jaytirak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 14:02:26

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ2012 ~ 2016 - يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ2012 ~ 2016 – يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى(مۇزاكىرە لايىھەسى)


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1 – نۆۋەتلىك كېڭەش ئۇيۇشما نىزامنامىسىگە ئاساسەن، كېڭەش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 2012 ~ 2016 – يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، ئەمەلىي بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسى بويىچە، ئۇيۇشما مۇندىن كېيىنكى بەش يىلدا تۆەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ:


بىرىنچى، ئۇيۇشمىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ياخشى ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئۇيۇشما قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز


ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئاستىدا، سودا ئۇيۇشما كېڭىشىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ئۇيۇشمىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇيۇشمىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيۇشمىنىڭ ئىجتىمارئىي فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە – ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىك رولىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيۇشمىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە خىزمەت نىشانىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئەزالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوشۇننى زورايتىش قۇرۇلۇشى ئۇيۇشمىنىڭ بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى قىلىنىدۇ. بىز مىللىي سودا ساھەسىدىكى زاتلار، بولۇپمۇ يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق، ئەمەلىي كۈچى بار، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە، نوپۇزلۇق چوڭ كارخانىلارنى ئۇيۇشمىغا جەلپ قىلىپ، شىنجاڭ مىللىي سودىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى تېزلىتىلىدۇ. ئۇيۇشمىنىڭ ئىجىمائىي ئورنىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە تەسىرنى چوڭايتىپ، بەش يىلدا تۈرلۈك ئەزالار 1000 دىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.


ئىككىنچى، بەلگە خاراكتېرلىك، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي سودا سارىيى سالىمىز


بۇ يىل بىز مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ساراينىڭ ئورنىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللايمىز، كاپىتالنى ئايلاندۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئىشلىتىپ، كۆپ خىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك مىللىي سودا سارىيىنى بىراقلا سالىمىز. سارايغا چوڭ تىپتىكى مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە سودا ئىقتىدارى، مىللىي سودا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۈرلۈك يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارى، سەرخىل كۇلۇب ۋە سەنئەت ئىقتىدارى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشخانا بىناسى ۋە تاۋار ئۆي ئىقتىدارى قاتارلىقلار سەپلىنىدۇ. ساراي تۆت يۇلتۇزلۇقتىن يۇقىرى مېھمانخانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بويىچە لايىھەلىنىدۇ. يىل ئىچىدە پىلان لايىھەسى يېزىپ چىقىلىدۇ، ساراي قۇرۇلۇش تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ ھەم كونكرېت خىزمەت لايىھەسىنى كېڭەشكە دوكلات قىلغاندىن كېيىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پىلاننى ئالاقىدار تارماقلارغا تەستىقلىتىپ، قۇرۇلۇش باشلاشنىڭ تۈرلۈك ئىجازەتنامىلىرىنى قولغا كەلتۈرىمىز، 2013 – يىلى قۇرۇلۇش باشلاپ، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتتۈزۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرىمىز، كېچىككەندىمۇ 2015 – يىلى پۈتتۈرۈشكە تىرىشىمىز.


ئۈچىنچى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىيات فوندى قۇرىمىز


ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قوللاش سالمىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، كەسىپلەشكەن، پايدا ئالمايدىغان ئىئانە توپلاش سۇپىسى قۇرۇش خەلقئارا، دۆلەت ئىچى، ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق، بىز بۇ پۇللارنى قوللاشقا ۋە ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئالدى بىلەن، كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى، ئەمەلىي كۈچى ۋە تەسىر بار كارخانىچىلار تەشەببۇس قىلىپ، فوند جەمئىيىتى قۇرۇش ھەم فوند جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىنى تۈزۈشنى پائال تەشەببۇس قىلىمىز ھەم ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت بىرلەشمىسى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار كەسپىي تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقى ۋە تەستىقىنى ئېلىش بىلەن بىللە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاپپاراتلا ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشىنى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، بۇ سەھنىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز.


تۆتىنچى، ھۆكۈمەت پاي قوشقان مىللىي ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلار تەرەققىيات بانكىسى قۇرىمىز


ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ـــ بازارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە سودا ئۇيۇشمىسىدىكى ئاساسلىق كارخانىچىلا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودا ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى كارخانىلار تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت بازارلىشىش شارائىتىدا ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوللاشتىن ئىبارەت. ئالدى بىلەن بانكا قۇرۇشنىڭ تەييارلىق پىلانى تۈزۈپ چىقىلىدۇ، تەييارلىق خىزمەت بەنزىسى تەشكىللىنىدۇ، بانكا كەسپىگە پىشقان كەسپىي خادىملار، بولۇپمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرغۇچى خادىملار تاللىنىپ، ئاندىن پائال، ئۈنۈملۈك بولغان كونكرېت خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ.


