malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 21:51:02

ئىسپانىيە vs فىرانسىيە (ئۇيقۇسىزلار سۆھبىتى)

بۈگۈن ئاخشام 12:45 دە ياۋورپا لوڭقىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىنىڭ ئۈچنىجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىدۇ .


ئىسپانىيە كوماندىسى


2008 -يىلدىن باشلاپ ياۋورپاغا غوجىلىق قىلىشقا باشلىغان ئىسپانىيە كوماندىسى ئۆزنىڭ چىرايلىق ۋە سەنئەتلىك پۇتبول ئۇسلۇبىنى پۇتۈن دۇنياغا تونۇتتى،2008 -يىللىق ياۋورپا چېمپىيۇنى ،2010 -يىللىق دۇنيا چېمپىيۇنى يەنە داۋاملىق شاھلىق ئورنىدا ئولتۇرالامدۇ.



فىرانسىيە كوماندىسى


ئەزەلدىن كۈچلۈك سانىلىپ كەلگەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 2006 -يىلدىن كىيىن نەتىجىسى كىشلەرنىڭ كۆڭلدىكىدەك بولماي كەلگەن ئىدى ،بۇقىتمقى ياۋورپا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسى ۋە گۇرپپا مۇسابىقىسدە ھەر ھالدا يامان ئەمەس دىيىشكە بولدۇ ،


مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى قىززىق نوقتىلار:


دۇنيا ۋە ياۋروپا چىمپىيونى ئىسپانىيە كوماندىسى يېقىندا كوماندا كىيىمىگە بېسىلغان دۆلەت گېربىنىڭ خاتا بۇلۇپ قالغانلىقى بىلەن ئىسپانىيە پۇتبول جەمىيىتى ۋە ئادىداس شىركىتى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالغان.


فىرانسىيىلىكلەر ۋە مەلۇم فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىسپانىيە كوماندىسى نەچچە يىلدىن بېرى بىزنىڭ گېربىمىزنى ئىشلىتىپ كېلىۋېتىپتۇ دەپ مەسخىرە قىلغان،بۇ چاقچاق بولسىمۇ لېكىن ئىسپانىيە فىرانسىيە بولغان مۇسابىقىدىكى تارىخى نەتىجىلىرىنىڭ ناچار بولىشى،ھەمدە كىيىمدىكى بۇ خاتالىق يەنە نۇرغۇن فىرانسىيە مەستالىرىنى خوشال قىلىۋېتىشى مۇمكىن.




ھەر قايسى ئاخبارات خەۋەرلىرگە قارىغاندا فىرانسىيە كوماندىسى شىۋىتسىيە كوماندىسىغا 0-2 ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن كوماندا ئەزەلىرى ۋە باش تېرنىر پىرانكا ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەن ،باش تېرنىر بۇنى ئىتراپ قىلمىغان بولسىمۇ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى 2010 - يىلنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قىلىشدىن ئەنسىرمەكتە.


ئەمدى بىزمۇ پىكىرلىرىمىزنى تۆكۈپ باقمايمىزمۇ؟

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:22:35

ئىسپانىيەلىكلەر ياساپ قۇيىدىغان چىراي فىرانسىيەنى\"\"\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:22:36

ئىسپانىيە ھۇررا. توررېسنىڭ توپ ئۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.\"\"

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:30:28

توررېس مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىڭ ئالدى بىلەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:42:26

بىر مەزگىل لەقۋا بولۇپ قالغان تورىس توپ سالدى

ئەمما نىمىشقا لىۋىرپولدا ھەرقانداق ۋارتانىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن تورىس نەچچە يىل ئۆتمەي تۇرۇپلا لەقۋا بولۇپ قالدى؟

قېرىدىمۇ؟

ياق

سەۋەبى تەكتىكىغا ماس كىلەلمەيۋاتىدۇ خالاس

تورىسنىڭ بېكنىڭ كەينىدىكى بوشلۇققا تاشلىغان توپقا يۈگۈرەش سېزىمى دۇنيادىكى ھەر قانداق پۇتبولچىنىڭكىدىن يۇقىرى بولسا كېرەك.

