dilkex يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 23:38:27

تاش ئالما كوماندىسى ئۆگەي بالىمۇ؟




تاش ئالما كوماندىسى ئۆگەي بالىمۇ؟


2012- يىللىق جۇڭگۇ ب دەرىجىلىك مۇسابىقىسى شىمالىي رايۇندا 13 كوماندا ئارىسىدا، 26 مەيدان ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر كوماندا مۇسابىقە ئاياقلاشقىچە 24 مەيدان توپ ئويناپ، 2 مەيدان دەم ئېلىپ قۇرۇق ئايلىنىدۇ. تاش ئالما 7- ئايلانمىدا دەم ئالدى ۋە 20- ئايلانمىدا دەم ئالىدۇ.


شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسى شىمالىي رايۇندا بولۇپ، مەن شىمالىي رايۇن مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىۋىنى كۆرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى، قەستەن تاش ئالما كوماندىسىغا زىيانكەشلىك قىلىپ مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تاش ئالما كوماندىسىغا نىسبەتەن ئۇۋالچىلىق بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يەنى تاش ئالما كوماندىسى ئوينايدىغان 24 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 21 مەيدىنىنى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن بۇرۇن بىر مەيدان دەم ئالغان، بەدەن كۈچى ئەسلىگە كەلگەن، يارىلانغانلار ساقايغان كوماندا بىلەن ئوينايدىكەن. پەقەت 2 مەيدان يەنە 8-مەيدان ۋە 21- مەيداندىلا ئالدىنقى مەيداندا دەم ئالمىغان كوماندا بىلەن ئوينايدىكەن. كۈلكىلىك يېرى بۇ ئىككى مەيداندىمۇ ئالدىنقى قېتىمنىڭ ئالدىدا دەم ئالغان، بەدەن كۈچى بەك خوراپ كەتمىگەن ئوخشاش بىرلا كوماندا- بىيجىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن ئوينايدىكەن. (ئاستىدىكى جەدىۋەلگە قاراڭ)


پۈتۈن 26 ئايلانما مۇسابىقە تۈگىگىچە قالغان 12 كوماندىدىن پەقەت 1 كوماندىلا يەنى شەنشى لاۋچېڭگېن كوماندىسىلا 2 قېتىم بۇ خىل تەتۈر قىسمەتكە دۇچ كېلىدىكەن يەنى 7- ئايلانما ۋە 20- ئايلانمىدا تەلەيسىز تاش ئالما دەم ئالغاچقا، ئامالسىز شەنشى لاۋچېڭگېن كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا دەم ئالغان بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن ئوينايدىكەن. قالغان 11 كوماندا پۈتۈن مۇسابىقە ئاياقلاشقىچە بىر قېتىممۇ ئالدىنقى مەيداندا دەم ئالغان كوماندا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمايدىكەن. بۇ 11 كوماندا نېمە دېگەن تەلەيلىك ۋە بەختلىك-ھە؟!


تاش ئالما كوماندىسىغا نىسبەتەن بۇنداق ئادالەتسىز مەيدان ئورۇنلۇشۇپ قېلىش بىر تاسادىبىيلىك ياكى مۇسابىقىنىڭ مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللىي بېرەيلى دېسەك، ئوخشاشلا 13 كوماندا ئارا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەنۇبىي رايۇندا مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى ئوخشىمايدۇ. جەنۇبىي رايۇندا ئالدىنقى قېتىم دەم ئالغان كوماندا بىلەن مۇسابىقە ئويناش پەقەت بىر- ئىككى كوماندىغا مەركەزلىشىپ قالغان ئىش يوق. بۇ رايۇندا باشتىن ئاخىر قوللانغان ئۇسۇل: ئالدىنقى ئايلانمىدا دەم ئالغان كوماندا بىلەن ئوينىغان كوماندا كىيىنكى ئايلانمىدا دەم ئالىدىغان قانۇنىيەت تەكرارلانغان. دەم ئالغان كوماندا بىلەن ئۇچرىشىش ۋە كوماندىنى دەم ئالدۇرۇش تەكشى چېچىلغان، باشقا بىنورمال ئەھۋال ئۇچرىمايدۇ.