بەشىنچى، ئۇيغۇر مىللىي سودا ئىنستىتۇتى قۇرىمىز


مىللىي سودا ئىنىستىتۇتى قۇرۇش مىللىي كارخانىچىلارنىڭ ئىلغار، ئىلمىي بولغان تىجارەت قارىشىنى تىكلەش، ئۇلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يېڭى بىلىم، يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرلەندۈرۈش، تىجارەتتە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە، شۇنىڭدەك كارخانىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەر، جەمئىيەت قاتارلىق تارماقلانى زىيارەت قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، شارائىت پىىپ يېتىلگەندە ئۆز ئالدىمىزغا قۇرۇش، پاي قوشۇپ قۇرۇش، نام بېرىپ قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەردە قۇرىمىز، بەش يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.


ئالتىنچى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى پۇتبول كۇلۇبى ۋە ئۇيۇشما پۇتبول كوماندىسى قۇرىمىز


پۇتبول دۇنيادىكى 1 – تەنھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلەر پۇتبولنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدۇ، بۇ جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئۇزۇن يىللىق پۇتبول تارىخىغا ۋە ياخشى پۇتبول ئاساسىغا ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە جانلاندۇرۇش، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ بۇ جەھەتتە قىزغىنلىقى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۇتبول تەنتەربىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا تۆھپە قوشۇشتا بىز مىللىي كارخانىچىلار باشلامچى بولىمىز، بىزدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدىكى تەنتەربىيە ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز، شۇنداقلا پۇتبول مەكتىپى قۇرۇپ ۋ ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇتبول زاپاس خادىملىرىنى تەربىيەلەيمىز، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئەندىزىلىرىنى قوبۇل قىلىمىز. 1 – بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى پۇتبول كۇلۇبى ۋە پۇتبول كوماندىسى قۇرۇپ، بەش يىلدىن ئون يىلغىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، جۇڭگودىكى ئا دەرىجىلىك كوماندىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشىمىز.


يەتتىنچى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجىمائىي جامائەت تورىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىمىز


ھازىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىردى، ئېنتېرنېتمۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاقە قورالىغا ئايلاندى. ئۇيۇشمىمىز 2012 – يىلى ئۆزىنىڭ جامائەت تورىغا ئىگە بولدى. ھازىرقى گەپ ئۇنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە قوللىنىپ، ئەزالار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش. بىز ئۇيۇشما جامائەت تورىنىڭ نامىنى ئىلتىماس قىلىش، تەقلىدىي باش ئاپپارات ۋە باش بەتنىڭ مەزمۇنىنى لايىھەلەش خىزمىتىگە مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇردۇق، جامائەت تورىمىز پات ئارىدا ئېچىلىپ، ئەزالار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.


سەككىزىنچى، سودا ئۇيۇشمىسى تېلېۋىزىيە قانىلىنى نام بېرىپ قوللايمىز


ئۇيۇشمىنىڭ ئوبرازى ئۇيۇشمىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەكىلسىز مۈلكىدۇر، ئۇيۇشمىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى مۇقەررەر ھالدا جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە كۆپ مىللەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كۆپچىلىك ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى ياكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى ئۇزاققىچە نام بېرىپ قوللاش تولىمۇ مۇھىم. ئۇ ئارقىلىق بىز جەمئىيەتكە ۋە جامائەت ئەھلىگە سودا ئۇيۇشمىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيۇشمىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغايمىز. بۇ خىزمەتلەر كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كونكرېت يولغا قويۇلىدۇ.


توققۇزىنچى، مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى قەرەللىك ژۇرنىلى نەشر قىلىمىز


قەرەللىك ژۇرنال ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئۇيۇشمىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزىمىز، ئۇيۇشمىنىڭ جامائەت تور پونكىتىدىن باشقا، خاسلىققا ئىگە، قاراتمىلىقى بولغان قەرەللىك ژۇرنال ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. ئالدى بىلەن ئاددىي ئۇسۇلدا، مەسىلەن، تەشۋىقات ۋارىقى شەكلىدە ئىشلەپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە مۇنتىزىم ژۇرنال نەشر نومۇرىغا ئىلتىماس قىلىمىز ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكى، ئەقلىيلىك، ئەمەلىيەتچىل، باشلامچىلىق رولىغا ئىگە ئىلغار سەۋىيەلىك ژۇرنال ئىشلەپ، شۇ ئارقىلىق سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز.