قىزىقىدىغانلار تەتقىق قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.تورىس سالغان توپلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق توپلار.ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇ بېك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ۋارتا بىلەن بىرگە بىر تۇرۇپ ئۇرغان توپلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

تورىس تازا چاقنىغان ۋاقىتتىكى لىۋىرپول شۇنداقلا، چېلسى مورىنىئو ۋاقتىدا مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئوينىغان.ئەمما ھازىرقى ئۇسلپتىكى لىۋىرپول ياكى چېلسى بولسۇن بۇنداق ئۇسلۇپتا ئوينىمايۋاتقالىقى ئۈچۈن،ھەممىدىن مۇھىمى تورىسقا بۇنداق توپ سەپ بېرىدىغان ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن تورىس لەقۋا بوپ قالغاندەك كۆرىنۋاتىدۇ.

ھازىرقى ئىسپانىيەگە كەلسەك تىكتاكتوپ پۇتبولى ئويناۋاتىدۇ.توپ كونتىرول قىلىپ تۇرۇپ،پۇرسەت چىقتى دىگەن ھامان قارشى تەرەپكە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.

ئوتتۇرا مەيداندىكى سېلۋا،شاۋى،ئېنىستا ياكى فابىرىگاس بولسۇن،ھەممىسى دۇنيا سەۋىيىسىدىكى پاسچىلار.ھۇجۇمچىنىڭ ئورۇنغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىدا توپنى ھۇجۇمچى ئەڭ ياخشى ئورۇندا ئالالايدىغان ھالەتتە پۇتىغا سەپ بېرەلەيدۇ.

قائىدە بويىچە شۇنداق بولىدۇيۇ.ئەزەلدىن مېسسىغا توپ تاشلاپ بېرىپ كۆنگەن بارسىلونالىقلار تورىسقىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.

مەن ھېس قىلغاننى ئۇلارنىڭمۇ ھېس قىلىشى چوقۇم

بەلكىم،بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تورىسقا ماس كىلىدىغان پاس تەشلاپ بېرىشى مومكىن

شۇنداق بولغىنىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يىڭىشنىڭ كاپالىتى تورىسنىڭ سالغان توپى شۇنداقلا ئوتتۇرا مەيداندا تورىسقا قانداق پاس بېرىش مەسلىسى.



ئەمما

مەن فىرانسيە ئىسپانىيە ئۇسلۇبىنى يېرىم كىسىدۇ دەپ ئۆتتۈم.

بۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرى

دېققەت قىلغانلار ھېس قىلغان بولىشى مومكىن

فىرانسىيەنىڭ پاسلىرىمۇ ئىسپانىيەنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

يەنە بىرى

ئىسپانىيە تىك تاك توپ ئويناۋاتقاندا توپنى تارتىپلاۋالسا،رىبېرى بىلەن ناسىرى ئىسپانىيەنىڭ ئۇنچە مۇقىم بولۇپ كەتمىگەن مۇداپىيە سېپىنى ئوبدانلا تەمتىرىتىشى مومكىن.جىق بولغاندا 3 پاس بىلەن ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ھالىتىنى بىر نەچچە قېتىملا شەكىللەندۈرەلسە مۇسابىقىدە ئۇتۇش پۇرسىتى بولىدۇ. ئىسپانىيە ۋە بارسىلونا كوماندىسىنى ئۇتىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئامال بەلكىم يوق بولسا كېرەك.

بىنزېما ئىسپانىيەدە توپ ئويناۋاتىدۇ.

ئىسپانىيە مۇداپىيەچىلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئوبدانلا تەتقىق قىلغان بولىشى ئېنىق.



دەپ كەلسەك

فىرانسىيەنىڭ مۇداپىيە سېپىمۇ ئۇنچە مۇقىم ئەمەس



بۈەۈنكى مۇسابىقە قىزىيدىغىنى ئېنىق \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:45:43

بۈگۈن ئۇخلىماڭلار باللار ھە

چۈيەننى قارغىغاچ مۇسابىقە كۆرىمىز \"\"

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:57:17

\"\"

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:04:31

قىنە بۈگۈنكى مۇسابىقىنى كۆرىدىغانلار

بۈگۈن مۇسابىقە كۆرمەي ئۇخلايدىغان بولساڭلار

ئۆزەڭلەرگە يۈز كىلەلمەيسىلەر

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:12:12

دىمەك ھازىرئسپانىيەنىڭ تۇپ ئۇيناش ئۇسۇلىغا ھىچقايسى دۆلەتنىڭ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدىغان ئۇيناش ئۇسۇلى يۇقكەندە؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:12:27

مەن يوقلىمىدىن ئۆتۈپ قوياي، ۋىۋا لا فغاڭس!!!

خەنزۇلار ئىسپاننى 4-6-0 دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ، بىسى يوق كەكىدەك...

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:28:12

مەنمۇ يۇقلىمىدىن ئۆتۈپ قوياي.

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:28:39

ئۇخلاپ قالاي دىدىم ما مۇسابىقىگە ساقلاپ، يالغۇز كۆرسە ھەجەپ زىرىكىشلىك دىسە...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:32:27

ئىسپانىيەگە تاقابىل تۇرماقچى بولسا ئىسپانىيەنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى تارتىۋالسا ئىسپانىيە تەمتىرەپ قالىدۇ.ئۇلار بۇنداق ئوينىيالغان بىلەن بۇنداق ئويناشقا تاقابىل تۇرۇشقا كۆنمىگەن.ئىتالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقە مۇشۇنىڭ دەلىلى.

ئۇنىڭدىن باشقا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى شۇ مەن دىگەندەك ئوتتۇرا مەيداندىكى توپ تالىشىشنى كۈچەيتىپ ھەر ئاماللار بىلەن توپنى تارتىۋېلىپ تېز سۈرئەتلىك قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش.

توپنى تارتىۋالغان ھامان ئوتتۇرا مەيداندا يانغا تارتىش.بىر پاس

مۇشۇ پۇرسەتتە ھۇجۇمچى ئورۇنغا چىقىش.توپنى ھۇجۇمچىغا،مۇداپىيەنىڭ كەينىگە تاشلاش،ئىككى پاس

توپ ئۇرۇش.

توپ ئۇرۇش پۇرسىتى بولمىغاندا يەنە بىر پاس بىلەن يىراقتىن ئۇرۇش

ناسىرى،رىبېرى،بىنزېمالارنىڭ يىراقتىن توپ ئۇرۇش ماھارىتىمۇ بوپ قالىدۇ


malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:46:18

ئىككى تەرەپنىڭ چىقىرىدۇ دېگەن سەپ شەكلى

ئىسپانىيە

          كاشىلياس

ئاربا،پىك،رامۇس،ئابىلوئا

   ئالونسۇ،بۇسكىس

سىلۋا،خاۋىي،ئىنىستا

       توررېس

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:47:15

زېرىكتىغۇ كىشى ساقلاۋېرىپ، باشقا بىرەر تېمىنى قىزىتقاچ تۇرمىدىڭلاما باللا

RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:49:51

ئىسپانىيىدە داۋىد ۋىللا بولغان بولسا كوماندا تېخىمۇ كۈچلۈنۈپيەنە باشقىچىرەك بولاتتى ، ئىسپانىيەنىڭ يېڭىشى ئۈچۈن ئاغىنىلەر بىلەن دو تىكىشتۇق ، بىر تەخسە توخۇ قورۇمىسىدىن   \"\"

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:53:27

فىرنسىيەنىڭ

لورىي

دىبۇس،كوسىيانى،لامي،كىلىچى

كابالا،موۋىيلا

مىنىز،ناسىرى،رىبىرى

بىنزىما

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:55:28

بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى گېرمانىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوينىسا بۇلاتتى.ئالدىنقى قېتىمقى دۇنيا مۇسابىقىسىدە گېرمانىيىنى چىمپىيۇن بۇلىدۇ دەپ يۇرسەم ماۋۇ ئىسپانلاريوق قىلدى .بۇ قېتىم ئىسپانلارنى گېرماندىن باشقىسى يېڭەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ ... ئىسپانىيە بۈگۇن ئۇتتۇرمىسا بۇلاتتى ..

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:57:48

ئەمدى بىر پەرەز قىلغان سەپ شەكلىنى چىقىرىپ بولغىچە ئاساسلىق سەپ شەكلىنى ئىلان قىلىپ بولاپتا

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 23:58:07

تولا پاراڭ قىلىپ ئۇخلاتمىدى مالا      \"\"
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئىسپانىيە vs فىرانسىيە (ئۇيقۇسىزلار سۆھبىتى)