مەن نېمىشقا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىمەن؟ بۇ مەسىلە شۇنداق مۇھىممۇ؟ مۇسابىقە جەريانىدا تەنھەركەتچىلەرنىڭ بەدەن كۈچى خورايدۇ، ئەزالار يارىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئاساسلىق ئەزالارنىڭ يارىلىنىپ يارىسى ئەسلىگە كەلمەي كىيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىگە چۈشەلمەسلىكى كوماندا ئۈچۈن زور بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ،بىر قېتىملىق ئايلانمىدا مۇسابىقە ئوينىماي قۇرۇق ئايلىنىپ دەم ئالسا بەدەن كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ، يارىلانلارلار ساقىيىدۇ. كوماندىنىڭ روھى ھالىتى، تەن ساپاسى، بەدەن قۈۋىتى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، جەڭگىۋار ھالەتكە كېلىدۇ. بۇنداق ئالدىنقىئايلانمىدا دەم ئالغان (10-12 كۈنگىچە) يارىدارلىرى ساقايغان، بەدەن كۈچى تولۇق كوماندا كىيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە مۇسابىقە ئوينىسا دەم ئالمىغان كوماندىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. تاش ئالما كوماندىسى 24 مەيدان مۇسابىقىدە 21 قېتىم مۇشۇنداق دەم ئالغان، 2 قېتىم ئالدىنقى ئايلانمىنىڭ ئالدىدا دەم ئالغان كوماندا بىلەن توپ ئويناپتۇ ۋە ئوينايدىكەن.


مەسىلىنى تەتۈرىسىگە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:6- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى مۇسابىقىدە تاش ئالمىنىڭ 4 ئەزاسى يارىلىنىش ۋە باشقا سەۋەپتىن مەيدانغا چۈشەلمىدى، بۇمۇ تاش ئالمىغا نىسبەتەن بېسىم بولدى، قارشى تەرەپ خېبىي جوڭجى ئۈچۈن ئامەت ئېلىپ كەلدى. خېنىي جوڭجى كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا دەم ئالغان كوماندا، كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، يارىلانغانلار ساقايغان كوماندا.ئەگەر 6- ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى 11- ئايلانمىدا تاش ئالما دەم ئېلىپ يارىدارلارنىڭ يارىسى، بەدەن قۈۋىتى ئەسلىگە كېلىپ ئوينىغان بولسا، خېبىي جوڭجى دەم ئالمىغان ئەزالىرى يارىلانغان كوماندا بولغان بولسا،ئېھتىمال تاش ئالما ئۈتۈپمۇ قالاركەنتۇق.


بىتەلەي تاش ئالما 23 ئايلانما جەريانىدا دەم ئالغان،يېرىم دەم ئالغان بەدەن كۈچى تولۇق، يارىدارلىرى يوق كوماندىلار بىلەن ئويناپتۇ ۋە ئوينايدىكەن. تاش ئالمىدىن باشقا ھېچبىر كوماندا مۇنداق ناھەقچىلىككە يولۇقماپتۇ.   شىمالىي رايۇندىكى بارلىق بېسىم ۋە ناھەقچىلىك تاش ئالمىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. ھەر قېتىمدا دەم ئالغان كوماندا بىلەن تۇتۇشۇپ، ھېلىمۇ بىزنىڭ ئەزىمەتلەر بەرداشلىق بېرىپتۇ.


نېمە ئۈچۈن تاش ئالما كوماندىسى بۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچايدۇ؟ شىمالىي ۋە جەنۇبى رايۇن مۇسابىقىلىرىنى جۇڭگۇ پۇتبول بىرلەشمىسى باشقۇرىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىككى رايۇندىكى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى ئوخشىمايدۇ؟ تاش ئالما نېمە ئۈچۈن ناھەقچىلىككە ئۇچرايدۇ؟ بۇ قەستەنلىكمۇ ياكى سەۋەنلىكمۇ؟ شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نېمە ئۈچۈن گەپ قىلمايدۇ؟ تېرىنىرلار نېمە ئۈچۈن گەپ قىلمايدۇ؟


تاش ئالما پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆگەي بالىسىمۇ؟


ئايلانما            دەم ئالغان كوماندا                تاش ئالما بىلەن ئوينىغان كوماندا