ئونىنچى، مىللىي سودا كارخانىلىرى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى قۇرىمىز


ئۇيۇشمىنىڭ كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى ھەم كۆپچىلىكنىڭ چارە كۆسىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، بىز خادىملارنى تەشكىللەپ، ئاپپارات قۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتى، ھەتتا خەلقئارادىكى تۈرلۈك مۇتەخەسسىس ئالىملارنى تەشكىللەپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئوخشىمىغان مىللىي سودا كارخانىلىرى، بولۇپمۇ ئىلغار، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پائال كېڭەيتىمىز. تەرەققىياتى ئاستا، قىيىنچىلىقتا قالغان كارخانىلارغا قارىتا ئوپېراتسىيە قىلىپ يېتەكلەش، ياردەم بېرىش، سەۋەنلىكلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى تېزلىكتە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىمىز.


                                                                         مەنبە: بايلىق بىلوگىدىن ئېلىندى.



بىلپ قۇيايلى.

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 15:26:11

ئېسىلغۇ!....

ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق خوش خەۋەرلەرنى ئاڭلىمىغىلى.... ئىلاھىم بۇلارنىڭ دۆلىتى زىيادە، دۈشمەنلىرى پىيادە بولسۇن....

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 17:22:12

ئۇيۇشما نىزامنامىسىنى كۆەرسەك بوپتىكەن\"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 18:28:15

نىمىنداق كۆپ قىزىل گەپلەربۇ؟ \"\"

iksak يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 20:53:04

بۇ ناھايىتى ئۇلۇغۋار پىلان بوپتۇ. ئەگەر بانكا قۇرۇش، ئىنىستىتۇت قۇرۇش دىگەنلەر ئىشقا ئاشسا، بۇ ئۇيغۇر سودا ساھەسىدىكى كاتتا ئىش بولغىدەك.

ئېيتقىنى كەلسۇن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 21:18:08

بۇ بىرەرسىنىڭ ئويدۇرما گەپلىرىمۇ ياكى راست شۇنداق ئىش بارمۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 00:18:39

پۇتبول كۇلۇبى ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالامدا?

بىلىپ بىلمەي دەرىجىدىن تاشقىرىغا ئۆرلەپ قالسا قانداق قىلارمىز? \"\"

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 00:23:33

تىرىك يىلان تېرىسى دەپ ئوقۇپتىمەن، توۋا

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 11:58:17

قەغەزدىكى گەپلەركەنغۇ... مەن ئاڭلاۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى بۇنداق گەپلەرنى\"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 15:36:29

شەۋكەت ئىمىننى پوتبول سۆيەر دەپ ئاڭلىغان.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 22:35:56

قىلىمىز دىگەندىكىن بىر قىلىپ باقسۇن ھە، بۇلامدا؟

dreamcatcher يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 09:55:31

مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى تەكلىماكان مۇكاپاتى ناملىق ياكى باشقا ئوخشاش ناملىق مۇكاپات تەسىس قىلىپ، ساھىبجامال دۆلەت، شۆھرەت مۇتەللىپتەك مىللىتىمىزىدىن چىققان دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان ئالىملىرىمىزغا مىللىتىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 11:43:23

مەن بۇنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا،مىللىي سانائەت ۋە مىللىي سودىدىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىدا خارەكتىرى مۇشۇنىڭكىدەك بولغان بىر ئىجدىمائىي تەشكىلات قۇرۇشنىڭ زورۇرلىكىنى قىياس قىلغان ئىدىم.ئۇچاغدا مەن تېخى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ،شۇ چاغدا مەن ئويلىغان سەۋەپلەرنى ئۆزىگە نىشان قىلغان«مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۈرۈپ ئىنتايىن خوش بولدۇم،ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ چاغدا قىلغان تەسەۋۇرۇمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنىدىن تولىمۇ مەنمۇن بولدۇم ۋە ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.

turantikin يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 11:46:57

مەن بۇنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا،مىللىي سانائەت ۋە مىللىي سودىدىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىدا خارەكتىرى مۇشۇنىڭكىدەك بولغان بىر ئىجدىمائىي تەشكىلات قۇرۇشنىڭ زورۇرلىكىنى قىياس قىلغان ئىدىم.ئۇچاغدا مەن تېخى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ،شۇ چاغدا مەن ئويلىغان سەۋەپلەرنى ئۆزىگە نىشان قىلغان«مىللىي سودا ئۇيۇشمىسى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى كۈرۈپ ئىنتايىن خوش بولدۇم،ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ چاغدا قىلغان تەسەۋۇرۇمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنىدىن تولىمۇ مەنمۇن بولدۇم ۋە ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 12:01:53

ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلغىنىدا شەك يوق، سودا - سارىيى، بانكا قاتارلىقلارنى سالدىغان زىمىننىمۇ ئېلىپ بولدى.قالغىنىنى ئاستا - ئاستا كۆرەمىز. ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 22:43:07

قىلىپ بولغان ئىشلىرىدىن بىر خەۋەر بېرىۋەتسە بوپتىكەن.\"\"
بەت: [1]
: مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ2012 ~ 2016 - يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى