 18:19:29

بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا كۇچادا شۇنداق كىچىك چۆمۈلە(سېرىق چۆمۈلە) ئاۋۇپ قالسا ئايىغى يارىشىدۇ، دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىغا يېقىن يەرگە قوناق ياكى ئاق ئۇندىن بىر قانچە چىمدىم سېلىپ بېرىپ ئاستا ئايەت ئوقۇپ «كۆچ-كۆچ» دەپ قوياتتۇق. دېگەندەك نەچچە كۈن ئۈتۈپ يوقاپ كېتەتتى. سىزمۇ ئۇنداق زەھەرلىك دورا چچىپ يوقىتىمەن دېمەي، ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېقىڭ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 18:26:38

بىز ئۇنداق كىچىك چۈمىلىلەرنى قۇمۇسقا دەيمىز  {:92:}

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 18:47:56

‏‏مەھەللىمىزدىكى قوشنىلىرىمىز چۈمۈلە ياكى ھاشارچى دەيدىكەن،يىزىلاردا ئاساسەن دىگۈدەك ھاشارچى دەيدىكەن.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 18:59:00

ھەي بالىلار پىت ھازىر بارمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دائىم پىتلاپ كىتەتتىم،،،كىيىملىرىمنى قايناق سۇغا سىلىۋەتسىمۇ يەنە پىتلاپ يۇرەتتىم،،ھازىر پىت بۇلسا داۋالاشقا ئىشلىتىدىكەن شۇڭا سىتىۋالىدىكەن دەيدۇ ،،،پىتلار ھازىر نەگە كەتتى،،،نەدىن تاپقىلى بۇلىدۇ يىقىندا پىت ئۇچراتقانلار بارمۇ؟؟ \"\"

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 19:19:33

‏‏پىتلارنى ئىنسانلارنىڭ كېيىمىدىن قەلبىگە كۆچۈپ كەتتى داۋاتقان،قەلبى كىسەل ئادەمدىن ئىزدەپ باقسىڭىز تىپىلىپ قالار

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 19:34:03

ۋاي باللا نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلەر ، ھازىر دېگەن 21-ئەسر دىنىي كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى بارغۇ شۇنى ئوقۇپ بىرئاز پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭلار، ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەت ئاللاھتىنلا كېلىدۇ. چۈمۈلىدىن ، ياكى قاغا-غۇزغۇندىن ئەمەس، جىنغا كەلسەك بۇ بار نەرسە، لىكىن ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا ئامال بار بى تاھارەت يۈرمەڭ، سۈرەئىخلاس، ۋە سۈرە فەلەق، سۈرە ناس لارنى ئوقۇپ يۈرۈڭ، سىزنى جىن ھېچنىمە قىلالمايدۇ،. تىجارەتتىكى پايدا زىيان بولۇپ تۇرىدىغان نەرسە ، پايدا ئالسا خوش بولۇپ، زىيان تارتسا ئۇنداق ھاشارەت ۋە ئۇچار قۇشلاردىن كۆرسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىزگە غەزىۋى كەلمەسمۇ،

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 20:31:59

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 20:41:59

2 ئايلىق بولغان بالامنى بۈرگە چىقىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ ، يا مەندەك يوغان ئادەمنى چاقمايدىكەن ئۇ كىچىك نىجىسلار ، شۇنى يوقىتىدىغان ئامال بارمىدۇ ؟ بالا كىچىك بولغاچقا بىۋاستە خىمىيىۋىي زەھەرلىك دورىلارنى چاچمىدىم ...

ئەنئەنىۋىي كونا ئۇسۇللار بارمىدۇ ؟

ALSHAH يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 21:50:29

ئۈستىدىكى تورداش، ئامال بار. مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم (ئۈرۈمچىدە بۈرگە، چۇسا دىگەن نىمىلەر بەكلا جىقكەنغۇ تاڭ) يېڭى ئۆي سېتىۋالغاندا بۈرگە ، چۇسا دېگەندەك نەرسىلەر كۆپىيىپ كېتىپ، ئادراسمان دەمدۇ ئىشقىلپ مۇشۇنداقراق ئىسرىق سالىدىغان بىر نەرسە بار ئىكەن، شۇنداق قىلسا ئۆيدە ئۇنداق نەرسىلەر يوقاپ كېتىدىكەن، مىنىڭ تازا ئېسىمدە قالماپتۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ تەرەپلەرگە كەلمەكچى ئىدى،  شۇ ۋاقىتتا سۈرۈشتۈرۈپ باقاي، ياكى سىزمۇ چوڭلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. كىچىك بالا بارئۆيگە خىمىيىلىك دۇرا چاچماڭ.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

كىچىك سېرىق چۈمۈلە مىنىڭ ئۈيۈمدىمۇ بار ئىدى، ئۇزاق تۇرمايلا كۆچۈپ كەتتى، ھازىر ھويلامدىلا قارا چۈمۈلە بار، گۈللۈككە سۇ قويىۋەتسەم پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ، باشقا ۋاقىتتا يوق، مەن ئەينى ۋاقىتتا سېرىق چۈمۈلىنى بورغا ئوخشايدىغان بىر چۈمۈلە دۇرىسىنى ئىشلىتىپ سىرىتتىن ئۆيگە كىرىدىغان يولىغا سىزىپ قۇيۇپ يوقىتىۋەتكەن.

koktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 22:06:46

مەن بىر ئالىم كىشىدىن چۈمۈلىنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان ھاشارەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئۆلتۈرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلىغىلى ئىككى ھەپتە بۇلۇپ قالدى .بىز بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يەۋەتقاندا ئۇ كىشىدىن بىرسى مۇشۇ ھەقتە سورىغان ئىدى . بىرسىنىڭ ھويلىسىدا چۈمۈلە كۆپىيىپ قاپتىكەن دورا چېچىپ ئۆلتۈرۈپ بۇلۇپ سورىغان سۇئالىغا شۇنداق جاۋاب بەرگەنتى .بولسا باشقىچە ئۇسۇل بىلەن كۈچۈرۋېتىڭ .

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 22:34:54

كىچىك ۋاختىمىزدا ئۆيگە ئاشۇنداق بۈرگە ، چۇسا دىگەندەك پارازىتلار پەيدا بولۇپ قالسا ، ئاپام رەھمەتلىك ئۆينى بىرەر قۇر قېقىپ - تازىلاپ ،(ھاك بىلەن) ئاقارتىپ ،  بورىنىڭ  ئۈستى كىگىزنىڭ ئاستىغا بىراز  ئەمەن  سېلىپ قوياتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكى ئۈششاق جاندارلار يوقاپ كېتەتتى .  

@Arqin ئەپەندى ، شارائىت يار بەرسە سىزمۇ سىناپ بېقىڭ .

  چۈمۈلە پەيدا بولۇپ قالسا ، چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا پۇرىغى كۈچلۈك نەرسىلەر ( مەسىلەن ، قىزىلمۇچ ياكى كاۋاۋىچىن تالقىنى دىگەندەك ) نى قويۇپ سىناپ بېقىڭ ، يوقاپ كېتىشى مۈمكىن .

  بىر نەرسىنىڭ ( جۈملىدىن ئۆي ) ئالدى ياراشمىدى ... دىگەندەك شۈبھىلەردە بولماڭ . شۈبھىلەنسىڭىز ئاۋال كەيپىياتىڭىز ، ئاندىن ھىس - تۇيغۇلىرىڭىز ، ئاندىن ھۆكۈم قىلىشىڭىز ۋە ئاخىرىدا ئىش - پائالىيەتلىرىڭىز شۇبھىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەم سىزگە پايدىسىز بىرمۇنچە ئىشلار زەنجىرسىمان ھالەتتە يۈز بېرىدۇ .  شۇنىڭ بىلەن شۈبھىڭىزنىڭ ‹ توغرا › ئىكەنلىگىنى ‹ ئىسپاتلاپ › بېرىسىز .

شۇبھىلىنىش ياخشى ئىش ئەمەس ، ئەگەر ، شۈبھىڭىزنى پەقەتلا يوقىتالمىسىڭىز ، ‹ قورققان يەردە جىن بار › دەيدۇ كونىلار ،  ئەڭ ياخشىسى كۆچۈپ كېتىڭ .  

\"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 17:18:40

چۈمۆلە ئۆلتۈرۈش، ھەرە ئۇۋىسىنى بۇزۇش قاتارلىقلاردىن كۆڭۈلسىزلىك كېلىدۇ، دىگەنگە چوڭلارنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بار، مېنىڭمۇ بار. دورا بىلەن ئۆلتۈرمەڭ. مۇمكىن بولسا ئۆينى ئۆرۈپ، تىەىنى يېرىم مېتىر قىرىۋەتسىڭىز، بۇرۇندىن بېسىلىپ كۆمۈلۈپ قالغان ئەخلەت، ياغاچلار يوقاپ كەتسە، چۈمۆلىلەرگە ئۆي ماتىرىيالى قالمايدۇ. يەيدىغان، ئۇۋا سالىدىغان ماتىرىياللىرنى يوقىتىڭ، يۆتكەڭ، يەرنى قاتتىقلاشتۇرۇڭ.

بۇرۇن مەلۇم بىر يېزىغا مەكتەپ سالىدىغان يەرنى تۈزلەش ئۈچۈن، يېڭىدىن كىشىلەرگە ئۆي ئورنى قىلىپ بەرگەن يەردىن كېسەكلىرىنى ئالغۇزۇۋېتىپ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئىتتەرسە، بىر مەھەلە چوڭلۇقىدىكى يەردىن *** گۆرلۈكى چىقىپتىكەن، كىشىلەر «تاس قاپتۇق گۆرلۈكنىڭ ئۈستىگە ئۆي سېلىپ ئولتۇرغىلى..» دەپتىكەن.
بەت: [1]
: ‏‏ئۇششاق چۈمۈلە يوقىتىشتىن  ياردەم