1- ئايلانما      چىڭخەي ئەرلەر                  تاش ئالما vs شەنشى لاۋچېڭگېن


2- ئايلانما      شەنشى جيايى                تاش ئالماsv چىڭخەي ئەرلەر


3- ئايلانما       تيەنجىن پاراۋۇز                تاش ئالماsv شەنشى جيايى


4- ئايلانما      خېبىي ياشلار                      تاش ئالماsv تيەنجىن پاراۋۇز


5- ئايلانما      بېيجىڭ سەنگاۋ                   تاش ئالما sv خېبىي ياشلار


6- ئايلانما         بېيجىڭ ياشلار                 تاش ئالماsv بېيجىڭ سەنگاۋ


7- ئايلانما       تاش ئالما                         تاش ئالما قۇرۇق ئايلىنىدۇ


8- ئايلانما       چىڭخەي سېنكې                  تاش ئالما sv بېىجىڭ ياشلار


9- ئايلانما         بېيجىڭ يىتوڭ                  تاش ئالما vs چىڭخەي سېنكې


10- ئايلانما      خېبىي جوڭجى               تاش ئالما vs بېيجىڭ يىتوڭ


11- ئايلانما       شەندوڭ ياشلار                    تاش ئالما vs خېبىي جوڭجى


12- ئايلانما       شاڭخەي جوڭباڭ                تاش ئالما vs شەندوڭ ياشلا


13- ئايلانما      شەنشى لاۋگېنچېڭ                 تاش ئالما vs شاڭخەي جوڭباڭ


14- ئايلانما      چىڭخەي ئەرلەر                   تاش ئالما vs شەنشى لاۋگېنچېڭ


15- ئايلانما       شەنشى جيايى                   تاش ئالما vs چىڭخەي ئەرلەر


16- ئايلانما       تيەنجىن پاراۋۇز                 تاش ئالما vs   شەنشى جيايى


17- ئايلانما       خېبىي ياشلار                      تاش ئالما vs تيەنجىن پاراۋۇز


18- ئايلانما      بېيجىڭ سەنگاۋ                 تاش ئالما vs خېبىي ياشلار


19- ئايلانما       بېيجىڭ ياشلار                 تاش ئالما vs بېيجىڭ سەنگاۋ


20- ئايلانما         تاش ئالما                   تاش ئالما قۇرۇق ئايلىنىدۇ


21- ئايلانما       چىڭخەي سېنكې                 تاش ئالما vs بېيجىڭ ياشلار


22- ئايلانما         بېيجىڭ يىتوڭ                تاش ئالما vs چىڭخەي سېنكې


23- ئايلانما         خېبىي جوڭجى               تاش ئالما vs بېيجىڭ يىتوڭ


24- ئايلانما       شەندوڭ ئەرلەر                تاش ئالما vs خېبىي جوڭجى


25- ئايلانما         شاڭخەي جوڭباڭ             تاش ئالما vs شەندوڭ ئەرلەر


26- ئايلانما       شەنشى لاۋچېڭگېن          تاش ئالما vs شاڭخەي جوڭباڭ


uqkun0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 01:19:26

مانداق گەپمۇ با دەڭلا بۇيەردە!\"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 01:38:29

بۇ گەپلەرنى دېسەك بەك جىق، بەك جىق...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 02:47:17

بۇ سۈرۈشتە قىلىشقا ھەقلىق مەسىلىكەن!

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 07:50:29

ھەقىقەتەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن بۇ

akbar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 09:21:48

1- قەۋەتتىكى uqkun0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مانداق گەپمۇ با دەڭلا بۇيەردە!\"\"


ئارمان قۇۋەت تالقىنىنىڭ ئېلانى بولدىمۇ ،مۇنداق گەپ بار دەڭلا بۇ يەردە!


چاخچاق ..................


nur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 12:10:33

‏‏مۇشۇنداق توغرا ئىش قىلىشنى بىلمەيدىغان لاتا مىجەزلەر قازان بىشىغا چىقىۋالغان بولغاچ بۇ دۆلەتتىن داڭلىق پۇتبۇلچى چىقمايۋاتىدۇ

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 12:15:35

‏‏مۇشۇنداق توغرا ئىش قىلىشنى بىلمەيدىغان لاتا مىجەزلەر قازان بىشىغا چىقىۋالغان بولغاچ بۇ دۆلەتتىن داڭلىق پۇتبۇلچى چىقمايۋاتىدۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 12:32:49

يەنە ماھىرلارنىڭ كۆزىگە كۈن نۇرى چۈشىدىغان يۆنىلىشتە باش مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزگەرمەسلىك مەسىلىسىمۇ بار، كېيىنكى يېرىم مەيداندا قارشى تەرەپكە كەلگەندە كۈن نۇرى چۈشۈپ كېتىدۇ.

sabi1130 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 13:16:17

مەنمۇ ئالدىنقى ھەپتە بايقىغانتىم بۇ مەسىلىنى ... دېسەك گەپ كۆپ بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان ،زادى ئۇيغۇر كارخانىچىللىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەپ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بىرىپ ھەققىي بىر شىنجاڭ كوماندىسى قۇرۇپ چىقىشىغا مۇھتاج بىز...

