[XJTV-5] شىنجاڭ تاشئالماVSخېبېي جوڭجى
شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى 5-قانىلىدا شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن خېبېي جوڭجى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۆرسىتىلگەن ، نەق مەيداندىن كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان تورداشلار تۆۋەندىكى سىنفىلىمنى كۆرۈڭلار . رىياسەتچى : شاۋكەت ئابلىز ، ئابلەتجان ياسىن .
ئالدىنقى يېرىم مەيدان :
كېيىنكى يېرىم مەيدان :
ئەسلى مۇنداقمىدى.
جۈمە كۈنى نەق مەيدان كۆرىدىغان بولدۇق، دەپ ئىشتىن ئالدىراپلا قايتىپ بىللە كۆرۈش ئۈچۈن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارسام نەق مەيدان يوق.
ھەي كاساساپەتلەر، يالغان خەۋەر ئوخشايدۇ، دەپ، ۋايۋاينىڭ گاژ-گاژ ئاۋازلىرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان.
زور ھاياجان بىلەن تەپسىلى كۆرۇپ چىقتىم ، مىنىڭچە بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىزدە ئۈمىد زور ئىكەن . يەنىمۇ تىرىشىڭلار قېرىنداشلار ،ئاللا سىلەرگە يار ،ھەم مەدەت بولسۇن ،ئامىن نەتىجىسى قانداق بولدى؟ نىمىشقا تاماشىبىنلار كۇرسۇتۇلمەيدۇ نىمە ئۈچۈن نامەرتلەر ھىچ گەپتىن ھىچ گەپ يوق ئادەم چەكلىسە بۇنىڭ سورىقى يوق .
شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىگە تەشەككۇر.
سەمىمى تەكلىپ : كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان قىزىقىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئۇچ سىفىرلىق قاناللاردىن (13،14،15-قاناللاردىن) بىرىنى ئۇيغۇرچە تەنتەربىيە قانىلىغا ئۆزگەرتىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەنتەربىيەگە بولغان مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى جىن دىلىمدىن ئۈمت قىلىمەن، ھەقلىق قانال تەسىس قىلسىمۇ ئۇيغۇرخەلقى قوبۇل قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئەڭ يىڭى نومۇر تەرتىپى ئېلان قىلىندىhttp://sports.sohu.com/20120525/n344102658.shtml
1.بېيجىڭ يىتوڭ 10 مەيدان ئوينىغان 23نومۇر
2.شاڭخەي جوڭباڭ 12 مەيدان ئوينىغان 22 نومۇر(قىززىق 11ئايلانمىدا قانداقلارچە 12 مەيدان ئوينايدۇ؟)
3.خېبي جوڭجى 9 مەيدان 21 نومۇر
4.چىڭخەي سىنكى 10مەيدان 20 نومۇر
5.شىنجاڭ تاشئالما 10 مەيدان 18 نومۇر (ئۈستۈن توپ نومۇرى پەقەت1 )
6.شىئەن كوناشەھەر 11مەيدان 17 نومۇر
7.بېيجىڭ ياشلار 9مەيدان 14نومۇر نەتىجىسى قانداق بولغاندۇ ؟؟؟؟
بەت:
[1]