hayatmorda يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 14:01:25

نىمە دىسە بۇلا بۇخەققە ئەمدى

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 14:04:46

مەن بىر ئايالدىن شۇنداق بىرھىكايەئاڭلىغان، ئۆگەي بالامشۇنداقئەخلاقلىقياخشى بالا ، ئۆز بالام بەك كەپسىزگەپئاڭلىمايدۇ ، مەن ھەمبىرمۇسلىمەبولغاچقائىككىبالامغائوخشاشقارىمىسام گۇناھكاربولۇپقالارمانمۇ دەپشۇنداققوقىمەن، لىكىنپەقەت بولالمايمەن ، ھەتتا    ئۆگەيئوغلۇمغاتاماق ئۇسىۋاتسامچۈمۈچكەگۆشچىقىپقالساقولۇم   ئىختىيارسىزسىلكىنىپكىتىپ گۆشقازانغا چۈشۈپكىتىدۇ   دىگەنتى، بۇ يەكلىنىشنى   قانداققىلساقبولاكىن ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 15:00:44

بۇنداق ئىشلارنىڭ تۇنجىسى ھەم ئاخىرقىسى ئەمەس بۇ، نومۇسسىز شەرمەندە گۇيلار!\"\"

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 07:04:30

زىيالى،ياپۇن ئەدەبىياتى كەسپىنى قۇشۇمچە ئۆگىنىۋاتامسىلە؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 07:54:18

ھىم

مەن قۇرسۇقۇم كۆپسە ئۇبۇرنىغا كىرىپ تازا بىر ئۇسۇرۋېتىپ چىقىپ ئىشىمنى قىلىدىغانلاردىن \"\"

ئىش شۇنداق بولۇپ بولغىنىدا باش ئاغرىتقاننىڭ نىمە پايدىسى؟

مۇشۇنداق بولغاچقا مۇشۇنداق بولدى دەپ قائىدە بويىچە شۇنداق بولىدۇ.

ئەمما دىيىلىش ۋاقىتنىڭ ئوخشىمىغىنىغا قاراپ،دىگۈچىنىڭ باشقىلار قەلبىدە قالدۇرىدىغان ئوبرازىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

مەغلۇب بولغاندىن كىيىن دىگەندە،باھانە سەۋەپ تۈسىنى ئالىدۇ.قايىل بولىمىز،دىگۈچىنىڭ كۆڭلىنى دەپ قايىل بولىمىز.........

غەلبە قىلغاندىن كىيىن دىيىلسە،ئاتاڭغا رەھمەت ئوغامبالا دەپ قويىمىز!قايىل بولىمىز،چىن كۆڭلىمىزدىن ھۆرمەت تۇغۇلىدۇ.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 09:10:32

مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ ئۆزىگە خاس بىلدىغانلىرى باردۇر،شۇلار ئۆزىنىڭ سالغان پۇلىغا ئىچى ئاغىرسا شۇلار قارشى قوپسا بولىدۇ.بىز نىمە دىگەن بىلەن تاماشىبىن خالاس.قولدىن كېلدىغىنى دۇئا قىلىش بولغاندىكىن دۇئا قىلىپ قويايلى.ئاللاھ خالىسا ئۇتۇپ قالسا زىيالى دىگەندەك بولىدۇ..ئانداق قىپتۇ مانداق قىپتۇ قاقشىساق ئۆزىمىزگە باھانە تاپقانلىق خالاس.

ummat1989 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 20:37:26

مەن ماھىرلىرىمىزغا مەدەتلا بىرىپلا يۇرۇپتىمەن، مانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بۇلمەيدىكىنمەن. ھىلىمۇ ماھىرلىرىمىز قالتىسكەن، شۇنداق ھىلە ئىشلەتسىمۇ چىدىماسلىنى مەقسىدىگە يەتكۇزمەي كەپتۇ. بارىكاللا!!!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 21:08:39

ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىگە ئاز سانلىق مىللەتتىن تەشكىللەنگەن كوماندا كىرىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟

بۇ ئېنىقلا كۆپ سانلىقلار ئىقتىدارسىز دىگەنلىك بولمامدۇ!؟

شۇڭا ، بۇ كوماندىنىڭ ئارقا پۇتىنى مۇشۇنداق چۈشەپ قويۇش كېرەك...

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 22:05:48

تاش ئالما ئەنە شۇنداق ئەڭقىيىن ، ئەڭ جاپالىق شارائىتتا ، يۇقۇرى ساپا ، پىششىق تېخنىكا ، سۇنماس ئىرادە بىلەن پىشىپ يېتىلىپ . ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ شامىلىنى يىغىدۇ\"\" .



ما ئىنكاسىمنى مەيدان ئورۇنلاشتۇرىدىغان ‹ رەھبەر › كۆرۈپ قالسا ، مەيداننى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئىشنى بۇزامىكىن\"\"

AnwarAziz يوللانغان ۋاقتى 2012-6-26 00:42:15

بۇنى خەنزۇچە يېزىپ، توردا مەسۇل ئورگاننىڭ جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلساق بولغۇدەك!
بەت: [1] 2
: تاش ئالما كوماندىسى ئۆگەي بالىمۇ؟